કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (110) સૂરહ: અન્ નહલ
ثُمَّ إِنَّ رَبَّكَ لِلَّذِينَ هَاجَرُواْ مِنۢ بَعۡدِ مَا فُتِنُواْ ثُمَّ جَٰهَدُواْ وَصَبَرُوٓاْ إِنَّ رَبَّكَ مِنۢ بَعۡدِهَا لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئاندىن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئاجىز مۇسۇلمانلاردىن مۇشرىكلارنىڭ قېيىن-قىستاقلىرىغا ۋە دىنى جەھەتتە ئېغىر سىناقلىرىغا دۇچ كىلىپ، قەلبى ئىمانغا تولغان ھالەتتە مەجبۇرى كۇپۇر كەلىمىسىنى سۆزلىگەندىن كېيىن مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان، ئاندىن ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ۋە كاپىرلارنىڭ سۆزىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان ۋە جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە سەۋىر قىلغانلارنى پەرۋەردىگارىڭ ئاشۇ سىناقلار بىلەن سىنىغاندىن كېيىن، ئۇلار كۇپىر سۆزىنى سۆزلىگۈدەك دەرىجىدە ئازابلانغاندىن كېيىن، مەجبۇرى ھالەتتە ئاللاھقا كاپىر بولىدىغان سۆزنى قىلغان تەقدىردە، ئاللاھ ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار كۇپىر سۆزىنى ئۆزى خالاپ ئەمەس بەلكى يامان كۆرگەن ھالەتتە مەجبۇرى سۆزلىگەن.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الترخيص للمُكرَه بالنطق بالكفر ظاهرًا مع اطمئنان القلب بالإيمان.
مەجبۇرلانغۇچىنىڭ قەلبى ئىمانغا تولغان ھالەتتە كۇپىر سۆزىنى .سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ

• المرتدون استوجبوا غضب الله وعذابه؛ لأنهم استحبوا الحياة الدنيا على الآخرة، وحرموا من هداية الله، وطبع الله على قلوبهم وسمعهم وأبصارهم، وجعلوا من الغافلين عما يراد بهم من العذاب الشديد يوم القيامة.
دىندىن يانغان مۇرتەد ئاللاھنىڭ غەزىبى ۋە ئازابىغا لايىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاخىرەتتىن دۇنيا ھاياتىنى ئەۋزەل بىلدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرى، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرىگە پېچەت ئۇرىۋەتتى، ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن غاپىل قالغۇچىلاردىن قىلدى.

• كَتَبَ الله المغفرة والرحمة للذين آمنوا، وهاجروا من بعد ما فتنوا، وصبروا على الجهاد.
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، دىنىنى قوغداشتىن ئاجىز كەلگەندىن كىيىن ھىجرەت قىلغان، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتا سەۋىر قىلغان كىشىلەرگە رەھمەت ۋە مەغپىرەتنى پۈتىۋەتتى.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (110) સૂરહ: અન્ નહલ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો