કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (41) સૂરહ: અન્ નહલ
وَٱلَّذِينَ هَاجَرُواْ فِي ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا ظُلِمُواْ لَنُبَوِّئَنَّهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٗۖ وَلَأَجۡرُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
كاپىرلار زۇلۇم قىلىپ ئازابلىغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يۇرتى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاپ كاپىرلارنىڭ يۇرتىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىپ چىققانلارنى ئەلۋەتتە دۇنيادا ئىززەت-ئىكرامغا مۇشەررەپ قىلىمىز. ئەلۋەتتە ئاخىرەتنىڭ ساۋابى كاتتىدۇر، چۈنكى ئۇ جەننەتتىن ئىبارەت بۈيۈك نېئمەتكە نائىل بولىدۇ. ئەگەر ھىجرەت قېلىشتىن كېچىكىپ قالغانلار ھىجرەت قىلغانلارغا بېرىلىدىغان ساۋابنىڭ كاتتىلىقىنى بىلگەن بولسا ئېدى ئەلۋەتتە ھىجرەت قىلىشتىن كىچىكىپ قالمايتتى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• العاقل من يعتبر ويتعظ بما حل بالضالين المكذبين كيف آل أمرهم إلى الدمار والخراب والعذاب والهلاك.
ئەقىللىق كىشى ئازغۇن، يالغانچىلارغا چۈشكەن ئازاب ۋە ئۇلارنىڭ گۇمران بولۇش، خانىۋەيران بولۇش، ئازابقا دۇچار بولۇش ۋە ھالاك بولۇش قاتارلىق ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ۋە ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ.

• الحكمة من البعث والمعاد إظهار الله الحقَّ فيما يختلف فيه الناس من أمر البعث وكل شيء.
ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلدۈرۈش ۋە قىيامەتنىڭ بولىشىدىكى ھېكمەت بولسا، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش ۋە باشقا ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلىرىدىكى ھەقنى ئاشكارا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

• فضيلة الصّبر والتّوكل: أما الصّبر: فلما فيه من قهر النّفس، وأما التّوكل: فلأن فيه الثقة بالله تعالى والتعلق به.
سەۋىر قىلىش ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ پەزىلىتى: سەۋىر قىلىشتا نەپسىنى بويسۇندۇرۇش بولسا، تەۋەككۇل قىلىشتا مەخلۇقتىن ئايرىلىپ ھەقكە يۈزلىنىش بولىدۇ.

• جزاء المهاجرين الذين تركوا ديارهم وأموالهم وصبروا على الأذى وتوكّلوا على ربّهم، هو الموطن الأفضل، والمنزلة الحسنة، والعيشة الرّضية، والرّزق الطّيّب الوفير، والنّصر على الأعداء، والسّيادة على البلاد والعباد.
ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىنى، مال-مۈلكىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلغان، ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلىپ، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلغانلارنىڭ مۇكاپىتى ئەۋزەل يۇرت، گۈزەل مەرتىۋە، رازى بولىدىغان تۇرمۇش، كەڭرى رىزىق، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، دەۋلەت ۋە خەلققە ھۆكۈمران بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (41) સૂરહ: અન્ નહલ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો