કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: યૂનુસ   આયત:

سۈرە يۇنۇس

સૂરતના હેતુઓ માંથી:
تقرير النبوة بالأدلة، ودعوة المكذبين للإيمان مع تهديدهم بالعذاب.
پەيغەمبەرلىكنى دەلىللەر بىلەن بېكىتىش، ھەقىقەتكە ئىشەنمىگەنلەرنى ئازاب بىلەن تەھدىد قىلىش بىلەن بىرگە ئىمانغا دەۋەت قىلىش.

الٓرۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡحَكِيمِ
ئەلىف، لام، را. ئىلگىرى سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش (مۇتەشابىھ ئايەتلەر) ھەققىدە سۆزلىنىپ بولدى. بۇ سۈرىدە تىلاۋەت قىلىنغان ئايەتلەر ھېكمەت ۋە ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مەنالىرى ئېنىق قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر.
અરબી તફસીરો:
أَكَانَ لِلنَّاسِ عَجَبًا أَنۡ أَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ رَجُلٖ مِّنۡهُمۡ أَنۡ أَنذِرِ ٱلنَّاسَ وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنَّ لَهُمۡ قَدَمَ صِدۡقٍ عِندَ رَبِّهِمۡۗ قَالَ ٱلۡكَٰفِرُونَ إِنَّ هَٰذَا لَسَٰحِرٞ مُّبِينٌ
بىزنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئادەمنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇپ ۋەھيى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ئەجەپلىنىشىگە سەۋەب بولدىمۇ؟! ئى پەيغەمبەر! مۆئمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇلار ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئەمىلىنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە يۈكسەك مەرتىۋە بار ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان نەرسە بىلەن خەۋەر بەرگىن. كاپىرلار: بۇ ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بۇ ئادەم ئاشكارا سېھرىگەردۇر، دېدى.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ رَبَّكُمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَۖ مَا مِن شَفِيعٍ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ إِذۡنِهِۦۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُوهُۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
ئى ھەيران قالغان كىشىلەر! شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كاتتا ئاسمانلارنى، كەڭرى زېمىنلارنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق ئورۇن ئالغان ئاللاھتۇر. ئىش ئۇنداقكەن، ئاللاھنىڭ ئىچىڭلاردىن بىر ئادەمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە قانداقمۇ ھەيران قالىسىلەر؟!. ئۇ، ئۆز شانۇ-شەۋكىتىدە يالغۇز ھۆكۈم چىقىرىدىغان ۋە تەقدىر قىلىدىغان زاتتۇر. بىرەر ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقى ۋە ئىزنى بولماستىن شاپائەت قىلىش ھوقۇقى يوق. بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان زات ئاللاھتۇر. ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار. بۇ پاكىت ۋە ھۆججەتلەردىن ئاللاھنىڭ يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىگە ۋەز نەسىھەت ئالمامسىلەر؟، كىمكى ئازراقلا ۋەز نەسىھەت ئالىدىكەن بۇنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِلَيۡهِ مَرۡجِعُكُمۡ جَمِيعٗاۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقًّاۚ إِنَّهُۥ يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ لِيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ بِٱلۡقِسۡطِۚ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَهُمۡ شَرَابٞ مِّنۡ حَمِيمٖ وَعَذَابٌ أَلِيمُۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡفُرُونَ
قىيامەت كۈنى قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ جازا-مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاللاھ ئىنسانىيەتكە بۇنى ۋەدە قىلدى، ئۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئۆرنەكسىز ياراتقان ئاندىن ئۆلگەندىن كېيىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە ياخشىلىقلىرىنى كەمەيتمەي، يامانلىقلىرىنى كۆپەيتمەي ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتىنى بېرىش ئۈچۈن قايتىدىن تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارنىڭ ئۇسسۇزلىقى ئۈچۈن، ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئۈچەيلىرىنى ئۈزىۋېتىدىغان سۇ بېرىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان سەۋەبلىك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ ٱلشَّمۡسَ ضِيَآءٗ وَٱلۡقَمَرَ نُورٗا وَقَدَّرَهُۥ مَنَازِلَ لِتَعۡلَمُواْ عَدَدَ ٱلسِّنِينَ وَٱلۡحِسَابَۚ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ ذَٰلِكَ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۚ يُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى، ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى. ئى كىشىلەر! سىلەرنىڭ قۇياش بىلەن كۈنلەرنىڭ سانىنى، ئاي بىلەن ئايلار ۋە يىللارنىڭ سانىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئايغا 28 مەنزىلنى بەلگىلىدى. مەنزىل بولسا ئاي بىر كېچە-كۈندۈزدە بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىنى كۆرسىتىدۇ. ئاسمان ۋە زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى مەخلۇقاتلارنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە كاتتىلىقىنى ئىنسانىيەتكە نامايەن قىلىش ئۈچۈن ياراتتى. بۇ ئاشكارا دەلىل ۋە پاكىتلار بىلگەن قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانىلىقى ۋە كامالىي قۇدرىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ فِي ٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَمَا خَلَقَ ٱللَّهُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَّقُونَ
ھەقىقەتەن بەندىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ ئالمىشىپ تۇرىشىدا، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بۇ ئىككىسىنىڭ يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلىقىدا، ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ قىسقارسا يەنە بىرىنىڭ ئۇزىرىشىدا، ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلاردا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورۇققان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەر بار.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• إثبات نبوة النبي صلى الله عليه وسلم وأن إرساله أمر معقول لا عجب فيه .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلاش، ئۇنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن، ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەستۇر.

• خلق السماوات والأرض ومن فيهما، وتدبير الأمر، وتقدير الأزمان واختلاف الليل والنهار كلها آيات عظيمة دالة على ألوهية الله سبحانه.
ئاسمان-زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىشى، ئىشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى، كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرىشى ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقتا يېگانە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كاتتا مۆجىزىلەردۇر.

• الشفاعة يوم القيامة لا تكون إلا لمن أذن له الله، ورضي قوله وفعله.
قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىش ھوقۇقى پەقەت ئاللاھ ئىزنى قىلغان، سۆزى ۋە ئىش ھەرىكىتىدىن رازى بولغان كىشى ئۈچۈن بېرىلىدۇ.

• تقدير الله عز وجل لحركة الشمس ولمنازل القمر يساعد على ضبط التاريخ والأيام والسنين.
ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن قۇياشنىڭ ھەرىكىتى، ئاينىڭ ئۆز مەنزىلىدە ئولتۇرىشى قاتارلىقلار يىل ۋە كۈنلەرنىڭ تارىخىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا وَرَضُواْ بِٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَٱطۡمَأَنُّواْ بِهَا وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَنۡ ءَايَٰتِنَا غَٰفِلُونَ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا مۇلاقەت بولۇشنى كۈتمەيدىغان ۋە ئاللاھتىن قورقمايدىغان، مەڭگۈلۈك ئاخىرەت ھاياتىنىڭ ئورنىغا پانى دۇنيا ھاياتىغىلا رازى بولغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقان كاپىرلار بولسا، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.
અરબી તફસીરો:
أُوْلَٰٓئِكَ مَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُ بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغانلارنىڭ بارىدىغان جايى بولسا، قىلغان كۇپرىلىقى ۋە قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىشى سەۋەبلىك دەۋزەخ بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ يَهۡدِيهِمۡ رَبُّهُم بِإِيمَٰنِهِمۡۖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمُ ٱلۡأَنۡهَٰرُ فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغانلارنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان سالىھ ئەمەلگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئىقىپ تۇرىدىغان مەڭگۈلۈك جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ.
અરબી તફસીરો:
دَعۡوَىٰهُمۡ فِيهَا سُبۡحَٰنَكَ ٱللَّهُمَّ وَتَحِيَّتُهُمۡ فِيهَا سَلَٰمٞۚ وَءَاخِرُ دَعۡوَىٰهُمۡ أَنِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە قىلىدىغان سالامى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: جىمى ھەمدۇسانا مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!، دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.
અરબી તફસીરો:
۞ وَلَوۡ يُعَجِّلُ ٱللَّهُ لِلنَّاسِ ٱلشَّرَّ ٱسۡتِعۡجَالَهُم بِٱلۡخَيۡرِ لَقُضِيَ إِلَيۡهِمۡ أَجَلُهُمۡۖ فَنَذَرُ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ
ئەگەر كىشىلەر ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزلىرىگە، بالىلىرىغا ۋە پۇل-مېلىغا يامانلىق تىلەپ ئالدىراپلا بەددۇئا قىلغاندەك، ئاللاھ ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئاتا قىلىشقا ئالدىرىغاندەك، ئۇلارنىڭ بەددۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشقا ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلار ھالاك بولغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ ۋە ئازابتىن قورقۇپ ساۋاب ئۈمىد قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى قىيامەت كۈنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈش ئۈچۈن قويۇپ بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَإِذَا مَسَّ ٱلۡإِنسَٰنَ ٱلضُّرُّ دَعَانَا لِجَنۢبِهِۦٓ أَوۡ قَاعِدًا أَوۡ قَآئِمٗا فَلَمَّا كَشَفۡنَا عَنۡهُ ضُرَّهُۥ مَرَّ كَأَن لَّمۡ يَدۡعُنَآ إِلَىٰ ضُرّٖ مَّسَّهُۥۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلۡمُسۡرِفِينَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ئىنسان بىرەر كېسەل ياكى ناچار ئەھۋالغا يولۇقسا، ياتسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ، تۇرسىمۇ ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلىدۇ. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇ يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىنسانغا ئازغۇنلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش چىرايلىق كۆرستىلگىنىدەك كۇپرىلىقى بىلەن ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلىرى ۋە كۇپرىلىقى چىرايلىق كۆرسىتىلىپ ئۇنى تەرك قىلمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَلَقَدۡ أَهۡلَكۡنَا ٱلۡقُرُونَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَمَّا ظَلَمُواْ وَجَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَمَا كَانُواْ لِيُؤۡمِنُواْۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
ئى مۇشرىكلار! سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت گۇناھ - مەئسىيەتنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلارغا بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەردە ئۆزلىرىنىڭ راستچىللىقىغا دالالەت قىلىدىغان، ئېنىق ھۆججەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئىمان ئېيتىشقا تەييارلىقى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى خار قىلدى ۋە ئۇلارغا مۇۋەپپىقيەت ئاتا قىلمىدى. بىز زالىم ئۈممەتنى جازالىغىنىمىزدەك ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرنى جازالايمىز.
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ جَعَلۡنَٰكُمۡ خَلَٰٓئِفَ فِي ٱلۡأَرۡضِ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ لِنَنظُرَ كَيۡفَ تَعۡمَلُونَ
ئى كىشىلەر! بىز سىلەرنى ياخشىلىق قىلىپ ساۋابقا ئېرىشتىڭلارمۇ؟ ياكى يامانلىق قىلىپ جازاغا ئېرىشتىڭلارمۇ؟ بۇنى كۆرىشىمىز ئۈچۈن، ئىلگىرى ھالاك قىلىنغان ئۈممەتلەرگە سىلەرنى ئورۇنباسار قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• لطف الله عز وجل بعباده في عدم إجابة دعائهم على أنفسهم وأولادهم بالشر.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۆزىگە ۋە بالىلىرىغا يامانلىق تىلەپ دۇئا قىلغاندا، ئۇنى دەرھال ئىجابەت قىلماسلىقى بەندىلىرىگە كۆيۈنگەنلىكىدۇر.

• بيان حال الإنسان بالدعاء في الضراء والإعراض عند الرخاء والتحذير من الاتصاف بذلك.
قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە دۇئا قىلىش، باياشاتلىققا ئېرىشكەندە دۇئادىن يۈز ئۆرۈش ئىنساننىڭ خارەكتىرىدۇر، بۇنىڭدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەش لازىم.

• هلاك الأمم السابقة كان سببه ارتكابهم المعاصي والظلم.
ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبى؛ ئۇلارنىڭ گۇناھ-مەئسىيەت ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلغانلىقىدۇر.

وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَاتُنَا بَيِّنَٰتٖ قَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا ٱئۡتِ بِقُرۡءَانٍ غَيۡرِ هَٰذَآ أَوۡ بَدِّلۡهُۚ قُلۡ مَا يَكُونُ لِيٓ أَنۡ أُبَدِّلَهُۥ مِن تِلۡقَآيِٕ نَفۡسِيٓۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّۖ إِنِّيٓ أَخَافُ إِنۡ عَصَيۡتُ رَبِّي عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ
ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان قۇرئان ئايەتلىرى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنسا، ساۋاب ئۈمىد قىلمايدىغان، ئازابتىن قورقمايدىغان قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار: ئى مۇھەممەد! بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشنى ئەيىپلەيدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قۇرئاندىن باشقا بىر قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى ھاۋايى ھەۋىسىمىز بويىچە بۇ قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغىن، دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مەن ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيمەن، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى تېخىمۇ كەلتۈرەلمەيمەن، بەلكى ئاللاھ خالىغىنىنى ئۆزگەرتىدۇ، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىگىلا ئەگىشىمەن، ئەگەر مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا قوشۇلۇپ ئاللاھقا ئاسى بولسام، قيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىدىن قورقىمەن.
અરબી તફસીરો:
قُل لَّوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا تَلَوۡتُهُۥ عَلَيۡكُمۡ وَلَآ أَدۡرَىٰكُم بِهِۦۖ فَقَدۡ لَبِثۡتُ فِيكُمۡ عُمُرٗا مِّن قَبۡلِهِۦٓۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: ئەگەر ئاللاھ مېنىڭ سىلەرگە قۇرئان ئوقۇماسلىقىمنى ئىرادە قىلسا، سىلەرگە قۇرئاننى تىلاۋەت قىلمايتىم ۋە ئۇنى يەتكۈزمەس ئىدىم. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى قۇرئاننى سىلەرگە مېنىڭ تىلىم ئارقىلىق بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا خەت يازالمايدىغان ۋە ئوقۇيالمايدىغان، بۇ پەيغەمبەرلىكنى تەلەپمۇ قىلمايدىغان ھالىتىمدە 40 يىل تۇردۇم. مەن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، بەلكى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن ئىكەنلىكىگە ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟، دېگىن.
અરબી તફસીરો:
فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ كَذَّبَ بِـَٔايَٰتِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ
ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟، مەن يالغاننى توقۇپ قۇرئاننى قانداقسىگە ئۆزگەرتەي؟ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغۇچىلار نىجات تاپالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمۡ وَلَا يَنفَعُهُمۡ وَيَقُولُونَ هَٰٓؤُلَآءِ شُفَعَٰٓؤُنَا عِندَ ٱللَّهِۚ قُلۡ أَتُنَبِّـُٔونَ ٱللَّهَ بِمَا لَا يَعۡلَمُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاتالمىش ئىلاھلىرىغا چوقۇنىدۇ، ھەقىقى مەئبۇد خالىغان چاغدا پايدا-زىيان يەتكۈزەلەيدۇ. ئۇلار مەبۇدلىرى ھەققىدە: بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلىدىغان ۋاستىچىلەر، ئاللاھ گۇناھلىرىمىز سەۋەبلىك بىزنى ئازابلىمايدۇ، دېيىشىدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئىيتقىنكى: ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھنىڭ شېرىكى بارلىقىنى ئاللاھ بىلمەي قېلىپ، سىلەر ئاللاھقا بۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ مۇشرىكلار دەۋاتقان يالغان ۋە باتىلدىن پاكدۇر.
અરબી તફસીરો:
وَمَا كَانَ ٱلنَّاسُ إِلَّآ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ فَٱخۡتَلَفُواْۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡ فِيمَا فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
ئىنسانلار ئەسلىدە بىر ئۈممەت ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقانلىق سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۆئمىن پېتى قالسا يەنە بەزىلىرى كاپىر بولۇپ كەتتى. ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ھەققىدە دۇنيادا ئۇلارنى جازالىماسلىقتىن ئىبارەت ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن توغرا يولدا ماڭغان ئادەم ھەق يولدىكى ئادەمدىن ئايرىلاتتى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە قىيامەت كۈنى ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَيَقُولُونَ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦۖ فَقُلۡ إِنَّمَا ٱلۡغَيۡبُ لِلَّهِ فَٱنتَظِرُوٓاْ إِنِّي مَعَكُم مِّنَ ٱلۡمُنتَظِرِينَ
مۇشرىكلار: نېمىشقا مۇھەممەدنىڭ راستچىللىقىغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟، دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مۆجىزىنىڭ چۈشىشى غەيبى ئىش بولۇپ، بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ. سىلەر تەلەپ قىلغان ھېسسى مۆجىزىلەرنىڭ چۈشىشىنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، ھەقىقەتەن مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە ئۇنى كۈتىمەن.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• عظم الافتراء على الله والكذب عليه وتحريف كلامه كما فعل اليهود بالتوراة.
يەھۇدىيلار تەۋراتنى بۇرمىلىغاندەك ئاللاھنىڭ كالامىنى بۇرمىلاپ، ئاللاھقا يالغاننى توقۇش ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر.

• النفع والضر بيد الله عز وجل وحده دون ما سواه.
پايدا ۋە زىيان كىمسىنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى يەككە-يىگانە ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.

• بطلان قول المشركين بأن آلهتهم تشفع لهم عند الله.
مۇشرىكلارنىڭ: ئىلاھلىرىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلىدۇ دېگەن سۆزلىرى باتىلدۇر.

• اتباع الهوى والاختلاف على الدين هو سبب الفرقة.
ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگىشىش ۋە دىنى ئىشلاردا ئىختىلاپلىشىش تەپرىقىچىلىققا ئىلىپ بارىدىغان سەۋەبلەردىندۇر.

وَإِذَآ أَذَقۡنَا ٱلنَّاسَ رَحۡمَةٗ مِّنۢ بَعۡدِ ضَرَّآءَ مَسَّتۡهُمۡ إِذَا لَهُم مَّكۡرٞ فِيٓ ءَايَاتِنَاۚ قُلِ ٱللَّهُ أَسۡرَعُ مَكۡرًاۚ إِنَّ رُسُلَنَا يَكۡتُبُونَ مَا تَمۡكُرُونَ
مۇشرىلارغا كەلگەن قۇرغاقچىلىق ۋە قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا يامغۇر ۋە مولچىلىقتىن ئىبارەت نېئمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىش ۋە مىكىر ئىشلىتىشكە ئالدىرايدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ تېخىمۇ تىز چارە تەدبىر قوللىنىدۇ ۋە سىلەرنى تېخىمۇ تىز جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر پىلانلىغان مىكىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن ھېچنەرسە ساقىت بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھتىن قانداقمۇ مەخپى قالسۇن؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ ھېلە- مىكرىڭلارغا قارىتا جازا بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
هُوَ ٱلَّذِي يُسَيِّرُكُمۡ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا كُنتُمۡ فِي ٱلۡفُلۡكِ وَجَرَيۡنَ بِهِم بِرِيحٖ طَيِّبَةٖ وَفَرِحُواْ بِهَا جَآءَتۡهَا رِيحٌ عَاصِفٞ وَجَآءَهُمُ ٱلۡمَوۡجُ مِن كُلِّ مَكَانٖ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُمۡ أُحِيطَ بِهِمۡ دَعَوُاْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ لَئِنۡ أَنجَيۡتَنَا مِنۡ هَٰذِهِۦ لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلشَّٰكِرِينَ
ئى كىشىلەر! ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا پۇتۇڭلار ۋە ئۇلاغلىرىڭلار بىلەن، دېڭىزدا كېمىلەر بىلەن سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر ئولتۇرغان كېمە كىشىلەرنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان چاغدا يولۇچىلار بۇ شامالدىن خۇشال بولىدۇ. ئۇلار خۇشال تۇرغان پەيتلىرىدە بىردىنلا بوران چىقىدۇ، ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن دېڭىز دولقىنى كېلىدۇ، كېمىدىكىلەر ھالاك بولىدىغانلىقىغا جەزم قىلىشىدۇ. (چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) يەككە-يىگانە ئاللاھقا: ئەگەر سەن بىزنى بۇ ئېغىر سىناقتىن قۇتۇلدۇرساڭ، سەن بىزگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە ئاساسەن، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَلَمَّآ أَنجَىٰهُمۡ إِذَا هُمۡ يَبۡغُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّۗ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّمَا بَغۡيُكُمۡ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۖ مَّتَٰعَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ ثُمَّ إِلَيۡنَا مَرۡجِعُكُمۡ فَنُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن ئۇلار يەر يۈزىدە كۇپرىلىق قىلىش، گۇناھ-مەسىيەت قىلىش ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! ئويغىنىڭلار، بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ يامان ئاقىۋىتى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ. بۇزغۇنچىلىقىڭلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇزغىنچىلىقىڭلار ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى نېئمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر. ئاندىن قىيامەت كۈنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر. بىز سىلەرگە قىلغان گۇناھ مەئسىيەتلىرىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز ۋە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىمىز.
અરબી તફસીરો:
إِنَّمَا مَثَلُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا كَمَآءٍ أَنزَلۡنَٰهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَٱخۡتَلَطَ بِهِۦ نَبَاتُ ٱلۡأَرۡضِ مِمَّا يَأۡكُلُ ٱلنَّاسُ وَٱلۡأَنۡعَٰمُ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَخَذَتِ ٱلۡأَرۡضُ زُخۡرُفَهَا وَٱزَّيَّنَتۡ وَظَنَّ أَهۡلُهَآ أَنَّهُمۡ قَٰدِرُونَ عَلَيۡهَآ أَتَىٰهَآ أَمۡرُنَا لَيۡلًا أَوۡ نَهَارٗا فَجَعَلۡنَٰهَا حَصِيدٗا كَأَن لَّمۡ تَغۡنَ بِٱلۡأَمۡسِۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ
سىلەر بەھرىمان بولىۋاتقان ھاياتى دۇنيانىڭ مىسالى تىز ئۆتۈشتە يامغۇرغا ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرىدىن كىشىلەر يەيدىغان ئاشلىق ۋە مېۋىلەر، ھايۋانلار يەيدىغان ئوت چۆپ قاتارلىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر بىلەن چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭغا قازايىمىز يېتىپ، زىرائەتلەرنى يېقىندا دەل-دەرەخلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئاۋات بولۇپ باقمىغاندەك ئورىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلدۇق). بىز سىلەرگە دۇنيانىڭ ئەھۋالىنى ۋە تىز ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگىنىمىزدەك تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن دەلىل ۋە ئىسپاتلارنى بايان قىلىپ بېرىمىز.
અરબી તફસીરો:
وَٱللَّهُ يَدۡعُوٓاْ إِلَىٰ دَارِ ٱلسَّلَٰمِ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
ئاللاھ پۈتۈن كىشىلەرنى جەننەتكە چاقىرىدۇ. ئۇلار جەننەتتە مۇسىبەت ۋە غەم-قايغۇلاردىن خاتىرجەم بولىدۇ. ئۆلۈمدىن سالامەت قالىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ئارىسىدىن خالىغان كىشىنى جەننىتىگە يەتكۈزىدىغان ئىسلام دىنىغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الله أسرع مكرًا بمن مكر بعباده المؤمنين.
ئاللاھ مۆئمىن بەندىلىرىگە مىكىر قىلغانلارنى تېخىمۇ تىز چارە قىلغۇچىدۇر.

• بغي الإنسان عائد على نفسه ولا يضر إلا نفسه.
ئىنساننىڭ بۇزۇقچىلىقى ئۆزىگە كېلىدۇ، پەقەت ئۆزىگىلا زىيان يەتكۈزىدۇ.

• بيان حقيقة الدنيا في سرعة انقضائها وزوالها، وما فيها من النعيم فهو فانٍ.
دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نېئمەتلەرنىڭ تىز سۈرئەتتە يوقىلىشى ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

• الجنة هي مستقر المؤمن؛ لما فيها من النعيم والسلامة من المصائب والهموم.
جەننەت مۆئمىننىڭ تۇرىدىغان جايىدۇر. چۈنكى جەننەتتە مۇسىيبەت ۋە غەم قايغۇلاردىن سالامەت قېلىش ۋە نېئمەتلەردىن ھۇزۇر ئېلىش باردۇر.

۞ لِّلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ ٱلۡحُسۡنَىٰ وَزِيَادَةٞۖ وَلَا يَرۡهَقُ وُجُوهَهُمۡ قَتَرٞ وَلَا ذِلَّةٌۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
ئاللاھ ۋاجىپ قىلغان ئىبادەتلەرنى ياخشى ئۇرۇندىغان، ئاللاھ ھارام قىلغان گۇناھلاردىن يانغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇكاپات جەننەت ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولۇشتۇر. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى چاڭ-تۇزاڭ ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ. بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىلەر جەننەت ئەھلى بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ كَسَبُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ جَزَآءُ سَيِّئَةِۭ بِمِثۡلِهَا وَتَرۡهَقُهُمۡ ذِلَّةٞۖ مَّا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِنۡ عَاصِمٖۖ كَأَنَّمَآ أُغۡشِيَتۡ وُجُوهُهُمۡ قِطَعٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِ مُظۡلِمًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
كۇپرىلىق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئىبارەت يامان ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئاخىرەتتە قىلغان يامانلىقىغا ئوخشاش جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارلىق قاپلايدۇ. ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەندە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا تۈتۈننىڭ كۆپلىكىدىن قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ. بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغانلار دەۋزەخ ئەھلى بولۇپ، دەۋزەختە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
અરબી તફસીરો:
وَيَوۡمَ نَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ مَكَانَكُمۡ أَنتُمۡ وَشُرَكَآؤُكُمۡۚ فَزَيَّلۡنَا بَيۡنَهُمۡۖ وَقَالَ شُرَكَآؤُهُم مَّا كُنتُمۡ إِيَّانَا تَعۡبُدُونَ
ئى پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنىنى ئېسىڭگە ئالغىن، ئۇ كۈندە پۈتۈن مەخۇقاتلارنى يىغىمىز. ئاندىن دۇنيادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەرگە: ئى مۇشرىكلار! ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار بىلەن جايىڭلاردا جىم تۇرۇڭلار، دەيمىز. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيمىز. مەبۇدلىرى مۇشرىكلارغا: سىلەر دۇنيادا بىزگە ئىبادەت قىلمىغان ئىدىڭلار، دەپ ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدَۢا بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكُمۡ إِن كُنَّا عَنۡ عِبَادَتِكُمۡ لَغَٰفِلِينَ
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان ئىلاھلىرى ئۇلاردىن: سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز رازى ئەمەستۇق، سىلەرنى بىز ئۆزىمىزگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىمىغان، بىز سىلەرنىڭ چۇقۇنغىنىڭلارنى ھېس قىلماپتىمىز، دەپ ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
هُنَالِكَ تَبۡلُواْ كُلُّ نَفۡسٖ مَّآ أَسۡلَفَتۡۚ وَرُدُّوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ مَوۡلَىٰهُمُ ٱلۡحَقِّۖ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
بۇ كاتتا مەيداندا ھەر بىر ئادەم دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سېنىلىدۇ. مۇشرىكلار ھېساب ئېلىشقا ئىگە ھەقىقى پەرۋەردىگارى ئاللاھقا قايتۇرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىزگە شاپائەت قىلىدۇ دەپ دەۋا قىلغان .ئىلاھلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ
અરબી તફસીરો:
قُلۡ مَن يَرۡزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ أَمَّن يَمۡلِكُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَمَن يُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَيُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتَ مِنَ ٱلۡحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَۚ فَسَيَقُولُونَ ٱللَّهُۚ فَقُلۡ أَفَلَا تَتَّقُونَ
ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرگە ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زېمىندىن گىياھ ئۈندۈرۈپ ۋە زېمىندىن مەدەنلەرنى چىقىرىپ كىم رىزىق بېرىدۇ؟، خۇددى ئىنساننى مەنىدىن، قۇشلارنى تۇخۇمدىن ياراتقاندەك تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟، جانلىقلاردىن مەنىنى، قۇشلاردىن تۇخۇمنى پەيدا قىلغىنىدەك ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟، ئاسمان-زېمىن ۋە زېمىن ئىچىدىكى مەخلۇقاتلارنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟ ئۇلار بۇنىڭغا جاۋابەن: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر بۇلارنى بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئۇرۇنداپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھدىن قورقمامسىلەر!؟.
અરબી તફસીરો:
فَذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمُ ٱلۡحَقُّۖ فَمَاذَا بَعۡدَ ٱلۡحَقِّ إِلَّا ٱلضَّلَٰلُۖ فَأَنَّىٰ تُصۡرَفُونَ
ئى ئىنسانلار! يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى سىلەرنىڭ ياراتقۇچىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلارنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى، ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ھەقىقەتتىن قالسا گۇمراھلىقتىن باشقا نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئېنىق ھەقىقەتتىن سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار نەگە كەتتى!؟.
અરબી તફસીરો:
كَذَٰلِكَ حَقَّتۡ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى ٱلَّذِينَ فَسَقُوٓاْ أَنَّهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
ئى پەيغەمبەر! ھەقىقى پەرۋەردىگارلىق ئاللاھقا ئىسپاتلانغاندەك پەرۋەردىگارىڭنىڭ، سەركەشلىك قىلىپ ھەقىقەتتىن باش تارتقان قەدەرىيلەر ھەققىدىكى ھۆكمى ھەق بولدى. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• أعظم نعيم يُرَغَّب به المؤمن هو النظر إلى وجه الله تعالى.
ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈش مۆئمىن ئىنتىلىدىغان ئەڭ بۈيۈك نېئمەتتۇر.

• بيان قدرة الله، وأنه على كل شيء قدير.
ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكى بولسا، ئۇنىڭ قۇدرىتىنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

• التوحيد في الربوبية والإشراك في الإلهية باطل، فلا بد من توحيدهما معًا.
ئاللاھنى پەرۋەردىگارلىقتا يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئاللاھقا ئىلاھلىقتا شېرىك كەلتۈرۈش باتىلدۇر. ئاللاھ ھەر ئىككىلىسىدە يەككە- يېگانىدۇر.

• إذا قضى الله بعدم إيمان قوم بسبب معاصيهم فإنهم لا يؤمنون.
گۇناھلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ بىر قەۋمنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقىنى ئىرادە قىلسا، شۈبھىسىزكى ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.

قُلۡ هَلۡ مِن شُرَكَآئِكُم مَّن يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥۚ قُلِ ٱللَّهُ يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥۖ فَأَنَّىٰ تُؤۡفَكُونَ
ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار ئىچىدە مەخلۇقاتنى ئۆرنەكسىز پەيدا قىلىپ ئاندىن ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ مەخۇقاتنى ئۆرنەكسىز پەيدا قىلىپ ئاندىن ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرەلەيدۇ. ئى مۇشرىكلار! ھەقىقەتتىن باتىلغا قانداقسىگە بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ هَلۡ مِن شُرَكَآئِكُم مَّن يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلۡحَقِّۚ قُلِ ٱللَّهُ يَهۡدِي لِلۡحَقِّۗ أَفَمَن يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلۡحَقِّ أَحَقُّ أَن يُتَّبَعَ أَمَّن لَّا يَهِدِّيٓ إِلَّآ أَن يُهۡدَىٰۖ فَمَا لَكُمۡ كَيۡفَ تَحۡكُمُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار ئارىسىدا ھەقىقەتكە يىتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟. ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەقىقەتكە يىتەكلەيدۇ، كىشىلەرنى ھەقىقەتكە يىتەكلەپ، ئۇنىڭغا چاقىرغان زات ئەگىشىشكە لايىقمۇ ياكى ھەق يولغا يېتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە مۇھتاج بولغان نەرسىلەر ئەگىشىشكە ھەقلىقمۇ؟، سىلەرگە نېمە بولدى؟، مەبۇدلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ قاراپ قانداقسىگە باتىل بىلەن ھۆكۈم قىلىسىلەر؟، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان بۆھتانلىرىنىڭلاردىن پاكتۇر ۋە بۈيۈكتۇر.
અરબી તફસીરો:
وَمَا يَتَّبِعُ أَكۡثَرُهُمۡ إِلَّا ظَنًّاۚ إِنَّ ٱلظَّنَّ لَا يُغۡنِي مِنَ ٱلۡحَقِّ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِمَا يَفۡعَلُونَ
مۇشرىكلارنىڭ تولىسى ئۆزى چوقۇنغان مەبۇدلىرىنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئەگىشىشتا پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ. گۇمان ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللەرگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَمَا كَانَ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانُ أَن يُفۡتَرَىٰ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلَٰكِن تَصۡدِيقَ ٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَتَفۡصِيلَ ٱلۡكِتَٰبِ لَا رَيۡبَ فِيهِ مِن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
مۇشرىكلار جىددى ئىھتىياجلىق ۋاقىتلاردىمۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگەن تۇرسا، بۇ قۇرئاننىڭ يالغاندىن تۇقۇلۇپ، ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس. قۇرئان كەرىم ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىھتىياجى بولىدىغان بارلىق ئەھكاملارنى بايان قىلىپ بەرگۈچى كىتابتۇر. قۇرئان كەرىم شەكسىزكى، مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
અરબી તફસીરો:
أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۖ قُلۡ فَأۡتُواْ بِسُورَةٖ مِّثۡلِهِۦ وَٱدۡعُواْ مَنِ ٱسۡتَطَعۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
مۇشرىكلار: مۇھەممەد قۇرئاننى ئۆزى تۇقۇپ، ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن دېيىشەمدۇ؟، ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان تۇرۇپ، قۇرئاننى يېنىمدىن كەلتۈرگەن بولسام، ئەگەر قۇرئاننىڭ يالغاندىن تۇقۇلغان دېگەن سۆزلىرىڭلاردا راستچىل بولساڭلار ياردەمگە چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى چاقىرىپ قۇرئاندىكىگە ئوخشاش بىر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار. ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلالمايسىلەر. سىلەرنىڭ تىل ۋە پاساھەت ئىگىسى تۇرۇپ كەلتۈرەلمىگەنلىكىڭلار قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىگە روشەن دەلىلدۇر.
અરબી તફસીરો:
بَلۡ كَذَّبُواْ بِمَا لَمۡ يُحِيطُواْ بِعِلۡمِهِۦ وَلَمَّا يَأۡتِهِمۡ تَأۡوِيلُهُۥۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئۇلار كەلتۈرەلمىدى، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەناسىنى تۇلۇق چۈشەنمەي ۋە ئەقلى يەتمەي، ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب ئەمەلىلەشمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئازابنىڭ كېلىش ۋاقتى يېقىنلاشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. ئى پەيغەمبەر! ئويلاپ باققىن، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان ئىدى؟، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدىغۇ!.
અરબી તફસીરો:
وَمِنۡهُم مَّن يُؤۡمِنُ بِهِۦ وَمِنۡهُم مَّن لَّا يُؤۡمِنُ بِهِۦۚ وَرَبُّكَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُفۡسِدِينَ
مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار. ئۆلگىچە چوڭچىلىق ۋە سەركەشلىك قىلىپ ئىمان ئېيتمايدىغانلارمۇ بار. ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ كۇپرىلىقىدا چىڭ تۇرغانلارنى ئوبدان بىلگۇچىدۇر، ئۇلارنى كۇپرىلىقىغا قارىتا جازالايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَإِن كَذَّبُوكَ فَقُل لِّي عَمَلِي وَلَكُمۡ عَمَلُكُمۡۖ أَنتُم بَرِيٓـُٔونَ مِمَّآ أَعۡمَلُ وَأَنَا۠ بَرِيٓءٞ مِّمَّا تَعۡمَلُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر قەۋمىڭ سېنى يالغانچى قىلىشتا چىڭ تۇرسا ئۇلارغا: مېنىڭ ئەمىلىمنىڭ ساۋابى ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، ئەمىلىمنىڭ جاپاسىنى ئۆزۈم كۆتۈرىمەن، سىلەرنىڭ قىلغان ئەمىلىڭلارنىڭ ساۋابىمۇ ۋە جازاسىمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر مەن قىلغان گۇناھنىڭ جازاسىدىن ئادا-جۇدادۇرسىلەر. مەنمۇ سىلەر قىلغان گۇناھنىڭ جازاسىدىن ئادا-جۇدادۇرمەن، دېگىن.
અરબી તફસીરો:
وَمِنۡهُم مَّن يَسۡتَمِعُونَ إِلَيۡكَۚ أَفَأَنتَ تُسۡمِعُ ٱلصُّمَّ وَلَوۡ كَانُواْ لَا يَعۡقِلُونَ
ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدىن سەن قۇرئان ئوقۇساڭ قۇبۇل قىلماستىن قۇلاق سالىدىغانلار بار. سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ شۇنىڭدەك قۇلاقلىرى ھەقنى ئاڭلاشتىن گاس كىشىلەرنى ھىدايەت قىلالمايسەن، ئۇلار ھەقنى چۈشەنمەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الهادي إلى الحق هداية التوفيق هو الله وحده دون ما سواه.
ئىمانغا مۇۋەپپەق ۋە ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلغۇچى يەككە-يېگانە ئاللاھتۇر.

• الحث على تطلب الأدلة والبراهين والهدايات للوصول للعلم والحق وترك الوهم والظن.
پەرەز ۋە گۇماننى تاشلاپ، ھەقىقەتكە يېتىش ئۈچۈن دەلىل، ئىسپات ۋە كۆرسەتمىلەرنى تەلەپ قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

• ليس في مقدور أحد أن يأتي ولو بآية مثل القرآن الكريم إلى يوم القيامة.
قىيامەت كۈنىگىچە ھېچبىر كىشى قۇرئاندىن بىر ئايەت بولسىمۇ كەلتۈرۈشكە قادىر ئەمەس.

• سفه المشركين وتكذيبهم بما لم يفهموه ويتدبروه.
ئەقلى يەتمىگەن ۋە چۈشەنمىگەن نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىش مۇشرىكلارنىڭ دۆتلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

وَمِنۡهُم مَّن يَنظُرُ إِلَيۡكَۚ أَفَأَنتَ تَهۡدِي ٱلۡعُمۡيَ وَلَوۡ كَانُواْ لَا يُبۡصِرُونَ
ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدە ساڭا ئەقلى بىلەن ئەمەس كۆزى بىلەن قارايدىغانلىرى بار. سەن كورلارنى كۆرەلەيدىغان قىلالامسەن؟ شۈبھىسىزكى، سەن ئۇنداق قىلالمايسەن. شۇنىڭدەك قەلبى كورنىمۇ توغرا يولغا باشلىيالمايسەن.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَظۡلِمُ ٱلنَّاسَ شَيۡـٔٗا وَلَٰكِنَّ ٱلنَّاسَ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشتىن پاكتۇر، ئۇلارغا زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ، ئەمما ئۇلار باتىل ئىشلارنى قىلىش، تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە سەركەشلىك قىلىش سەۋەبلىك ئۆزلىرىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ كَأَن لَّمۡ يَلۡبَثُوٓاْ إِلَّا سَاعَةٗ مِّنَ ٱلنَّهَارِ يَتَعَارَفُونَ بَيۡنَهُمۡۚ قَدۡ خَسِرَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِلِقَآءِ ٱللَّهِ وَمَا كَانُواْ مُهۡتَدِينَ
قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن يىغىدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنيادا ۋە بەرزەختە تۇرغان مۇددىتى كۈندۈزدە ئازغىنە ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ. ئۇلار ئۆز-ئارا تونىشىدۇ. قىيامەتنىڭ قاتتىق قورقۇنچىسىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۇنۇشلىقى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. قىيامەت كۈنى رەببىگە مۇلاقەت بولۇشنى ئىنكار قىلغان كىشىلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ. چۈنكى ئۇلار زىياندىن قۇتۇلۇپ قېلىشى ئۈچۈن دۇنيادا قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمىگەن ئىدى.
અરબી તફસીરો:
وَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعۡضَ ٱلَّذِي نَعِدُهُمۡ أَوۡ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيۡنَا مَرۡجِعُهُمۡ ثُمَّ ٱللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا يَفۡعَلُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۆلۈپ كېتىشىڭدىن ئىلگىرى ياكى بىز سېنى ۋاپات تاپقۇزۇشىمىزدىن ئىلگىرى ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتىمىز. ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئۇلار قىيامەت كۈنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن خەۋەرداردۇر. ئۇنىڭدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَلِكُلِّ أُمَّةٖ رَّسُولٞۖ فَإِذَا جَآءَ رَسُولُهُمۡ قُضِيَ بَيۡنَهُم بِٱلۡقِسۡطِ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ھەر بىرىگە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئۇلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان ۋەھيىنى يەتكۈزدى. ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا ئاللاھ پەيغەمبىرى بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنى ئۆز پەزلى بىلەن قۇتقۇزدى، ئۇلارنى ئادالىتى بىلەن ھالاك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ جازاسىدىن ھېچ نەرسىگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. (يەنى ياخشىلىق ياكى يامانلىق بولسۇن جازا-مۇكاپاتلىرى تولۇق بېرىلىدۇ).
અરબી તફસીરો:
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
كاپىرلار سەركەشلىك قىلىپ: ئەگەر داۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار سىلەر بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ ۋاقتى قاچان؟، دەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
قُل لَّآ أَمۡلِكُ لِنَفۡسِي ضَرّٗا وَلَا نَفۡعًا إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۗ لِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌۚ إِذَا جَآءَ أَجَلُهُمۡ فَلَا يَسۡتَـٔۡخِرُونَ سَاعَةٗ وَلَا يَسۡتَقۡدِمُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، قانداقسىگە باشقىلارغا پايدا ياكى زىيان يەتكۈزەي؟، مەن قانداقسىگە ئاللاھنىڭ غەيبى ئىلمىنى بىلەي؟ ئاللاھ ئاگاھلاندۇرغان ھەر ئۈممەتنىڭ بەلگىلەنگەن ھالاك بولۇش ۋاقتى بولىدۇ. بۇنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ ۋە بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُهُۥ بَيَٰتًا أَوۡ نَهَارٗا مَّاذَا يَسۡتَعۡجِلُ مِنۡهُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئازابقا ئالدىراپ كەتكەنلەرگە ئېيتقىنكى: ئەگەر ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى ياكى كۈندۈزى كېلىشى مۇمكىن، ئۇ ئازابتىن قايسى نەرسىگە ئالدىرايدۇ!؟.
અરબી તફસીરો:
أَثُمَّ إِذَا مَا وَقَعَ ءَامَنتُم بِهِۦٓۚ ءَآلۡـَٰٔنَ وَقَدۡ كُنتُم بِهِۦ تَسۡتَعۡجِلُونَ
ۋەدە قىلىنغان ئازاب يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان كىشىگە ھازىر ئېيتقان ئىمانى مەنپەئەت قىلمايدىغان ۋاقىتتا سىلەر ئىمان ئېيتتىڭلارمۇ؟ ئىلگىرى سىلەر ئىنكار قىلىش شەكلىدە ئازابقا ئالدىراپ كەتكەن ئىدىڭلارغۇ؟!.
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ قِيلَ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ ذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡخُلۡدِ هَلۡ تُجۡزَوۡنَ إِلَّا بِمَا كُنتُمۡ تَكۡسِبُونَ
ئۇلار دوزاخ ئازابىغا كىرگۈزۈلۈپ ئاندىن ئازابتىن چىقىرىلىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن ئۇلارغا: ئاخرەتتىكى مەڭگۈلۈك ئازاپنى تېتىڭلار، پەقەت قىلغان كۇپرىلىق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ جازاسىغىلا ئېرىشىسىلەر!؟.
અરબી તફસીરો:
۞ وَيَسۡتَنۢبِـُٔونَكَ أَحَقٌّ هُوَۖ قُلۡ إِي وَرَبِّيٓ إِنَّهُۥ لَحَقّٞۖ وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلار سەندىن: بىزگە ۋەدە قىلىنغان ئازاب راستمۇ؟ دەپ سورايدۇ. سەن ئۇلارغا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، راست، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الإنسان هو الذي يورد نفسه موارد الهلاك، فالله مُنَزَّه عن الظلم.
ئىنسان ئۆزىنى ئۆزى ھالاكەتكە ئاتىدۇ. ئاللاھ زۇلۇم قىلىشتىن پاكتۇر.

• مهمة الرسول هي التبليغ للمرسل إليهم، والله يتولى حسابهم وعقابهم بحكمته، فقد يعجله في حياة الرسول أو يؤخره بعد وفاته.
پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى ھەقنى يەتكۈزۈش، ئاللاھ ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئۇلاردىن ھېساب ئالىدۇ ۋە جازالايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا جازالىشىمۇ مۇمكىن، ۋاپات تاپقاندىن كېيىن جازالىشىمۇ مۇمكىن.

• النفع والضر بيد الله عز وجل، فلا أحد من الخلق يملك لنفسه أو لغيره ضرًّا ولا نفعًا.
پايدا-زىيان ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، مەخلۇقاتلاردىن ھېچبىرى نە ئۆزىگە نە باشقىلارغا پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر ئەمەس.

• لا ينفع الإيمان صاحبه عند معاينة الموت.
بىراۋنىڭ سەكراتقا چۈشكەندە ئېيتقان ئىمانى ئۇنىڭغا مەنپەئەت قىلمايدۇ.

وَلَوۡ أَنَّ لِكُلِّ نَفۡسٖ ظَلَمَتۡ مَا فِي ٱلۡأَرۡضِ لَٱفۡتَدَتۡ بِهِۦۗ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَۖ وَقُضِيَ بَيۡنَهُم بِٱلۡقِسۡطِ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
ئەگەر ھەربىر مۇشرىك زېمىندىكى قىممەتلىك ماللارنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولغان بولسا، ئۇ ئادەم ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇرتۇلۇش ئۈچۈن شۇ ماللارنى فىدىيە قىلىپ قۇرتۇلۇش مۇمكىن بولسا ئىدى، ئۇ كىشى ماللارنى فىدىيە قىلىۋېتەتتى. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئازابنى كۆرگەن چاغدا كاپىرلىقىغا نادامىتىنى يۇشۇرۇن تۇتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇلار زۇلۇم قىلىنمايدۇ، پەقەت ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
أَلَآ إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ أَلَآ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
راستىنلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى يەككە-يېگانە ئاللاھقا خاستۇر. راستىنلا ئاللاھنىڭ كاپىرلارنى جازالاش ۋەدىسى ئىشقا ئاشىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ ئاندىن بۇنىڭدىن شەك قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
هُوَ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ، تىرىكنى ئۆلتۈرىدۇ، سىلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىسىلەر، ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَتۡكُم مَّوۡعِظَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَشِفَآءٞ لِّمَا فِي ٱلصُّدُورِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ
ئى ئىنسانلار! سىلەرگە قىيامەتنى ئەسلىتىدىغان، جەننەتكە قىزىقتۇرۇپ، دەۋزەختىن ئاگاھلاندۇرىدىغان، دىللاردىكى شەك-شۈبھىلەرگە شىپا بولۇپ ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان، مۆئمىنلەرگە رەھمەت بولغان ۋە ئۇلار مەنپەئەتلىنىدىغان قۇرئان كەرىم كەلدى.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ بِفَضۡلِ ٱللَّهِ وَبِرَحۡمَتِهِۦ فَبِذَٰلِكَ فَلۡيَفۡرَحُواْ هُوَ خَيۡرٞ مِّمَّا يَجۡمَعُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: مەن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن قۇرئان ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان پەزلى ۋە رەھمىتىدۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا قۇرئاننى چۈشۈرۈش ئارقىلىق پەزلى-مەرھەمەت قىلغانلىقىدىن خۇشال بولۇڭلار. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەر ئۇلار توپلىغان ئەرزىمەس مال-دۇنيادىن ياخشىدۇر.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ أَرَءَيۡتُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ لَكُم مِّن رِّزۡقٖ فَجَعَلۡتُم مِّنۡهُ حَرَامٗا وَحَلَٰلٗا قُلۡ ءَآللَّهُ أَذِنَ لَكُمۡۖ أَمۡ عَلَى ٱللَّهِ تَفۡتَرُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئاللاھ سىلەرگە چۈشۈرگەن رىزىقنى ھاۋايى-ھەۋىسىڭلار بويىچە ئىشلەتتىڭلار. بەزىسىنى ھارام، بەزىسىنى ھالال قىلدىڭلار. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ سىلەرگە ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال قىلىشقا ئىزنى بەردىمۇ ياكى ئاللاھقا يالغاننى چاپلاۋاتامسىلەر!؟.
અરબી તફસીરો:
وَمَا ظَنُّ ٱلَّذِينَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَشۡكُرُونَ
ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنىدىكى رىئاللىقلارنى قانداق ئويلايدۇ؟، ئۇلار ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟، ئۇنداق بولىشى ھەقىقەتتىن بەك يىراق!، شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئىنسانلارغا مۆھلەت بېرىش، ئالدىراپ جازالىماسلىق ئارقىلىق ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. لېكىن كۆپىنچى كىشىلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَمَا تَكُونُ فِي شَأۡنٖ وَمَا تَتۡلُواْ مِنۡهُ مِن قُرۡءَانٖ وَلَا تَعۡمَلُونَ مِنۡ عَمَلٍ إِلَّا كُنَّا عَلَيۡكُمۡ شُهُودًا إِذۡ تُفِيضُونَ فِيهِۚ وَمَا يَعۡزُبُ عَن رَّبِّكَ مِن مِّثۡقَالِ ذَرَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِي ٱلسَّمَآءِ وَلَآ أَصۡغَرَ مِن ذَٰلِكَ وَلَآ أَكۡبَرَ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٍ
ئى پەيغەمبەر! قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، ئى مۆئمىنلەر سىلەر قايسى ئىشنى قىلماڭلار سىلەر شۇ ئىشنى باشلىغان چېغىڭلاردا بىز سىلەرنى بېلىپ، كۆزىتىپ تۇرىمىز. ئاسمان ـ زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ-كىچىك ھېچقانداق نەرسە ئايرىلىپ قالمايدىغان روشەن كىتابتا خاتىرلەنگەندۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• عظم ما ينتظر المشركين بالله من عذاب، حتى إنهم يتمنون دفعه بكل ما في الأرض، ولن يُقْبلَ منهم.
مۇشرىكلارنى كۈتىۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابى ئىنتايىن دەھشەتلىكتۇر. ھەتتا ئۇلار زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ ئازابنى يەڭگىللىتىشنى ئارزۇ قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلاردىن ھېچ نەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

• القرآن شفاء للمؤمنين من أمراض الشهوات وأمراض الشبهات بما فيه من الهدايات والدلائل العقلية والنقلية.
قۇرئان مۆئمىنلەرنىڭ نەپسى خاھىشىگە ئەگىشىش ۋە شۈبھىلىنىش كېسەللىكلىرىگە شىپادۇر. شۇنداقلا ئۇنىڭدا ئەقلى ۋە نەقلى دەلىللەر ۋە كۆرسەتمىلەر مەۋجۇتتۇر.

• ينبغي للمؤمن أن يفرح بنعمة الإسلام والإيمان دون غيرهما من حطام الدنيا.
مۆئمىن دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نازۇ-نەمەتلىرىدىن ئەمەس بەلكى ئىسلام ۋە ئىمان نېئمىتىدىن خۇرسەن بولىشى لازىم.

• دقة مراقبة الله لعباده وأعمالهم وخواطرهم ونياتهم.
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى، نىيەتلىرىنى ۋە كۆڭلىدىن كەچكەنلىرىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ تۇرىدۇ.

أَلَآ إِنَّ أَوۡلِيَآءَ ٱللَّهِ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
راستىنلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا ئۇلارنى كۈتىۋاتقان قىيامەتنىڭ قورقۇنچىسى يوقتۇر. ئۇلار دۇنيادا قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىلىرىگە قايغۇرمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ
ئاللاھنىڭ دوستلىرى بولسا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
لَهُمُ ٱلۡبُشۡرَىٰ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۚ لَا تَبۡدِيلَ لِكَلِمَٰتِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن دۇنيادا ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان ياخشى چۈش ۋە كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن، جېنى چىققان چاغدا، ئۆلگەندىن كېيىن، قىيامەتتە پەرىشتىلەر تەرىپىدىن خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئۆزگەرمەيدۇ، بۇنىڭدا تەلەپ قىلغان نەرسىگە ئىرىشىش ۋە قورقۇنۇچلۇق نەرسىدىن قۇتۇلۇش بار بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كاتتا ئۇتۇقتۇر.
અરબી તફસીરો:
وَلَا يَحۡزُنكَ قَوۡلُهُمۡۘ إِنَّ ٱلۡعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًاۚ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ سېنىڭ دىنىڭ ھەققىدىكى قىلغان تەنە سۆزلىرى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، شۈبھىسىزكى، پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر، ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بەرگۈچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
أَلَآ إِنَّ لِلَّهِ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَمَا يَتَّبِعُ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ شُرَكَآءَۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَإِنۡ هُمۡ إِلَّا يَخۡرُصُونَ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھتىن باشقىغا يەنى بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ. مۇشرىكلار نېمىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىدۇ؟!، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشتە جۆيلۈيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن پاكتۇر ۋە بۈيۈكتۇر.
અરબી તફસીરો:
هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ لِتَسۡكُنُواْ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبۡصِرًاۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَسۡمَعُونَ
ئى ئىنسانلار! ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كېچىنى ياراتتى. تۇرمۇش مەئىيشەتلىرىگە ئىشلىشىڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى يورۇق قىلدى. بۇنىڭدا ھەقنى ئىزدىگۈچى ۋە ئىبرەت ئالغۇچى قەۋم ئۈچۈن ئېنىق دەلىللەر بار.
અરબી તફસીરો:
قَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ وَلَدٗاۗ سُبۡحَٰنَهُۥۖ هُوَ ٱلۡغَنِيُّۖ لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ إِنۡ عِندَكُم مِّن سُلۡطَٰنِۭ بِهَٰذَآۚ أَتَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
بىر قىسىم مۇشرىكلار: ئاللاھ پەرىشتىلەرنى قىز ياراتتى، دېدى. ئاللاھ بۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن مۇقەددەستۇر. ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر. ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئى مۇشرىكلار! (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، سىلەر ئىسپاتسىز، ھەقىقىتىنى بىلمەيدىغان، ئاللاھقا بالا نىسبەت بېرىشتىن ئىبارەت چوڭ يالغاننى ئاللاھقا چاپلامسىلەر!؟.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ لَا يُفۡلِحُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھقا بالا نىسبەت بېرىش ئارقىلىق يالغاننى چاپلايدىغانلار غەلبە قازىنالمايدۇ، قورققان نەرسىلىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
مَتَٰعٞ فِي ٱلدُّنۡيَا ثُمَّ إِلَيۡنَا مَرۡجِعُهُمۡ ثُمَّ نُذِيقُهُمُ ٱلۡعَذَابَ ٱلشَّدِيدَ بِمَا كَانُواْ يَكۡفُرُونَ
ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ نازۇ-نىمەتلىرىگە ئالدىنىپ قالمىسۇن، ئۇنىڭدىن ئازغىنا بەھرىمان بولىدۇ. ئاندىن قىيامەت كۈنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن كاپىر بولغانلىقلىرى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى سەۋەبلىك ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• ولاية الله تكون لمن آمن به، وامتثل أوامره، واجتنب نواهيه، واتبع رسوله صلى الله عليه وسلم، وأولياء الله هم الآمنون يوم القيامة، ولهم البشرى في الدنيا إما بالرؤيا الصالحة أو عند الموت.
ئاللاھنىڭ دوستلىقى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يانغان، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەر ئۈچۈن بولىدۇ. ئاللاھنىڭ دوستلىرى قىيامەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەردۇر. ئۇلارغا دۇنيادا راست چۈش بىلەن ياكى ۋاپات بولغان چاغدا خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ.

• العزة لله جميعًا وحده ؛ فهو مالك الملك، وما عُبِد من دون الله لا حقيقة له.
پۈتۈن ئىززەت ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىنغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ھەقىقىتى يوق.

• الحث على التفكر في خلق الله؛ لأن ذلك يقود إلى الإيمان به وتوحيده.
ئاللاھ ئىنسانلارنى مەخلۇقاتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ، چۈنكى تەپەككۇر ئىمانغا ۋە تەۋھىدكە باشلايدۇ.

• حرمة الكذب على الله عز وجل، وأن صاحبه لن يفلح، ومن أعظم الكذب نسبة الولد له سبحانه.
ئاللاھقا يالغاننى چاپلاش ھارامدۇر. يالغانچى ھەرگىزمۇ ياخشى نەتىجە قازىنالمايدۇ، ئاللاھقا پەرزەنت نىسبەت بېرىش يالغانچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر.

۞ وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ نُوحٍ إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦ يَٰقَوۡمِ إِن كَانَ كَبُرَ عَلَيۡكُم مَّقَامِي وَتَذۡكِيرِي بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ فَعَلَى ٱللَّهِ تَوَكَّلۡتُ فَأَجۡمِعُوٓاْ أَمۡرَكُمۡ وَشُرَكَآءَكُمۡ ثُمَّ لَا يَكُنۡ أَمۡرُكُمۡ عَلَيۡكُمۡ غُمَّةٗ ثُمَّ ٱقۡضُوٓاْ إِلَيَّ وَلَا تُنظِرُونِ
ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە نەسىھەتلەرنى ئەسلىتىشىم سىلەرگە ئېغىر كېلىپ، مېنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ سۈيقەستىڭلارنى بىتچىت قىلىشتا ئاللاھقا تاياندىم. سىلەر بۇتلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ مېنى قەستلەيدىغان پىلانلىرىڭلارنى قىلىۋىرىڭلار، قەستلەيدىغان ئىشىڭلار مەخپى بولمىسۇن، سىلەر پىلانلىغىنىڭلاردىن كېيىن يۇشۇرغان ئىشىڭلارنى ئازراقمۇ كېچىكتۈرمەي قىلىۋېرىڭلار.
અરબી તફસીરો:
فَإِن تَوَلَّيۡتُمۡ فَمَا سَأَلۡتُكُم مِّنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِۖ وَأُمِرۡتُ أَنۡ أَكُونَ مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
ئەگەر سىلەر مېنىڭ دەۋىتىمدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، مېنىڭ سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزگەنلىكىمگە سىلەردىن ھەق سورىمىغانلىقىمنى سىلەر بىلىسىلەر، سېلەر ماڭا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار مېنىڭ مۇكاپاتىمنى پەقەت رەببىملا بېرىدۇ. رەببىم مېنى تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆزىگە بۇيسۇنغۇچىلاردىن بولۇشۇمغا بۇيرىدى.
અરબી તફસીરો:
فَكَذَّبُوهُ فَنَجَّيۡنَٰهُ وَمَن مَّعَهُۥ فِي ٱلۡفُلۡكِ وَجَعَلۡنَٰهُمۡ خَلَٰٓئِفَ وَأَغۡرَقۡنَا ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَاۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُنذَرِينَ
ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى، ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كېمىدىكى مۆئمىنلەرنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى غەرق بولغانلارنىڭ ئورۇنباسارى قىلدۇق. مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلغانلارنى تۇپان بالاسى بىلەن ھالاك قىلدۇق. ئى پەيغەمبەر! نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاگاھلاندۇرسا ئىشەنمىگەن قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئويلاپ باققىن.
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ بَعَثۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِۦ رُسُلًا إِلَىٰ قَوۡمِهِمۡ فَجَآءُوهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَمَا كَانُواْ لِيُؤۡمِنُواْ بِمَا كَذَّبُواْ بِهِۦ مِن قَبۡلُۚ كَذَٰلِكَ نَطۡبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِ ٱلۡمُعۡتَدِينَ
نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلەر قەۋمىگە ئاللاھ تەرىپىدىن مۆجىزە ۋە پاكىتلارنى ئېلىپ كەلدى. پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىش ئىرادىسى يوق ئىدى. ئاللاھ ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى پىچەتلىۋەتلىۋەتكەندەك ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پىچەتلىۋەتتى. ئاللاھ ھەر ۋاقىت كۇپرىلىق بىلەن بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن كاپىرلارنىڭ قەلبلىرىنى پىچەتلىۋىتىدۇ.
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ بَعَثۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِم مُّوسَىٰ وَهَٰرُونَ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ بِـَٔايَٰتِنَا فَٱسۡتَكۡبَرُواْ وَكَانُواْ قَوۡمٗا مُّجۡرِمِينَ
بۇ پەيغەمبەرلەردىن كېيىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى مىسىر پادىشاھى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا، ئۇلارنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق، ئۇلار بۇ ئىككىسى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىمان ئېيتىشتىن چوڭچىلىق قىلدى. ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار قەۋم ئىدى.
અરબી તફસીરો:
فَلَمَّا جَآءَهُمُ ٱلۡحَقُّ مِنۡ عِندِنَا قَالُوٓاْ إِنَّ هَٰذَا لَسِحۡرٞ مُّبِينٞ
مۇسا بىلەن ھارۇن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەت پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان مۆجىزىلەر ھەققىدە: بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىھىردۇر، ھەقىقەت ئەمەس، دېدى.
અરબી તફસીરો:
قَالَ مُوسَىٰٓ أَتَقُولُونَ لِلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَكُمۡۖ أَسِحۡرٌ هَٰذَا وَلَا يُفۡلِحُ ٱلسَّٰحِرُونَ
مۇسا ئۇلارغا رەددىيە قايتۇرۇپ: سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئۇنداق ئەمەس، بۇ سېھىر ئەمەس. ھەقىقەتەن مەن سېھرىگەرلەرنىڭ مەڭگۈ ئۇتۇق قازىنالمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان تۇرسام قانداقسىگە سېھرىگەرلىك قىلىمەن!؟ .
અરબી તફસીરો:
قَالُوٓاْ أَجِئۡتَنَا لِتَلۡفِتَنَا عَمَّا وَجَدۡنَا عَلَيۡهِ ءَابَآءَنَا وَتَكُونَ لَكُمَا ٱلۡكِبۡرِيَآءُ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا نَحۡنُ لَكُمَا بِمُؤۡمِنِينَ
پىرئەۋننىڭ قەۋمى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: سەن بىزگە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچكۈزۈش ۋە سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ ئى مۇسا ۋە ھارۇن! بىز ئىككىڭلارنىڭ بىزگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭلارنى ئىقرار قىلمايمىز.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• سلاح المؤمن في مواجهة أعدائه هو التوكل على الله.
ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، مۆئمىننىڭ دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتىكى قورالىدۇر.

• الإصرار على الكفر والتكذيب بالرسل يوجب الختم على القلوب فلا تؤمن أبدًا.
كۇپرىلىق ۋە (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىش قەلبلەرگە پىچەت ئۇرۇلۇپ، مەڭگۈ ئىمان ئېيتماسلىققا سەۋەپ بولىدۇ.

• حال أعداء الرسل واحد، فهم دائما يصفون الهدى بالسحر أو الكذب.
پەيغەمبەرلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش. ئۇلار داۋاملىق ھىدايەتنى سېھىر ياكى يالغان دەپ سۈپەتلەيدۇ.

• إن الساحر لا يفلح أبدًا.
شۈبھىسىزكى، سېھرىگەر مەڭگۈ ئۇتۇق قازىنالمايدۇ.

وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ ٱئۡتُونِي بِكُلِّ سَٰحِرٍ عَلِيمٖ
پىرئەۋن قەۋمىگە: مېنىڭ ئالدىمغا مەشھۇر ۋە يېتىشكەن سېھرىگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى.
અરબી તફસીરો:
فَلَمَّا جَآءَ ٱلسَّحَرَةُ قَالَ لَهُم مُّوسَىٰٓ أَلۡقُواْ مَآ أَنتُم مُّلۡقُونَ
سېھرىگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا سېھىرلىرىنى ئېلىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ غەلبە قازىنىدىغانلىقىغا ئشەنچ قىلغان ھالدا: ئى سېھرىگەرلەر! تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار، دېدى.
અરબી તફસીરો:
فَلَمَّآ أَلۡقَوۡاْ قَالَ مُوسَىٰ مَا جِئۡتُم بِهِ ٱلسِّحۡرُۖ إِنَّ ٱللَّهَ سَيُبۡطِلُهُۥٓ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُصۡلِحُ عَمَلَ ٱلۡمُفۡسِدِينَ
ئۇلار سېھىرلىرىنى تاشلىغان چاغدا مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ ئۇنى بەرباد قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. سىلەر ھەقىقەتەن سېھىر قىلىش ئارقىلىق زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىسىلەر، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئىسلاھ قىلمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَيُحِقُّ ٱللَّهُ ٱلۡحَقَّ بِكَلِمَٰتِهِۦ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡمُجۡرِمُونَ
ئاللاھ ئىلاھى تەقدىرى ۋە شەرئى سۆزلىرىدىكى ھۆججەت ۋە پاكىتلىرى ئارقىلىق، پىرئەۋن ئايمىقىدىكى گۇناھكار كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ ۋە كۈچلەندۈرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَمَآ ءَامَنَ لِمُوسَىٰٓ إِلَّا ذُرِّيَّةٞ مِّن قَوۡمِهِۦ عَلَىٰ خَوۡفٖ مِّن فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِمۡ أَن يَفۡتِنَهُمۡۚ وَإِنَّ فِرۡعَوۡنَ لَعَالٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَإِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلۡمُسۡرِفِينَ
قەۋملەر ئىتىراز بىلدۈرۈش قارارىغا كەلدى، مۇسا ئاشكارا مۆجىزە ۋە ئېنىق پاكىتلارنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادىدىن بىر قانچە ياش (ئەگەر بايقىلىپ قالسا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى جازالاش ئارقىلىق ئىمانىدىن ياندۇرىشىدىن قورققان ھالدا) ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن شەك-شۈبھىسىز مىسىر زېمىنىدا مىسىر ئاھالىسىگە تەكەببۇرلۇق قىلدى. ئۇ كۇپرىلىقتا، ئىسرائىل ئەۋلادىنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئازابلاشتا ھەددىدىن ئاشقۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
وَقَالَ مُوسَىٰ يَٰقَوۡمِ إِن كُنتُمۡ ءَامَنتُم بِٱللَّهِ فَعَلَيۡهِ تَوَكَّلُوٓاْ إِن كُنتُم مُّسۡلِمِينَ
مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە: ئاللاھقا ھەقىقى رەۋىشتە ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىڭلار. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشىڭلار بولسا، سىلەردىن يامانلىقنى توسۇپ، ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَقَالُواْ عَلَى ٱللَّهِ تَوَكَّلۡنَا رَبَّنَا لَا تَجۡعَلۡنَا فِتۡنَةٗ لِّلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئۇلار مۇساغا جاۋاپ بېرىپ: بىز ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە باش قىلىپ قويمىغىن، (ئەگەر ئۇنداق قىلساڭ) ئۇلار بىزنى ئازاپلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە كۈشكۈرتىش ئارقىلىق دىنىمىزدا پىتنە پەيدا قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَنَجِّنَا بِرَحۡمَتِكَ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ
ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن پىرئەۋننىڭ كاپىر قەۋمىدىن قۇتۇلدۇرغىن، ئۇلار بىزنى قۇل قىلدى، ئازابلاش ۋە ئۆلتۈرۈش بىلەن بىزگە ئەزىيەت يەتكۈزدى.
અરબી તફસીરો:
وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰ وَأَخِيهِ أَن تَبَوَّءَا لِقَوۡمِكُمَا بِمِصۡرَ بُيُوتٗا وَٱجۡعَلُواْ بُيُوتَكُمۡ قِبۡلَةٗ وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇنغا: قەۋمىڭلارنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆي ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، نامازنى قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈپ تۇلۇق ئوقۇڭلار دېدۇق. ئى مۇسا! ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، زېمىندا ئورۇنباسار قىلىدىغانلىقى، دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
અરબી તફસીરો:
وَقَالَ مُوسَىٰ رَبَّنَآ إِنَّكَ ءَاتَيۡتَ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَأَهُۥ زِينَةٗ وَأَمۡوَٰلٗا فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّواْ عَن سَبِيلِكَۖ رَبَّنَا ٱطۡمِسۡ عَلَىٰٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ وَٱشۡدُدۡ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ فَلَا يُؤۡمِنُواْ حَتَّىٰ يَرَوُاْ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَلِيمَ
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېيتتى: ئى پەرۋەردىگارىمىز! پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادانىڭ زىننەتلىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ. ئۇلار سەن ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە شۈكرى قىلماستىن بەلكى شۇ نېئمەتلەر بىلەن كىشىلەرنى سىنىڭ يولۇڭدىن ئازدۇردى. پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، ئۇلار ئىمان مەنپەئەت قىلمايدىغان كۈندە قاتتىق ئازابقا چۆممىگىچە ئىمان ئېيتمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الثقة بالله وبنصره والتوكل عليه ينبغي أن تكون من صفات المؤمن القوي.
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش ئىمانى مۇستەھكەم مۆئمىننىڭ سۈپەتلىرىدۇر.

• بيان أهمية الدعاء، وأنه من صفات المتوكلين.
دۇئانىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىش، تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ سۈپىتىدۇر.

• تأكيد أهمية الصلاة ووجوب إقامتها في كل الرسالات السماوية وفي كل الأحوال.
نامازنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى بەرپا قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقى بولسا، بارلىق سەماۋىي دىنلاردا ھەرۋاقىت تەكىتلەنگەن ئىبادەتتۇر.

• مشروعية الدعاء على الظالم.
زالىمغا قارشى بەددۇئا قىلىش توغرىدۇر.

قَالَ قَدۡ أُجِيبَت دَّعۡوَتُكُمَا فَٱسۡتَقِيمَا وَلَا تَتَّبِعَآنِّ سَبِيلَ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ
ئاللاھ ئېيتتى: ئى مۇسا ۋە ھارۇن! مەن سىلەرنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا قارشى قىلغان دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدىم، دىنىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمايدىغان نادانلارنىڭ يولىغا بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار.
અરબી તફસીરો:
۞ وَجَٰوَزۡنَا بِبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱلۡبَحۡرَ فَأَتۡبَعَهُمۡ فِرۡعَوۡنُ وَجُنُودُهُۥ بَغۡيٗا وَعَدۡوًاۖ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَدۡرَكَهُ ٱلۡغَرَقُ قَالَ ءَامَنتُ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا ٱلَّذِيٓ ءَامَنَتۡ بِهِۦ بَنُوٓاْ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَأَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دېڭىزدىن ئۆتۈشىنى ئاسان قىلدۇق، ئاخىرى ئۇلار دېڭىزدىن سالامەت ئۆتۈپ كەتتى. پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارنى قوغلىدى. پىرئەۋن دېڭىزغا كىرىپ، غەرق بولغان ۋە قۇرتۇلۇشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن چاغدا: ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر دەپ شاھادەت ئېيتىمەن، مەن ئاللاھقا ئىتائەت بىلەن بۇيسۇنغۇچىلاردىندۇرمەن، دېدى
અરબી તફસીરો:
ءَآلۡـَٰٔنَ وَقَدۡ عَصَيۡتَ قَبۡلُ وَكُنتَ مِنَ ٱلۡمُفۡسِدِينَ
ئى پىرئەۋن! ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە ئەمدى ئىمان ئېيتامسەن؟، ئازاب چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئاللاھقا كاپىر بولۇش، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغان ئېدىڭ. ئۆزۈڭمۇ ئىزىپ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرۇپ بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئېدىڭ.
અરબી તફસીરો:
فَٱلۡيَوۡمَ نُنَجِّيكَ بِبَدَنِكَ لِتَكُونَ لِمَنۡ خَلۡفَكَ ءَايَةٗۚ وَإِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلنَّاسِ عَنۡ ءَايَٰتِنَا لَغَٰفِلُونَ
ئى پىرئەۋن! سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنى دېڭىزدىن زېمىن ئۈستىگە چىقىرىمىز، نۇرغۇن كىشىلەر شۈبھىسىزكى ھۆججەتلىرىمىز ۋە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردىن غەپلەتتىدۇر. ئۇلار بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَلَقَدۡ بَوَّأۡنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ مُبَوَّأَ صِدۡقٖ وَرَزَقۡنَٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ فَمَا ٱخۡتَلَفُواْ حَتَّىٰ جَآءَهُمُ ٱلۡعِلۡمُۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقۡضِي بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى مۇبارەك شام زېمىنىدا ئۇلار رازى بولىدىغان، ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى پاك نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلار تەۋراتتا ئوقۇغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى تەستىقلىغان ھالدا قۇرئان كەلگەنگە قەدەر دىن ئىشلىرىدا ئىختىلاپ قىلىشمىغان ئىدى. ئۇلار بۇنى ئىنكار قىلغاندىن كېيىن ۋەتەنلىرى تارتىۋېلىندى. ئى پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپلاشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلاردىن ھەر بىرىگە لايىق رەۋىشتە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَإِن كُنتَ فِي شَكّٖ مِّمَّآ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ فَسۡـَٔلِ ٱلَّذِينَ يَقۡرَءُونَ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلِكَۚ لَقَدۡ جَآءَكَ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُمۡتَرِينَ
ئى پەيغەمبەر! مۇبادا سەن بىز ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ ھەقلىكىدىن شەكلىنىش ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە بولساڭ، تەۋراتنى ئوقۇغان يەھۇدىلار ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلىرىدىن، ئىنجىلنى ئوقۇغان ناسارالار ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلىرىدىن سوراپ باققىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابنىڭ ھەق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۈپەتلەرنى ساڭا دەپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن شەكسىز ھەقىقەت كەلدى. سەن ھەرگىز شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن.
અરબી તફસીરો:
وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ فَتَكُونَ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ
سەن ھەرگىز ئاللاھنىڭ پاكىتلىرىنى ۋە ھۆججەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن. ئەگەر ئۇنداق قىلساڭ كۇپرىلىقى سەۋەبلىك ئۆز-ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلاپ زىيان تارتقان زىيانكارلاردىن بولۇپ قالىسەن. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىش ۋە شەكلىنىشنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقىلاردىن بىرەرسىنى سادىر قىلىشتىن پاكتۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلَّذِينَ حَقَّتۡ عَلَيۡهِمۡ كَلِمَتُ رَبِّكَ لَا يُؤۡمِنُونَ
شۈبھىسىزكى، كۇپرىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن كاپىر پېتى ئۆلىدىغانلىقىنى ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىسپاتلىغانلار مەڭگۈ ئىمان ئېيتمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَلَوۡ جَآءَتۡهُمۡ كُلُّ ءَايَةٍ حَتَّىٰ يَرَوُاْ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَلِيمَ
ئۇلار شەرئى ياكى كائىناتقا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن دەلىللەر كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ. ئۇلار ئىمان مەنپەئەت قىلمايدىغان ۋاقىتتا ئىمان ئېيتىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• وجوب الثبات على الدين، وعدم اتباع سبيل المجرمين.
گۇناھكارلارغا ئەگەشمەستىن دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋاجىپتۇر.

• لا تُقْبل توبة من حَشْرَجَت روحه، أو عاين العذاب.
سەكراتقا چۈشۈپ، ئازابقا دۇچار بولىشى مۇئەييەنلىشىپ قالغان كىشىنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

• أن اليهود والنصارى كانوا يعلمون صفات النبي صلى الله عليه وسلم، لكن الكبر والعناد هو ما منعهم من الإيمان.
شۈبھىسىزكى، يەھۇدى ۋە ناسارالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى بىلىدۇ. ئەمما سەركەشلىكى ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن چەكلەيدۇ.

فَلَوۡلَا كَانَتۡ قَرۡيَةٌ ءَامَنَتۡ فَنَفَعَهَآ إِيمَٰنُهَآ إِلَّا قَوۡمَ يُونُسَ لَمَّآ ءَامَنُواْ كَشَفۡنَا عَنۡهُمۡ عَذَابَ ٱلۡخِزۡيِ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَمَتَّعۡنَٰهُمۡ إِلَىٰ حِينٖ
بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئەۋەتكەن شەھەر ئاھالىسىدىن يۇنۇس قەۋمىدىن باشقا ئازاب مۇئەييەنلىشىشتىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتىپ، ئېيتقان ئىمانى مەنپەئەت قىلغان بىرەرسى يوقتۇر. يۇنۇس قەۋمى ئىمان ئېيتقان چاغدا بىز ئۇلاردىن دۇنيا ھاياتىدا خار قىلىدىغان ئازابنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۋەتتۇق، ئۇلارنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَلَوۡ شَآءَ رَبُّكَ لَأٓمَنَ مَن فِي ٱلۡأَرۡضِ كُلُّهُمۡ جَمِيعًاۚ أَفَأَنتَ تُكۡرِهُ ٱلنَّاسَ حَتَّىٰ يَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى خالىغان بولسا ئىدى، ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئەمما ئۇ مەلۇم ھېكمەت تۈپەيلى بۇنى خالىمىدى. ئۇ ئادالىتى بىلەن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلماي تاشلاپ قويىدۇ. خالىغان كىشىنى پەزلى بىلەن ھىدايەت قىلىدۇ. كىشىلەرنى ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلاش سېنىڭ قۇدرەت دائىرەڭدە ئەمەس. ئۇلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.
અરબી તફસીરો:
وَمَا كَانَ لِنَفۡسٍ أَن تُؤۡمِنَ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَيَجۡعَلُ ٱلرِّجۡسَ عَلَى ٱلَّذِينَ لَا يَعۡقِلُونَ
ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەنلا ئىمان ئېيتىدۇ. ئىمان ئېيتىش پەقەت ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەنلا بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ھەسرەت چەكمىگىن. ئاللاھنىڭ ھۆججەتلىرى، بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنى ئاللاھ ئازابقا ۋە خارلىققا دۇچار قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
قُلِ ٱنظُرُواْ مَاذَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَمَا تُغۡنِي ٱلۡأٓيَٰتُ وَٱلنُّذُرُ عَن قَوۡمٖ لَّا يُؤۡمِنُونَ
ئى پەيغەمبەر! سەندىن مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈشىڭنى سورىغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان مۆجىزىلەر ھەققىدە ئويلۇنۇپ بېقىڭلار. كۇپرىلىقىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىمان ئېيتىشقا تەييارلىقى يوق قەۋمگە مۆجىزە، ھۆججەت، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەننىڭ پايدىسى يوق.
અરબી તફસીરો:
فَهَلۡ يَنتَظِرُونَ إِلَّا مِثۡلَ أَيَّامِ ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلِهِمۡۚ قُلۡ فَٱنتَظِرُوٓاْ إِنِّي مَعَكُم مِّنَ ٱلۡمُنتَظِرِينَ
ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغانلار پەقەت ئاللاھ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى ھەقىقەتنى ئىنكار قىغانلارغا چۈشۈرگەنگە ئوخشاش ئازابنىڭ چۈشىشىنى كۈتىدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسىنى كۈتىمەن.
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ نُنَجِّي رُسُلَنَا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۚ كَذَٰلِكَ حَقًّا عَلَيۡنَا نُنجِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ئاندىن كېيىن ئۇلارغا ئازاب چۈشۈرۈپ، پەيغەمبەرلىرىمىزنى، ئۇلارغا ئىمان ئېيتقانلارنى قۇتقازدۇق. ئۇلارغا قەۋمىگە يەتكەن ئازاب يەتمەيدۇ. بىز ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتقانلارنى قۇتقۇزغىنىمىزدەك، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنى قۇتقۇزىشىمىزدا ھېچ شەك يوقتۇر.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِن كُنتُمۡ فِي شَكّٖ مِّن دِينِي فَلَآ أَعۡبُدُ ٱلَّذِينَ تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلَٰكِنۡ أَعۡبُدُ ٱللَّهَ ٱلَّذِي يَتَوَفَّىٰكُمۡۖ وَأُمِرۡتُ أَنۡ أَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مەن سىلەرنى چاقىرىۋاتقان دىنىم، تەۋھىد دىنىدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار سىلەرنىڭ دىنىڭلارنىڭ خاتالىقىغا مەنمۇ جەزم قىلىمەن، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا چوقۇنمايمەن. لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىم مېنى ئۆزىنىڭ دىنىدا ئىخلاسمەن مۆئمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرىدى.
અરબી તફસીરો:
وَأَنۡ أَقِمۡ وَجۡهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفٗا وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
پەرۋەردىگارىم مېنى باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، ھەق دىن ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشۇمغا بۇيرىدى. مۇشرىكلاردىن بولۇشۇمنى قەتئىي .چەكلىدى
અરબી તફસીરો:
وَلَا تَدۡعُ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكَ وَلَا يَضُرُّكَۖ فَإِن فَعَلۡتَ فَإِنَّكَ إِذٗا مِّنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلساڭ، چوقۇم ئاللاھنىڭ ھەققى ۋە ئۆزۈڭنىڭ ھەققىدە ھەددىدىن ئاشقان زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الإيمان هو السبب في رفعة صاحبه إلى الدرجات العلى والتمتع في الحياة الدنيا.
دۇنيادا ھۇزۇر-ھالاۋەتكە، ئاخىرەتتە يۈكسەك دەرىجىلەرگە ئېرىشىشىتىكى ئاساسلىق سەۋەب ساغلام ئىماندۇر.

• ليس في مقدور أحد حمل أحد على الإيمان؛ لأن هذا عائد لمشيئة الله وحده.
بىرەر ئادەمنى ئىمانغا كىرگۈزۈش ھېچقانداق ئادەمنىڭ قۇدرىتى دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى دائىرىسىدىكى ئىشتۇر.

• لا تنفع الآيات والنذر من أصر على الكفر وداوم عليه.
كۇپرىلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى داۋاملاشتۇرغان كىشىگە مۆجىزە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.

• وجوب الاستقامة على الدين الحق، والبعد كل البعد عن الشرك والأديان الباطلة.
ھەق دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش، ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش ۋە باتىل دىنلاردىن يىراق تۇرۇش ۋاجىپتۇر.

وَإِن يَمۡسَسۡكَ ٱللَّهُ بِضُرّٖ فَلَا كَاشِفَ لَهُۥٓ إِلَّا هُوَۖ وَإِن يُرِدۡكَ بِخَيۡرٖ فَلَا رَآدَّ لِفَضۡلِهِۦۚ يُصِيبُ بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۚ وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، سەن ئۇ زىيان زەخمەتنىڭ سەندىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى تەلەپ قىلساڭ ئاللاھتىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ قەتئى مىكرى قىلمايدۇ. بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَكُمُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكُمۡۖ فَمَنِ ٱهۡتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهۡتَدِي لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيۡهَاۖ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيۡكُم بِوَكِيلٖ
ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن قۇرئان نازىل بولدى، كىمكى ھىدايەت تېپىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇنىڭ پايدىسى ئۆزىگە بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ تائەت ئىبادىتىدىن بىھاجەتتۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغۇنلۇقنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھقا بەندىلىرىنىڭ گۇناھ مەئسىيىتى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى ساقلايدىغان ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا سىلەردىن ھېساب ئالىدىغان ھامىي ئەمەسمەن.
અરબી તફસીરો:
وَٱتَّبِعۡ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيۡكَ وَٱصۡبِرۡ حَتَّىٰ يَحۡكُمَ ٱللَّهُۚ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلۡحَٰكِمِينَ
ئى پەيغەمبەر! ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن، ساڭا قارشى چىققان كىشىنىڭ ئەزىيىتىگە سەبرى قىلىپ، سەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىنى يەتكۈزگىن. ئاللاھ دۇنيادا ئۇلارغا قارشى ساڭا ياردەم بېرىش، ئەگەر كاپىر پېتى ئۆلۈپ كەتسە ئاخىرەتتە ئۇلارنى جازالاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغۇچە بۇ بويىچە داۋاملاشتۇرغىن.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• إن الخير والشر والنفع والضر بيد الله دون ما سواه.
شۈبھىسىزكى، ياخشىلىق ۋە يامانلىق، پايدا ۋە زىيان ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.

• وجوب اتباع الكتاب والسُّنَّة والصبر على الأذى وانتظار الفرج من الله.
قۇرئان-سۈننەتكە ئەگىشىش يولىدا كەلگەن ئەزىيەتكە سەۋر قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كەڭچىلىك ئاتا قىلىشىنى كۈتۈش ۋاجىپتۇر.

• آيات القرآن محكمة لا يوجد فيها خلل ولا باطل، وقد فُصِّلت الأحكام فيها تفصيلًا تامَّا.
قۇرئان ئايەتلىرىدىكى ھۆكۈملەر ھېچقانداق يوچۇق تېپىلمايدىغان ھالەتتە مەناسى ئېنىقتۇر، ئۇنىڭدا ئەھكاملار تولۇۇق ۋە تەپسىلى بايان قىلىنغاندۇر.

• وجوب المسارعة إلى التوبة والندم على الذنوب لنيل المطلوب والنجاة من المرهوب.
جەننەتكە ئېرىشىپ، دەۋزەختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن گۇناھلارغا تەۋبە قىلىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىشقا ئالدىراش ۋاجىپتۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: યૂનુસ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો