ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (4) سوره: سوره نوح
يَغۡفِرۡ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمۡ وَيُؤَخِّرۡكُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمًّىۚ إِنَّ أَجَلَ ٱللَّهِ إِذَا جَآءَ لَا يُؤَخَّرُۚ لَوۡ كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئەگەر سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بەندىلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىپ، بۇ دۇنيادا ياشاش مۇددىتىڭلارنى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتقا قەدەر ئۇزارتىدۇ. سىلەر بۇ دۇنيادا تۇرغان مۇددەتچە يەر يۈزىنى ئاۋات قىلىسىلەر. ھەقىقەتەن ئۆلۈم كەلگەن چاغدا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. كاشكى سىلەر بۇنى بىلگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا ۋە شېرىك ھەم ئازغۇنلۇقتىن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىغان بولاتتىڭلار.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• خطر الغفلة عن الآخرة.
ئاخىرەتتىن غەپلەتتە قېلىش خەتەرلىكتۇر.

• عبادة الله وتقواه سبب لغفران الذنوب.
ئاللاھقا تەقۋادارلىق بىلەن قۇلچىلىق قىلىش گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

• الاستمرار في الدعوة وتنويع أساليبها حق واجب على الدعاة.
دەۋەتچىلەرنىڭ زۆرۈر مەجبۇرىيىتى دەۋەتتە ئىزچىل بولۇش ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىشتۇر.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (4) سوره: سوره نوح
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن