કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (69) સૂરહ: અન્ નહલ
ثُمَّ كُلِي مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ فَٱسۡلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلٗاۚ يَخۡرُجُ مِنۢ بُطُونِهَا شَرَابٞ مُّخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهُۥ فِيهِ شِفَآءٞ لِّلنَّاسِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ
ئاندىن ئىشتىھايىڭ تارتقان تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يېگىن، پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ئىلھام قىلغان ۋە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يولدىن ماڭغىن، ئاشۇ ھەرىنىڭ قورسىقىدىن ئاق، سېرىق رەڭدىكى تۈرلۈك ھەسەللار چېقىدۇ، بۇنىڭدا كىشىلەرگە شىپا بار، ئۇنىڭ بىلەن كېسەللىرىنى داۋالايدۇ. ھەقىقەتەن ئاشۇ ھەرىگە ئىلھام قىلىش ۋە ئۇنىڭ قورسىقىدىن چىققان ھەسەللەردە پىكىر قىلىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتىكى .قۇدىرتىگە .دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر بار
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• جعل تعالى لعباده من ثمرات النخيل والأعناب منافع للعباد، ومصالح من أنواع الرزق الحسن الذي يأكله العباد طريًّا ونضيجًا وحاضرًا ومُدَّخَرًا وطعامًا وشرابًا.
ئاللاھ تائالا خورما ۋە ئۈزۈمدىن ئىبارەت مېۋىلەرنى بەندىلىرى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلدى، ئۇلارغا يېڭى، پىششىق، ھازىر ۋە ساقلاپ يەيدىغان يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئېسىللىرىدىن تۈرلۈك رىزىقلارنى ئاتا قىلدى.

• في خلق النحلة الصغيرة وما يخرج من بطونها من عسل لذيذ مختلف الألوان بحسب اختلاف أرضها ومراعيها، دليل على كمال عناية الله تعالى، وتمام لطفه بعباده، وأنه الذي لا ينبغي أن يوحَّد غيره ويُدْعى سواه.
ئاللاھ تائالا، جىسمى كىچىك ھەسەل ھەرىسىنى يارىتىپ، زېمىننىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېتىزلىقلىرىدا ئۇنىڭ ھەرتۈرلۈك گۈل چاڭلىرىنى شۈمۇرۇپ رەڭگارەڭ لەززەتلىك ھەسەلنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان تولۇق كۆيۈمچانلىقى ۋە كامالى ئىنايىتىنىڭ دەلىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەتتە باشقا نەرىسىلەرنى شېرىك قىلىشى توغرا .بولمايدۇ

• من منن الله العظيمة على عباده أن جعل لهم أزواجًا ليسكنوا إليها، وجعل لهم من أزواجهم أولادًا تقرُّ بهم أعينهم، ويخدمونهم ويقضون حوائجهم، وينتفعون بهم من وجوه كثيرة.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان كاتتا نېئمەتلىرىدىن: ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىرگە ياشىشى ئۈچۈن ئايال جىنسىنى ياراتتى. ئۇلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئاياللىرىدىن پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلدى. ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىدۇ، ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ، تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇلاردىن مەنپەئەتلىنىدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (69) સૂરહ: અન્ નહલ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો