કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (118) સૂરહ: અન્ નહલ
وَعَلَى ٱلَّذِينَ هَادُواْ حَرَّمۡنَا مَا قَصَصۡنَا عَلَيۡكَ مِن قَبۡلُۖ وَمَا ظَلَمۡنَٰهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
بىز ئىلگىرى (ئەنئام سۈرىسىنىڭ 146-ئايەتتە) ساڭا بايان قىلغان نەرسىلەرنى پەقەت يەھۇدىلارغىلا ھارام قىلدۇق، بىز ئۇ نەرسىلەرنى ھارام قىلىش بىلەن ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئازابقا سەۋەب بولىدىغان جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلدى، ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشقانلىق سەۋەبىدىن جازالىدۇق. ئۇلارنى جازالاش يۈزىسىدىن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارغا ھارام قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الجزاء من جنس العمل؛ فإن أهل القرية لما بطروا النعمة بُدِّلوا بنقيضها، وهو مَحْقُها وسَلْبُها ووقعوا في شدة الجوع بعد الشبع، وفي الخوف والهلع بعد الأمن والاطمئنان، وفي قلة موارد العيش بعد الكفاية.
جازا قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ؛ مەككە ئەھلى نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشتىن باش تارتىپ نېئمەتنى ئۇنىڭ ئەكسىگە ئالماشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن نېئمەت ئۇلاردىن تارتىۋىلىنىشقا ھەقلىق بولدى. ئۇلار كەڭرىچىلىكتىن كېيىن قاتتىق ئاچارچىلىققا، تېنچ-خاتىرجەملىكتىن كېيىن قاتتىق قورقۇنچقا، كۇپايە قىلغۇدەك تۇرمۇشتىن كېيىن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى.

• وجوب الإيمان بالله وبالرسل، وعبادة الله وحده، وشكره على نعمه وآلائه الكثيرة، وأن العذاب الإلهي لاحقٌ بكل من كفر بالله وعصاه، وجحد نعمة الله عليه.
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرۈش، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنىڭ چەكسىز نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش قاتارلىقلار ۋاجىبتۇر. ئاللاھنىڭ ئازابى ئاللاھقا كاپىر بولغان، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغان، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تانغان ھەر بىر كىشىگە بولىدۇ.

• الله تعالى لم يحرم علينا إلا الخبائث تفضلًا منه، وصيانة عن كل مُسْتَقْذَر.
ئاللاھ تائالا بىزگە رەھمەت قىلىپ، نېجىس نەرسىلەردىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلدى.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (118) સૂરહ: અન્ નહલ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો