કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (33) સૂરહ: અન્ નહલ
هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن تَأۡتِيَهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَوۡ يَأۡتِيَ أَمۡرُ رَبِّكَۚ كَذَٰلِكَ فَعَلَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ وَمَا ظَلَمَهُمُ ٱللَّهُ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
ئاشۇ يالغانچى مۇشرىكلار پەقەت ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئىلىش ئۈچۈن يۈزلىرىگە ۋە كاسىلىرىغا ئۇرۇشنى كۈتەمدۇ ياكى دۇنيادا ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئۇلارنى تۈپ-يىلتىزىدىن يوق قېلىۋىتىدىغان ئازابنىڭ كېلىشىنى كۈتەمدۇ؟. ئىلگىرىكى مۇشرىكلارمۇ مەككە مۇشرىكلىرىغا ئوخشاش پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى، ئۇلارنى ھالاك قىلغاندا ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، بەلكى ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇش بىلەن ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلىپ ھالاكەت گىرداۋىغا كېلىشنى خالىدى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• فضيلة أهل العلم، وأنهم الناطقون بالحق في الدنيا ويوم يقوم الأشهاد، وأن لقولهم اعتبارًا عند الله وعند خلقه.
بۇ ئايەتتە ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ پەزىلىتى بايان قېلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇلار دۇنيادا ھەقنى سۆزلەيدۇ، قىيامەتتىمۇ ھەقنى سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىمۇ ئېتىبارى بولىدۇ.

• من أدب الملائكة مع الله أنهم أسندوا العلم إلى الله دون أن يقولوا: إنا نعلم ما كنتم تعملون، وإشعارًا بأنهم ما علموا ذلك إلا بتعليم من الله تعالى.
پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئەدەپلىرىدىن: ئۇلار بىز بىلىمىز سىلەر بىلمەيسىلەر دېمەستىن ئىلىمنى ئاللاھغا نىسبەت بېرىدۇ، ئۇلار بىلگەن نەرسىلىرىنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ تەلىم بېرىشى بىلەن بولغانلىقىنى ئېلان .قىلىدۇ

• من كرم الله وجوده أنه يعطي أهل الجنة كل ما تمنوه عليه، حتى إنه يُذَكِّرهم أشياء من النعيم لم تخطر على قلوبهم.
ئاللاھنىڭ ئېسىللىكى ۋە سېخىلىقىدىن جەننەت ئەھلىگە ئۇلار ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بېرىدۇ، ھەتتا نېمەتلەردىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نەرسىلەرنىمۇ ئېسىگە سالىدۇ.

• العمل هو السبب والأصل في دخول الجنة والنجاة من النار، وذلك يحصل برحمة الله ومنَّته على المؤمنين لا بحولهم وقوتهم.
ئەمەل بولسا جەننەتكە كېرىش ۋە دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسىمۇ، بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مۆئمىنلەرگە قىلغان نېئمىتى بىلەن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن بولمايدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (33) સૂરહ: અન્ નહલ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો