Check out the new design

Firo maanaaji al-quraan tedduɗo oo - Eggo e haala Uigur wonande deftere Firo Alkur'aana raɓɓinaango. * - Tippudi firooji ɗii


Firo maanaaji Simoore: Simoore Yuusuf   Aaya:
۞ وَمَآ أُبَرِّئُ نَفۡسِيٓۚ إِنَّ ٱلنَّفۡسَ لَأَمَّارَةُۢ بِٱلسُّوٓءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّيٓۚ إِنَّ رَبِّي غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئەزىزنىڭ ئايالى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: مەن پەقەت يامانلىقنى ئويلىمىدىم دېيەلمەيمەن ھەم ئۆزۈمنى بۇنداق دەپ ئاقلاش نىيىتىممۇ يوق. چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلى تولىمۇ ھەۋەسكار، ئۇنىڭ ھەۋىسىنى تىزگىنلەش قىيىن بولغاچقا ئىنساننى يامانلىققا كۆپ بۇيرۇيدۇ. لېكىن ئاللاھ رەھىم قىلغان ھەمدە ئىنساننى يامانلىققا بۇيرۇشتىن ساقلاپ قالغان كۆڭۈللەر بۇنىڭ سىرتىدا. شەكسىزكى پەرۋەردىگارىم بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھىر - شەپقەتلىكتۇر.
Faccirooji aarabeeji:
وَقَالَ ٱلۡمَلِكُ ٱئۡتُونِي بِهِۦٓ أَسۡتَخۡلِصۡهُ لِنَفۡسِيۖ فَلَمَّا كَلَّمَهُۥ قَالَ إِنَّكَ ٱلۡيَوۡمَ لَدَيۡنَا مَكِينٌ أَمِينٞ
يۇسۇفنىڭ پاكلىقى ئاشكارىلىنىپ، پادىشاھ ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ھۇزۇرىدىكىلەرگە: يۇسۇفنى يېنىمغا ئەكېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمى قىلىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇسۇفنى ئەكېلىشتى. پادىشاھ يۇسۇف بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ئىلمى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا: ئەي يۇسۇف! شەكسىزكى سەن ئەمدى ھۇزۇرىمىزدا مەرتىۋىلىك، ئابرويلۇق ۋە ئىشەنچلىك ئادەمگە ئايلاندىڭ، دېدى.
Faccirooji aarabeeji:
قَالَ ٱجۡعَلۡنِي عَلَىٰ خَزَآئِنِ ٱلۡأَرۡضِۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٞ
يۇسۇف پادىشاھقا: مېنى مىسىرنىڭ خەزىنىلىرى ۋە ئاشلىق - تەمىناتلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، چۈنكى مەن ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك خەزىنىدار بولۇپ، ئۆز ئۈستۈمگە ئالغان بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئوبدان بىلىمەن، دېدى.
Faccirooji aarabeeji:
وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَتَبَوَّأُ مِنۡهَا حَيۡثُ يَشَآءُۚ نُصِيبُ بِرَحۡمَتِنَا مَن نَّشَآءُۖ وَلَا نُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
بىز يۇسۇفنى ئاقلاپ، زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق ياخشىلىق قىلغىنىمىزدەك، مىسىردا ھوقۇقدار قىلىش ئارقىلىقمۇ ياخشىلىق قىلدۇق. ئۇ ئۆزى خالىغان يەردە تۇرالايدۇ. بىز دۇنيادا بەندىلىرىمىزدىن ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە رەھمىتىمىزدىن ئاتا قىلىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز ھەمدە كېمەيتمەستىن تولۇق بېرىمىز.
Faccirooji aarabeeji:
وَلَأَجۡرُ ٱلۡأٓخِرَةِ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ
ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە تەييارلىغان ساۋاب دۇنيادىكى مۇكاپاتتىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر.
Faccirooji aarabeeji:
وَجَآءَ إِخۡوَةُ يُوسُفَ فَدَخَلُواْ عَلَيۡهِ فَعَرَفَهُمۡ وَهُمۡ لَهُۥ مُنكِرُونَ
يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى مىسىرغا مال - ماتالىرىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىرگىنىدە يۇسۇف ئۇلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئەمما ئۇلار يۇسۇفنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى. چۈنكى ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن ھەمدە ئۇلار يۇسۇفنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن ۋاقىتتا ئۇ تېخى كىچىك بالا بولۇپ، تەقى - تۇرقى خېلىلا ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى.
Faccirooji aarabeeji:
وَلَمَّا جَهَّزَهُم بِجَهَازِهِمۡ قَالَ ٱئۡتُونِي بِأَخٖ لَّكُم مِّنۡ أَبِيكُمۡۚ أَلَا تَرَوۡنَ أَنِّيٓ أُوفِي ٱلۡكَيۡلَ وَأَنَا۠ خَيۡرُ ٱلۡمُنزِلِينَ
يۇسۇف ئۇلارغا تەلەپ قىلغان ئاش - ئوزۇقلارنى بەرگەندىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يەنە قانداش بىر تۇغقىنىدىنمۇ بىرى بارلىقىنى، ئۇنى دادىسىنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقىنىدا ئۇلارغا: (كېلەر قېتىم) قانداش بىر تۇغقىنىڭلارنىمۇ ئالغاچ كېلىڭلار، ئۇنىڭغىمۇ ئاشلىق يۈكلەپ بېرەي. ئۆزۈڭلارمۇ كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، مەن ئۆلچەمنى تولۇق قىلىمەن، باشقىلارنىڭ ھەققىنى قىسىۋالمايمەن ھەمدە مېھمانلارنى ئەڭ ياخشى كۈتىمەن.
Faccirooji aarabeeji:
فَإِن لَّمۡ تَأۡتُونِي بِهِۦ فَلَا كَيۡلَ لَكُمۡ عِندِي وَلَا تَقۡرَبُونِ
ئەگەر ئۇ قېرىندىشىڭلارنى ئەكەلمىسەڭلار، سىلەرنىڭ قانداش بىر تۇغقىنىمىز بار دېگەن سۆزۈڭلار يالغان بولىدۇ، ئۇ چاغدا مەن سىلەرگە قەتئىي ئاشلىق بەرمەيمەن، مېنىڭ دۆلىتىمگە يېقىن يولىغۇچى بولماڭلار، دېدى.
Faccirooji aarabeeji:
قَالُواْ سَنُرَٰوِدُ عَنۡهُ أَبَاهُ وَإِنَّا لَفَٰعِلُونَ
يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا جاۋابەن: بىز چوقۇم ئۇنى دادىسىدىن سوراپ، ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىمىز، ئەمرىڭىزنى كەم - كۈتسىز بەجا كەلتۈرىمىز، دېيىشتى.
Faccirooji aarabeeji:
وَقَالَ لِفِتۡيَٰنِهِ ٱجۡعَلُواْ بِضَٰعَتَهُمۡ فِي رِحَالِهِمۡ لَعَلَّهُمۡ يَعۡرِفُونَهَآ إِذَا ٱنقَلَبُوٓاْ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِمۡ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
يۇسۇف قول ئاستىدىكىلەرگە: بۇلارنىڭ مال - ماتالىرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، يۇرتلىرىغا قايتقانلىرىدا ئۇلارنىڭ تاۋارلىرىنى سېتىۋالمىغانلىقىمىزنى بىلىپ قالسۇن. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ يۇسۇفكە بولغان سەمىمىيىتىنى ئىسپاتلاپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن مال - ماتالىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن قېرىندىشىنىمۇ ئېلىپ قايتا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
Faccirooji aarabeeji:
فَلَمَّا رَجَعُوٓاْ إِلَىٰٓ أَبِيهِمۡ قَالُواْ يَٰٓأَبَانَا مُنِعَ مِنَّا ٱلۡكَيۡلُ فَأَرۡسِلۡ مَعَنَآ أَخَانَا نَكۡتَلۡ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ
ئۇلار دادىسىنىڭ يېنىغا بارغىنىدا ئۇنىڭغا يۇسۇفنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئىززەت - ئىكراملىرىنى سۆزلەپ بېرىپ: ئەي ئاتا! مۇبادا ئۇكىمىز بۇنيامىننىمۇ بىرگە ئېلىپ بارمىساق بىزدىن ئاشلىق مەنئىي قىلىندى، شۇڭا ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن. ئەگەر ئۇنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسەڭ تولۇق ئاشلىق ئالالايمىز. بىز ساڭا ئۇكىمىزنى ساق - سالامەت قايتۇرۇپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنى قوغدايدىغانغا ۋەدە بېرەيلى، دېيىشتى.
Faccirooji aarabeeji:
Ina jeyaa e nafoore aayeeje ɗee e ngol hello:
• من أعداء المؤمن: نفسه التي بين جنبيه؛ لذا وجب عليه مراقبتها وتقويم اعوجاجها.
مۇئمىننىڭ ئىككى بېقىنى ئارىسىدىكى نەپسى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بىرىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى داۋاملىق كۆزىتىپ، خاتالىقلىرىنى توغرىلاپ تۇرۇشى كېرەك.

• اشتراط العلم والأمانة فيمن يتولى منصبًا يصلح به أمر العامة.
ئومۇمنىڭ ئەھۋالىنى تۈزەيدىغان بىرەر مەنسەپكە تەيىنلەنگەن كىشىنىڭ ئىلىملىك ۋە ئامانەتچان بولۇشى شەرت.

• بيان أن ما في الآخرة من فضل الله، إنما هو خير وأبقى وأفضل لأهل الإيمان.
ئىمان ئەھلى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئاخىرەتتىكى ئىلتىپاتى ھەممىدىن ياخشى، ئەبەدىي ھەم ئەۋزەلدۇر.

• جواز طلب الرجل المنصب ومدحه لنفسه إن دعت الحاجة، وكان مريدًا للخير والصلاح.
زۆرۈر تېپىلغاندا لاياقەتلىك كىشىنىڭ ياخشىلىقنى ۋە ئىسلاھاتنى كۆزلەپ مەنسەپ تەلەپ قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ لاياقىتىنى تىلغا ئېلىشى دۇرۇس.

 
Firo maanaaji Simoore: Simoore Yuusuf
Tippudi cimooje Tonngoode hello ngoo
 
Firo maanaaji al-quraan tedduɗo oo - Eggo e haala Uigur wonande deftere Firo Alkur'aana raɓɓinaango. - Tippudi firooji ɗii

iwde e galle Firo jaŋdeeji Alkur'aana.

Uddude