કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અન્ નસ્ર   આયત:

سۈرە نەسر

સૂરતના હેતુઓ માંથી:
بشارة النبي صلى الله عليه وسلم بالنصر وختام الرسالة.
رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى

إِذَا جَآءَ نَصۡرُ ٱللَّهِ وَٱلۡفَتۡحُ
ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ دىنىڭغا ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىپ، دىنىڭنى كۈچەيتكەن ھەمدە مەككىنىڭ پەتھىسى ئەمەلىيلەشكەن چاغدا،
અરબી તફસીરો:
وَرَأَيۡتَ ٱلنَّاسَ يَدۡخُلُونَ فِي دِينِ ٱللَّهِ أَفۡوَاجٗا
كىشىلەرنىڭ توپ - توپ بولۇپ ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە،
અરબી તફસીરો:
فَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ وَٱسۡتَغۡفِرۡهُۚ إِنَّهُۥ كَانَ تَوَّابَۢا
بىلگىنكى، بۇ سېنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشىڭگە سەۋەب بولغان ۋەزىپەڭنىڭ ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر. (بۇ چاغدا) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ياردەم ۋە پەتھى نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ھەمدى ئېيتىش بىلەن بىرگە تەسبىھ ئېيتقىن، ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. شەكسىزكى ئۇ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇركى، بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• المفاصلة مع الكفار.
كاپىرلار بىلەن چەك - چېگرانى ئايرىش كېرەك.

• مقابلة النعم بالشكر.
نېئمەتلەرگە شۈكرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

• سورة المسد من دلائل النبوة؛ لأنها حكمت على أبي لهب بالموت كافرًا ومات بعد عشر سنين على ذلك.
مەسەد سۈرىسى پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى بۇ سۈرە ئەبۇلەھەبنىڭ كاپىر پېتى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، ئەبۇلەھەب ئەمەلىيەتتە ئون يىلدىن كېيىن كاپىر پېتى ئۆلۈپ كەتكەن.

• صِحَّة أنكحة الكفار.
كاپىرلارنىڭ نىكاھلىرىنىڭمۇ كۈچكە ئىگىدۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અન્ નસ્ર
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો