કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (12) સૂરહ: અન્ નહલ
وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ وَٱلنُّجُومُ مُسَخَّرَٰتُۢ بِأَمۡرِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
ئاللاھ كېچىنى سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ۋە راھەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، كۈندۈزنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى كەسىپ قېلىش ئۈچۈن ياراتتى. قۇياشنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە ئۇنىڭدا يورۇقلۇقنى قىلدى، ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇيرىقى بىلەن يۇلتۇزلارنىمۇ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ئۇنىڭ بىلەن يول تاپىسىلەر، ۋاقىتنى بىلىسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار. ھەقىقەتەن مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇرۇپ بېرىشتە ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان روشەن دەلىللەر بار، ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ نەرسىلەرنى يارىتىشتىكى ھېكمەتلەرنى بىلەلەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• من عظمة الله أنه يخلق ما لا يعلمه جميع البشر في كل حين يريد سبحانه.
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە كاتتىلىقىدىن، ھەر ۋاقىت بارلىق ئىنسانلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىشنى خالىسا شۇ ۋاقىتتا يارىتىدۇ

• خلق الله النجوم لزينة السماء، والهداية في ظلمات البر والبحر، ومعرفة الأوقات وحساب الأزمنة.
ئاللاھ تائالا يۇلتۇزلارنى ئاسماننى زىننەتلەش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلىقىدا يول تېپىش، ۋاقىت ۋە زامانلارنىڭ ھېسابىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ياراتتى.

• الثناء والشكر على الله الذي أنعم علينا بما يصلح حياتنا ويعيننا على أفضل معيشة.
بىزنىڭ ھاياتىمىزنى تۈزىتىدىغان، تۇرمۇشىمىزغا ياردىمى بولىدىغان نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.

• الله سبحانه أنعم علينا بتسخير البحر لتناول اللحوم (الأسماك)، واستخراج اللؤلؤ والمرجان، وللركوب، والتجارة، وغير ذلك من المصالح والمنافع.
ئاللاھ سۇبھانەھۇۋەتەئالا بىزلەرگە دېڭىزدىن يېڭى بېلىق گۆشلىرىنى يېيىش، ئۈنچە-مارجانلارنى چېقىرىش، كېمىلەرگە چېقىش، يۇرتىمىزنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ بېسىۋېلىشى ۋە دۈشمەنلىكىدىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (12) સૂરહ: અન્ નહલ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો