કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (282) સૂરહ: અલ્ બકરહ
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا تَدَايَنتُم بِدَيۡنٍ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى فَٱكۡتُبُوهُۚ وَلۡيَكۡتُب بَّيۡنَكُمۡ كَاتِبُۢ بِٱلۡعَدۡلِۚ وَلَا يَأۡبَ كَاتِبٌ أَن يَكۡتُبَ كَمَا عَلَّمَهُ ٱللَّهُۚ فَلۡيَكۡتُبۡ وَلۡيُمۡلِلِ ٱلَّذِي عَلَيۡهِ ٱلۡحَقُّ وَلۡيَتَّقِ ٱللَّهَ رَبَّهُۥ وَلَا يَبۡخَسۡ مِنۡهُ شَيۡـٔٗاۚ فَإِن كَانَ ٱلَّذِي عَلَيۡهِ ٱلۡحَقُّ سَفِيهًا أَوۡ ضَعِيفًا أَوۡ لَا يَسۡتَطِيعُ أَن يُمِلَّ هُوَ فَلۡيُمۡلِلۡ وَلِيُّهُۥ بِٱلۡعَدۡلِۚ وَٱسۡتَشۡهِدُواْ شَهِيدَيۡنِ مِن رِّجَالِكُمۡۖ فَإِن لَّمۡ يَكُونَا رَجُلَيۡنِ فَرَجُلٞ وَٱمۡرَأَتَانِ مِمَّن تَرۡضَوۡنَ مِنَ ٱلشُّهَدَآءِ أَن تَضِلَّ إِحۡدَىٰهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحۡدَىٰهُمَا ٱلۡأُخۡرَىٰۚ وَلَا يَأۡبَ ٱلشُّهَدَآءُ إِذَا مَا دُعُواْۚ وَلَا تَسۡـَٔمُوٓاْ أَن تَكۡتُبُوهُ صَغِيرًا أَوۡ كَبِيرًا إِلَىٰٓ أَجَلِهِۦۚ ذَٰلِكُمۡ أَقۡسَطُ عِندَ ٱللَّهِ وَأَقۡوَمُ لِلشَّهَٰدَةِ وَأَدۡنَىٰٓ أَلَّا تَرۡتَابُوٓاْ إِلَّآ أَن تَكُونَ تِجَٰرَةً حَاضِرَةٗ تُدِيرُونَهَا بَيۡنَكُمۡ فَلَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَلَّا تَكۡتُبُوهَاۗ وَأَشۡهِدُوٓاْ إِذَا تَبَايَعۡتُمۡۚ وَلَا يُضَآرَّ كَاتِبٞ وَلَا شَهِيدٞۚ وَإِن تَفۡعَلُواْ فَإِنَّهُۥ فُسُوقُۢ بِكُمۡۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ وَيُعَلِّمُكُمُ ٱللَّهُۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆئمىنلەر! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى ھۆججەت قىلىپ يېزىپ قويۇڭلار، ئاراڭلاردىكى خەت بىلىدىغان كىشى ئۇنى كەم-زىيادە قىلماي، شەرىئەتكە مۇۋاپىق ھالدا ئادىللىق بىلەن يازسۇن، خەت بىلىدىغان كىشى ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەندەك توغرىلىق بىلەن يېزىشىنى رەت قىلمىسۇن، زىممىسىدە باشقىلارنىڭ ھەققى بولغان ئادەم يازىدىغان كىشىگە ئېيتىپ بەرسۇن، بۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن زىممىسىدىكى قەرزنى ئېتىراپ قىلىش بولىدۇ، قەرزدار پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقسۇن، قەرز ئالغان نەرسىدىن مىقداردا، تۈرىدە ۋە قانداق ئادا قىلىشتا ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمىسۇن، ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئادەم ئەخمەق گالۋاڭ، ئەقىلسىز، ئىسراپخور ياكى ئاجىز كىچىك بالا ياكى بەك ياشانغان، ياكى گەپ قىلالماسلىقى، گاچىلىقى، كېكەچلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمىسە، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن، سىلەر ئەقىللىق ۋە ئادىل ئىككى ئەركىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر ئادالىتىگە، دىيانىتىگە رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ. گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىققا چاقىرىلغان ۋاقتىدا گۇۋاھ بولۇشتىن باش تارتمىسۇن. قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قەرزنى يېزىپ قويۇش بۇ ئەڭ ئادىللىق ۋە ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر گۇۋاھلىقنىڭ ئۇنتۇلماسلىقىنى ئەڭ ئىسپاتلىغۇچىدۇر، قەرزنىڭ تۈرى، مىقدارى ۋە مۇددىتى توغرىسىدا گۇمانلانماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر، لېكىن ئاراڭلاردا قولمۇ قول قىلىشقان سودىدا ھۆججەت يازمىساڭلارمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۆزئارا سودا قىلىشقان ۋاقتىڭلاردا تالاش-تارتىشنىڭ سەۋەپلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن گۇۋاھچى تەكلىپ قىلىڭلار، پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن، پۈتۈكچىلىك ۋە گۇۋاھچىلىققا تەلەپ قىلىنغان كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزۈش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر زىيان يەتكۈزسەڭلار ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىقىپ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىسىلەر. ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ۋە چەكلىگىنىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۈگىتىدۇ يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھېچ نەرسە ئۇنىڭ بىلىشىدىن مەخپى قالمايدۇ
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• وجوب تسمية الأجل في جميع المداينات وأنواع الإجارات.
ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەرز ۋە باشقا مالىيە .مۇئامىلىلىرىنى ھۆججەتلىشىش يولغا قويۇلغان

يېشىنىڭ كىچىكلىكى، نادانلىقى ياكى ئەقلى ئاجىزلىقى سەۋەپلەر تۈپەيلى، مالىيە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالمايدىغانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە .بولۇش كېرەك

ھەق-ھوقۇق ۋە قەرز ئىشلىرىدا گۇۋاھچىلارنىڭ ئىقرار قىلىشىنىڭ يولغا قويۇلىشى

مۇئامىلىنى ئادىللىق بىلەن يېزىشنىڭ جۈملىسىدىن: پۈتۈكچى ھۆججەتنى چىرايلىق ۋە ھەرقانداق مۇئامىلىدە ئۆز يولىدا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان لەپزىلەرنى قوللىنىشى كېرەك

ھەق-ھوقۇقنى يېزىش ۋە ھۆججەت قىلىش سەۋەبىدىن مەيلى ھەق ئىگىلىرىگە بولسۇن ياكى پۈتۈكچى ۋە گۇۋاھچىلارغا بولسۇن ھېچبىر كىشىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك كېرەك

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (282) સૂરહ: અલ્ બકરહ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો