કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ હજ્   આયત:

سۈرە ھەج

સૂરતના હેતુઓ માંથી:
تعظيم الله سبحانه وتعالى وشعائره والتسليم لأمره.
ئاللاھ تائالانى كاتتىلاش، دىنى شۇئارلارنى ئۇلۇغلاش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُواْ رَبَّكُمۡۚ إِنَّ زَلۡزَلَةَ ٱلسَّاعَةِ شَيۡءٌ عَظِيمٞ
ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. قىيامەت بىلەن تەڭ مەيدانغا كېلىدىغان يەر تەۋرەش ۋە باشقا ئالامەتلەر ئىنتايىن بۈيۈك بىر ئىشتۇركى، ئۇ كۈن ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەر بىلەن تەييارلىق قىلىش زۆرۈردۇر.
અરબી તફસીરો:
يَوۡمَ تَرَوۡنَهَا تَذۡهَلُ كُلُّ مُرۡضِعَةٍ عَمَّآ أَرۡضَعَتۡ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمۡلٍ حَمۡلَهَا وَتَرَى ٱلنَّاسَ سُكَٰرَىٰ وَمَا هُم بِسُكَٰرَىٰ وَلَٰكِنَّ عَذَابَ ٱللَّهِ شَدِيدٞ
ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتكۈچى قاتتىق قورقۇنچتىن ئېمىتىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر قانداق ھامىلدارنىڭ ھامىلىسى چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ دەھشىتىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئىنسانلارنى خۇددى مەسكە ئوخشاش ھوشىنى يوقاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ئۇلار ھاراق ئېچكەنلىكتىن مەس بولغىنى يوق، لېكىن ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئەقلى - ھوشىنى يوقىتىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَٰدِلُ فِي ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَيَتَّبِعُ كُلَّ شَيۡطَٰنٖ مَّرِيدٖ
ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشتىكى قۇدرىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئىلمىي دەلىلگە تايانماستىن دەتالاش قىلىشىدۇ، بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ خاتا ئېتىقادى ۋە پەرۋەردىگارىغا ئاسىي بولغان سەركەش شەيتان ۋە ئازغۇن پېشىۋالارنىڭ سۆزلىرىگە ئەگىشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
كُتِبَ عَلَيۡهِ أَنَّهُۥ مَن تَوَلَّاهُ فَأَنَّهُۥ يُضِلُّهُۥ وَيَهۡدِيهِ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ
ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىدىن ئاشۇ بويۇنتاۋغا شۇنداق پۈتۈۋېتىلدىكى، كىمكى ئۇنىڭ كەينىگە كىرىپ، دېگەنلىرىگە ئىشىنىدىكەن، شەيتان ئۇنى توغرا يولدىن چوقۇم ئازدۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنى كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە يېتىلەش ئارقىلىق دوزاخ ئازابىغا ئېلىپ بارىدۇ.
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِن كُنتُمۡ فِي رَيۡبٖ مِّنَ ٱلۡبَعۡثِ فَإِنَّا خَلَقۡنَٰكُم مِّن تُرَابٖ ثُمَّ مِن نُّطۡفَةٖ ثُمَّ مِنۡ عَلَقَةٖ ثُمَّ مِن مُّضۡغَةٖ مُّخَلَّقَةٖ وَغَيۡرِ مُخَلَّقَةٖ لِّنُبَيِّنَ لَكُمۡۚ وَنُقِرُّ فِي ٱلۡأَرۡحَامِ مَا نَشَآءُ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى ثُمَّ نُخۡرِجُكُمۡ طِفۡلٗا ثُمَّ لِتَبۡلُغُوٓاْ أَشُدَّكُمۡۖ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ وَمِنكُم مَّن يُرَدُّ إِلَىٰٓ أَرۡذَلِ ٱلۡعُمُرِ لِكَيۡلَا يَعۡلَمَ مِنۢ بَعۡدِ عِلۡمٖ شَيۡـٔٗاۚ وَتَرَى ٱلۡأَرۡضَ هَامِدَةٗ فَإِذَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡهَا ٱلۡمَآءَ ٱهۡتَزَّتۡ وَرَبَتۡ وَأَنۢبَتَتۡ مِن كُلِّ زَوۡجِۭ بَهِيجٖ
ئەي ئىنسانلار! ئەگەر بىزنىڭ سىلەرنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمىزدا گۇماندا بولساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار. ھەقىقەتەن بىز ئاتاڭلار ئادەمنى توپىدىن ياراتتۇق، ئاندىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئەرنىڭ ئايالنىڭ رەھمىگە تۆككەن ئابىمەنىيدىن ياراتتۇق، ئاندىن ئابىمەنىي ئۇيۇل قانغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن ئۇيۇل قان چاينالغان گۆشكە ئوخشاش بىر پارچە گۆشكە ئايلىنىدۇ، ئاندىن بۇ بىر پارچە گۆش يا تىرىك بوۋاق بولۇپ، تاكى دۇنياغا كۆز ئاچقانغا قەدەر ئانىنىڭ رەھمىدە تولۇق ئىنسان شەكلىگە كىرىپ تۇرىدۇ، ياكى يارىتىلىشى مۇكەممەل بولماستىن بويدىن ئاجراپ كېتىدۇ. (بۇ ئايەتلەر) بىزنىڭ سىلەرنى باسقۇچقا بۆلۈپ يارىتىشتىكى قۇدرىتىمىزنى بايان قىلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈندۇر. بىز ئۆزىمىز خالىغان تۆرەلمىنى بالىياتقۇدا بەلگىلەنگەن توققۇز ئاي مۇددەت توشۇپ تۇغۇلغانغا قەدەر تۇرغۇزىمىز، ئاندىن بوۋاق ھالەتتە ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىن چىقىرىمىز، ئاندىن كۈچ - قۇۋۋەت ۋە ئەقىل - پاراسەتكە تولىسىلەر. سىلەردىن كامالەتكە يەتمەي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ، كۈچ - قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، ئەقلى زەيىپلىشىپ تاكى قېرىلىق يېشىغا يەتكەنگە قەدەر ياشايدىغانلارمۇ بار. نەتىجىدە ئۇ بۇرۇن بىلگەنلىرىدىن ھېچنەرسە بىلمەيدىغان، بالىلىقىدىنمۇ ناچار ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. (ئۇ چاغدا) زېمىننى ھېچقانداق گىياھ بولمىغان، قاقاس ھالەتتە كۆرىسەن. بىز ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرغىنىمىزدا يېرىلىپ، ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى بىلەن كۆپۈشىدۇ ۋە گۈزەل مەنزىرىلىك تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• وجوب الاستعداد ليوم القيامة بزاد التقوى.
قىيامەت كۈنى ئۈچۈن تەقۋالىق ئۇزۇقى تەييارلاش ۋاجىبتۇر.

• شدة أهوال القيامة حيث تنسى المرضعة طفلها وتسقط الحامل حملها وتذهب عقول الناس.
قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىنىڭ قاتتىقلىقىدىن بالا ئېمىتكۈچى بالىسىنى ئۇنتۇيدۇ، ھامىلدارنىڭ ھامىلىسى چۈشۈپ كېتىدۇ، ئىنسانلار ھوشىنى يوقىتىدۇ.

• التدرج في الخلق سُنَّة إلهية.
يارىتىشتىكى تەدرىجىيلىك ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

• دلالة الخلق الأول على إمكان البعث.
دەسلەپكى يارىتىش ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

• ظاهرة المطر وما يتبعها من إنبات الأرض دليل ملموس على بعث الأموات.
يامغۇر يېغىش ھادىسىسى ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى ئۆلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلىدىغانلىقىنىڭ ھېسسىي دەلىلىدۇر.

ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡحَقُّ وَأَنَّهُۥ يُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَأَنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
سىلەرنىڭ دەسلەپتە يارىتىلىشىڭلار، يارىتىلىش باسقۇچلىرى ھەمدە ئاراڭلاردىن تۇغۇلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئىبارەت بىز سىلەرگە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىشلار سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن پەرقلىق ھالدا سىلەرنى ياراتقان ئاللاھنىڭ شەكسىز ھەق زات ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ھەمدە ئۇنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر بولۇپ، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
અરબી તફસીરો:
وَأَنَّ ٱلسَّاعَةَ ءَاتِيَةٞ لَّا رَيۡبَ فِيهَا وَأَنَّ ٱللَّهَ يَبۡعَثُ مَن فِي ٱلۡقُبُورِ
سىلەرنىڭ قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن تىرگۈزۈپ چىقىرىپ، ئۇلارغا ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
અરબી તફસીરો:
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَٰدِلُ فِي ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَلَا هُدٗى وَلَا كِتَٰبٖ مُّنِيرٖ
كاپىرلاردىن بەزى كىشىلەر ئاللاھنىڭ بىرلىكى توغرىسىدا ئۇلارنى ھەقىقەتكە يەتكۈزىدىغان ئىلىمسىز، توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان يېتەكچىسىز، ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن ئۇلارنى ھىدايەتكە باشلايدىغان نۇرلۇق كىتابسىز مۇنازىرىلىشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
ثَانِيَ عِطۡفِهِۦ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۖ لَهُۥ فِي ٱلدُّنۡيَا خِزۡيٞۖ وَنُذِيقُهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ عَذَابَ ٱلۡحَرِيقِ
بۇنداق ئادەم كىشىلەرنى ئىماندىن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسۇش ئۈچۈن تەكەببۇرلۇق بىلەن گىدىيىپ يۈرىدۇ، بۇنداق سۈپەتتىكى كىشى دۇنيادا ئۇچرىغان ئازاب بىلەن خار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا دوزاخنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئازابىنى تېتىتىمىز.
અરબી તફસીરો:
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتۡ يَدَاكَ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَيۡسَ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ
ئۇنىڭغا دېيىلىدۇكى: سەن تېتىغان بۇ ئازاب ئۆزۈڭ قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر تۈپەيلىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچكىمنى گۇناھسىز ئازابلىمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَعۡبُدُ ٱللَّهَ عَلَىٰ حَرۡفٖۖ فَإِنۡ أَصَابَهُۥ خَيۡرٌ ٱطۡمَأَنَّ بِهِۦۖ وَإِنۡ أَصَابَتۡهُ فِتۡنَةٌ ٱنقَلَبَ عَلَىٰ وَجۡهِهِۦ خَسِرَ ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةَۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡخُسۡرَانُ ٱلۡمُبِينُ
بىر قىسىم كىشىلەر ئاللاھقا شەك بىلەن، تۇراقسىز ھالەتتە ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ساقلىق ۋە بايلىق دېگەندەك ياخشىلىق يەتسە ئىمانى ۋە ئاللاھقا بولغان ئىبادىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا كېسەللىك ۋە پېقىرلىق دېگەندەك بىرەر مۇسىبەت يەتسە، ئۇنى دىنىدىن كۆرۈپ، دىندىن يېنىۋېلىپ دۇنياسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئۇنىڭ كۇپرىسى دۇنيادىن ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈلمىگەن ھېچنەرسىنى زىيادە قىلالمايدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇش ئارقىلىق ئاخىرىتىنىمۇ زىيان تارتىدۇ، مانا بۇ ئوپئوچۇق زىياندۇر.
અરબી તફસીરો:
يَدۡعُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُۥ وَمَا لَا يَنفَعُهُۥۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلضَّلَٰلُ ٱلۡبَعِيدُ
ئۇ ئاللاھنى قويۇپ ئاسىيلىق قىلسا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ئىتائەت قىلسا پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدۇ، ھېچقانداق زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ كەلتۈرەلمەيدىغان بۇتلارغا شۇنداق دۇئا قىلىش ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇقتۇر.
અરબી તફસીરો:
يَدۡعُواْ لَمَن ضَرُّهُۥٓ أَقۡرَبُ مِن نَّفۡعِهِۦۚ لَبِئۡسَ ٱلۡمَوۡلَىٰ وَلَبِئۡسَ ٱلۡعَشِيرُ
بۇتلارغا چوقۇنىدىغان بۇ كاپىر ئېنىق زىيىنى يوق پايدىسىدىن يېقىنراق بولغان بۇتقا سىغىنىدۇ. پايدىسىدىن زىيىنى يېقىن بولغان بۇ مەبۇدلار راستىنلا يامان مەدەتكار ۋە يامان ھەمراھتۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱللَّهَ يُدۡخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَفۡعَلُ مَا يُرِيدُ
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى سارايلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ خالىغان كىشىگە رەھمەت قىلىپ، خالىغان كىشىنى ئازابلايدۇ، ئۇنى مەجبۇرلىغۇچى يوق.
અરબી તફસીરો:
مَن كَانَ يَظُنُّ أَن لَّن يَنصُرَهُ ٱللَّهُ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ فَلۡيَمۡدُدۡ بِسَبَبٍ إِلَى ٱلسَّمَآءِ ثُمَّ لۡيَقۡطَعۡ فَلۡيَنظُرۡ هَلۡ يُذۡهِبَنَّ كَيۡدُهُۥ مَا يَغِيظُ
كىمكى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياردەم بەرمەيدۇ، دەپ ئويلايدىكەن، ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە ئارغامچىنى ئېسىپ، بوينىغا سىرتماق سېلىپ پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي تۇرۇپ باقسۇن، ئاندىن قارىسۇنكى، بۇ قىلغىنى ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەتكۈزەلەمدىكەن؟ چۈنكى بويۇنتاۋلار خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن، ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىگە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• أسباب الهداية إما علم يوصل به إلى الحق، أو هادٍ يدلهم إليه، أو كتاب يوثق به يهديهم إليه.
ھىدايەت تېپىشنىڭ ۋاسىتىلىرى ياكى ھەقكە ئېلىپ بارىدىغان ئىلىم، ياكى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان يېتەكچى، ياكى يولباشچى بولىدىغان ئىشەنچلىك كىتابتۇر.

• الكبر خُلُق يمنع من التوفيق للحق.
تەكەببۇرلۇق ھەقكە مۇۋەپپەق قىلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان يامان ئادەتتۇر.

• من عدل الله أنه لا يعاقب إلا على ذنب.
ئاللاھنىڭ گۇناھسىز جازالىمايدىغانلىقى ئۇنىڭ ئادالىتىدىندۇر.

• الله ناصرٌ نبيَّه ودينه ولو كره الكافرون.
گەرچە كاپىرلار ياقتۇرمىسىمۇ ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ۋە دىنىغا ياردەم بېرىدۇ.

وَكَذَٰلِكَ أَنزَلۡنَٰهُ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖ وَأَنَّ ٱللَّهَ يَهۡدِي مَن يُرِيدُ
سىلەرگە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ھەققىدىكى روشەن دەلىللەرنى بايان قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئايەتلىرى روشەن بولغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن خالىغان كىشىنى ھىدايەت ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱلَّذِينَ هَادُواْ وَٱلصَّٰبِـِٔينَ وَٱلنَّصَٰرَىٰ وَٱلۡمَجُوسَ وَٱلَّذِينَ أَشۡرَكُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ يَفۡصِلُ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ
ھەقىقەتەن بۇ ئۈممەتتىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر، يەھۇدىيلار، سابىئىلەر (بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى)، ناسارالار، ئاتەشپەرەسلەر ۋە بۇتلارغا چوقۇنغۇچى مۇشرىكلارغا كەلسەك، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ، مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، باشقىلارنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يَسۡجُدُۤ لَهُۥۤ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ وَٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُ وَٱلنُّجُومُ وَٱلۡجِبَالُ وَٱلشَّجَرُ وَٱلدَّوَآبُّ وَكَثِيرٞ مِّنَ ٱلنَّاسِۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيۡهِ ٱلۡعَذَابُۗ وَمَن يُهِنِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن مُّكۡرِمٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَفۡعَلُ مَا يَشَآءُ۩
ئەي پەيغەمبەر! بىلمەمسەنكى، ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر، زېمىندىكى ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ مۇئمىنلىرى ئاللاھقا ئىتائەت سەجدىسى قىلىدۇ، قۇياشمۇ، ئايمۇ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ، زېمىندىكى تاغلارمۇ، دەل - دەرەخلەرمۇ، چارىپايلارمۇ ئاللاھقا بويسۇنۇپ سەجدە قىلىدۇ، ئىنسانلاردىن نۇرغۇنىمۇ ئاللاھقا بويسۇنۇپ سەجدە قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىرى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، سەجدە قىلغىلى ئۇنىمايدۇ. ئۇلار كاپىر بولغانلىقتىن ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلارغا تېگىشلىك بولدى. ئاللاھ كىمنى كۇپۇرلۇقى سەۋەبلىك خار ۋە ئېتىبارسىز قىلسا، ئۇنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلالايدىغان بىرى بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ، ئاللاھنى مەجبۇرلىغۇچى يوقتۇر.
અરબી તફસીરો:
۞ هَٰذَانِ خَصۡمَانِ ٱخۡتَصَمُواْ فِي رَبِّهِمۡۖ فَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ قُطِّعَتۡ لَهُمۡ ثِيَابٞ مِّن نَّارٖ يُصَبُّ مِن فَوۡقِ رُءُوسِهِمُ ٱلۡحَمِيمُ
پەرۋەردىگارى توغرىسىدا دەتالاش قىلغۇچى بۇ ئىككى پىرقىدىن قايسىسى توغرا يولدا، يەنى مۇئمىنلەر پىرقىسىمۇ ياكى كاپىرلار پىرقىسىمۇ؟ كاپىرلار پىرقىسىنى خۇددى كىيىم بەدەننى ئوراپ تۇرغانغا ئوخشاش، دوزاخ ئوتى ھەممە تەرەپتىن قورشىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قۇيۇلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
يُصۡهَرُ بِهِۦ مَا فِي بُطُونِهِمۡ وَٱلۡجُلُودُ
ھارارىتىنىڭ قىززىقلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىچ باغرى ئېرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ھارارىتى ئۇلارنىڭ تېرىلىرىگە قەدەر يېتىپ بېرىپ، تېرىلەرنىمۇ ئېرىتىۋېتىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَلَهُم مَّقَٰمِعُ مِنۡ حَدِيدٖ
ئۇلارغا دوزاختا تۆمۈر توقماقلار بولۇپ، پەرىشتىلەر توقماقلار بىلەن ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئۇرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
كُلَّمَآ أَرَادُوٓاْ أَن يَخۡرُجُواْ مِنۡهَا مِنۡ غَمٍّ أُعِيدُواْ فِيهَا وَذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡحَرِيقِ
ھەر قاچان ئۇلار دۇچار بولغان خاپىلىقنىڭ ئېغىرلىقىدىن دوزاختىن چىقىپ كەتمەكچى بولغىنىدا يەنە دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا: دوزاخنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئازابىنى تېتىڭلار، دېيىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱللَّهَ يُدۡخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ يُحَلَّوۡنَ فِيهَا مِنۡ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٖ وَلُؤۡلُؤٗاۖ وَلِبَاسُهُمۡ فِيهَا حَرِيرٞ
ئىمان ئېيتقانلارغا كەلسەك، ئۇلار ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ سارايلىرى ۋە باغلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئالتۇن بىلەيزۈكلەر ۋە مەرۋايىتلار بىلەن زىننەتلەيدۇ، ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى كىيىملىرى يىپەكتىن بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الهداية بيد الله يمنحها من يشاء من عباده.
ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە بېرىدۇ.

• رقابة الله على كل شيء من أعمال عباده وأحوالهم.
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ بارلىق ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ۋە ھەممە ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.

• خضوع جميع المخلوقات لله قدرًا، وخضوع المؤمنين له طاعة.
مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەجبۇرىي بويسۇنىدۇ، ئەمما مۇئمىنلەر ئىختىيارىي باش ئېگىدۇ.

• العذاب نازل بأهل الكفر والعصيان، والرحمة ثابتة لأهل الإيمان والطاعة.
ئازاب كاپىرلار ۋە ئاسىيلارغا بولىدۇ، رەھمەت ئىمان ۋە تائەت ئەھلىگە بولىدۇ.

وَهُدُوٓاْ إِلَى ٱلطَّيِّبِ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ وَهُدُوٓاْ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡحَمِيدِ
ئاللاھ تائالا ھاياتىي دۇنيادا ئۇلارنى «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېگەنگە ئوخشاش ئەڭ ياخشى سۆزگە، تەكبىر ئېيتىش ۋە ھەمدى ئېيتىشقا، ئىسلامنىڭ گۈزەل يولىغا يېتەكلەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ ٱلَّذِي جَعَلۡنَٰهُ لِلنَّاسِ سَوَآءً ٱلۡعَٰكِفُ فِيهِ وَٱلۡبَادِۚ وَمَن يُرِدۡ فِيهِ بِإِلۡحَادِۭ بِظُلۡمٖ نُّذِقۡهُ مِنۡ عَذَابٍ أَلِيمٖ
شەكسىزكى ئاللاھقا كاپىر بولغان، باشقىلارنى ئىسلامغا كىرىشتىن بۇرۇۋېتىدىغان، ھۇدەيبىيە سۈلھىسى بولغان يىلى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش كىشىلەرنى مەسجىدى ھەرامدىن توسىدىغانلارغا دەرتلىك ئازابنى تېتىتىمىز. بىز ئىنسانلارنىڭ نامازلىرىدا يۈزلىندىغان قىبلىسى، ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيەتلىرىنىڭ ئورنى قىلغان بۇ مەسجىدتە مەككىدە مۇقىم تۇرىدىغانلارمۇ، مەككىنىڭ سىرتىدىن كېلىدىغانلارمۇ ئوخشاشتۇر. كىمكى مەسجىدى ھەرامدا قەستەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ گۇناھ قىلماقچى بولىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا دەرتلىك ئازابتىن تېتىتىمىز.
અરબી તફસીરો:
وَإِذۡ بَوَّأۡنَا لِإِبۡرَٰهِيمَ مَكَانَ ٱلۡبَيۡتِ أَن لَّا تُشۡرِكۡ بِي شَيۡـٔٗا وَطَهِّرۡ بَيۡتِيَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلۡقَآئِمِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئىزى ئۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى ۋە دائىرسىنى كۆرسىتىپ بەردۇق، ئۇنىڭغا: ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلغىن، مېنىڭ ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار ۋە ناماز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى نىجاسەتلەردىن پاكىزلىغىن، دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَأَذِّن فِي ٱلنَّاسِ بِٱلۡحَجِّ يَأۡتُوكَ رِجَالٗا وَعَلَىٰ كُلِّ ضَامِرٖ يَأۡتِينَ مِن كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٖ
كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنى بىز سېنى ياساشقا بۇيرۇغان مۇشۇ ئۆيگە كېلىپ ھەج قىلىشقا چاقىرىق قىلغىن. ئۇلار پىيادە ياكى مېڭىۋېرىپ ئۇرۇقلاپ كەتكەن تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ. تۆگىلەر ئۇلارنى ئۇزاق يوللاردىن ئېلىپ كېلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
لِّيَشۡهَدُواْ مَنَٰفِعَ لَهُمۡ وَيَذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ فِيٓ أَيَّامٖ مَّعۡلُومَٰتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلۡأَنۡعَٰمِۖ فَكُلُواْ مِنۡهَا وَأَطۡعِمُواْ ٱلۡبَآئِسَ ٱلۡفَقِيرَ
كىشىلەر گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت بولۇشى، ساۋابقا ئېرىشىش ھەمدە كەلىمە تەۋھىد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردىن ئىبارەت ئۆزلىرىگە پايدىلىق ئەمەلنى قىلىشقا كەلسۇن، مەلۇم كۈنلەردە، يەنى زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ كۈندە تۆگە، كالا ۋە قويلاردىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن رىزىقلارغا شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىقلىرىغا ئاللاھنىڭ نامىنى ئېيتىپ بوغۇزلىسۇن. ئاندىن بۇ قۇربانلىقلاردىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، باشقا يوقسۇللارغىمۇ بېرىڭلار.
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ لۡيَقۡضُواْ تَفَثَهُمۡ وَلۡيُوفُواْ نُذُورَهُمۡ وَلۡيَطَّوَّفُواْ بِٱلۡبَيۡتِ ٱلۡعَتِيقِ
ئاندىن ئۇلار ھەج پائالىيەتلىرىدىن قېپقالغىنىنى ئادا قىلسۇن، چاچلىرىنى چۈشۈرۈش، تىرناقلىرىنى ئېلىش ۋە ئېھرام سەۋەبىدىن بەدەنلىرىگە ئورناپ قالغان كىرلىرىدىن تازىلىنىش ئارقىلىق ئېھرامدىن چىقسۇن،ھەج، ئۆمرە ۋە قۇربانلىق قاتارلىق ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلسۇن، پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا زالىملارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازات قىلغان بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلسۇن.
અરબી તફસીરો:
ذَٰلِكَۖ وَمَن يُعَظِّمۡ حُرُمَٰتِ ٱللَّهِ فَهُوَ خَيۡرٞ لَّهُۥ عِندَ رَبِّهِۦۗ وَأُحِلَّتۡ لَكُمُ ٱلۡأَنۡعَٰمُ إِلَّا مَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡۖ فَٱجۡتَنِبُواْ ٱلرِّجۡسَ مِنَ ٱلۡأَوۡثَٰنِ وَٱجۡتَنِبُواْ قَوۡلَ ٱلزُّورِ
چاچ ئالدۇرۇش، تىرناقلارنى ئېلىش، كىرلاردىن تازىلىنىش، نىيەت قىلغان ئەمەلنى جايىدا ئادا قىلىش ۋە بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىش قاتارلىق سىلەر بۇيرۇلغان بۇ ئىشلار ئاللاھ سىلەرگە ۋاجىب قىلغان ئىشلاردۇر. ئاللاھ سىلەرگە ۋاجىب قىلغان ئەمەللەرنى ئۇلۇغلاڭلار. كىمكى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن ئۇنىڭ چەكلىمىلىرىنى قىلىپ سېلىشتىن ۋە ئۇ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال ساناپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ ئېھرامدىكى ۋاقىتىدا ئاللاھ ساقلىنىشقا بۇيرۇغان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدىكەن، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىدۇر. ئەي ئىنسانلار! سىلەرگە تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق چارىپايلار ھالال قىلىندى. ئاللاھ سىلەرگە ھام (جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ قارىشىچە مىنىشكە ۋە يۈك ئارتىشقا بولمايدىغان بۇغرا)نى، بەھىيرە (بەشنى بوتلاقلىغاندىن كېيىن قۇلىقىغا ئەن سېلىنىپ ھېچقانداق ئىشقا ئىشلەتمەيدىغانغا قويۇۋېتىلگەن ھىڭگان)نى، ۋەسىيلە (يەتتىنى قوزىلىغان قوي)نى ھارام قىلغىنى يوق. ئۇلاردىن پەقەت ئۆزىچە ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان ۋە ئۇلاردىن باشقا سىلەر قۇرئان كەرىمدە ھارام قىلىنغانلىقىنى بىلگەن ھايۋانلارلا ھارامدۇر. شۇڭا بۇتلاردىن ئىبارەت نىجاسەتتىن، شۇنداقلا ئاللاھ نامىدىن ياكى ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرى نامىدىن توقۇلغان ھەر قانداق يالغان - ياۋىداقتىن يىراق تۇرۇڭلار.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• حرمة البيت الحرام تقتضي الاحتياط من المعاصي فيه أكثر من غيره.
ھەرەم مەسجىدىنىڭ ھۆرمەتلىك قىلىنغانلىقى بۇ جايدا گۇناھ - مەئسىيەتتىن باشقا جايدىكىدىنمۇ بەكرەك ساقلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

• بيت الله الحرام مهوى أفئدة المؤمنين في كل زمان ومكان.
بەيتۇللاھ ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدىكى مۇئمىنلەرنىڭ قەلبلىرى تەلپۈنىدىغان جايدۇر.

• منافع الحج عائدة إلى الناس سواء الدنيوية أو الأخروية.
ھەجنىڭ پايدىلىرى مەيلى دۇنيالىق، مەيلى ئاخىرەتلىك تەرەپتىن بولسۇن، چوقۇم ئىنسانلارغا تېگىدۇ.

• شكر النعم يقتضي العطف على الضعفاء.
نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ئاجىزلارغا كۆيۈنۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

حُنَفَآءَ لِلَّهِ غَيۡرَ مُشۡرِكِينَ بِهِۦۚ وَمَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَتَخۡطَفُهُ ٱلطَّيۡرُ أَوۡ تَهۡوِي بِهِ ٱلرِّيحُ فِي مَكَانٖ سَحِيقٖ
ئاللاھ رازى بولىدىغان دىندىن باشقا ھەر قانداق دىندىن يىراق تۇرۇپ، ئىبادەتتە ئاللاھقا ھېچكىمنى شېرىك قىلمىغان ئاساستا يۇقىرىدىكى گۇناھلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، گوياكى ئۇ كىشى ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنىڭ گۆشىنى ۋە سۆڭىكىنى ئېلىپ قاچقاندەك ياكى بوران ئۇنى ئۇچۇرۇپ يىراق جايلارغا تاشلىۋەتكەندەك بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
ذَٰلِكَۖ وَمَن يُعَظِّمۡ شَعَٰٓئِرَ ٱللَّهِ فَإِنَّهَا مِن تَقۡوَى ٱلۡقُلُوبِ
ئەن ئاشۇ ئاللاھنى بىر بىلىش، ئىبادەتنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خالىس قىلىش، بۇتلاردىن ۋە يالغان سۆزلەردىن يىراق بولۇش قاتارلىقلار ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلاردۇر. كىمكى قۇربانلىق قىلىش ۋە ھەج پائالىيەتلىرى دېگەندەك دىننىڭ ئالامەتلىرىنى ئۇلۇغلايدىكەن، شەكسىزكى دىننىڭ ئالامەتلىرىنى ئۇلۇغلاش دىللارنىڭ پەرۋەردىگارىغا بولغان تەقۋادارلىقىدىندۇر.
અરબી તફસીરો:
لَكُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى ثُمَّ مَحِلُّهَآ إِلَى ٱلۡبَيۡتِ ٱلۡعَتِيقِ
ئاللاھ زالىملارنىڭ قولىدىن ئازات قىلغان بەيتۇللاھقا يېقىن جايدىكى قۇربانلىق ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىك ۋاقىتقىچىلىك قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ ئېلىپ ماڭغان ماللارغا مىنىپ، يۇڭىنى قىرقىپ، كۆپەيتىپ ۋە سۈتىنى سېغىپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَلِكُلِّ أُمَّةٖ جَعَلۡنَا مَنسَكٗا لِّيَذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلۡأَنۡعَٰمِۗ فَإِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَلَهُۥٓ أَسۡلِمُواْۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُخۡبِتِينَ
ئۆتكەنكى ھەر قانداق ئۈممەتكە بىز ئاللاھقا يېقىنلىشىشى ئۈچۈن قان ئېقىتىدىغان جاي ۋە ۋاقىتنى بېكىتىپ بەردۇقكى، ئۇلار تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق ئاللاھ بەرگەن رىزىققا شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئاشۇ بەلگىلىك جاي ۋە ۋاقىتلاردا قۇربانلىق قىلغان چاغدا ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئالغاي. ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ھەقىقىي مەبۇدىڭلار پەقەت بىرلا ئىلاھتۇركى، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، شۇڭا پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇپ، ئىتائەت قىلىڭلار. ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھتىن ھەقىقىي ئەيمىنىدىغان، ئىخلاسمەن بەندىلەرگە ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان خۇشخەۋەرنى بەرگىن.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَجِلَتۡ قُلُوبُهُمۡ وَٱلصَّٰبِرِينَ عَلَىٰ مَآ أَصَابَهُمۡ وَٱلۡمُقِيمِي ٱلصَّلَوٰةِ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ
بۇ بەندىلەر ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن يىراق تۇرىدۇ، نامازنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، بېشىغا كەلگەن خاپىلىقلارغا سەۋر قىلىدۇ، ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَٱلۡبُدۡنَ جَعَلۡنَٰهَا لَكُم مِّن شَعَٰٓئِرِ ٱللَّهِ لَكُمۡ فِيهَا خَيۡرٞۖ فَٱذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهَا صَوَآفَّۖ فَإِذَا وَجَبَتۡ جُنُوبُهَا فَكُلُواْ مِنۡهَا وَأَطۡعِمُواْ ٱلۡقَانِعَ وَٱلۡمُعۡتَرَّۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرۡنَٰهَا لَكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
بەيتۇللاھقا ئېلىپ بېرىلىدىغان تۆگە ۋە كالىلارنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ شۇئارلىرى ۋە ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن دىنىي ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتلەر بار. ئۇلارنى قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ، قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پۇت - قوللىرىنى چۈشىگىنىڭلاردىن كېيىن بوغۇزلايدىغان ۋاقتىڭلاردا ئاللاھنىڭ نامىنى ئېيتىڭلار. ئۇلار بوغۇزلىنىپ، يەرگە يېقىلغاندىن كېيىن -ئەي قۇربانلىق قىلغۇچىلار!- ئۇلارنىڭ گۆشلىرىدىن يەڭلار، تىلەمچىلىكتىن ئۆزىنى تارتىدىغان يوقسۇللارغىمۇ ۋە بىر نەرسە بېرىلىشىنى تەمە قىلىپ ئۆزىنىڭ موھتاجلىقىنى سەزدۈرمەيدىغان يوقسۇللارغىمۇ بېرىڭلار. بۇ ھايۋانلارنى سىلەرنىڭ يۈك ئارتىشىڭلار ۋە مىنىشىڭلارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگىنىمىزدەك، ئاللاھقا يېقىنلىشىپ ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ ماڭغىنىڭلاردىمۇ بويسۇندۇرۇپ بەردۇق.
અરબી તફસીરો:
لَن يَنَالَ ٱللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَآؤُهَا وَلَٰكِن يَنَالُهُ ٱلتَّقۡوَىٰ مِنكُمۡۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمۡ لِتُكَبِّرُواْ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمۡۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
سىلەر بوغۇزلىغان چارۋىلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى ئاللاھقا يېتىپ بارمايدۇ، بۇ ئىشلار ئۇنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلىمەيدۇ. لېكىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار ئۆرلەيدۇ، قۇربانلىق بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشتا ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھقا خالىس قىلىڭلار. يەنە شۇنىڭدەك، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا شۈكۈر قىلىپ ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىغا قىلغان ئىبادىتىنى ۋە ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا قىلغان مۇئامىلىسىنى ئېھسان بىلەن قىلغانلارغا ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان خۇشخەۋەر بەرگىن.
અરબી તફસીરો:
۞ إِنَّ ٱللَّهَ يُدَٰفِعُ عَنِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ خَوَّانٖ كَفُورٍ
ھەقىقەتەن ئاللاھ ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ يامانلىقىدىن قوغدايدۇ، شەكسىزكى ئاللاھ ئامانىتىگە خىيانەت قىلغان، نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، شۈكۈر قىلمىغانلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بەلكى ئۆچ كۆرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• ضَرْب المثل لتقريب الصور المعنوية بجعلها في ثوب حسي، مقصد تربوي عظيم.
مەنىۋى ئۇقۇملارنى ھېسسىي قىياپەتتە زېھىنگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىساللارنى ئېلىش بۈيۈك تەربىيەۋىي نىشاندۇر.

• فضل التواضع.
كەمتەرلىك پەزىلەتتۇر.

• الإحسان سبب للسعادة.
ئېھسان قىلىش بەخت - سائادەتنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.

• الإيمان سبب لدفاع الله عن العبد ورعايته له.
ئىمان ئاللاھنىىڭ بەندىنى قوغدىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَٰتَلُونَ بِأَنَّهُمۡ ظُلِمُواْۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ نَصۡرِهِمۡ لَقَدِيرٌ
مۇئمىنلەر دۈشمەنلىرىنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مۇشرىكلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئاللاھ مۇئمىنلەرگە ئۇرۇشسىزمۇ دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن نۇسرەت ئاتا قىلىشقا شەكسىز قادىر ئىدى، لېكىن ئاللاھنىڭ ھېكمىتى مۇئمىنلەرنى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشقا سېلىش ئارقىلىق سىناشنى تەلەپ قىلدى.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ أُخۡرِجُواْ مِن دِيَٰرِهِم بِغَيۡرِ حَقٍّ إِلَّآ أَن يَقُولُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُۗ وَلَوۡلَا دَفۡعُ ٱللَّهِ ٱلنَّاسَ بَعۡضَهُم بِبَعۡضٖ لَّهُدِّمَتۡ صَوَٰمِعُ وَبِيَعٞ وَصَلَوَٰتٞ وَمَسَٰجِدُ يُذۡكَرُ فِيهَا ٱسۡمُ ٱللَّهِ كَثِيرٗاۗ وَلَيَنصُرَنَّ ٱللَّهُ مَن يَنصُرُهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ
كاپىرلار يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن كىشىلەرنىڭ «رەببىمىز ئاللاھتۇر، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا رەببىمىز يوق» دېگەندىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى يوق. ئەگەر ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە مۇئمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئىبادەتخانىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنى، خىرىسىتىيان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ چېركاۋلىرىنى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇيدىغان، ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىدىغان مەسجىدلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن بولاتتى. ئاللاھ ئۆز دىنىغا ۋە پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرگەنلەرگە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆز دىنىغا ياردەم بەرگەنلەرگە ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىبتۇر.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ إِن مَّكَّنَّٰهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُاْ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَمَرُواْ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَنَهَوۡاْ عَنِ ٱلۡمُنكَرِۗ وَلِلَّهِ عَٰقِبَةُ ٱلۡأُمُورِ
ئاللاھ تائالا نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بۇ كىشىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ناۋادا بىز ئۇلارنى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىپ زېمىندا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، ئۇلار نامازنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ، شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، چەكلەنگەن ئىشلاردىن توسىدۇ. مۇكاپات ۋە جازا ھەققىدىكى بارچە ئىشلار يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.
અરબી તફસીરો:
وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدۡ كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ وَعَادٞ وَثَمُودُ
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر قەۋمىڭ سېنى ئىنكار قىلسا سەۋرچان بولغىن، چۈنكى سەن پەيغەمبەرلەردىن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى ئەمەسسەن. سەندىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى نۇھنى، ئاد قەۋمى ھۇدنى ۋە سەمۇد قەۋمى سالىھنى ئىنكار قىلغان.
અરબી તફસીરો:
وَقَوۡمُ إِبۡرَٰهِيمَ وَقَوۡمُ لُوطٖ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئىبراھىمنى، لۇتنىڭ قەۋمى لۇتنى ئىنكار قىلغان.
અરબી તફસીરો:
وَأَصۡحَٰبُ مَدۡيَنَۖ وَكُذِّبَ مُوسَىٰۖ فَأَمۡلَيۡتُ لِلۡكَٰفِرِينَ ثُمَّ أَخَذۡتُهُمۡۖ فَكَيۡفَ كَانَ نَكِيرِ
مەديەن ئاھالىسى شۇئەيبنى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى مۇسانى ئىنكار قىلغان. مەن ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالاش ئۈچۈن ئۇلاردىن ئازابنى كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. مېنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جازايىمنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئويلىنىپ باققىن. ئۇلارنى كۇپرىسى تۈپەيلى ھالاك قىلدىم.
અરબી તફસીરો:
فَكَأَيِّن مِّن قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَا وَهِيَ ظَالِمَةٞ فَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَبِئۡرٖ مُّعَطَّلَةٖ وَقَصۡرٖ مَّشِيدٍ
بىز ھالاك قىلغان نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى -كۇپۇرلۇق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى- تۈپەيلىدىن تەلتۆكۈس يوق قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يۇرتلىرى ئاھالىسىدىن خالىي خارابىلىككە ئايلىنىپ قالدى. ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن كېلىپ - كېتىدىغانلاردىن خالىي قالغان قۇدۇقلار نېمىدېگەن كۆپ؟ ئاھالىسىنى ئازابتىن ساقلاپ قالالمىغان ياسىداق، ئالىي سارايلار نېمىدېگەن كۆپ؟
અરબી તફસીરો:
أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَتَكُونَ لَهُمۡ قُلُوبٞ يَعۡقِلُونَ بِهَآ أَوۡ ءَاذَانٞ يَسۡمَعُونَ بِهَاۖ فَإِنَّهَا لَا تَعۡمَى ٱلۡأَبۡصَٰرُ وَلَٰكِن تَعۡمَى ٱلۡقُلُوبُ ٱلَّتِي فِي ٱلصُّدُورِ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ ئادەملەر ھالاك قىلىنغان ئاشۇ ئاھالىلەرنىڭ ئىزنالىرىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، پەند - نەسىھەت ئېلىش مەقسىتىدە ئويلىنىپ كۆرۈش ئۈچۈن، ۋەز - نەسىھەت ئېلىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكلىرىگە قوبۇل قىلىدىغان تەرزدە قۇلاق سېلىش ئۈچۈن يەر يۈزىدە سەپەر قىلمىدىمۇ؟ شەكسىزكى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، بەلكى ئىنساننى ھالاك قىلغۇچى، ھاڭغا ئىتتىرگۈچى ئەقىلنىڭ كورلۇقىدۇر. چۈنكى ئەقلى كور ئادەمدە پەند - نەسىھەت قوبۇل قىلىش بولمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• إثبات صفتي القوة والعزة لله.
ئاللاھنىڭ قۇۋۋەت ۋە ئىززەت سۈپىتى بار.

• إثبات مشروعية الجهاد؛ للحفاظ على مواطن العبادة.
جىھادنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىبادەتخانىلارنى قوغداش ئۈچۈندۇر.

• إقامة الدين سبب لنصر الله لعبيده المؤمنين.
دىننى بەرپا قىلىش ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە ياردەم بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

• عمى القلوب مانع من الاعتبار بآيات الله.
دىلنىڭ كورلۇقى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشتىن توسۇپ قويىدۇ.

وَيَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَلَن يُخۡلِفَ ٱللَّهُ وَعۡدَهُۥۚ وَإِنَّ يَوۡمًا عِندَ رَبِّكَ كَأَلۡفِ سَنَةٖ مِّمَّا تَعُدُّونَ
ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلار بۇ دۇنيادىلا بېرىلىدىغان ۋە ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈلىدىغان ئازابلار بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا سەندىن بۇ ئازابلارنى تېزراق كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا قىلغان ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ. بەدرى كۈنى مۇشرىكلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تىراگېدىيەمۇ ئالدىرىتىلغان ئازابلارنىڭ بىرىدۇر. شەكسىزكى ئاخىرەتتىكى بىر كۈنلۈك ئازاب قاتتىقلىقىدىن سىلەر بۇ دۇنيادىكى يىل ھېسابىڭلاردىن مىڭ يىلغا تەڭ كېلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَكَأَيِّن مِّن قَرۡيَةٍ أَمۡلَيۡتُ لَهَا وَهِيَ ظَالِمَةٞ ثُمَّ أَخَذۡتُهَا وَإِلَيَّ ٱلۡمَصِيرُ
نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىلىرى كۇپۇرلۇق بىلەن زۇلۇم قىلغان تۇرۇقلۇق ئۇلارغا ئازابنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق مۆھلەت بەردىم، ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالاش ئۈچۈن ئازابلاشقا ئالدىرىمىدىم، مۆھلەت توشقاندىن كېيىن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوق قىلدىم. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قايتىدىغان يېرى يالغۇز مېنىڭ دەرگاھىمدۇر، ئۇلارنى كۇپرىسى تۈپەيلى ئۈزلۈكسىز ئازاب بىلەن جازالايمەن.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّمَآ أَنَا۠ لَكُمۡ نَذِيرٞ مُّبِينٞ
ئەي ئىنسانلار! مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەردۇرمەن، پەيغەمبەرلىك ۋەزىپەمنى يەتكۈزىمەن، ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئوچۇق - ئاشكارىدۇر.
અરબી તફસીરો:
فَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھىنى پەرۋەردىگارى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئېسىل نېئمەتلەر بار.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ سَعَوۡاْ فِيٓ ءَايَٰتِنَا مُعَٰجِزِينَ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَحِيمِ
ئۆزىچە ئاللاھنى ئاجىز قىلىپ، ئۇنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالىمىز دەپ خام خىيال قىلىپ بىزىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار خۇددى بىراۋ ئۆز ھەمراھىدىن ئايرىلمىغاندەك دوزاختىن ئايرىلمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ مِن رَّسُولٖ وَلَا نَبِيٍّ إِلَّآ إِذَا تَمَنَّىٰٓ أَلۡقَى ٱلشَّيۡطَٰنُ فِيٓ أُمۡنِيَّتِهِۦ فَيَنسَخُ ٱللَّهُ مَا يُلۡقِي ٱلشَّيۡطَٰنُ ثُمَّ يُحۡكِمُ ٱللَّهُ ءَايَٰتِهِۦۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر قانداق بىر ئەلچى ۋە پەيغەمبەر قاچان ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇسا، شەيتان ئۇنىڭ قىرائىتىگە ئىنسانلار ۋەھىي دەپ ئويلاپ قالىدىغان شۈبھىنى تاشلايدۇ. ئاندىن ئاللاھ شەيتان تاشلىغان شۈبھىنى يوق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى قالدۇرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئۇ يارىتىشى، ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
لِّيَجۡعَلَ مَا يُلۡقِي ٱلشَّيۡطَٰنُ فِتۡنَةٗ لِّلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ وَٱلۡقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمۡۗ وَإِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ لَفِي شِقَاقِۭ بَعِيدٖ
شەيتان پەيغەمبەرنىڭ قىرائىتىگە شۈبھە تاشلايدۇ، ئاللاھ شەيتاننىڭ شۈبھىسى بىلەن مۇناپىقلارنى ۋە دىلى قاساۋەتلىشىپ كەتكەن مۇشرىكلارنى سىنايدۇ. ھەقىقەتەن مۇناپىقلار ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان زالىملار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە دۈشمەنلىك ئىچىدە بولۇپ، ھەقتىن ۋە توغرا يولدىن تولىمۇ يىراقتىدۇر.
અરબી તફસીરો:
وَلِيَعۡلَمَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَيُؤۡمِنُواْ بِهِۦ فَتُخۡبِتَ لَهُۥ قُلُوبُهُمۡۗ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهَادِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ئىلىم ئاتا قىلغان كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ ساڭا ۋەھىي قىلغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە چىن پۈتۈپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىمانى تېخىمۇ زىيادە بولۇشى، قەلبلىرى ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئەيمىنىشى ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا قۇرئانغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنى ئۆزىگە باش ئەگكەنلىكىنىڭ مۇكاپاتى قىلىپ قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان تۈپتۈز، ھەق يولغا باشلايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَلَا يَزَالُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي مِرۡيَةٖ مِّنۡهُ حَتَّىٰ تَأۡتِيَهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغۡتَةً أَوۡ يَأۡتِيَهُمۡ عَذَابُ يَوۡمٍ عَقِيمٍ
ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغان بەدبەختلەر تاكى قىيامەت ئۇشتۇمتۇت كەلگەنگە قەدەر ياكى ئۇلارغا قىلچە ئىچ ئاغرىتىش ۋە ياخشىلىق بولمىغان كۈننىڭ، ئەمەلىيەتتە بۇ كۈن ئۇلارغا نىسبەتەن قىيامەت كۈنى بولۇپ، مۇشۇ كۈننىڭ ئازابى كەلگەنگە قەدەر ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاندىن گۇماندا بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• استدراج الظالم حتى يتمادى في ظلمه سُنَّة إلهية.
زالىمنىڭ زۇلمىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلىشىگە مۆھلەت بېرىش ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

• حفظ الله لكتابه من التبديل والتحريف وصرف مكايد أعوان الشيطان عنه.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىنى ئالماشتۇرۇۋېتىشتىن، بۇرمىلىنىشتىن ۋە شەيتاننىڭ يانتاياقلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلاپ قالغان.

• النفاق وقسوة القلوب مرضان قاتلان.
مۇناپىقلىق بىلەن دىلنىڭ قاساۋەتلىشىپ كېتىشى خەتەرلىك ئىككى خىل كېسەللىكتۇر.

• الإيمان ثمرة للعلم، والخشوع والخضوع لأوامر الله ثمرة للإيمان.
ئىمان ئىلىمنىڭ مېۋىسىدۇر، ئاللاھتىن قورقۇش ۋە بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش بولسا ئىماننىڭ مېۋىسىدۇر.

ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَئِذٖ لِّلَّهِ يَحۡكُمُ بَيۡنَهُمۡۚ فَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ
قىيامەت كۈنى -يەنى مۇشرىكلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب كېلىدىغان كۈنى- پادىشاھلىق يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، بۇنىڭدا قىلچە دەتالاش يوق. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇلاردىن ھەر بىرىگە تېگىشلىك بولغاننى بېرىدۇ. ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرگە كاتتا ساۋاب بار بولۇپ، ئۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، دائىملىق نېئمەتلەرگە تولغان جەننەتلەردۇر.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا فَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ
ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان بەدبەختلەر ئۈچۈن خار قىلغۇچى ئازاب باركى، ئاللاھ ئۇلارنى جەھەننەمدە خار قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ هَاجَرُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ثُمَّ قُتِلُوٓاْ أَوۡ مَاتُواْ لَيَرۡزُقَنَّهُمُ ٱللَّهُ رِزۡقًا حَسَنٗاۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهُوَ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ
ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن يۇرت، ۋەتەنلىرىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلىپ چىققانلار، ئاندىن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆلگەنلەرگە ئاللاھ جەننەتتە ئۈزۈلمەيدىغان دائىملىق گۈزەل نېئمەتلەرنى رىزىق قىلىپ بېرىدۇ. رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھەقىقەتەن يالغۇز ئاللاھتۇر.
અરબી તફસીરો:
لَيُدۡخِلَنَّهُم مُّدۡخَلٗا يَرۡضَوۡنَهُۥۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَعَلِيمٌ حَلِيمٞ
ئاللاھ ئۇلارنى ئەلۋەتتە ئۇلار مەمنۇن بولىدىغان جاي جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر ۋە ھەلىمدۇركى، ئۇلارنى چېكىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
۞ ذَٰلِكَۖ وَمَنۡ عَاقَبَ بِمِثۡلِ مَا عُوقِبَ بِهِۦ ثُمَّ بُغِيَ عَلَيۡهِ لَيَنصُرَنَّهُ ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٞ
ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈش، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زۇلۇم قىلغۇچىغا تېگىشلىك جاۋابنى بېرىشكە رۇخسەت قىلىنغانلىقى ۋە ئۇ بۇنداق قىلغانلىقىغا قارىتا گۇناھكار بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىش يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەكتۇر. باشقىلارغا چېقىلغۇچى ناۋادا بۇ قىلمىشىنى يەنە تەكرارلىسا، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ شەكسىز مۇئمىنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ يُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِ وَأَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعُۢ بَصِيرٞ
بۇ ياردەم زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا بېرىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىشقا قادىردۇر. كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزۈش، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزۈش، ئىككىسىنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئۇزۇن قىلىش ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بەندىلىرىنىڭ بارچە گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدىندۇركى، ئۇنىڭغا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ هُوَ ٱلۡبَٰطِلُ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡكَبِيرُ
ئاللاھنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزۈشىدىن ئىبارەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىغان ئىشلار شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، ئاللاھنىڭ دىنى ھەقتۇر، ۋەدىسى ھەقتۇر، مۇئمىنلەرگە ياردەم بېرىشى ھەقتۇر. مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرى قىلچە ئاساسى يوق باتىلدۇر، ئاللاھ تائالا زاتىدا، قۇدرىتىدە ۋە ھۆكۈمرانلىقىدا مەخلۇقاتلىرىدىن ھەقىقەتەن ئۈستۈندۇر، كاتتىلىق، بۈيۈكلۈك ۋە ئۇلۇغلۇق يالغۇز ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.
અરબી તફસીરો:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَتُصۡبِحُ ٱلۡأَرۡضُ مُخۡضَرَّةًۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٞ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، يامغۇردىن كېيىن يەر يۈزىنى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن يېشىللىققا پۈركەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈمچاندۇركى، ئۇلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ، زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. ئۇ بەندىلىرىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن خەۋەرداردۇركى، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
لَّهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يالغۇز ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇركى، مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچ بىرىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ، ھەر قانداق ھالەتتە مەدھىيەلەنگۈچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• مكانة الهجرة في الإسلام وبيان فضلها.
بۇ ئايەتلەر ھىجرەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى ۋە پەزىلىتىنىڭ بايان قىلىدۇ.

• جواز العقاب بالمثل.
جازا ئىشلەنگەن جىنايەتكە ئوخشاش بولىدۇ.

• نصر الله للمُعْتَدَى عليه يكون في الدنيا أو الآخرة.
ئاللاھنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا بېرىدىغان ياردىمى دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە بولىدۇ.

• إثبات الصفات العُلَا لله بما يليق بجلاله؛ كالعلم والسمع والبصر والعلو.
ئاللاھ تائالانىڭ بىلىش، ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە ئۈستۈنلۈككە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق يۈكسەك سۈپەتلىرى باردۇر.

أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَٱلۡفُلۡكَ تَجۡرِي فِي ٱلۡبَحۡرِ بِأَمۡرِهِۦ وَيُمۡسِكُ ٱلسَّمَآءَ أَن تَقَعَ عَلَى ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا بِإِذۡنِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِٱلنَّاسِ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى جانلىق ۋە جانسىز بارلىق نەرسىلەرنى سېنىڭ ۋە باشقا بارلىق ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن بويسۇندۇرپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ يەنە ئۆز ئەمرى بىلەن دېڭىزدا كېمىلەرنى يۇرت كېزىپ قاتنايدىغان قىلىپ بويسۇرندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ ئاسماننى رۇخسىتىسىز زېمىنغا چۈشۈپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئاسماننىڭ زېمىنغا چۈشۈشىگە رۇخسەت قىلغان بولسا ئەلۋەتتە چۈشۈپ كېتەتتى. شەكسىزكى ئاللاھ ئىنسانلارغا تولىمۇ كۆيۈمچان ۋە مېھرىباندۇركى، ئىنسانلار شۇنچە زۇلۇم قىلىپ تۇرسىمۇ ئۇ يەنىلا مۇشۇنچىۋالا نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە سېلىپ بەردى.
અરબી તફસીરો:
وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَحۡيَاكُمۡ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يُحۡيِيكُمۡۗ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَكَفُورٞ
ئاللاھ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغاندىن كېيىن سىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلدى، ئاندىن ئۆمرۈڭلار تۈگىگەندە جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن ئەمەللىرىڭلاردىن ھېساب ئېلىپ، سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكىنىڭلاردىن كېيىن سىلەرنى تىرگۈزىدۇ. شەكسىزكى ئىنسان ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى شۇنچىۋالا ئاشكارا تۇرسىمۇ ئاللاھ بىلەن قوشۇپ باشقىلارغا قۇلچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە كۆپ تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
لِّكُلِّ أُمَّةٖ جَعَلۡنَا مَنسَكًا هُمۡ نَاسِكُوهُۖ فَلَا يُنَٰزِعُنَّكَ فِي ٱلۡأَمۡرِۚ وَٱدۡعُ إِلَىٰ رَبِّكَۖ إِنَّكَ لَعَلَىٰ هُدٗى مُّسۡتَقِيمٖ
ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەت بويىچە ئەمەل قىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار ۋە باشقا دىندىكىلەر سەن بىلەن شەرىئەت توغرىسىدا دەتالاش قىلمىسۇن. سەن ئۇلاردىن بەكرەك ھەقىقەتكە لايىق. چۈنكى ئۇلار خاتالىق تەرەپدارلىرىدۇر. ئىنسانلارنى تەۋھىدنى ئاللاھقا خالىس قىلىشقا چاقىرغىن. شەكسىزكى سەن قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان توغرا يول ئۈستىدىدۇرسەن.
અરબી તફસીરો:
وَإِن جَٰدَلُوكَ فَقُلِ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا تَعۡمَلُونَ
دەلىل - پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇلار يەنىلا سەن بىلەن جىدەللىشىمىز دەپ تۇرۇۋالسا تەھدىت ئۇسلۇبىدا: ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ، دەپ ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن.
અરબી તફસીરો:
ٱللَّهُ يَحۡكُمُ بَيۡنَكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كُنتُمۡ فِيهِ تَخۡتَلِفُونَ
ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بۇ دۇنيا ۋە دىن ئىشىدا ئىختىلاپلىشىپ قالغان مۇئمىن ۋە كاپىر بەندىلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
أَلَمۡ تَعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّ ذَٰلِكَ فِي كِتَٰبٍۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
ئەي پەيغەمبەر! بىلمەمسەنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ، بۇنىڭ ئىلمى ھەقىقەتەن لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسىنى بىلىش ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالاغا ئاساندۇر.
અરબી તફસીરો:
وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَمۡ يُنَزِّلۡ بِهِۦ سُلۡطَٰنٗا وَمَا لَيۡسَ لَهُم بِهِۦ عِلۡمٞۗ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِن نَّصِيرٖ
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنىدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ كىتابىدا بۇتلارغا چوقۇنۇش ھەققىدە ھېچ قانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن، ئۇلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇلارنىڭ ئاساسى پەقەت ئاتا - بوۋىلىرىغا قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىشتۇر. زالىملارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالالايدىغان ھېچ قانداق ياردەمچى بولمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٖ تَعۡرِفُ فِي وُجُوهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلۡمُنكَرَۖ يَكَادُونَ يَسۡطُونَ بِٱلَّذِينَ يَتۡلُونَ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِنَاۗ قُلۡ أَفَأُنَبِّئُكُم بِشَرّٖ مِّن ذَٰلِكُمُۚ ٱلنَّارُ وَعَدَهَا ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
ئۇلارغا قۇرئان كەرىمدىن بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بەرگەن ۋاقتىڭدا ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ئايەتلەرنى ئاڭلاپ قاپاقلىرىنى تۈرگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا يامان كۆرۈش ئالامەتلىرىنى كۆرىسەن. ئۇلار قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنلىكتىن ئۆزلىرىگە ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بەرگەن مۇئمىنلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى تاس قالىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتىقىنكى، مەن سىلەرگە سىلەرنىڭ ئاچچىقىڭلاردىن ۋە قوشۇمىڭلارنىڭ تۈرۈلگىنىدىنمۇ يامانراق بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ ئىش بولسا ئاللاھ كاپىرلانى كىرگۈزىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان دوزاختۇر، ئۇلار قايتىپ بارىدىغان جاي نېمىدېگەن يامان!
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• من نعم الله على الناس تسخير ما في السماوات وما في الأرض لهم.
ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئىنسانلارنىڭ خىزمىتىگە سېلىپ بەرگەنلىكى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىدىندۇر.

• إثبات صفتي الرأفة والرحمة لله تعالى.
ئاللاھنىڭ كۆيۈمچان ۋە مېھىر - شەپقەتلىك دېگەن سۈپەتلىرى باردۇر.

• إحاطة علم الله بما في السماوات والأرض وما بينهما.
ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ۋە بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچىدۇر.

• التقليد الأعمى هو سبب تمسك المشركين بشركهم بالله.
قارىغۇلارچە ئەگىشىش مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇۋېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٞ فَٱسۡتَمِعُواْ لَهُۥٓۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَن يَخۡلُقُواْ ذُبَابٗا وَلَوِ ٱجۡتَمَعُواْ لَهُۥۖ وَإِن يَسۡلُبۡهُمُ ٱلذُّبَابُ شَيۡـٔٗا لَّا يَسۡتَنقِذُوهُ مِنۡهُۚ ضَعُفَ ٱلطَّالِبُ وَٱلۡمَطۡلُوبُ
ئەي ئىنسانلار! مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار ۋە ئىبرەت ئېلىڭلار! شۈبھىسىزكى سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەر ئاجىزلىقىدىن كىچىككىنە چىۋىنغا چاغلىق نەرسىنىمۇ يارىتالمايدۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى يارىتىشقا بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ يارىتالمايدۇ. ناۋادا چىۋىن ئۇلارغا سۈركەپ قويۇلغان خۇشپۇراق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىدىن بىرەرنى ئېلىپ قاچسا، ئۇلارنىڭ ئۇنى چىۋىندىن ئېلىۋېلىشقىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ چىۋىننى يارىتىشقا ھەمدە كىچىككىنە چىۋىندىن ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىشقىمۇ كۈچى يەتمىگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن چوڭ ئىشنى ھەرگىز قىلالمايدىغانلىقى ئاشكارا بولدى. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇلار -شۇنداق ئاجىز تۇرۇغلۇق- قانداقسىگە ئاللاھنى قويۇپ شۇ نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ؟ بۇ دەۋاگەر، يەنى چوقۇنۇلغان بۇت ئاجىز بولۇپ، بۇنىڭ ھەتتا چىۋىن ئېلىپ قاچقان نەرسىنى ئېلىۋېلىشقىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ. بۇ جاۋابكار چىۋىنمۇ ئاجىزدۇر.
અરબી તફસીરો:
مَا قَدَرُواْ ٱللَّهَ حَقَّ قَدۡرِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ
ئۇلار ئاللاھقا ئۇنىڭ بىر قىسىم مەخلۇقاتلىرىنى شېرىك قىلىپ چوقۇنۇپ ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا ئۇلۇغلىمىدى. شەكسىزكى ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر. ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىش ئاللاھنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە قۇدرىتىدىندۇر. ئاللاھ ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىبتۇر، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرى كىچىككىنە نەرسىنىمۇ يارىتالمايدىغان دەرىجىدە نەقەدەر ئاجىزدۇر.
અરબી તફસીરો:
ٱللَّهُ يَصۡطَفِي مِنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ رُسُلٗا وَمِنَ ٱلنَّاسِۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعُۢ بَصِيرٞ
ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەردىن ئەلچىلەرنى تاللايدۇ، شۇنىڭدەك ئىنسانلاردىنمۇ ئەلچىلەرنى تاللايدۇ، مەسىلەن، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بىر قىسىم پەرىشتىلەرنى ئىنسانلار ئىچىدىن چىققان پەيغەمبەرلەرگە ئەۋەتىدۇ، ئىنسانلار ئىچىدىن پەيغەمبەرلەرنى كىشىلەرگە دىننى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مۇشرىكلارنىڭ پەيغەمبەرلەرتوغرىسىدا دېيىشكەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەلچىلىكىگە تاللىغان كىشىنىمۇ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ
ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ يارىتىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالىنىمۇ، ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ، قىيامەت كۈنى ئىشلارنىڭ ھەممىسى يالغۇز ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇكى، ئۇ بەندىلەرنى تىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱرۡكَعُواْ وَٱسۡجُدُواْۤ وَٱعۡبُدُواْ رَبَّكُمۡ وَٱفۡعَلُواْ ٱلۡخَيۡرَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ۩
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ يولغا قويغان شەرىئەتكە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! نامازلىرىڭلاردا يالغۇز ئاللاھقىلا رۇكۇ قىلىڭلار ۋە سەجدە قىلىڭلار، خەيرى - ئېھسان ۋە سىلە - رەھىم قاتارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلاركى، كۆزلىگەن مەقسىتىڭلارغا يەتكەيسىلەر.
અરબી તફસીરો:
وَجَٰهِدُواْ فِي ٱللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِۦۚ هُوَ ٱجۡتَبَىٰكُمۡ وَمَا جَعَلَ عَلَيۡكُمۡ فِي ٱلدِّينِ مِنۡ حَرَجٖۚ مِّلَّةَ أَبِيكُمۡ إِبۡرَٰهِيمَۚ هُوَ سَمَّىٰكُمُ ٱلۡمُسۡلِمِينَ مِن قَبۡلُ وَفِي هَٰذَا لِيَكُونَ ٱلرَّسُولُ شَهِيدًا عَلَيۡكُمۡ وَتَكُونُواْ شُهَدَآءَ عَلَى ٱلنَّاسِۚ فَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱعۡتَصِمُواْ بِٱللَّهِ هُوَ مَوۡلَىٰكُمۡۖ فَنِعۡمَ ٱلۡمَوۡلَىٰ وَنِعۡمَ ٱلنَّصِيرُ
پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىلا كۆزلەپ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (شۇنىڭ ئۈچۈن) تاللىدى، دىنىڭلار كەڭرى قىلدى، ئۇنىڭدا تارچىلىق ۋە قىيىنچىلىق قىلمىدى. بۇ كەڭرى دىن ئاتاڭلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئىلگىرىكى كىتابلاردىمۇ، قۇرئان كەرىمدىمۇ مۇسۇلمان دەپ ئاتىدى. (بۇ)، پەيغەمبەرنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىنى يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشى، سىلەرنىڭمۇ ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇنىڭغا قارىتا نامازنى مۇكەممەل ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار، ئاللاھقا سىغىنىڭلار، ئىشلىرىڭلاردا ئۇنىڭغا تايىنىڭلار. چۈنكى ئاللاھ مۇئمىنلەردىن ئۇنى دوست تۇتقانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئىگىسىدۇر، ئۇ مۇئمىنلەردىن ياردەم تىلىگەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسىدۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنى دوست تۇتساڭلار، ئۇ سىلەرگە ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• أهمية ضرب الأمثال لتوضيح المعاني، وهي طريقة تربوية جليلة.
مەنىلەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇھىم بولۇپ، ئۇ كاتتا تەربىيەۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇسۇلدۇر.

• عجز الأصنام عن خلق الأدنى دليل على عجزها عن خلق غيره.
بۇتلارنىڭ ئەڭ كىچىك نەرسىنىمۇ يارىتالمىغانلىقى ئۇنىڭ باشقا ھەر قانداق نەرسىنى يارىتىشتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

• الإشراك بالله سببه عدم تعظيم الله.
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ سەۋەبى ئۇنى ئۇلۇغلىماسلىقتۇر.

• إثبات صفتي القوة والعزة لله، وأهمية أن يستحضر المؤمن معاني هذه الصفات.
كۈچ - قۇۋۋەت ۋە ئىززەت ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدۇر. مۇئمىننىڭ مۇشۇنداق سۈپەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى مۇھىمدۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ હજ્
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો