કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (76) સૂરહ: અન્ નહલ
وَضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا رَّجُلَيۡنِ أَحَدُهُمَآ أَبۡكَمُ لَا يَقۡدِرُ عَلَىٰ شَيۡءٖ وَهُوَ كَلٌّ عَلَىٰ مَوۡلَىٰهُ أَيۡنَمَا يُوَجِّههُّ لَا يَأۡتِ بِخَيۡرٍ هَلۡ يَسۡتَوِي هُوَ وَمَن يَأۡمُرُ بِٱلۡعَدۡلِ وَهُوَ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ بۇ ئىككى كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشاش يەنە بىر مىسال بايان قىلىپ بەردى: ئىككى كىشى بىرى ئاڭلىمايدىغان، سۆزلىيەلمەيدىغان ۋە بىر نەرسە چۈشەنمەيدىغان گاچا، ئۇنىڭ پاڭلىقى گاچىلىقى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى ئۆزىگە ئىگە بولغان كىشىگە ئېغىرچىلىق بولىدۇ، قايسى تەرەپكە ئەۋەتسە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ، تەلەپ قىلغان نەرسىگە ئېرىشىش بىلەن ئۇتۇق قازىنالمايدۇ، مۇشۇنداق ھالەتتىكى كىشى بىلەن ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئەزاسى ساغلام، تۈرلۈك مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزەلەيدىغان، كىشىلەرنى ئادالەتنى بەرپا قېلىشقا بۇيرۇيدىغان، ھېچ قانداق قىڭغىرلىقى بولمىغان روشەن توغرا يولدا بولغان بىر كىشى باراۋەر بولامدۇ؟. ئى مۇشرىكلار سىلەر قانداقمۇ ھەممىدىن ئۇلۇغ ۋە مۇكەممەل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاللاھ بىلەن، ئاڭلىمايدىغان ۋە سۆزلىيەلمەيدىغان، ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىياننى يوق قېلىۋېتەلمەيدىغان بۇتلارنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىسىلەر؟.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• لله تعالى الحكمة البالغة في قسمة الأرزاق بين العباد، إذ جعل منهم الغني والفقير والمتوسط؛ ليتكامل الكون، ويتعايش الناس، ويخدم بعضهم بعضًا.
ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا رىزىقنى تەقسىم قىلىشتا چوڭقۇر ھېكمەت بار، چۈنكى ئاللاھ كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە خىزمەت قىلىشى، بىرگە ياشىشى ۋە كائىناتنى مۇكەممەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن باينى، كەمبەغەلنى ۋە ئوتتۇرىھال تۇرمۇشتىكى كىشىلەرنى .قىلدى

• دَلَّ المثلان في الآيات على ضلالة المشركين وبطلان عبادة الأصنام؛ لأن شأن الإله المعبود أن يكون مالكًا قادرًا على التصرف في الأشياء، وعلى نفع غيره ممن يعبدونه، وعلى الأمر بالخير والعدل.
ئايەتتىكى ئىككى مىسال مۇشرىكلارنىڭ ئازغۇنلىقى ۋە بۇتقا ئىبادەت قىلىشىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ھەقىقى ئىبادەت قېلىنىدىغان ئىلاھ كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە ئۇنى تەسەررۇپ قىلىشقا قادىردۇر. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىگە ئىبادەت قېلىۋاتقان كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى ياخشىلىق ۋە ئادىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

• من نعمه تعالى ومن مظاهر قدرته خلق الناس من بطون أمهاتهم لا علم لهم بشيء، ثم تزويدهم بوسائل المعرفة والعلم، وهي السمع والأبصار والأفئدة، فبها يعلمون ويدركون.
ئاللاھنىڭ نېئمىتى ۋە قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسىدىن: ئىنسانلارنى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن پەيدا قېلىشى، ئاندىن ئۇلارنى ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە قەلبتىن ئىبارەت ئىلىم-مەرىپەت ۋاستىلىرى بىلەن تەمىنلىشىدۇر، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر نەرسىنى بىلىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (76) સૂરહ: અન્ નહલ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો