કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: આલિ ઇમરાન   આયત:

سۈرە ئال ئىمران

સૂરતના હેતુઓ માંથી:
إثبات أن دين الإسلام هو الحق ردًّا على شبهات أهل الكتاب، وتثبيتا للمؤمنين.
ئەھلى كىتابنىڭ شۈبھىلىرىگە رەددىيە بېرىپ، مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش.

الٓمٓ
ئەلىف، لام، مىم، بۇ ھەرپلەرنىڭ ئوخشىشى بەقەرە سۈرىسىدە ئىلگىرى ئۆتكەن، بۇ ھەرپلەرنى كەلتۈرۈشتە ئەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كالامى ۋە مۇشۇ سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئوخشىشىدىن تۈزۈلگەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
અરબી તફસીરો:
ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡحَيُّ ٱلۡقَيُّومُ
يەككە يىگانە ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە ئەبەدىي ھاياتلىقتا بولۇپ، ئۇ ئۆلمەيدۇ ۋە نۇقساندىن پاكتۇر، ئۆزى يالغۇز بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر، ئۇ بارلىق مەخلۇقاتلاردىن بىھاجەتتۇر، بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ ئىدارە قىلىشى بىلەن تۇرغۇچىدۇر، ئۇلار ھەرقانداق ئەھۋالدا كۆز-يۇمۇپ ئاچقىچىلىكمۇ ئاللاھدىن بىھاجەت بولالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
نَزَّلَ عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَأَنزَلَ ٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَ
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا خەۋەرلەر، ئادالەت ۋە ھۆكۈملەرنى تەستىقلاشتا ئىلگىرىكى ئىلاھى كىتابلارغا مۇۋاپىق بولغان، ئۇلار بىلەن ئارىسىدا زىتلىق بولمىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى، ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى نازىل قىلدى، بۇ ئىلاھى كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھىدايەتتۇر ۋە ئىنسانلارنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يولغا يىتەكلىگۈچىدۇر. ھەق بىلەن باتىلنىڭ ۋە ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنىڭ ئارىسىنى ئايرىدىغان پۇرقاننى نازىل قىلدى، ئاللاھنىڭ ساڭا نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھ ھەممىدىن غالىپتۇر، ئۆزىنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىن ئىنتىقام .ئالغۇچىدۇر
અરબી તફસીરો:
مِن قَبۡلُ هُدٗى لِّلنَّاسِ وَأَنزَلَ ٱلۡفُرۡقَانَۗ إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٞۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٞ ذُو ٱنتِقَامٍ
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا خەۋەر، ئادالەت ۋە ھۆكۈملەرنى تەستىقلاشتا ئىلگىرىكى ئىلاھى كىتابلارغا مۇۋاپىق بولغان، ئۇلار بىلەن ئارىسىدا زىتلىق بولمىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى، ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى نازىل قىلدى، بۇ ئىلاھى كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھىدايەتتۇر ۋە ئىنسانلارنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يولغا يىتەكلىگۈچىدۇر. ھەق بىلەن باتىلنىڭ ۋە ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان پۇرقاننى نازىل قىلدى، ئاللاھنىڭ ساڭا نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھ ھەممىدىن غالىپتۇر، ئۆزىنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىن ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَخۡفَىٰ عَلَيۡهِ شَيۡءٞ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِي ٱلسَّمَآءِ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاسمان-زېمىندىكى ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاشكارا-يوشۇرۇن ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
અરબી તફસીરો:
هُوَ ٱلَّذِي يُصَوِّرُكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡحَامِ كَيۡفَ يَشَآءُۚ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىغىدىكى چېغىڭلاردا ئوغۇل-قىز، سەت-چىرايلىق، ئاق- قارا دېگەندەك ئۆزى خالىغان تۈرلۈك شەكىللەردە ياراتتى، ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن غالىپتۇر، مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشىنى ئىدارە قىلىش ۋە يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ مِنۡهُ ءَايَٰتٞ مُّحۡكَمَٰتٌ هُنَّ أُمُّ ٱلۡكِتَٰبِ وَأُخَرُ مُتَشَٰبِهَٰتٞۖ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمۡ زَيۡغٞ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَٰبَهَ مِنۡهُ ٱبۡتِغَآءَ ٱلۡفِتۡنَةِ وَٱبۡتِغَآءَ تَأۡوِيلِهِۦۖ وَمَا يَعۡلَمُ تَأۡوِيلَهُۥٓ إِلَّا ٱللَّهُۗ وَٱلرَّٰسِخُونَ فِي ٱلۡعِلۡمِ يَقُولُونَ ءَامَنَّا بِهِۦ كُلّٞ مِّنۡ عِندِ رَبِّنَاۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّآ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ
ئى مۇھەممەد ! سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم ئاللاھ ساڭا ئايەتلىرى روشەن، ھېچ قانداق ئارىلىشىشى بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى، قۇرئان بارلىق كىتابلارنىڭ ئاساسى ۋە كاتتىسىدۇر، ئىختىلاپ بولغاندا قايتىدىغان مەنبەدۇر، ئۇنىڭدا مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان، بىر قانچە مەنانى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەر بار، بۇنىڭ مەنىسى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوچۇق بولمايدۇ، دىللىرىدا ئەگىرلىك يەنى ھەقتىن باتىلغا مايىل بولۇش بولغان كىشىلەر پىتنە قوزغاش، كىشىلەرنى ئازدۇرۇش، ئۆزلىرىنىڭ بۇزۇق قاراشلىرىغا مۇۋاپىق ئۆز قاراشلىرى بويىچە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مەنىسى ئىنىق بولغان ئايەتلەرنى تەرك قىلىپ، مەنىسى ئېنىق بولمىغان ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ، بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، ئىلىمدا توشقان رەببانى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: قۇرئاننىڭ ھەممىسىگە ئىشەندۇق، چۈنكى ئۇنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئۇلار مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان(مۇتاشابىھ) ئايەتلەرنى شۇ ئايەتتىكى تەقەززا بويۇنچە چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن .پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ
અરબી તફસીરો:
رَبَّنَا لَا تُزِغۡ قُلُوبَنَا بَعۡدَ إِذۡ هَدَيۡتَنَا وَهَبۡ لَنَا مِن لَّدُنكَ رَحۡمَةًۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡوَهَّابُ
ئىلىمدا توشقان رەببانى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، ھەقتىن قىڭغىر كىتىپ توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنلەردىن بولۇپ قىلىشتىن ساقلىغىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن دىللىرىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلەيدىغان، ئازغۇنلۇقتىن ساقلايدىغان چەكسىز رەھمەت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن بەندىلىرىڭگە كۆپ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچىدۇرسەن.
અરબી તફસીરો:
رَبَّنَآ إِنَّكَ جَامِعُ ٱلنَّاسِ لِيَوۡمٖ لَّا رَيۡبَ فِيهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُخۡلِفُ ٱلۡمِيعَادَ
پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، كىلىشى شەكسىز بولغان كۈندە كىشىلەرنى ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئۈچۈن توپلىغۇچىسەن. ئۇ پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• أقام الله الحجة وقطع العذر عن الخلق بإرسال الرسل وإنزال الكتب التي تهدي للحق وتحذر من الباطل.
ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش، كىتابلارنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەقىقەتكە يىتەكلەپ، باتىلدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆججگت تۇرغۇزدى.

• كمال علم الله تعالى وإحاطته بخلقه، فلا يغيب عنه شيء في الأرض ولا في السماء، سواء كان ظاهرًا أو خفيًّا.
ئاللاھنىڭ كامالى ئىلمى مەخلۇقاتلىرىنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ئاسمان-زېمىندا ئاشكارا-يوشۇرۇن ھېچ قانداق نەرسە مەخپى قالمايدۇ.

• من أصول أهل الإيمان الراسخين في العلم أن يفسروا ما تشابه من الآيات بما أُحْكِم منها.
ئىمان ئەھلىدىن بولغان رەببانىي ئالىملارنىڭ مېتۇدى: ئۇلار مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان(مۇتاشابىھ) ئايەتلەرنى شۇ ئايەتتىكى تەقەززا بويۇنچە تەپسىرلەيدۇ.

• مشروعية دعاء الله تعالى وسؤاله الثبات على الحق، والرشد في الأمر، ولا سيما عند الفتن والأهواء.
پىتنە ئەۋج ئالغان ۋەزىيەتتە ئاللاھدىن ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشنى، توغرا يول كۆرسۈتۈشىنى تىلەپ دۇئا قىلىش يولغا قويۇلغان.

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَن تُغۡنِيَ عَنۡهُمۡ أَمۡوَٰلُهُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُهُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـٔٗاۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمۡ وَقُودُ ٱلنَّارِ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كاپىر بولغانلارنى ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمايدۇ. بۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىلەر قىيامەت كۈنىدە جەھەننەمگە تۇترۇق بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
كَدَأۡبِ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمۡۗ وَٱللَّهُ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ
ئاشۇ كاپىرلارنىڭ ئەھۋالى، پىرئەۋىن خانىدانى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئازابلىدى، ئۇلارنىڭ پۇل-ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى ھېچ نېمىگە ئەسقاتمىدى، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئىمان ئېيتمىغان ۋە ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارغا جازاسى قاتتىقتۇر.
અરબી તફસીરો:
قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ سَتُغۡلَبُونَ وَتُحۡشَرُونَ إِلَىٰ جَهَنَّمَۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمِهَادُ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېتىقادى تۈرلۈك بولغان كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، مۆمىنلەر دۇنيادا سىلەرنى مەغلۇپ قىلىدۇ، كاپىر ھالەتتە ئۆلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى ئاخىرەتتە جەھەننەمگە توپلايدۇ، سىلەر ئۈچۈن جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي ھە؟!
અરબી તફસીરો:
قَدۡ كَانَ لَكُمۡ ءَايَةٞ فِي فِئَتَيۡنِ ٱلۡتَقَتَاۖ فِئَةٞ تُقَٰتِلُ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَأُخۡرَىٰ كَافِرَةٞ يَرَوۡنَهُم مِّثۡلَيۡهِمۡ رَأۡيَ ٱلۡعَيۡنِۚ وَٱللَّهُ يُؤَيِّدُ بِنَصۡرِهِۦ مَن يَشَآءُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبۡرَةٗ لِّأُوْلِي ٱلۡأَبۡصَٰرِ
ئى يەھۇدىيلار گورۇھى! بەدىر كۈنىدە جەڭ ئۈچۈن ئۇچراشقان ئىككى قوشۇندا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، ئىككى قوشۇننىڭ بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىپ كاپىرلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇچى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچى مۆمىنلەر قوشۇنىدۇر. يەنە بىرى، مەككىدىن رىياخورلۇق، پەخىرلىنىش ۋە تەرەپبازلىق بىلەن چىققان كاپىرلار گورۇھى بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ سانىنى ئۆزلىرىدىن ئىككى باراۋەر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئوپئوچۇق كۆرىدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا ياردەم بېرىدۇ، خالىغان كىشىنى مەدەت بېرىش بىلەن كۈچلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەت ۋە ئىبرەت باردۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىمان ئەھلىنىڭ گەرچە سانى ئاز بولسىمۇ غەلبە ئۇلارغا مەنسۇپتۇر، باتىل-كۇپىر ئەھلىنىڭ سانى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ھامان مەغلۇب بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
زُيِّنَ لِلنَّاسِ حُبُّ ٱلشَّهَوَٰتِ مِنَ ٱلنِّسَآءِ وَٱلۡبَنِينَ وَٱلۡقَنَٰطِيرِ ٱلۡمُقَنطَرَةِ مِنَ ٱلذَّهَبِ وَٱلۡفِضَّةِ وَٱلۡخَيۡلِ ٱلۡمُسَوَّمَةِ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ وَٱلۡحَرۡثِۗ ذَٰلِكَ مَتَٰعُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَٱللَّهُ عِندَهُۥ حُسۡنُ ٱلۡمَـَٔابِ
ئاللاھ تائالا خەۋەر بېرىپ: ئىنسانلارنى سىناش ئۈچۈن دۇنيالىق كۆڭۈل تارتىدىغان ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن-كۈمۈشتىن توپلانغان مال-دۇنيالار، تەربىيلەنگەن ئارغىماقلار، قوي، كالا ۋە تۆگىدىن ئىبارەت چارۋىلار ۋە ئىكىنزارلىقلاردىن ئىبارەت نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ئىنسانغا ياخشى كۆرىلىدىغان قىلدى، ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەلۇم مۇددەت مەنپەئەتلىنىدىغان ئاندىن يوقىلىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، مۆئمىننىڭ ئۇنداق نەرسىلەرگە كۆڭۈل باغلىشى لايىق بولمايدۇ. ئاللاھ ھوزۇرىدىكى ئاسمان-زېمىننىڭ باراۋىرىدىكى جەننەتتىن ئىبارەت قايتىدىغان جاي ئەڭ ياخشى .ماكاندۇر
અરબી તફસીરો:
۞ قُلۡ أَؤُنَبِّئُكُم بِخَيۡرٖ مِّن ذَٰلِكُمۡۖ لِلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ عِندَ رَبِّهِمۡ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا وَأَزۡوَٰجٞ مُّطَهَّرَةٞ وَرِضۡوَٰنٞ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ بَصِيرُۢ بِٱلۡعِبَادِ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! قەۋمىڭگە ئېيتقىنكى، سىلەرگە دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەردىنمۇ ياخشىراق نەرسىدىن خەۋەر بىرەيمۇ؟، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىپ چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن باغچىلىرى ۋە قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن شۇ ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ ۋە يوقالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە يارىتىلىشى نۇقسانسىز ۋە ئەخلاقى گۈزەل بولغان پاك جۈپلەر بار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رازىلىقى بار، ئاللاھ ئۇلارغا ئەبەدى غەزەپ قىلمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ ھېچ قانداق ئىشى ئۇنىڭ بىلىشىدىن مەخپى قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• أن غرور الكفار بأموالهم وأولادهم لن يغنيهم يوم القيامة من عذاب الله تعالى إذا نزل بهم.
كاپىرلارنىڭ پۇل-ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى بىلەن مەغرۇرلىنىشى، ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشەكەندە ھېچ مەنپەئەت بەرمەيدۇ.

• النصر حقيقة لا يتعلق بمجرد العدد والعُدة، وانما بتأييد الله تعالى وعونه.
نۇسرەت ۋە غەلبە سان ۋە ماددى كۈچ-قۇۋۋەتكە ئالاقىدار بولمايدۇ، ھەقەقەتتە ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە كۈچلاندۇرىشى بىلەن بولىدۇ.

• زَيَّن الله تعالى للناس أنواعًا من شهوات الدنيا ليبتليهم، وليعلم تعالى من يقف عند حدوده ممن يتعداها.
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا كۆڭلى تارتىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى چىرايلىق كۆرسەتتى، بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە تۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن تۇرمايدىغان كىشىلەر بىلىنىدۇ.

• كل نعيم الدنيا ولذاتها قليل زائل، لا يقاس بما في الآخرة من النعيم العظيم الذي لا يزول.
دۇنيادىكى لەززەتلىك نېئمەتلەر ئاز ھەم مۇئەققەت بولۇپ، بۇ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي يوقالمايدىغان كاتتا نېئمەتلەرگە قىياس قىلىنمايدۇ.

ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَآ إِنَّنَآ ءَامَنَّا فَٱغۡفِرۡ لَنَا ذُنُوبَنَا وَقِنَا عَذَابَ ٱلنَّارِ
جەننەت ئەھلى ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىغا قىلغان دۇئالىرىدا مۇنداق دەيدۇ: پەرۋەردىگارىمىز! بىز ساڭا ۋە پەيغەمبىرىڭگە نازىل قىلغان نەرسىگە شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، سېنىڭ شەرىئىتىڭگە ئەگەشتۇق. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن يىراق قىلغىن.
અરબી તફસીરો:
ٱلصَّٰبِرِينَ وَٱلصَّٰدِقِينَ وَٱلۡقَٰنِتِينَ وَٱلۡمُنفِقِينَ وَٱلۡمُسۡتَغۡفِرِينَ بِٱلۡأَسۡحَارِ
تەقۋادارلار: ئاللاھ بۇيرىغاننى قىلىپ، چەكلىگەندىن يانغۇچىلار ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن مۇسىبەتلەرگە سەۋىر قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار سۆز-ھەرىكەتلىرىدە راستچىللار، ئاللاھقا تولۇق ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر. پۇل-ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر، چۈنكى كېچىنىڭ ئاخىرىدا قىلغان دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر، ئۇ ۋاقىتتا ئىنسان قەلبى ھەممە ئىشلاردىن خالى بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
شَهِدَ ٱللَّهُ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَأُوْلُواْ ٱلۡعِلۡمِ قَآئِمَۢا بِٱلۡقِسۡطِۚ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاللاھ شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، نازىل قىلىنغان كىتابلاردىكى ۋە كائىناتتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى ئىسپاتلايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى بايان قىلىپ ۋە ئۇنىڭ ۋەھدانىيىتىگە چاقىرىپ گۇۋاھلىق بەردى، ئۇلار گۇۋاھلىق بېرىلىدىغان ئەڭ كاتتا نەرسىگە گۇۋاھلىق بەردى، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ ئۆز خەلقى ۋە شەرىئىتىدە ئادالەتنى بەرپا قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ھەممىدىن غالىبتۇر، ئۆز خەلقىنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلىش ۋە بېكىتىشتە ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلدِّينَ عِندَ ٱللَّهِ ٱلۡإِسۡلَٰمُۗ وَمَا ٱخۡتَلَفَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلۡعِلۡمُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۗ وَمَن يَكۡفُرۡ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ فَإِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنىدۇر. ئۇ بولسىمۇ يالغۇز ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن تولۇق بويسۇنۇش، ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى، پەيغەمبەرلىك شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىدىن باشقا دىن قوبۇل قىلىنمايدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىشتۇر، يەھۇدىي-ناسارالارغا ئىسلام دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرھەق پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلىم ۋە ھۆججەت كەلگەندىن كېيىن ھەسەت قىلىپ ۋە دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇپ ئۆز-ئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، كىمكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئۆزىگە كاپىر بولغانلىقى ۋە پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن تىزدىن .ھېساب ئالىدۇ ۋە جازالايدۇ
અરબી તફસીરો:
فَإِنۡ حَآجُّوكَ فَقُلۡ أَسۡلَمۡتُ وَجۡهِيَ لِلَّهِ وَمَنِ ٱتَّبَعَنِۗ وَقُل لِّلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡأُمِّيِّـۧنَ ءَأَسۡلَمۡتُمۡۚ فَإِنۡ أَسۡلَمُواْ فَقَدِ ٱهۡتَدَواْۖ وَّإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّمَا عَلَيۡكَ ٱلۡبَلَٰغُۗ وَٱللَّهُ بَصِيرُۢ بِٱلۡعِبَادِ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار سەن بىلەن ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان ھەق دىن توغرىسىدا مۇنازىرىلەشسە، ئۇلارغا: مەن، ماڭا ئەگەشكەن مۆئمىنلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزۈمنى ئاللاھغا تاپشۇردۇم دېگىن. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: يەھۇدىي-ناسارالارغا ۋە ئەرەب مۇشرىكلىرىغا: مەن ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئەگىشىش بىلەن ئاللاھقا سەمىمى بويسۇندۇڭلارمۇ؟دېگىن، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا بويسۇنسا، سېنىڭ شەرىئىتىڭگە ئەگىشىدۇ، توغرا يولدا ماڭىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈسە، ساڭا ھېچ زېيىنى يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت ئاللاھ سەن ئارقىلىق ئەۋەتكەن دىننى يەتكۈزۈشتۇر، ئۇلارنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ھەر قانداق ئەمەل قىلغۇچىنى قىلغان ئەمىلىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ ياكى جازالايدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَيَقۡتُلُونَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ بِغَيۡرِ حَقّٖ وَيَقۡتُلُونَ ٱلَّذِينَ يَأۡمُرُونَ بِٱلۡقِسۡطِ مِنَ ٱلنَّاسِ فَبَشِّرۡهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈرگەن ئايەت-ھۆججەتلىرىنى ئىنكار قىلغان، زۇلۇم قىلىپ ۋە دۈشمەنلىك قىلىپ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ناھەق ئۆلتۈرگەن، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىگەنلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرگە قىيامەتتە دەرتلىك ئازاب بىلەن خوش-خەۋەر بەرگىن.
અરબી તફસીરો:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ حَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَمَا لَهُم مِّن نَّٰصِرِينَ
ئەنە ئاشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھقا ئىمانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە قىلغان بارلىق ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مۇداپىئە قىلىدىغان ھېچ ياردەم بەرگۈچى يوق.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• من أعظم ما يُكفِّر الذنوب ويقي عذاب النار الإيمان بالله تعالى واتباع ما جاء به الرسول صلى الله عليه وسلم.
گۇناھقا كاپارەت بولىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان ئەڭ كاتتا نەرسە ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن شەرىئەتكە ئەگىشىشتۇر.

• أعظم شهادة وحقيقة هي ألوهية الله تعالى ولهذا شهد الله بها لنفسه، وشهد بها ملائكته، وشهد بها أولو العلم ممن خلق.
گۇۋاھلىقنىڭ ئەڭ كاتتىسى ھەقىقەتتە ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭغا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى ۋە ئىنسانلاردىن بولغان ئىلىم ساھىبلىرى گۇۋاھلىق بەردى.

• البغي والحسد من أعظم أسباب النزاع والصرف عن الحق.
تالاش-تارتىش قىلىش ۋە ھەقتىن يۈز ئۆرۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى؛ ھەددىدىن ئىشىش ۋە ھەسەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ أُوتُواْ نَصِيبٗا مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ يُدۡعَوۡنَ إِلَىٰ كِتَٰبِ ٱللَّهِ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَهُمۡ ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٞ مِّنۡهُمۡ وَهُم مُّعۡرِضُونَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! تەۋراتنىڭ ئىلمىدىن ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى بىلدۈرىدىغان ئىلىملەردىن نېسىۋە بېرىلگەن يەھۇدىلارنىڭ ھالىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا ئىختىلاپ قىلىشسا، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان تەۋراتقا مۇراجىئەت قىلىشنى دەۋا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرى ۋە كاتىۋاشلىرىدىن بىر قىسمى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ نەپسى-خاھىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى تەۋراتنىڭ ھۆكمىگە ئەگەشكۈچى دەپ ئويلىغاندىن كېيىن، باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا ئۇلار تىزراق بۇ ھۆكۈمگە بويسۇنىشى زۆرۈر ئىدى.
અરબી તફસીરો:
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُواْ لَن تَمَسَّنَا ٱلنَّارُ إِلَّآ أَيَّامٗا مَّعۡدُودَٰتٖۖ وَغَرَّهُمۡ فِي دِينِهِم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
ئۇلارنىڭ ھەقتىن بۇرۇلۇپ يۈز ئۆرۈشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخ بىزنى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ، ئاندىن بىز جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلايدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ يالغان-توقۇلما، باتىللىرى ئالداپ قويۇش سەۋەبلىك، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەت قىلدى.
અરબી તફસીરો:
فَكَيۡفَ إِذَا جَمَعۡنَٰهُمۡ لِيَوۡمٖ لَّا رَيۡبَ فِيهِ وَوُفِّيَتۡ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا كَسَبَتۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
كېلىشى شەكسىز بولغان قىيامەت كۈنىدە، ئۇلارنى ھېساب ئۈچۈن توپلىغىنىمىزدا، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ مىقدارىدا جازالايمىز ياكى مۇكاپاتلايمىز، ئۇلارغا ياخشىلىقىنى كىمەيتىش ۋە يامانلىقىنى زىيادە قىلىپ قويۇش بىلەن زۇلۇم قىلىنمايدىغان، پۇشايمان پايدا بەرمەيدىغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولاپ كېتەر؟!.
અરબી તફસીરો:
قُلِ ٱللَّهُمَّ مَٰلِكَ ٱلۡمُلۡكِ تُؤۡتِي ٱلۡمُلۡكَ مَن تَشَآءُ وَتَنزِعُ ٱلۡمُلۡكَ مِمَّن تَشَآءُ وَتُعِزُّ مَن تَشَآءُ وَتُذِلُّ مَن تَشَآءُۖ بِيَدِكَ ٱلۡخَيۡرُۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! پەرۋەردىگارىڭنى مەدھىيلەپ ۋە ئۇلۇغلاپ ئېيتقىنكى: ئى ئاللاھ! سەن دۇنيا-ئاخىرەتتىكى بارلىق پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى، خەلقىڭدىن خالىغان كىشىگە پادىشاھلىقنى بېرىسە، خالىغان كىشىدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن، ئۇلاردىن خالىغاننى ئەزىز قىلىسەن، خالىغاننى خار قىلىسەن، بۇنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ھېكمىتىڭ ۋە ئادىللىقىڭدۇر، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن.
અરબી તફસીરો:
تُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَتُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِۖ وَتُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَتُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتَ مِنَ ٱلۡحَيِّۖ وَتَرۡزُقُ مَن تَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٖ
سېنىڭ قۇدرىتىڭنىڭ نامايەندىسىدىن، سەن كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈز ۋاقتى ئۈزۇن بولىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن كېچە ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ، كاپىردىن مۆئمىننى ۋە ئۇرۇقچىدىن زىرائەتنى چىقارغانغا ئوخشاش جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، مۆئمىندىن كاپىرنى ۋە توخۇدىن تۇخۇمنى چىقارغانغا ئوخشاش جانلىقتىن جانسىزنى چىقىرىسەن، ئۆزۇڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز، كەڭ-تاشا رىزىق بىرىسەن.
અરબી તફસીરો:
لَّا يَتَّخِذِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۖ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ فَلَيۡسَ مِنَ ٱللَّهِ فِي شَيۡءٍ إِلَّآ أَن تَتَّقُواْ مِنۡهُمۡ تُقَىٰةٗۗ وَيُحَذِّرُكُمُ ٱللَّهُ نَفۡسَهُۥۗ وَإِلَى ٱللَّهِ ٱلۡمَصِيرُ
ئى مۆئمىنلەر! مۆئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى ياخشى كۆرۈپ ئۇلارنى ياردەمچى ۋە يېقىن دوست قىلىۋالماڭلار، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ، ئاللاھمۇ ئۇ كىشىدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئەنسىرىسە، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاداۋەتنى يوشۇرۇپ چىرايلىق سۆز-ھەرىكەت بىلەن مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، خاتالىق سادىر قىلىپ ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچرىماڭلار، بەندىلەرنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتى ئۈچۈن يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ إِن تُخۡفُواْ مَا فِي صُدُورِكُمۡ أَوۡ تُبۡدُوهُ يَعۡلَمۡهُ ٱللَّهُۗ وَيَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: دىلىلىڭلاردىكى ئاللاھ سىلەرنى چەكلىگەن كاپىرلارنى دوست تۇتىدىغان ئىشلارنى يوشۇرۇڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ ئاسمان-زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ھېچ نەرسە ئاللاھنى ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• أن التوفيق والهداية من الله تعالى، والعلم - وإن كثر وبلغ صاحبه أعلى المراتب - إن لم يصاحبه توفيق الله لم ينتفع به المرء.
تەۋپىق ۋە ھىدايەت ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ، گەرچە ئىنسان ئىلىمدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلمىسا، ئۇ ئىلىم ئىگىسىگە ھېچ مەنپەئەت بەرمەيدۇ.

• أن الملك لله تعالى، فهو المعطي المانع، المعز المذل، بيده الخير كله، وإليه يرجع الأمر كله، فلا يُسأل أحد سواه.
شۈبھىسىزكى، پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنى ئاللاھ بەرگۈچىدۇر ۋە تارتىپ ئالغۇچىدۇر، ئەزىز قىلغۇچىدۇر ۋە خار قىلغۇچىدۇر، ھەممە ياخشىلىق ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا قايتىدۇ، ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشىدىن ھاجەت سورالمايدۇ.

• خطورة تولي الكافرين، حيث توعَّد الله فاعله بالبراءة منه وبالحساب يوم القيامة.
كاپىرلارنى دوست تۇتۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، ئۇنداق قىلغانلاردىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئادا-جۇدا ئىكەنلىكى ۋە قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭدىن قاتتىق ھېساب ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى.

يَوۡمَ تَجِدُ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا عَمِلَتۡ مِنۡ خَيۡرٖ مُّحۡضَرٗا وَمَا عَمِلَتۡ مِن سُوٓءٖ تَوَدُّ لَوۡ أَنَّ بَيۡنَهَا وَبَيۡنَهُۥٓ أَمَدَۢا بَعِيدٗاۗ وَيُحَذِّرُكُمُ ٱللَّهُ نَفۡسَهُۥۗ وَٱللَّهُ رَءُوفُۢ بِٱلۡعِبَادِ
قىيامەت كۈنى ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ ئالدىغا قىلغان ياخشىلىقلىرى كىمەيتىلمەستىن كەلتۈرىلىدۇ، يامان ئىش قىلغان كىشى بولسا ئۆزى بىلەن قىلغان يامانلىقىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن بىر مۇساپە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئارزۇسى نەدە قالدى!) ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچرىماڭلار، ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىبان بولغاچقا، ئۇلارنى قورقۇتۇپ، ئاگاھلاندۇردى
અરબી તફસીરો:
قُلۡ إِن كُنتُمۡ تُحِبُّونَ ٱللَّهَ فَٱتَّبِعُونِي يُحۡبِبۡكُمُ ٱللَّهُ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡ ذُنُوبَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ھەقىقى ياخشى كۆرسەڭلار، قەلبىڭلار ۋە ئەمەلىيتىڭلار بىلەن مەن ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئەگەشسەڭلار، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىسىلەر، گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَۖ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡكَٰفِرِينَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىسەڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆزىنىڭ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغۇچى كاپىرلارنى .ياقتۇرمايدۇ
અરબી તફસીરો:
۞ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰٓ ءَادَمَ وَنُوحٗا وَءَالَ إِبۡرَٰهِيمَ وَءَالَ عِمۡرَٰنَ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى، ئۇنىڭغا پەرىشتىلىەرنى سەجدە قىلدۈردى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنى تاللاپ، زېمىن ئەھلىگە ئەۋەتىلگەن تۇنجى ئەلچى قىلدى، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىنى تاللاپ پەيغەمبەرلىكنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدا قىلدى، ئىمران ئەۋلادىنى تاللىدى، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاللاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانداشلىرى ئارىسىدا پەزىلەتلىك قىلدى.
અરબી તફસીરો:
ذُرِّيَّةَۢ بَعۡضُهَا مِنۢ بَعۡضٖۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
پەيغەمبەرلەردىن يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كىلىپ ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلشتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلىرىدىن بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى قالدۇرىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلاردىن ئۆزى خالىغان كىشىنى تاللايدۇ ۋە خالىغان كىشىنى پەيغەمبەر قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِذۡ قَالَتِ ٱمۡرَأَتُ عِمۡرَٰنَ رَبِّ إِنِّي نَذَرۡتُ لَكَ مَا فِي بَطۡنِي مُحَرَّرٗا فَتَقَبَّلۡ مِنِّيٓۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ دېگەن مۇنۇ سۆزىنى ئەسلە: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى دۇنيا ئىشلىرىدىن ئازاد قىلىنغان ھالدا پەقەت سېنىڭ ۋە سېنىڭ بەيتىڭنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئاتىدىم، مېنىڭ بۇ نەزىرەمنى قوبۇل قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن مېنىڭ دۇئايىمنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە نىيىتىمنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇرسەن.
અરબી તફસીરો:
فَلَمَّا وَضَعَتۡهَا قَالَتۡ رَبِّ إِنِّي وَضَعۡتُهَآ أُنثَىٰ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا وَضَعَتۡ وَلَيۡسَ ٱلذَّكَرُ كَٱلۡأُنثَىٰۖ وَإِنِّي سَمَّيۡتُهَا مَرۡيَمَ وَإِنِّيٓ أُعِيذُهَا بِكَ وَذُرِّيَّتَهَا مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ ٱلرَّجِيمِ
ھامىلدارلىق مۇددىتى توشۇپ بوۋاقنى تۇققان ۋاقتىدا، تۇغۇلغان بوۋاق قىز بولغانلىقى ئۈچۈن (ئىمراننىڭ ئايالى بوۋاقنىڭ ئوغۇل بولىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى) ئۈزۈر ئېيتىپ: ئى پەرۋەردىگارىم قىز تۇغدۇم دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ، ئۇ تەلەپ قىلغان ئوغۇل يارىتىلىش ۋە قۇۋۋەتتە ئاتا قىلىنغان قىزغا ئوخشاش ئەمەس، ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى: مەن ئۇنى مەريەم دەپ ئاتىدىم، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ سېنىڭ رەھمىتىڭدىن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن.
અરબી તફસીરો:
فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُولٍ حَسَنٖ وَأَنۢبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنٗا وَكَفَّلَهَا زَكَرِيَّاۖ كُلَّمَا دَخَلَ عَلَيۡهَا زَكَرِيَّا ٱلۡمِحۡرَابَ وَجَدَ عِندَهَا رِزۡقٗاۖ قَالَ يَٰمَرۡيَمُ أَنَّىٰ لَكِ هَٰذَاۖ قَالَتۡ هُوَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ إِنَّ ٱللَّهَ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٍ
ئۇنىڭ نەزىرىسىنى ئاللاھ چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلدى، ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن سالىھ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلدى، ئۇنىڭ خىزمىتىگە زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنى كېپىل قىلدى، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا ياخشى يىمەكلىكلەرنى ئۇچرىتاتتى ۋە ئۇنىڭغا: ئى مەريەم! بۇ يىمەكلىك ساڭا قەيەردىن كەلدى؟ دەيتتى، مەريەم ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: بۇ يىمەك ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن كەلدى دەيتتى، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا ـ مۇشەققەتسىزلا) ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• عظم مقام الله وشدة عقوبته تجعل العاقل على حذر من مخالفة أمره تعالى.
ئاللاھنىڭ ماقامىنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ئازابىنىڭ قاتتىقلىقى ئەقىللىق كىشىنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.

• برهان المحبة الحقة لله ولرسوله باتباع الشرع أمرًا ونهيًا، وأما دعوى المحبة بلا اتباع فلا تنفع صاحبها.
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشنىڭ دەلىلى: بۇيرۇق ۋە چەكلىمىدە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەگىشىشتۇر، ئەمما ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشمەستىن، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈمەن دېيىش قۇرۇق داۋادىن ئىبارەتتۇر.

• أن الله تعالى يختار من يشاء من عباده ويصطفيهم للنبوة والعبادة بحكمته ورحمته، وقد يخصهم بآيات خارقة للعادة.
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدىن خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ ھېكمىتى ۋە رەھمىتى بىلەن پەيغەمبەرلىككە ۋە ئىبادەتكە تاللايدۇ، ئۇلارغا ئادەتتىن تاشقىرى بەزى مۆجىزىلەرنى خاس قىلىدۇ.

هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِيَّا رَبَّهُۥۖ قَالَ رَبِّ هَبۡ لِي مِن لَّدُنكَ ذُرِّيَّةٗ طَيِّبَةًۖ إِنَّكَ سَمِيعُ ٱلدُّعَآءِ
زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئادەتتىكى رىزىق بېرىش يولىنىڭ غەيرىدە مەريەمگە ئىنئام قىلغان رىزىقلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە ئايالىنىڭ تۇغماسلىقىنى بىلىپ تۇرۇغلۇق ئاللاھدىن بىر پەرزەنت تەلەپ قىلىپ: ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا سالىھ بىر پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، سەن ھەقىقەتەن ساڭا دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىغۇچىسەن ۋە ئىجابەت قىلغۇچىسەن، دېدى.
અરબી તફસીરો:
فَنَادَتۡهُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَهُوَ قَآئِمٞ يُصَلِّي فِي ٱلۡمِحۡرَابِ أَنَّ ٱللَّهَ يُبَشِّرُكَ بِيَحۡيَىٰ مُصَدِّقَۢا بِكَلِمَةٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَسَيِّدٗا وَحَصُورٗا وَنَبِيّٗا مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
ئۇ ئۆزىنىڭ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا خىتاپ قىلىپ: ئاللاھ ساڭا يېقىندا دۇنياغا كىلىدىغان، ئاللاھنىڭ كەلىمىسى بولغان ئىسانى تەستىق قىلىدىغان، (ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بول دېگەن سۆزى بىلەن يارىتىلغان) ئىلىم ۋە ئىبادەتتە قەۋمىگە يېتەكچى بولىدىغان، ئاياللارغا يېقىنلىشىدىغان نەپسى شەھۋەتلەردىن ئۆزىنى تۇتىدىغان، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە ئاتىغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ، دېدى.
અરબી તફસીરો:
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَٰمٞ وَقَدۡ بَلَغَنِيَ ٱلۡكِبَرُ وَٱمۡرَأَتِي عَاقِرٞۖ قَالَ كَذَٰلِكَ ٱللَّهُ يَفۡعَلُ مَا يَشَآءُ
پەرىشتىلەر زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامغا يەھيا بىلەن خوشخەۋەر بەرگەندە، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغۇتتىن قالغان تۇرسا قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟، دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بېرىپ: ئاللاھ ئادەتتىكى پرىنسىپقا زىت بولغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلغانغا ئوخشاش، سېنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىڭ ۋە ئايالىڭنىڭ تۇغماسلىقىنى بىلىپ تۇرۇغلۇق يەھيانى پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئۆزىنىڭ ھېكمىتى ۋە ئىلمى بىلەن خالىغاننى قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
قَالَ رَبِّ ٱجۡعَل لِّيٓ ءَايَةٗۖ قَالَ ءَايَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ ٱلنَّاسَ ثَلَٰثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمۡزٗاۗ وَٱذۡكُر رَّبَّكَ كَثِيرٗا وَسَبِّحۡ بِٱلۡعَشِيِّ وَٱلۡإِبۡكَٰرِ
زەكەرىيا: ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا بىر نىشانە قىلغىن دېدى، ئاللاھ: سەن تەلەپ قىلغان بەلگە شۇكى، ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن پەقەت ئىشارەت بىلەن سۆز قىلىسەن، بۇ ساڭا بىرەر كېسەللىك يەتكەنلىكتىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكىن، ئەتتىگەن ۋە كەچتە زىكىر-تەسبىھ ئېيتقىن.
અરબી તફસીરો:
وَإِذۡ قَالَتِ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَٰمَرۡيَمُ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰكِ وَطَهَّرَكِ وَٱصۡطَفَىٰكِ عَلَىٰ نِسَآءِ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مەريەمگە: ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى ماختالغۇچى ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، ئۆز زامانىدىكى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى.
અરબી તફસીરો:
يَٰمَرۡيَمُ ٱقۡنُتِي لِرَبِّكِ وَٱسۡجُدِي وَٱرۡكَعِي مَعَ ٱلرَّٰكِعِينَ
ئى مەريەم! نامازدا قىيامنى ئۇزۇن قىل، پەرۋەردىگارىڭغا سەجدە قىلغىن، سالىھ بەندىلەردىن رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ئاللاھقا رۇكۇ قىلغىن.
અરબી તફસીરો:
ذَٰلِكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلۡغَيۡبِ نُوحِيهِ إِلَيۡكَۚ وَمَا كُنتَ لَدَيۡهِمۡ إِذۡ يُلۡقُونَ أَقۡلَٰمَهُمۡ أَيُّهُمۡ يَكۡفُلُ مَرۡيَمَ وَمَا كُنتَ لَدَيۡهِمۡ إِذۡ يَخۡتَصِمُونَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان زەكەرىيا بىلەن مەريەمنىڭ خەۋەرلىرى بولسا بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان غەيبى خەۋەرلەر جۇملىسىدىندۇر. ئاشۇ ئۆلىمالار ۋە سالىھ كىشىلەر مەريەمنى قايسىسىنىڭ تەربىيسىگە ئېلىش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش قىلىپ ھەتتا چەك تاشلاش يۈزىسىدىن قەلەملىرىنى سۇغا تاشلىغاندا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلىمى لەيلەش بىلەن ئۇتۇق قازاندى.
અરબી તફસીરો:
إِذۡ قَالَتِ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَٰمَرۡيَمُ إِنَّ ٱللَّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٖ مِّنۡهُ ٱسۡمُهُ ٱلۡمَسِيحُ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ وَجِيهٗا فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَمِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر: ئى مەريەم! ھەقىقەتەن ئاللاھ ساڭا ئاتىنىڭ ۋاستىسىز تۇغۇلىدىغان، ئاللاھنىڭ بول دېگەن سۆزىدىن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولىدىغان بىر بوۋاق بىلەن خوشخەۋەر بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىسادۇر، ئۇ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• عناية الله تعالى بأوليائه، فإنه سبحانه يجنبهم السوء، ويستجيب دعاءهم.
ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى يامانلىقتىن .ساقلايدۇ ۋە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ

• فَضْل مريم عليها السلام حيث اختارها الله على نساء العالمين، وطهَّرها من النقائص، وجعلها مباركة.
ئاللاھ مەريەم ئەلەيھىسسالامنى ئۆز زامانىدىكى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن پەزىلەتتە ئارتۇق قىلدى، ئۇنى كەمچىللىكلەردىن پاك ۋە مۇبارەك قىلدى.

• كلما عظمت نعمة الله على العبد عَظُم ما يجب عليه من شكره عليها بالقنوت والركوع والسجود وسائر العبادات.
ئاللاھنىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى كاتتا بولغانسىرى، ئۇ كىشىنىڭمۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن قىيامدا تۇرۇپ، رۇكۇ-سەجدە قىلىپ ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىمۇ ئادا قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ.

• مشروعية القُرْعة عند الاختلاف فيما لا بَيِّنة عليه ولا قرينة تشير إليه.
ئىختىلاپلاشقان بىر ئىشنى ئوچۇقلاشتۇرىدىغان ۋە دەلىللەپ بېرىدىغان سىلىشتۇرما ھۆججەت بولمىغان ۋاقىتتا چەك تاشلاش يولغا قويۇلغان.

وَيُكَلِّمُ ٱلنَّاسَ فِي ٱلۡمَهۡدِ وَكَهۡلٗا وَمِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
ئۇ كىشىلەرگە سۆزلەش يېشىدىن بۇرۇنقى بوۋاقلىق ھالىتىدىمۇ سۆز قىلىدۇ، كۇچ-قۇۋۋەتكە تولغان ياشلىق ھالىتىدىمۇ سۆزلەيدۇ، ئۇلارغا دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا پايدىلىق بولغان نەرسىلەر بىلەن سۆزلەيدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ سۆز -ھەرىكەتلىرىدە ياخشىلارنىڭ قاتارىدىندۇر
અરબી તફસીરો:
قَالَتۡ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٞ وَلَمۡ يَمۡسَسۡنِي بَشَرٞۖ قَالَ كَذَٰلِكِ ٱللَّهُ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ إِذَا قَضَىٰٓ أَمۡرٗا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
مەريەم ئۆزىنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ قانداق بالىسى بولىدىغانلىقىدىن ھەيران قىلىپ: مەن توي قىلمىغان ۋە ماڭا يات ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا قانداقمۇ بالام بولىدۇ؟دېدى، پەرىشتە ئۇنىڭغا: ئاللاھ ساڭا ئاتىسىز پەرزەنت پەيدا قىلغانغا ئوخشاش ئادەتتىكى پىرىنسىپقا زىت ھالەتتە خالىغان نەرسىنى پەيدا قىلىدۇ، بىر ئىشنى مەقسەت قىلسا ئۇنىڭغا بول دەيدۇ-دە بولىدۇ، ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ، دەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَيُعَلِّمُهُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَ
ئاللاھ ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى، توغرا سۆز قىلىشنى، ھېكمەتنى، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان تەۋراتنى ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنىدىغان ئىنجىلنى ئۈگىتىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَرَسُولًا إِلَىٰ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ أَنِّي قَدۡ جِئۡتُكُم بِـَٔايَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ أَنِّيٓ أَخۡلُقُ لَكُم مِّنَ ٱلطِّينِ كَهَيۡـَٔةِ ٱلطَّيۡرِ فَأَنفُخُ فِيهِ فَيَكُونُ طَيۡرَۢا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۖ وَأُبۡرِئُ ٱلۡأَكۡمَهَ وَٱلۡأَبۡرَصَ وَأُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۖ وَأُنَبِّئُكُم بِمَا تَأۡكُلُونَ وَمَا تَدَّخِرُونَ فِي بُيُوتِكُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لَّكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
ئاللاھ ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ، ئۇ دەيدۇكى: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر، پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر مۆجىزە ئىلىپ كەلدىم، ئۇ بولسىمۇ، مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن-دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھايات قۇش بولىدۇ، تۇغما كورنى ساقايتىمەن، ئۇ كۆرىدىغان بولىدۇ، بەرەس كېسىلىنى داۋالايمەن، تېرىسى ئەسلىگە كېلىدۇ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، ئاشۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولىدۇ، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۇڭلاردا يوشۇرۇپ قويغان يىمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن، مەن يۇقىرىدا سىلەرگە زىكىر قىلغان كاتتا ئىشلارنى ئىنسان كەلتۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتىدىغان ۋە ھۆججەتلەرگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار يۇقىرىقى ئىشلار مېنىڭ سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنىڭ ئاشكارا ئالامىتىدۇر
અરબી તફસીરો:
وَمُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيَّ مِنَ ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَلِأُحِلَّ لَكُم بَعۡضَ ٱلَّذِي حُرِّمَ عَلَيۡكُمۡۚ وَجِئۡتُكُم بِـَٔايَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مەن سىلەرگە مەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا كەلدىم، سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇش ۋە يەڭگىللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرى سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، دېگەن گىپىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن دەلىللەرنى ئىلىپ كەلدىم، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھدىن قورقۇڭلار، مەن سىلەرنى دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشتا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُوهُۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ
ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇ قورقۇش ۋە ئىتائەت قىلىشقا ھەقلىق بولغان بىردىن بىر زاتتۇر، يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە تەقۋادارلىق قىلىش بولسا مەن سىلەرنى بۇيرىغان ئىشتۇر، ئۇ .ھېچ قانداق قىڭغىرلىق بولمىغان توغرا يولدۇر
અરબી તફસીરો:
۞ فَلَمَّآ أَحَسَّ عِيسَىٰ مِنۡهُمُ ٱلۡكُفۡرَ قَالَ مَنۡ أَنصَارِيٓ إِلَى ٱللَّهِۖ قَالَ ٱلۡحَوَارِيُّونَ نَحۡنُ أَنصَارُ ٱللَّهِ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَٱشۡهَدۡ بِأَنَّا مُسۡلِمُونَ
ئىسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنىڭ كۇپرىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋاقىتتا، بەنى ئىسرائىلغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا كىم ماڭا ياردەم بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدىكى ساپ-سەمىمى كىشىلەر: بىز ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىشەندۇق، ساڭا ئەگەشتۇق، ئى ئىسا! گۇۋاھ بولغىنكى، بىز يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ۋە بويسۇنغۇچىمىز دەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• شرف الكتابة والخط وعلو منزلتهما، حيث بدأ الله تعالى بذكرهما قبل غيرهما.
ئاللاھ تائالا باشقا نەرسىلەرنى زىكىر قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ ئىككى ئىشنى زىكىر قىلدى، بۇنىڭدىن خەت يېزىش ۋە ئوقۇشنىڭ شەرەپلىك ۋە .مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ

• من سنن الله تعالى أن يؤيد رسله بالآيات الدالة على صدقهم، مما لا يقدر عليه البشر.
ئاللاھنىڭ پرىنسىپلىرىدىن: ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىنى ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلايدىغان، باشقا ئىنسانلار كەلتۈرۈشكە قادىر .بولالمايدىغان ئالامەتلەر بىلەن پەيغەمبەرلىرىنى كۈچلاندۇرىدۇ

• جاء عيسى بالتخفيف على بني إسرائيل فيما شُدِّد عليهم في بعض شرائع التوراة، وفي هذا دلالة على وقوع النسخ بين الشرائع.
ئىسا ئەلەيھىسسالام تەۋراتنىڭ پرىنسىپلىرىدا بەنى ئىسرائىلغا قاتتىق ھۆكۈم قىلىنغان بەزى شەرئىي پرىنسىپلارنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن كەلدى. بۇنىڭدىن شەرىئەتلار ئارا بەزى تۇزۇملەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

رَبَّنَآ ءَامَنَّا بِمَآ أَنزَلۡتَ وَٱتَّبَعۡنَا ٱلرَّسُولَ فَٱكۡتُبۡنَا مَعَ ٱلشَّٰهِدِينَ
شۇنىڭدەك ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابىلىرىمۇ: پەرۋەردىگارىمىز! ئىنجىلدا نازىل قىلىنغان ئايەتلەرگە ئىشەندۇق، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشتۇق، بىزنى ساڭا ۋە سېنىڭ پەيغەمبىرىڭگە ئىمان ئېيتقان ۋە ھەقكە شاھىت بولغۇچىلاردىن قىلغىن، دېدى.
અરબી તફસીરો:
وَمَكَرُواْ وَمَكَرَ ٱللَّهُۖ وَٱللَّهُ خَيۡرُ ٱلۡمَٰكِرِينَ
بەنى ئىسرائىلدىن بولغان كاپىرلار ھىلە ئىشلىتىپ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھېلى-مىكرىنى بەربات قىلىپ ئۇلارنى ئازغۇنلىقىدا قويۇپ قويدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىنى يەنە بىر كىشىگە تاشلىدى، ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر، چۈنكى ئاللاھدىنمۇ بەكراق دۈشمەنلىرىنىڭ مىكرىنى بەربات قىلغۇچى يوقتۇر.
અરબી તફસીરો:
إِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَىٰٓ إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَجَاعِلُ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوكَ فَوۡقَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِۖ ثُمَّ إِلَيَّ مَرۡجِعُكُمۡ فَأَحۡكُمُ بَيۡنَكُمۡ فِيمَا كُنتُمۡ فِيهِ تَخۡتَلِفُونَ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئىسا! مەن سېنى ئەجىلىڭ يەتكەندە ۋاپات تاپتۇرماستىن قەبزى روھ قىلىپ بەدىنىڭنى ۋە روھىڭنى مېنىڭ تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، ساڭا كاپىر بولغانلارنىڭ شەررىدىن پاكلايمەن، سېنى ئۇلاردىن يىراق قىلىمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئىيتىش بىلەن ھەق دىندا قىلىمەن، قىيامەتكىچە ھۆججەت ۋە ئىززەت بىلەن كاپىرنىڭ ئۈستىدىن غالىپ قىلىمەن، قىيامەت كۈنىدە سىلەرنىڭ قايتىدىغان جايىڭلار يالغۇز مېنىڭ دەرگاھىمدۇر، سىلەر ئىختىلاپ قىلغان ئىش توغرىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن.
અરબી તફસીરો:
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَأُعَذِّبُهُمۡ عَذَابٗا شَدِيدٗا فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَمَا لَهُم مِّن نَّٰصِرِينَ
ساڭا ۋە سەن ئىلىپ كەلگەن ھەق دىنغا كاپىر بولغان بەدبەختلەرنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈش، ئەسىرگە ئىلىش ۋە خار قىلىش قاتارلىق ئازابلار بىلەن قاتتىق ئازابلايمەن، ئاخىرەتتە دوزاختا ئازابلايمەن. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئۇلارنى مۇداپىئە قىلغۇچى ھېچ ياردەمچى بولمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَيُوَفِّيهِمۡ أُجُورَهُمۡۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئەمما ساڭا ۋە سەن ئىلىپ كەلگەن ھەق دىنغا ئىشەنگەن، ناماز، زاكات، روزا ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش قاتارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق بېرىدۇ، بۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن ئۆزى بىشارەت بېرىپ دېگەن سۆزىدۇر. ئاللاھ زالىملارنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى يالغانغا چىقىرىش ئەڭ بۈيۇك زۇلۇمدۇر.
અરબી તફસીરો:
ذَٰلِكَ نَتۡلُوهُ عَلَيۡكَ مِنَ ٱلۡأٓيَٰتِ وَٱلذِّكۡرِ ٱلۡحَكِيمِ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىدىن بىز ساڭا بىلدۇرگەن بۇ ۋەقەلىك ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان روشەن ئالامەتلەردىندۇر. بۇ قۇرئان بولسا تەقۋادارلارغا ۋەز-نەسىھەتتۇر، مەنىسى ئوچۇق بولۇپ ئۇنىڭغا ھېچقانداق باتىل ئارىلاشمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِندَ ٱللَّهِ كَمَثَلِ ءَادَمَۖ خَلَقَهُۥ مِن تُرَابٖ ثُمَّ قَالَ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز يارىتىلىشى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا-ئانىسىز توپىدىن يارىتىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ، ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا: ئىنسان بول دېدى، ئۇ ئاللاھ ئىرادە قىلغاندەك بولدى، ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان تۇرۇقلۇق ئاتا-ئانىسىز يارىتىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىدۇ. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ قانداقمۇ ئۇنى ئىلاھ دەپ قارايدۇ؟.
અરબી તફસીરો:
ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَلَا تَكُن مِّنَ ٱلۡمُمۡتَرِينَ
پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى بۇ سۆز شەكسىز ھەقىقەتتۇر، سەن بۇ توغرىدا ئىككىلىنىپ شەك قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالمىغىن، بەلكى سەن ئۆزۈڭ تۇرىۋاتقان .ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرغىن
અરબી તફસીરો:
فَمَنۡ حَآجَّكَ فِيهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَكَ مِنَ ٱلۡعِلۡمِ فَقُلۡ تَعَالَوۡاْ نَدۡعُ أَبۡنَآءَنَا وَأَبۡنَآءَكُمۡ وَنِسَآءَنَا وَنِسَآءَكُمۡ وَأَنفُسَنَا وَأَنفُسَكُمۡ ثُمَّ نَبۡتَهِلۡ فَنَجۡعَل لَّعۡنَتَ ٱللَّهِ عَلَى ٱلۡكَٰذِبِينَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! نەجران ناسارالىرىدىن بىر قىسمى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ساڭا توغرا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ئەمەس دەپ قاراپ سەن بىلەن مۇنازىرلەشسە، سەن ئۇلارغا: كىلىڭلار، ھازىر بولۇش ئۈچۈن بىزمۇ ئوغۇللىرىمىزنى چاقىرايلى، سىلەرمۇ ئوغۇللىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاياللىرىمىزنى چاقىرايلى، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئۆزىمىزنى تەييار قىلايلى، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى تەييار قىلىڭلار، ھەممەيلەن توپلۇشۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىپ يالۋۇرايلىكى، سىلەردىن ياكى بىزدىن بولغان يالغانچىلارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى چۇشسۇن، دېگەن
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• من كمال قدرته تعالى أنه يعاقب من يمكر بدينه وبأوليائه، فيمكر بهم كما يمكرون.
ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىدىن: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ دىنىغا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىغا ھىلى-مىكىر قىلغانلارنى جازالايدۇ، ئۇلار مىكىر قىلغاندەك ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىلى-مىكرىسىنى بەربات قىلىدۇ.

• بيان المعتقد الصحيح الواجب في شأن عيسى عليه السلام، وبيان موافقته للعقل فهو ليس بدعًا في الخلقة، فآدم المخلوق من غير أب ولا أم أشد غرابة والجميع يؤمن ببشريته.
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا زۆرۈر بولغان توغرا ئېتىقادنى بايان قىلىش، ئۇنىڭ يارىتىلىشىنىڭ باشقىچە بولماستىن بەلكى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش، چۈنكى ئۇنىڭغا قارىغاندا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا-ئانىسىز يارتىلىشى بەك ھەيران قالارلىق بولسىمۇ .ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ

• مشروعية المُباهلة بين المتنازعين على الصفة التي وردت بها الآية الكريمة.
ئايەت كەرىمىدە كەلگەن سۈپەت بويىچە ئىككى پىرقە ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولغاندا ئۆز-ئارا لەنەت قىلىشىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ

إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلۡقَصَصُ ٱلۡحَقُّۚ وَمَا مِنۡ إِلَٰهٍ إِلَّا ٱللَّهُۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ھەقىقەتەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا بىز ساڭا زىكىر قىلغان بۇ ۋەقەلىك ئۇنىڭدا ھېچ قانداق شەك-شۈبھە ۋە يالغان بولمىغان راست ۋەقەلىكتۇر، يالغۇز بىر ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەبۇد يوقتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆز پادىشاھلىقىدا غالىپتۇر، خالايىقلارنىڭ .ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
અરબી તફસીરો:
فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِٱلۡمُفۡسِدِينَ
ئەگەر ئۇلار سەن ئىلىپ كەلگەن ھەق دىندىن يۈز ئۆرۈپ ساڭا ئەگەشمىسە، بۇ ئۇلارنىڭ پاسىق-بۇزغۇنچىلىقىدىندۇر، ئاللاھ زېمىندىكى بۇزغۇنچىلارنى بىلگۈچىدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ
અરબી તફસીરો:
قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ تَعَالَوۡاْ إِلَىٰ كَلِمَةٖ سَوَآءِۭ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكُمۡ أَلَّا نَعۡبُدَ إِلَّا ٱللَّهَ وَلَا نُشۡرِكَ بِهِۦ شَيۡـٔٗا وَلَا يَتَّخِذَ بَعۡضُنَا بَعۡضًا أَرۡبَابٗا مِّن دُونِ ٱللَّهِۚ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَقُولُواْ ٱشۡهَدُواْ بِأَنَّا مُسۡلِمُونَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا: ئى يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن بولغان ئەھلى كىتابلار كىلىڭلار، ھەممەيلەن باراۋەر بولىدىغان بىر سۆزگە توپلىنايلى، ئىبادەتنى يالغۇز بىر ئاللاھقا قىلايلى، ھەرقانچە ئورنى يۇقىرى ۋە مەرتىۋىسى ئۈستۈن بىرى بولسىمۇ ئۇنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلمايلى، ئاللاھنى قويۇپ بەزىمىز بەزىمىزنى ئىتائەت قىلىدىغان ۋە چوقۇنىدىغان رەب قىلىۋالمايلى، ئەگەر ئۇلار سىلەر چاقىرىلغان بۇ ھەقىقەت ۋە ئادالەتتىن يۈز ئۆرۈسە، ئى مۆمىنلەر! ئۇلارغا: گۇۋاھ بولۇڭلاركى، ھەقىقەتەن بىز ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچى ۋە ئىتائەت قىلىش .بىلەن بويسۇنغۇچى دەڭلار
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تُحَآجُّونَ فِيٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَمَآ أُنزِلَتِ ٱلتَّوۡرَىٰةُ وَٱلۡإِنجِيلُ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِهِۦٓۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتى-دىنى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟يەھۇدىيلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى يەھۇدىي دەپ قارايدۇ، ناسارالار ناسارا دەپ قارايدۇ، ھەقىقەتەن سىلەر يەھۇدىيەت بىلەن خرىستىئانلارنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ياخشى بىلىسىلەر، سىلەر ئەقلىڭلار بىلەن سۆزۈڭلارنىڭ باتىللىقى ۋە قارىشىڭلارنىڭ خاتالىقىنى بىلمىدىڭلارمۇ؟.
અરબી તફસીરો:
هَٰٓأَنتُمۡ هَٰٓؤُلَآءِ حَٰجَجۡتُمۡ فِيمَا لَكُم بِهِۦ عِلۡمٞ فَلِمَ تُحَآجُّونَ فِيمَا لَيۡسَ لَكُم بِهِۦ عِلۡمٞۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ وَأَنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
ئى ئەھلى كىتاب! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن سىلەر بىلگەن ۋە سىلەرگە ۋەھيى نازىل قىلىنغان ئىش توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى ۋە ئىشى توغرىسىدا ئىلمىڭلار بولمىغان ۋە سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلارمۇ كىتابلىرىڭلارغا بىر نەرسە بايان قىلمىغان ئىش توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىلەر؟ ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى ۋە مەخپىيىتىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، سىلەر بىلمەيسىلەر.
અરબી તફસીરો:
مَا كَانَ إِبۡرَٰهِيمُ يَهُودِيّٗا وَلَا نَصۡرَانِيّٗا وَلَٰكِن كَانَ حَنِيفٗا مُّسۡلِمٗا وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يەھۇدىي دىنىدىمۇ بولمىغان ۋە خىرىستىئان دىنىدىمۇ بولمىغان، لېكىن ئۇ باتىل دىنلاردىن مەيدانىنى ئايرىپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا بويسۇنغان، ئەرەب مۇشرىكلىرى ئىبراھىمنى ئۆزىنىڭ دىنىدا دەپ ئويلىغاندەك ئۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغان.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ أَوۡلَى ٱلنَّاسِ بِإِبۡرَٰهِيمَ لَلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ وَهَٰذَا ٱلنَّبِيُّ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۗ وَٱللَّهُ وَلِيُّ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلىشتە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ھەقلىق بولغانلىرى، ئۇلار ئۆز زامانىدا ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەر، ھەم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ھەقلىق بولغىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇشۇ ئۈممەتتىن ئۇنىڭغا ئىشەنگەن مۆئمىنلەر، ئاللاھ ئۇنىڭ دىنى بىلەن مۆئمىنلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَدَّت طَّآئِفَةٞ مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ لَوۡ يُضِلُّونَكُمۡ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمۡ وَمَا يَشۡعُرُونَ
ئى مۆمىنلەر! يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن ئىبارەت بولغان ئەھلى كىتابنىڭ موللىلىرى، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ ئۇ ھەقىقەتتىن ئېزىپ كىتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىدىن باشقىلارنى ئازدۇرالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۆئمىنلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن قىلغان تېرىشچانلىقى ئۆلىرىنىڭ ئازغۇنلىقىنى زىيادە قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تَكۡفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَأَنتُمۡ تَشۡهَدُونَ
يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان ئى ئەھلى كىتابلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە كاپىر بولىسىلەر؟ ئۇ ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر بولۇپ، سىلەر بۇنىڭ كىتابىڭلاردا ئىپادىلەنگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر؟
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• أن الرسالات الإلهية كلها اتفقت على كلمة عدل واحدة، وهي: توحيد الله تعالى والنهي عن الشرك.
ئىلاھى رىسالەتنىڭ ھەممىسى بىر سۆزگە مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن چەكلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

• أهمية العلم بالتاريخ؛ لأنه قد يكون من الحجج القوية التي تُرَدُّ بها دعوى المبطلين.
تارىخ ئىلىمنى بىلىش بەك مۇھىمدۇر، چۈنكى تارىخ ئىلمى بىلەن باتىللارنىڭ دەۋاسىغا كۈچلۈك رەددىيە بەرگىلى بولىدۇ.

• أحق الناس بإبراهيم عليه السلام من كان على ملته وعقيدته، وأما مجرد دعوى الانتساب إليه مع مخالفته فلا تنفع.
ئىنسانلارنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ ھەقلىق بولغىنى، ئۇنىڭ دىنىدا ۋە ئەقىدىسىدە بولغانلىرىدۇر، ئەمما ئۇنىڭ دىنى ۋە ئەقىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ دىنىدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشى ھېچ پايدا بەرمەيدۇ.

• دَلَّتِ الآيات على حرص كفرة أهل الكتاب على إضلال المؤمنين من هذه الأمة حسدًا من عند أنفسهم.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتلەر ئەھلى كىتاب كاپىرلىرىنىڭ مۇشۇ ئۈممەتنىڭ مۆئمىنلىرىغا ھەسەت قىلغانلىقتىن ئازدۇرۇشقا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تَلۡبِسُونَ ٱلۡحَقَّ بِٱلۡبَٰطِلِ وَتَكۡتُمُونَ ٱلۡحَقَّ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ كىتابىڭلاردىكى ھەقىقەتنى ئۆزۈڭلارنىڭ يېنىڭلاردىكى باتىلغا ئارىلاشتۇرىسىلەر، ئۇنىڭدىكى ھەقىقەت ۋە ھىدايەتنى يوشۇرىسىلەر. سىلەر باتىلدىن ھەقىقەتنى ۋە ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتنى بىلىپ تۇرۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ .راستلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھەقىقەتنى يوشۇرسىلەر
અરબી તફસીરો:
وَقَالَت طَّآئِفَةٞ مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ ءَامِنُواْ بِٱلَّذِيٓ أُنزِلَ عَلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَجۡهَ ٱلنَّهَارِ وَٱكۡفُرُوٓاْ ءَاخِرَهُۥ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
يەھۇدىي ئۆلىمالىرىدىن بولغان بىر جامائەت مۇنداق دەيدۇ: مۆئمىنلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمگە ئەتتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچ تەرەپتە كاپىر بولۇڭلار، سىلەرنىڭ ئەتتىگەندە ئىمان ئېيتىپ كەچتە يېنىۋالغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىدا شەك قىلىپ: ئەھلى كىتابلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىزدىن ياخشى بىلىدۇ، ئۇلار ئىمان ئېيتىپ بولۇپ يېنىۋالدى دەپ ئۇلارمۇ دىندىن يېنىۋالىدۇ، دەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَلَا تُؤۡمِنُوٓاْ إِلَّا لِمَن تَبِعَ دِينَكُمۡ قُلۡ إِنَّ ٱلۡهُدَىٰ هُدَى ٱللَّهِ أَن يُؤۡتَىٰٓ أَحَدٞ مِّثۡلَ مَآ أُوتِيتُمۡ أَوۡ يُحَآجُّوكُمۡ عِندَ رَبِّكُمۡۗ قُلۡ إِنَّ ٱلۡفَضۡلَ بِيَدِ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ
ئۇلار يەنە: سىلەر پەقەت سىلەرگە ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئىشىنىڭلار ۋە ئەگىشىڭلار دەيدۇ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتقىنكى: ھەقىقەتەن توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر، سىلەر داۋاملاشتۇرىۋاتقان يالغانچىلىق ۋە تەكەببۇرلۇقىڭلار سەۋەبلىك، سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ياخشىلىقنىڭ باشقا بىرىگە بېرىلىشىدىن ئەنسىرەيسىلەر ياكى ئۇلارغا يەنى مۇئمىنلەرگە نازىل قىلىنغان دىننى ئېتىراپ قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھوزۇرىدا مۇنازىرىلىشىشىدىن ئەنسىرەيسىلەر. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئىيتقىنكى، ھەقىقەتەن پەزلى ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئۇنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىر ئۈممەت بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى -رەھمىتى كەڭرىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭغا كىمنىڭ ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
يَخۡتَصُّ بِرَحۡمَتِهِۦ مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ
ئاللاھ ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى خەلقىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، ئۇ كىشىگە ھىدايەت، پەيغەمبەرلىك ۋە تۈرلۈك ئاتا-ئېھسانلارنى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزلى ئىگىسى بولۇپ، چەكسىز پەزلى ئىگىسىدۇر.
અરબી તફસીરો:
۞ وَمِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ مَنۡ إِن تَأۡمَنۡهُ بِقِنطَارٖ يُؤَدِّهِۦٓ إِلَيۡكَ وَمِنۡهُم مَّنۡ إِن تَأۡمَنۡهُ بِدِينَارٖ لَّا يُؤَدِّهِۦٓ إِلَيۡكَ إِلَّا مَا دُمۡتَ عَلَيۡهِ قَآئِمٗاۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُواْ لَيۡسَ عَلَيۡنَا فِي ٱلۡأُمِّيِّـۧنَ سَبِيلٞ وَيَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭغا سەن كۆپ مالنى ئامانەت قويساڭ، ئۇ ساڭا ئامانەت قويغان مېلىڭنى تولۇق قايتۇرىدۇ، ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلارغا ئازغىنە بىر نەرسىنى ئامانەت قويساڭ، سەن ئۇلاردىن قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ، سۈيلەپ تۇرمىغۇچە ئۇلار ئامانەتنى ساڭا قايتۇرمايدۇ، ئۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ: ئەرەبلەرنىڭ مال-مۈلكىنى يىۋالساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇنى بىزگە ھالال قىلدى دېگەن، باتىل سۆزى ۋە بۇزۇق گۇمانى ئۈچۈندۇر، ئۇلار مۇشۇ يالغاننى دەيدۇ، ۋاھالەنكى ئۇلار بۇ سۆزىنىڭ ئاللاھقا قىلىنغان ئىپتىرا .ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ
અરબી તફસીરો:
بَلَىٰۚ مَنۡ أَوۡفَىٰ بِعَهۡدِهِۦ وَٱتَّقَىٰ فَإِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُتَّقِينَ
ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا گۇناھ بولىدۇ، لېكىن كىمكى ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت بولغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىكەن، شۇنداقلا ئىنسانلار بىلەن بولغان ۋەدىسىگىمۇ ۋاپا قىلىدىكەن، ئامانەتنى ئادا قىلغان، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىسىدىن يېنىش بىلەن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغان بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى شۇنڭغا ئاساسەن ئەڭ ئېسىل مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَشۡتَرُونَ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ وَأَيۡمَٰنِهِمۡ ثَمَنٗا قَلِيلًا أُوْلَٰٓئِكَ لَا خَلَٰقَ لَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ ٱللَّهُ وَلَا يَنظُرُ إِلَيۡهِمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان كىتابىغا ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىش ۋە ئەگىشىش توغرىسىدا ئاللاھ ئۇلاردىن كەسكىن ۋەدە ئالغاندىن كېيىن ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزغانلار، دۇنيا مەنپەئەتىدىن ئازغىنە نەرسىگە ئالماشتۇرغانلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە ساۋاپتىن ھېچ نەسىۋە بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان سۆز قىلمايدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ، ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب باردۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• من علماء أهل الكتاب من يخدع أتباع ملتهم، ولا يبين لهم الحق الذي دلت عليه كتبهم، وجاءت به رسلهم.
ئەھلى كىتابنىڭ ئۆلىمالىرىدىن بىر قىسىملىرى ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئىلىپ كەلگەن، قولىدىكى كىتاب ئىسپاتلىغان ھەقىقەتنى كىشىلەرگە بايان قىلىپ بەرمەستىن ئۆزلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئالدايدۇ

• من وسائل الكفار الدخول في الدين والتشكيك فيه من الداخل.
كاپىرلارنىڭ دىننى بۇزۇشتىكى ۋاستىلىرىدىن: ئۇلار دىنغا كىرگەن بولۇپ تۇرۇپ، ئىچكىرى تەرەپتىن دىندا شەك-شۈبھە پەيدا قىلىدۇ.

• الله تعالى هو الوهاب المتفضل، يعطي من يشاء بفضله، ويمنع من يشاء بعدله وحكمته، ولا ينال فضله إلا بطاعته.
ئاللاھ تائالا پەزلى-ئىھسان ئاتا قىلغۇچى بولۇپ، خالىغان كىشىگە ئۆزىنىڭ پەزلى بىلەن زىيادە بېرىدۇ، خالىغان كىشىدىن ئۆزىنىڭ ئادالىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن چەكلەپ قويىدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى- رەھمىتىگە پەقەت ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن يەتكىلى بولىدۇ.

• كل عِوَضٍ في الدنيا عن الإيمان بالله والوفاء بعهده - وإن كان عظيمًا - فهو قليل حقير أمام ثواب الآخرة ومنازلها.
دۇنيادا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭغا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشنىڭ بەدىلىگە بېرىلگەن نەرسە ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، ئۇ ئاخىرەتتە ئېرىشىدىشىغان يۇقىرى مەرتىۋە ۋە ساۋابلارغا نىسبەتەن ئاز ۋە ئىتىبارسىز نەرسىدىن ئىبارەتتۇر.

وَإِنَّ مِنۡهُمۡ لَفَرِيقٗا يَلۡوُۥنَ أَلۡسِنَتَهُم بِٱلۡكِتَٰبِ لِتَحۡسَبُوهُ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَمَا هُوَ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَيَقُولُونَ هُوَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ وَمَا هُوَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ وَيَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
يەھۇدىيلاردىن بىر تائىپە ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان تەۋراتتا يوق نەرسىلەرنى قوشۇپ ئوقۇپ بېرىۋاتىدۇ، سىلەر ئۇلارنى تەۋرات ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالىسىلەر، بەلكى ئۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا قىلغان يالغان-توقۇلمىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار: بىز ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابنى ئوقۇۋاتىمىز دەيدۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب ئەمەس، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا .يالغاننى توقۇغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا يالغاننى نىسبەت بېرىدۇ
અરબી તફસીરો:
مَا كَانَ لِبَشَرٍ أَن يُؤۡتِيَهُ ٱللَّهُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحُكۡمَ وَٱلنُّبُوَّةَ ثُمَّ يَقُولَ لِلنَّاسِ كُونُواْ عِبَادٗا لِّي مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلَٰكِن كُونُواْ رَبَّٰنِيِّـۧنَ بِمَا كُنتُمۡ تُعَلِّمُونَ ٱلۡكِتَٰبَ وَبِمَا كُنتُمۡ تَدۡرُسُونَ
ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھوزۇرىدىن نازىل قىلىنغان كىتابنى بەرگەن، ئۇنىڭغا ئىلىم-چۈشەنچە ئاتا قىلغان، ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ تاللىغان بىر كىشىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرگە: ئاللاھنى قويۇپ ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار دېيىشى لايىق بولمايدۇ، لېكىن ئۇ ئىنسانلارغا: ئىلمىگە ئەمەل قىلىپ كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان ئۆلىمالاردىن بولۇڭلار. سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابنى كىشىلەرگە تەلىم بېرىشىڭلار سەۋەبىدىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىدۇ، سىلەر كىتابتىن ئېسىڭلاردا تۇتقان ۋە چۈشەنگەن نەرسىلەرنى دەرىسلىك قىلىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
وَلَا يَأۡمُرَكُمۡ أَن تَتَّخِذُواْ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ وَٱلنَّبِيِّـۧنَ أَرۡبَابًاۚ أَيَأۡمُرُكُم بِٱلۡكُفۡرِ بَعۡدَ إِذۡ أَنتُم مُّسۡلِمُونَ
شۇنىڭدەك ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سىلەرنى ئاللاھنى قويۇپ پەرىشتىلەرنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى چوقۇنىدىغان ئىلاھ قىلىشقا بۇيرىشى ئۇنىڭ شەنىگە لايىق بولمايدۇ، سىلەر ئاللاھقا بويسۇنغان ۋە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سىلەرنى كۇپىرغا بۇيرىشى توغرا بولمايدۇ؟
અરબી તફસીરો:
وَإِذۡ أَخَذَ ٱللَّهُ مِيثَٰقَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ لَمَآ ءَاتَيۡتُكُم مِّن كِتَٰبٖ وَحِكۡمَةٖ ثُمَّ جَآءَكُمۡ رَسُولٞ مُّصَدِّقٞ لِّمَا مَعَكُمۡ لَتُؤۡمِنُنَّ بِهِۦ وَلَتَنصُرُنَّهُۥۚ قَالَ ءَأَقۡرَرۡتُمۡ وَأَخَذۡتُمۡ عَلَىٰ ذَٰلِكُمۡ إِصۡرِيۖ قَالُوٓاْ أَقۡرَرۡنَاۚ قَالَ فَٱشۡهَدُواْ وَأَنَا۠ مَعَكُم مِّنَ ٱلشَّٰهِدِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەرلەردىن تەكىتلەنگەن ئەھدە ئىلىپ ئۇلارغا: مەن سىلەر نازىل قىلىنغان كىتابنى بەردىم، سىلەرگە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىلىم-ھېكمەتتىن يۇقىرى مەرتىۋىگە يەتكەندىن كېيىن مېنىڭ تەرىپىمدىن پەيغەمبەر كەلسە، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ئىلىم-ھېكمەتنى تەستىقلايدۇ، ئەلۋەتتە ئۇ ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئىشىنىشىڭلار، ئۇنىڭغا ئەگىشىشىڭلار ۋە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئى پەيغەمبەرلەر! بۇ ئەھدىنى ئېتىراپ قىلدىڭلارمۇ؟ مېنىڭ قاتتىق ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟دېگەندە، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: ئۇ ئەھدىنى ئېتىراپ قىلدۇق دەيدۇ، ئاللاھ:ئۆزۈڭلار ۋە سىلەرنىڭ ئۈممەتلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغىمۇ شاھىت بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن سىلەرگە ۋە ئۇلارغا .شاھىت بولىمەن، دەيدۇ
અરબી તફસીરો:
فَمَن تَوَلَّىٰ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ
كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن تەكىتلەنگەن بۇ ئەھدىدىن كېيىن ئەھدىسىنى بۇزسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنى ۋە ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
અરબી તફસીરો:
أَفَغَيۡرَ دِينِ ٱللَّهِ يَبۡغُونَ وَلَهُۥٓ أَسۡلَمَ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ طَوۡعٗا وَكَرۡهٗا وَإِلَيۡهِ يُرۡجَعُونَ
ئاللاھنىڭ تائىتى ۋە دىنىدىن چىققان ئاشۇ يەھۇدىي-ناسارالار ئاللاھ ئۆز بەندىلىرى ئۈچۈن تاللىغان ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننى تەلەپ قىلامدۇ؟ ئاسماندىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۆئمىنلارغا ئوخشاش ئىختىيارى ۋە كاپىرلارغا ئوخشاش ئىختىيارسىز ئاللاھقا بويسۇنغان بولۇپ، ئاندىن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنىدە ھېساب-جازا .ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىدۇ
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• ضلال علماء اليهود ومكرهم في تحريفهم كلام الله، وكذبهم على الناس بنسبة تحريفهم إليه تعالى.
يەھۇدىي ئۆلىمالىرىنىڭ ئازغۇنلۇقى بولسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، كىشىلەرگە يالغان سۆزلەپ ئۆزگەرتىلگەن ئايەتلەرنى .ئاللاھقا نىسبەت بېرەتتى

• كل من يدعي أنه على دين نبي من أنبياء الله إذا لم يؤمن بمحمد عليه الصلاة والسلام فهو ناقض لعهده مع الله تعالى.
كىمكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرىنىڭ دىنىدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمەيدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغان بولىدۇ

• أعظم الناس منزلةً العلماءُ الربانيون الذين يجمعون بين العلم والعمل، ويربُّون الناس على ذلك.
ئىنسانلار ئارىسىدا مەرتىۋىسى ئەڭ يۇقىرى بولغانلىرى، ئىلىم بىلەن ئەمەلنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرگەن ۋە كىشىلەرنىمۇ شۇ بويىچە .تەربىيىلىگەن تەربىيەتچى ئۆلىمالاردۇر

• أعظم الضلال الإعراض عن دين الله تعالى الذي استسلم له سبحانه الخلائق كلهم بَرُّهم وفاجرهم.
ئىنسانلارنىڭ سالىھلىرى ياكى پاسىقلىرى بولسۇن ھەممىسى ئىمان ئېيتقان ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈش ئەڭ چوڭ ئازغۇنلۇقتۇر.

قُلۡ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا وَمَآ أُنزِلَ عَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطِ وَمَآ أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَٱلنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمۡ لَا نُفَرِّقُ بَيۡنَ أَحَدٖ مِّنۡهُمۡ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېيتقىنكى: بىز ئاللاھنى ئىلاھ دەپ ئىشەندۇق، بىزنى بۇيرىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلدۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن تەۋراتقا، ئىساغا بېرىلگەن ئىنجىلغا ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئايەت ۋە كىتابلارغا ئىشەندۇق، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، بەزىسىگە ئىشىنىپ بەزىسىگە ئىنكار قىلمايمىز، بىز يالغۇز ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچى ۋە بۇيسۇنغۇچىلارمىز.
અરબી તફસીરો:
وَمَن يَبۡتَغِ غَيۡرَ ٱلۡإِسۡلَٰمِ دِينٗا فَلَن يُقۡبَلَ مِنۡهُ وَهُوَ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ
كىمكى ئاللاھ ئۆزى رازى بولغان ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننى تاللايدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىدىن ئۇ دىننى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە دوزاخقا كېرىش بىلەن ئۆز نەپسىنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
અરબી તફસીરો:
كَيۡفَ يَهۡدِي ٱللَّهُ قَوۡمٗا كَفَرُواْ بَعۡدَ إِيمَٰنِهِمۡ وَشَهِدُوٓاْ أَنَّ ٱلرَّسُولَ حَقّٞ وَجَآءَهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن، ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە روشەن دەلىل-ئىسپاتلار كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ئۆزىگە ۋە پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن؟ ئاللاھ ھىدايەتنىڭ ئورنىغا ئازغۇنلۇقنى تاللىغان زالىم قەۋمنى ئىمانغا مۇۋەپپەق .قىلمايدۇ
અરબી તફસીરો:
أُوْلَٰٓئِكَ جَزَآؤُهُمۡ أَنَّ عَلَيۡهِمۡ لَعۡنَةَ ٱللَّهِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلنَّاسِ أَجۡمَعِينَ
ھەقىقەتەن باتىل يولنى تاللىغان ئاشۇ زالىملارنىڭ جازاسى بولسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراقلاشتۇرغۇچى ۋە قوغلانغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
خَٰلِدِينَ فِيهَا لَا يُخَفَّفُ عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابُ وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ
ئۇلار دوزاختا ئەبەدىي قالىدۇ، دوزاختىن چىقمايدۇ، دوزاخ ئازابى ئۇلاردىن يەڭگىللىتىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىۋىلىشى ۋە ئۆزۈر ئېيتىۋىلىشى ئۈچۈن ئازاب كىچىكتۈرۈلمەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُواْ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ وَأَصۡلَحُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
پەقەت كاپىر بولۇپ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن ناچار قىلمىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ۋە ئۇنىڭ تەرىپىگە يۈزلەنگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا، ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ .تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بَعۡدَ إِيمَٰنِهِمۡ ثُمَّ ٱزۡدَادُواْ كُفۡرٗا لَّن تُقۡبَلَ تَوۡبَتُهُمۡ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلضَّآلُّونَ
ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر كۇپىرنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ ئۆلۈم ھازىر بولغان، تەۋبىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ۋاقىتتا قىلغان تەۋبىسى قوبۇل بولمايدۇ. ئۇلار .ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يەتكۈزىدىغان توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەنلەردۇر
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَمَاتُواْ وَهُمۡ كُفَّارٞ فَلَن يُقۡبَلَ مِنۡ أَحَدِهِم مِّلۡءُ ٱلۡأَرۡضِ ذَهَبٗا وَلَوِ ٱفۡتَدَىٰ بِهِۦٓۗ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ وَمَا لَهُم مِّن نَّٰصِرِينَ
ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلار ۋە كاپىر ھالەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ باراۋىرىگە زېمىن تولغۇدەك ئالتۇن پىديە بەرسىمۇ ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب بار، ئۇلارغا قىيامەت .كۈنىدە ئازابنى مۇداپىئە قىلىدىغان مەدەتكار بولمايدۇ
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• يجب الإيمان بجميع الأنبياء الذين أرسلهم الله تعالى، وجميع ما أنزل عليهم من الكتب، دون تفريق بينهم.
ئاللاھ ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ۋە نازىل قىلغان بارلىق كىتابلارغا ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى ئايرىماستىن ئىمان ئېيتىش لازىم بولىدۇ.

• لا يقبل الله تعالى من أحد دينًا أيًّا كان بعد بعثة النبي محمد صلى الله عليه وسلم إلا الإسلام الذي جاء به.
ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىن، ھېچبىر كىشىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىننىڭ غەيرىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

• مَنْ أصر على الضلال، واستمر عليه، فقد يعاقبه الله بعدم توفيقه إلى التوبة والهداية.
ئازغۇنلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنى ئاللاھ تائالا تەۋبىگە ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلماسلىق بىلەن جازالايدۇ

• باب التوبة مفتوح للعبد ما لم يحضره الموت، أو تشرق الشمس من مغربها، فعندئذ لا تُقْبل منه التوبة.
سەكراتقاچۈشمىگەن ياكى كۈن غەرپتىن چىقمىغان ئەھۋالدا بەندىگە تەۋبىنىڭ ئېشىكى ئوچۇقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن سەكراتقا چۈشكەندە ياكى كۈن غەرپتىن چىققاندا تەۋبە قوبۇل بولمايدۇ

• لا ينجي المرء يوم القيامة من عذاب النار إلا عمله الصالح، وأما المال فلو كان ملء الأرض لم ينفعه شيئًا.
ئىنسان قىيامەت كۈنى دوزاخ ئازابىدىن پەقەت ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق قۇتىلىدۇ، ئەمما زېمىن تولغۇدەك مال دۇنياسى بولسىمۇ قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدۇ.

لَن تَنَالُواْ ٱلۡبِرَّ حَتَّىٰ تُنفِقُواْ مِمَّا تُحِبُّونَۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيۡءٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٞ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ماللىرىڭلاردىن ئۆزۇڭلار ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلارنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلمۇغۇچە ياخشىلىقنىڭ ساۋابىغا ۋە ياخشىلارنىڭ مەرتىۋىسىگە يېتەلمەيسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ نىيەتلىرىڭلار ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئەمىلىگە قارىتا جازا- مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
۞ كُلُّ ٱلطَّعَامِ كَانَ حِلّٗا لِّبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ إِلَّا مَا حَرَّمَ إِسۡرَٰٓءِيلُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦ مِن قَبۡلِ أَن تُنَزَّلَ ٱلتَّوۡرَىٰةُۚ قُلۡ فَأۡتُواْ بِٱلتَّوۡرَىٰةِ فَٱتۡلُوهَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن بارلىق پاكىزە يېمەكلىكلەر ھالال قىلىنغان بولۇپ، تەۋرات نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى پەقەت يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ھارام قىلغان يىمەكلىكتىن باشقا يېمەكلىكلەر ھارام قىلىنمىغان، يەھۇدىيلار ئويلىغاندەك بۇ يېمەكلىكلەر تەۋراتتا ھارام قىلىنمىغان. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا: ئەگەر سىلەر مۇشۇ دېگەن سۆزۈڭلاردا سەمىمى بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇڭلار دېگىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دىمى تۇتۇلۇپ، تەۋراتنى ئىلىپ كەلمەيدۇ، مانا بۇ يەھۇدىيلارنىڭ تەۋراتقا يالغاننى توقۇپ ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
અરબી તફસીરો:
فَمَنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
ھەق ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى يوق، ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىنى پەقەت يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ھارام قىلدى. شۇ كىشىلەر ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ھەقكە ئەگىشىشنى تەرك قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم .قىلغان زالىملاردۇر
અરબી તફસીરો:
قُلۡ صَدَقَ ٱللَّهُۗ فَٱتَّبِعُواْ مِلَّةَ إِبۡرَٰهِيمَ حَنِيفٗاۖ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ يەئقۇب ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا، نازىل قىلغان ۋە يولغا قويغان پرىنسىپى توغرىسىدا بەرگەن خەۋەرلىرى راستتتۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بارلىق باتىل دىنلاردىن ھەق بولغان ئىسلام دىنىغا مايىل بولغان، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك .كەلتۈرمىگەن
અરબી તફસીરો:
إِنَّ أَوَّلَ بَيۡتٖ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكٗا وَهُدٗى لِّلۡعَٰلَمِينَ
ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارغا زېمىندا تۇنجى سېلىنغان ئۆي، مەككە شەھرىدىكى ئاللاھنىڭ ھەرىمى بولغان بەيتۇللاھدۇر. ئۇ مۇبارەك ئۆيدۇر، دىن ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتى كۆپتۇر، .ئۇنىڭدا پۈتۈن جاھان ئەھلىگە ھىدايەت باردۇر
અરબી તફસીરો:
فِيهِ ءَايَٰتُۢ بَيِّنَٰتٞ مَّقَامُ إِبۡرَٰهِيمَۖ وَمَن دَخَلَهُۥ كَانَ ءَامِنٗاۗ وَلِلَّهِ عَلَى ٱلنَّاسِ حِجُّ ٱلۡبَيۡتِ مَنِ ٱسۡتَطَاعَ إِلَيۡهِ سَبِيلٗاۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ
بۇ ئۆيدە ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ئوخشاش ئۇنىڭ شەرىپى ۋە پەزىلىتىىنى ئىپادىلەيدىغان روشەن ئالامەتلەر باردۇر، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ تېمىنى قوپۇرىۋاتقاندا دەسسەپ تۇرغان تاشمۇ(يەنى ماقامى ئىبراھىم) مۇشۇ ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر. يەنە بەيتۇللاھغا كىرگەن كىشىدە قورقۇنچ بولمايدۇ، ئەزىيەتكە ئۇچرىمايدۇ، ھەرەمكە كېلىشكە قادىر بولالىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەج پائالىيتىنى ئادا قىلىشتا ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى تاۋاپ قىلىشى پەرز قىلىندى، كىمكى ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھ بۇ ئىنكارچى كاپىردىن ۋە پۈتۈن جاھان ئەھلىنىڭ ئىبادىتىدىن بىھاجەتتۇر.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تَكۡفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَٱللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا تَعۡمَلُونَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتقىنكى، يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان ئى ئەھلى كىتاب! تەۋرات-ئىنجىلدىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ۋە ھۆججەتلەر بار تۇرۇغلۇق نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئىنكار قىلىسىلەر؟. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا شاھىتتۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى جازالايدۇ.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ مَنۡ ءَامَنَ تَبۡغُونَهَا عِوَجٗا وَأَنتُمۡ شُهَدَآءُۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتىقىنكى: يەھۇدىي-ناسارالاردىن بولغان ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن كىشىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن چەكلەيسىلەر؟، كىشىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش مەقسىتىدە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن ھەقتىن باتىلغا بۇرايدىغان ئازغۇنلۇق تەلەپ قىلىسىلەر؟، ھالبۇكى سىلەر بۇ دىننىڭ ھەق ۋە سىلەرنىڭ كىتابىڭلارنى تەستىقلىغۇچى ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىسىلەر!؟. ئاللاھ سىلەرنىڭ بۇ كۇپىر قىلمىشىڭلار ۋە ئۇنىڭ يولىدىن توسقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەس، شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى جازالايدۇ.
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن تُطِيعُواْ فَرِيقٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ يَرُدُّوكُم بَعۡدَ إِيمَٰنِكُمۡ كَٰفِرِينَ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆئمىنلەر! ئەگەر يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولۇپ ئەھلى كىتابتىن بولغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دېگەن سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ گۇمانى قارىشىنى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلار قەلبلىرىدىكى ھەسەت ۋە توغرا يولدىن ئازغانلىق سەۋەبىدىن كۇپرىغا .قايتۇرىدۇ
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• كَذِبُ اليهود على الله تعالى وأنبيائه، ومن كذبهم زعمهم أن تحريم يعقوب عليه السلام لبعض الأطعمة نزلت به التوراة.
يەھۇدىيلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ يالغانلىرىدىن: يەئقۇب ئەلەيھىسسالام تەۋراتتا نازىل بولغان .بەزى يېمەكلىكلەرنى ھارام قىلدى، دېگەن گۇمانى قارىشىدۇر

• أعظم أماكن العبادة وأشرفها البيت الحرام، فهو أول بيت وضع لعبادة الله، وفيه من الخصائص ما ليس في سواه.
ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە شەرەپلىكرەكى بەيتۇل ھەرەمدۇر، ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن زېمىندا بىنا قىلىنغان تۇنجى .ئۆيدۇر، ئۇنىڭدا باشقا جايلاردا بولمىغان نۇرغۇن خۇسۇسىيەتلەر بار

• ذَكَرَ الله وجوب الحج بأوكد ألفاظ الوجوب تأكيدًا لوجوبه.
ئاللاھ تائالا ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پەرز .ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىدى

وَكَيۡفَ تَكۡفُرُونَ وَأَنتُمۡ تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتُ ٱللَّهِ وَفِيكُمۡ رَسُولُهُۥۗ وَمَن يَعۡتَصِم بِٱللَّهِ فَقَدۡ هُدِيَ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى سىلەرگە ئوقۇلۇۋاتىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەرگە ئۇنى بايان قىلىپ بېرىۋاتسا، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى تۇرۇغلۇق ئاللاھقا قانداقمۇ كاپىر بولىسىلەر؟. كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئىسىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى ھېچ قانداق شۈبھىسى بولمىغان توغرا .يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِۦ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسۡلِمُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىشىنىڭلار، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگىشىڭلار، پەۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقى قورقۇڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ئەگىشىش ۋە چەكلىمىسىدىن يىراق بولۇش، نېئمىتىگە شۈكۈر ئېيتىش بىلەن بولىدۇ، ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر دىنىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار ۋە شۇ ھالاتتە دۇنيادىن .كېتىڭلار
અરબી તફસીરો:
وَٱعۡتَصِمُواْ بِحَبۡلِ ٱللَّهِ جَمِيعٗا وَلَا تَفَرَّقُواْۚ وَٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ كُنتُمۡ أَعۡدَآءٗ فَأَلَّفَ بَيۡنَ قُلُوبِكُمۡ فَأَصۡبَحۡتُم بِنِعۡمَتِهِۦٓ إِخۡوَٰنٗا وَكُنتُمۡ عَلَىٰ شَفَا حُفۡرَةٖ مِّنَ ٱلنَّارِ فَأَنقَذَكُم مِّنۡهَاۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ
ئى مۆمىنلەر! قۇرئان -سۈننەتكە چېڭ يىپىشىڭلار، سىلەرنى بۆلۈنۇشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ئەسلەڭلار، سىلەر مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى ئاددى ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئۆزئارا ئۇرۇش قىلاتتىڭلار، ئاللاھ ئىسلام ئارقىلىق سىلەرنىڭ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبانلىق قىلىدىغان سەمىمى دوستلاردىن بولدۇڭلار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كاپىر بولغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن دوزاخنىڭ گىرۋىكىگە كىلىپ قالغانتىڭلار، ئاللاھ ئىسلام ئارقىلىق بۇنىڭدىن قۇتقازدى، ئىمانغا باشلىدى، سىلەرنىڭ رۇس يولدا مېڭىشىڭلار، توغرا يولنى تىپىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇ ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ بەرگەندەك، سىلەرنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك .ئەھۋالىڭلارنى ئىسلاھ قىلىدىغان پرىنسىپلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ
અરબી તફસીરો:
وَلۡتَكُن مِّنكُمۡ أُمَّةٞ يَدۡعُونَ إِلَى ٱلۡخَيۡرِ وَيَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان بىر جامائەت بولسۇن، ئۇلار كىشىلەرنى شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ۋە ئەقىل چىرايلىق دەپ قارىغان ئىشلارغا بۇيرىسۇن، شەرىەت چەكلىگەن ۋە ئەقىل ناچار دەپ قارىغان ئىشلاردىن چەكلىسۇن، مۇشۇ سۈپەت بىلەن .سۈپەتلەنگۈچىلەر، دۇنيا-ئاخىرەتتە تولۇق ئۇتۇق قازانغۇچىدۇر
અરબી તફસીરો:
وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ تَفَرَّقُواْ وَٱخۡتَلَفُواْ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ تەرىپىدىن روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دىنىدا ئىختىلاپلىشىپ تۈرلۈك پىرقە-گورۇھلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن ئەھلى كىتابقا ئوخشاش بولماڭلار، ئاشۇ مەزكۇر كىشىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن .كاتتا ئازاب بار
અરબી તફસીરો:
يَوۡمَ تَبۡيَضُّ وُجُوهٞ وَتَسۡوَدُّ وُجُوهٞۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ٱسۡوَدَّتۡ وُجُوهُهُمۡ أَكَفَرۡتُم بَعۡدَ إِيمَٰنِكُمۡ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ
بۇ ئازاب ئۇلارغا قىيامەت كۈنىدە بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئىمان ئەھلىنىڭ يۈزلىرى خۇرسەنلىك ۋە بەخت-سائادەتتىن نۇرلىنىپ ئاقىرىدۇ، كاپىرلارنىڭ يۈزلىرى بولسا غەم-قايغۇ، ئازابتىن قارىيدۇ، ئاشۇ كاتتا كۈندە يۈزى قارايغانلارغا كايىش يۈزىسىدىن: ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە تاندىڭلارمۇ، ئاللاھنىڭ سىلەردىن ئالغان؛ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك توغرىسىدىكى ئەھدىسىنى تەستىقلاپ ۋە ئىقرار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئەھدىنى بۇزدۇڭلارمۇ؟، كاپىر بولغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ .سىلەرگە تەييارلىغان ئازابىنى تېتىڭلار دېيىلىدۇ
અરબી તફસીરો:
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ ٱبۡيَضَّتۡ وُجُوهُهُمۡ فَفِي رَحۡمَةِ ٱللَّهِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
يۈزلىرى ئاقارغانلارنىڭ ئورنى نېئمەتلىك جەننەت بولۇپ ئۇلار نېئمەتلىرى .دائىم بولىدىغان، ئۆزگەرمەيدىغان جەننەتتە ئەبەدى قالىدۇ
અરબી તફસીરો:
تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱللَّهِ نَتۡلُوهَا عَلَيۡكَ بِٱلۡحَقِّۗ وَمَا ٱللَّهُ يُرِيدُ ظُلۡمٗا لِّلۡعَٰلَمِينَ
بۇ ئاللاھنىڭ ساۋاپ بېرىش بىلەن ئازابلاشتىن ئىبارەت ۋەدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرى بولۇپ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، ئاللاھ خەۋىرىدە راستچىل ۋە ھۆكۈملىرىدە ئادىلدۇر، ئاللاھ ئىنسانلاردىن ھېچ بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ، بەلكى ئىنساننىڭ ئۆزى .سادىر قىلغان خاتالىقىدىن باشقا سەۋەب بىلەن ئازابلىمايدۇ
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• متابعة أهل الكتاب في أهوائهم تقود إلى الضلال والبعد عن دين الله تعالى.
ئەھلى كىتابلارنىڭ ئۆز نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىشى ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا .ۋە ئاللاھنىڭ دىنىدىن يىراقلىشىشىقا ئېلىپ بارىدۇ

• الاعتصام بالكتاب والسُّنَّة والاستمساك بهديهما أعظم وسيلة للثبات على الحق، والعصمة من الضلال والافتراق.
قۇرئان-سۈننەتكە چېڭ يېپىشىش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئېسىلىش بولسا ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇش، ئازغۇنلۇق ۋە بۆلگۈچىلىكتىن .ساقلىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىندۇر

• الافتراق والاختلاف الواقع في هذه الأمة في قضايا الاعتقاد فيه مشابهة لمن سبق من أهل الكتاب.
مۇشۇ ئۈممەت ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئەقىدە ۋە باشقا مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپ ۋە بۆلۈنۈشلەر، ئەھلى كىتابلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ .ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ

• وجوب الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر؛ لأن به فلاح الأمة وسبب تميزها.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش زۆرۈردۇر، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن .ئۈممەت ئۇتۇق قازىنىدۇ ۋە باشقىلاردىن پەرقلىنىدۇ

وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ
ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئىگىدارچىلىق، يارىتىش ۋە تەدبىر قىلىش جەھەتتە يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ ئىكلىدىدۇر، ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى .ھەقلىق بولغان مىقداردا جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ
અરબી તફસીરો:
كُنتُمۡ خَيۡرَ أُمَّةٍ أُخۡرِجَتۡ لِلنَّاسِ تَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَتَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَتُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِۗ وَلَوۡ ءَامَنَ أَهۡلُ ٱلۡكِتَٰبِ لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۚ مِّنۡهُمُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَأَكۡثَرُهُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ
سىلەر ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى! ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئىمانىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. سىلەر كىشىلەرنى شەرىئەت يولغا قويغان ۋە ئەقىل چېرايلىق دەپ قارىغان ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيسىلەر، شەرىئەت چەكلىگەن ئەقىل ناچار دەپ قارىغان يامان ئىشلاردىن چەكلەيسىلەر، ئىمانىڭلارنى ئەمەلىڭلار بىلەن تەستىقلاپ ئاللاھقا شەكسىز ئىشىنىسىلەر. يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان ئەھلى كىتابلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بولسا، ئەلۋەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشى بولار ئىدى، ئەھلى كىتابنىڭ ئاز بىر قىسمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن ھەق دىنغا ئىشىنىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ۋە پرىنسىپىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەردۇر.
અરબી તફસીરો:
لَن يَضُرُّوكُمۡ إِلَّآ أَذٗىۖ وَإِن يُقَٰتِلُوكُمۡ يُوَلُّوكُمُ ٱلۡأَدۡبَارَ ثُمَّ لَا يُنصَرُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئۇلارنىڭ سىلەرگە بولغان ئاداۋىتى قايسى دەرىجىدە بولۇپ كەتسۇن، ئۇلار سىلەرگە ئاغزاكى ئەزىيەت يەتكۈزۈپ، دىنىڭلارغا تەنە قىلىپ سىلەرنى مەسخىرە قىلغاندىن باشقا، دىنىڭلار ۋە جىنىڭلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلسا، سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن مەغلۇب بولۇپ قاچىدۇ، سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار ئۈچۈن .ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىگە ياردەم بىرىلمەيدۇ
અરબી તફસીરો:
ضُرِبَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلذِّلَّةُ أَيۡنَ مَا ثُقِفُوٓاْ إِلَّا بِحَبۡلٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَحَبۡلٖ مِّنَ ٱلنَّاسِ وَبَآءُو بِغَضَبٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَضُرِبَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلۡمَسۡكَنَةُۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَانُواْ يَكۡفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَيَقۡتُلُونَ ٱلۡأَنۢبِيَآءَ بِغَيۡرِ حَقّٖۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَواْ وَّكَانُواْ يَعۡتَدُونَ
يەھۇدىيلار قەيەردە بولسۇن ئۇلار خارلانغان ئاھانەتكە ئۇچرىغان ھالەتتە بولىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، مۇھتاجلىق ۋە پىقىرلىق ئۇلارنى ئوراپ تۇرىدىغان قىلىندى، شۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى زۇلۇم قىلىپ ھەقسىز ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈندۇر، شۇنداقلا ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ .بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈندۇر
અરબી તફસીરો:
۞ لَيۡسُواْ سَوَآءٗۗ مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ أُمَّةٞ قَآئِمَةٞ يَتۡلُونَ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ ءَانَآءَ ٱلَّيۡلِ وَهُمۡ يَسۡجُدُونَ
ئەھلى كىتابنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس، ئۇلاردىن بەزىلىرى ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئادا قىلىدۇ، چەكلىمىسىدىن يانىدۇ، كېچىلىرى ناماز ئوقۇغان ھالەتتە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشلىتىن بۇرۇنمۇ شۇنداق بىر جامائەت بولغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەندە ئۇلاردىن بار بولغانلىرى رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقان.
અરબી તફસીરો:
يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَيَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَيُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡخَيۡرَٰتِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە كەسكىن ئىشىنىدۇ، خەيرلىك ۋە ياخشى ئىشلارغا بۇيرىدۇ، يامان ۋە مۇنكەر ئىشلاردىن توسىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ، تائەت-ئىبادەت پەسىللىرىنى غەنىمەت بىلىدۇ. مۇشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەر، نىيىتى خالىس ۋە .ئەمەللىرى ساغلام بەندىلەردۇر
અરબી તફસીરો:
وَمَا يَفۡعَلُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَلَن يُكۡفَرُوهُۗ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلۡمُتَّقِينَ
ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، ئەجىرنى كىمەيتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىسىدىن يانغان تەقۋادار كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن مەخپى قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• أعظم ما يميز هذه الأمة وبه كانت خيريتها - بعد الإيمان بالله - الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر.
مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ياخشى بولىشى ۋە باشقا ئۈممەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى (ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كىيىنلا) ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشتىن ئىبارەتتۇر.

• قضى الله تعالى بالذل على أهل الكتاب لفسقهم وإعراضهم عن دين الله، وعدم وفائهم بما أُخذ عليهم من العهد.
ئاللاھ تائالا ئەھلى كىتابقا ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرىگەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلاردىن ئالغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا .خارلىقنى پۈتىۋەتتى

• أهل الكتاب ليسوا على حال واحدة؛ فمنهم القائم بأمر الله، المتبع لدينه، الواقف عند حدوده، وهؤلاء لهم أعظم الأجر والثواب. وهذا قبل بعثة النبي محمد صلى الله عليه وسلم.
ئەھلى كىتاب بىر خىل ھالەتتە ئەمەس، ئۇلاردىن بەزىلىرى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئادا قىلىدۇ، دىنىغا ئەگىشىدۇ، بەلگىلىمىسىدە توختايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن كاتتا ئەجىر-ساۋاپ بار. بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر .قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇنقى كىشىلەردۇر

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَن تُغۡنِيَ عَنۡهُمۡ أَمۡوَٰلُهُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُهُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـٔٗاۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
ھەقىقەتەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلاردىن ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن بىر نەرسىنى توساپ قالالمايدۇ، ئازابىنى قايتۇرالمايدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى جەلب قىلالمايدۇ، بەلكى ئازاب ۋە ھەسىرەتنى زىيادە قىلىدۇ، ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، .دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
અરબી તફસીરો:
مَثَلُ مَا يُنفِقُونَ فِي هَٰذِهِ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا كَمَثَلِ رِيحٖ فِيهَا صِرٌّ أَصَابَتۡ حَرۡثَ قَوۡمٖ ظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فَأَهۡلَكَتۡهُۚ وَمَا ظَلَمَهُمُ ٱللَّهُ وَلَٰكِنۡ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
ئاشۇ كاپىرلارنىڭ ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى كۈتىۋاتقان نەپىقىلىرىنىڭ مىسالى، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بىر قەۋمنىڭ كۆپ ياخشىلىقىنى كۈتىۋاتقان زىرائەتلىرىگە يېتىپ، ئۇ زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىۋەتكەن، قاتتىق سوغۇق شامالغا ئوخشاش بولۇپ شامال زىرائەتلىرىنى نابۇت قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلمىگەن، ئاشۇنىڭغا ئوخشاش كاپىرلارمۇ مەنپەئەتىنى ئۈمىت قىلىۋاتقان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋىتىدۇ. بۇ ئىشتا ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار ئاللاھغا كاپىر بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُواْ بِطَانَةٗ مِّن دُونِكُمۡ لَا يَأۡلُونَكُمۡ خَبَالٗا وَدُّواْ مَا عَنِتُّمۡ قَدۡ بَدَتِ ٱلۡبَغۡضَآءُ مِنۡ أَفۡوَٰهِهِمۡ وَمَا تُخۡفِي صُدُورُهُمۡ أَكۡبَرُۚ قَدۡ بَيَّنَّا لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِۖ إِن كُنتُمۡ تَعۡقِلُونَ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! مۆمىنلەردىن باشقىنى سىلەرنىڭ سىرلىرىڭلارنى بىلىدىغان ۋە ھەممە ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولىدىغان يېقىن-سىرداش دوست تۇتىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئەھۋالىڭلارنى بۇزۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىدۇ، سىلەرگە زىيان يېتىشنى ۋە ئىشلىرىڭلارنىڭ قىيىن بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار تىللىرى ئارقىلىق سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا تەنە قىلىش، ئاراڭلارغا ئاداۋەت سېلىش ۋە سىرلىرىڭلارنى پاش قىلىش ئارقىلىق دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارا قىلىدۇ، كۆڭلىگە يوشۇرغان ئۆچمەنلىكى بۇنىڭدىنمۇ كاتتىدۇر. ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئايەتلەرگە ئەقلىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار، ئۇنىڭدا دۇنيا-ئاخىرەتتە سىلەرگە پايدىلىق .بولغان روشەن ھۆججەتلەرنى بايان قىلىپ بەردۇق
અરબી તફસીરો:
هَٰٓأَنتُمۡ أُوْلَآءِ تُحِبُّونَهُمۡ وَلَا يُحِبُّونَكُمۡ وَتُؤۡمِنُونَ بِٱلۡكِتَٰبِ كُلِّهِۦ وَإِذَا لَقُوكُمۡ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَوۡاْ عَضُّواْ عَلَيۡكُمُ ٱلۡأَنَامِلَ مِنَ ٱلۡغَيۡظِۚ قُلۡ مُوتُواْ بِغَيۡظِكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
ئى مۆئمىنلەر! سىلەر ئاشۇ قەۋمنى ياخشى كۆرىسىلەر، ياخشىلىقنى ئۈمىت قىلىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سىلەرگە ياخشىلىقنى ئۈمىت قىلمايدۇ، بەلكى سىلەرنى ئۆچ كۆرۈدۇ، سىلەر كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە ئۇلارنىڭ كىتابىغىمۇ ئىمان ئېيتتىڭلار، ھالبۇكى ئۇلار سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلارغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشەنمەيدۇ. سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، تىلىنىڭ ئۇچىدا سىلەرگە ئىشەندۇق دەيدۇ، بەزىسى بەزىسى بىلەن يالغۇز قالغاندا، سىلەرنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىغىڭلارغا ۋە ئىسلامنىڭ كۈچلىنىشىگە چىدىماي، ئۆزلىرى خارلىق، ئاھانەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقتىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئۆلگۈچە ئاچچىق يۇتقان ھالەتتە بولۇڭلار. ئاللاھنىڭ ئىنسانلار قەلبىدىكى ئىمان، كۇپىر، ياخشىلىق ۋە يامانلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىشىدە ھېچ شۈبھە يوقتۇر.
અરબી તફસીરો:
إِن تَمۡسَسۡكُمۡ حَسَنَةٞ تَسُؤۡهُمۡ وَإِن تُصِبۡكُمۡ سَيِّئَةٞ يَفۡرَحُواْ بِهَاۖ وَإِن تَصۡبِرُواْ وَتَتَّقُواْ لَا يَضُرُّكُمۡ كَيۡدُهُمۡ شَيۡـًٔاۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا يَعۡمَلُونَ مُحِيطٞ
ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە دۈشمەنلەرگە غالىپ كىلىش بىلەن غەلبە-نۇسرەت يەتسە ياكى مال-دۇنيا، پەرزەنتىڭلار كۆپەيسە، ئۇلارغا غەم-قايغۇ يېتىدۇ، ئەگەر سىلەرگە دۈشمەنلەردىن مەغلۇبىيەت يەتسە ياكى مال-دۇنيا، پەرزەنتلىرىڭلار كىمەيسە، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇرسەن بولىدۇ، سىلەرگە دەشنام قىلىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقى ۋە تەقدىرىگە سەۋىر قىلساڭلار، غەزىۋىدىن ساقلانساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىر، ئەزىيەتلىرىنىڭ سىلەرگە زېيىنى بولمايدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ .ھىلە-مىكرىنى بەربات قىلغۇچىدۇر ۋە خارلىققا قايتۇرغۇچىدۇر
અરબી તફસીરો:
وَإِذۡ غَدَوۡتَ مِنۡ أَهۡلِكَ تُبَوِّئُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ مَقَٰعِدَ لِلۡقِتَالِۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئوھۇد ئۇرۇشى بولغاندا مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەدىنىدىن ئەتتىگەندە چىققان ۋاقتىڭدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىن، مۆئمىنلەرنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇردۇڭ، ھەر بىرىنىڭ تۇرىدىغان ئورنىنى بەلگىلەپ بەردىڭ، ئاللاھ سىلەرنىڭ .سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىغۇچىدۇر ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلگۈچىدۇر
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• نَهْي المؤمنين عن موالاة الكافرين وجَعْلهم أَخِلّاء وأصفياء يُفْضَى إليهم بأحوال المؤمنين وأسرارهم.
مۆمىنلەر كاپىرلارنى دوست تۇتۇش، ئۇلارنى يېقىن سىرداش بىلىپ مۆئمىنلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە سىرلىرىنى ئىچىپ بېرىشتىن چەكلەندى.

• من صور عداوة الكافرين للمؤمنين فرحهم بما يصيب المؤمنين من بلاء ونقص، وغيظهم إن أصابهم خير.
كاپىرلارنىڭ مۆئمىنلەرنى ئۆچ كۆرۈشىنىڭ شەكىللىرىدىن بىرى: مۆئمىنلەرگە بالا-مۇسىيبەت ۋە قېيىنچىلىق يەتسە خۇرسەن بولىدۇ، ئۇلارغا بىرەر .ياخشىلىق يەتسە ئاچچىق يۇتۇپ ھەسرەت چېكىدۇ.

• الوقاية من كيد الكفار ومكرهم تكون بالصبر وعدم إظهار الخوف، ثم تقوى الله والأخذ بأسباب القوة والنصر.
كاپىرلارنىڭ ھىلە-مىكىر، ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىش سەۋىرچانلىق ۋە قورقۇنچىنى ئاشكارا قىلماسلىق، ئاندىن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ غەلبە .ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ سەۋەبلىرىنى لازىم تۇتۇش بىلەن بولىدۇ

إِذۡ هَمَّت طَّآئِفَتَانِ مِنكُمۡ أَن تَفۡشَلَا وَٱللَّهُ وَلِيُّهُمَاۗ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا مۆمىنلەردىن بەنى سەلەمە قەبىلىسى بىلەن بەنى ھارىس قەبىلىسى مۇناپىقلار قايتقان ۋاقتىدا، ئۇلارمۇ ئاجىزلىق كۆرسۈتۈپ قايتىشنى مەقسەت قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنى قايتىش مەقسىدىدىن ياندۇرۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدا مۇستەھكەم قىلىش بىلەن ياردەم بەردى، مۆئمىنلار ھەرقانداق ئەھۋالدا بىر ئاللاھقىلا تايىنىشى .كېرەك
અરબી તફસીરો:
وَلَقَدۡ نَصَرَكُمُ ٱللَّهُ بِبَدۡرٖ وَأَنتُمۡ أَذِلَّةٞۖ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
ھەقىقەتەن ئاللاھ بەدىر ئۇرىشىدا مۇشرىكلارنىڭ ئۈستىدىن غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى، ئۇ ۋاقتىدا سىلەر ئاجىز، سان ۋە تەييارلىق تەرەپتىن ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمىتىگە شۈكۈر ئېيتىش .يۈزىىسىدىن ئاللاھتىن قورقۇڭلار
અરબી તફસીરો:
إِذۡ تَقُولُ لِلۡمُؤۡمِنِينَ أَلَن يَكۡفِيَكُمۡ أَن يُمِدَّكُمۡ رَبُّكُم بِثَلَٰثَةِ ءَالَٰفٖ مِّنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ مُنزَلِينَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا بەدىر ئۇرۇشىدا مۇشرىكلارغا ياردەم كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭدا مۆئمىنلەرنى ئۇرۇش مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ئۈچۈن: ئاللاھ سىلەرنى ئۇرۇش مەيدانىدا كۈچلاندۇرۇش ئۈچۈن سىلەرگە ئاسماندىن ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈش بىلەن ياردەم بەرسە كۇپايە قىلمامدۇ؟! دېگىن.
અરબી તફસીરો:
بَلَىٰٓۚ إِن تَصۡبِرُواْ وَتَتَّقُواْ وَيَأۡتُوكُم مِّن فَوۡرِهِمۡ هَٰذَا يُمۡدِدۡكُمۡ رَبُّكُم بِخَمۡسَةِ ءَالَٰفٖ مِّنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ مُسَوِّمِينَ
شۇنداق، ھەقىقەتەن ئاشۇ كۇپايە قىلىدۇ، سىلەرگە ئاللاھ تەرەپتىن بىر بىرلەپ ياردەمنىڭ بىشارىتى بار، ئۇ بولسىمۇ: ئۇرۇش مەيدانىدا سەۋىر قىلساڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلساڭلار، دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە نىشانلىق ۋە ئاتلىرىدا .بەلگىلىرى بولغان بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ
અરબી તફસીરો:
وَمَا جَعَلَهُ ٱللَّهُ إِلَّا بُشۡرَىٰ لَكُمۡ وَلِتَطۡمَئِنَّ قُلُوبُكُم بِهِۦۗ وَمَا ٱلنَّصۡرُ إِلَّا مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَكِيمِ
ئاللاھ بۇ ياردەمنى ۋە پەرىشتىلەر بىلەن مەدەت بېرىشنى پەقەت سىلەرنى خۇرسەن قىلىش، كۆڭلۇڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن قىلدى، ئۇنداق بولمىغاندا، ھەقىقى غەلبە-نۇسرەت دېگەن بۇ كۆرۈنۈشتىكى سەۋەپلەر بىلەن بولمايدۇ، ھەقىقى غەلبە ھەممىدىن غالىپ بولغان ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن بولىدۇ، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ئىشىنى بېكىتىش ۋە .يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
અરબી તફસીરો:
لِيَقۡطَعَ طَرَفٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَوۡ يَكۡبِتَهُمۡ فَيَنقَلِبُواْ خَآئِبِينَ
بەدىر ئۇرىشىدا سىلەر ئۈچۈن ئەمەلىيلەشكەن بۇ غەلبە ئارقىلىق، ئاللاھ كاپىرلاردىن بىر تائىپىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ھالاك قىلىش، يەنە بىر تائىپىنى خار قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاچچىق يۇتۇپ خار .ھالەتتە قايتىشىنى ئىرادە قىلدى
અરબી તફસીરો:
لَيۡسَ لَكَ مِنَ ٱلۡأَمۡرِ شَيۡءٌ أَوۡ يَتُوبَ عَلَيۡهِمۡ أَوۡ يُعَذِّبَهُمۡ فَإِنَّهُمۡ ظَٰلِمُونَ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇھۇد ئۇرۇشى ۋەقەلىكىدىن كېيىن مۇشرىكلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلغان ۋاقتىدا، ئاللاھ ئۇنىڭغا: ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلىش سىنىڭ ئىشىڭ ئەمەس بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھۆكۈم قىلغۇچە ياكى ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىپ مۇسۇلغان بولغۇچە ياكى ئۇلار كۇپرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچرىغانغا قەدەر سەۋىر .قىلغىن، ھەقىقەتەن ئۇلار ئازابقا لايىق بولغان زالىملاردۇر
અરબી તફસીરો:
وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ يَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يارىتىش ۋە تەدبىر قىلىشتا ئاللاھنىڭ مۇلكىدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىپ خالىغان كىشىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەدلى بىلەن خالىغان كىشىنى ئازابلايدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، .ئۇلارغا مېھرىباندۇر
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَأۡكُلُواْ ٱلرِّبَوٰٓاْ أَضۡعَٰفٗا مُّضَٰعَفَةٗۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆئمىنلەر! سىلەر قەرز بەرگەن ئەسلى ماللىرىڭلاردىن جاھىلىيەت دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ھەسسىلەپ زىيادە جازانە ئىلىشتىن يىراق بولۇڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئۈمىدكى، سىلەر دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىدىن تەلەپ قىلغان نەرسەڭلەرگە نائىل بولىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
وَٱتَّقُواْ ٱلنَّارَ ٱلَّتِيٓ أُعِدَّتۡ لِلۡكَٰفِرِينَ
ئاللاھ كاپىرلارغا تەييارلىغان دوزاخ بىلەن ئاراڭلارغا توساق قىلىڭلار، بۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىنىش ئارقىلىق .بولىدۇ
અરબી તફસીરો:
وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھ ۋە .ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• مشروعية التذكير بالنعم والنقم التي تنزل بالناس حتى يعتبر بها المرء.
ئىنساننىڭ ئىبرەت ئىلىشى ئۈچۈن ئىنسانلارغا چۈشكەن نېئمەت بىلەن ئازابنى ئەسلەشنىڭ يولغان قويۇلغانلىقى

• من أعظم أسباب تَنَزُّل نصر الله على عباده ورحمته ولطفه بهم: التزامُ التقوى، والصبر على شدائد القتال.
بەندىلەرگە ئاللاھنىڭ نۇسرىتى، رەھمىتى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ چۈشۈشىدىكى ئەڭ بۈيۈك سەۋەبلەردىن بىرى: تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتۇش ۋە جىھاد مەيدانىدىكى مۇشەققەتكە سەۋىر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

• الأمر كله لله تعالى، فيحكم بما يشاء، ويقضي بما أراد، والمؤمن الحق يُسَلم لله تعالى أمره، وينقاد لحكمه.
ئىشنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئىرادىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەقىقى مۆئمىن ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھقا .تاپشۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنىدۇ

• الذنوب - ومنها الربا - من أعظم أسباب خِذلان العبد، ولا سيما في مواطن الشدائد والصعاب.
بەندىنىڭ خار بولۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى؛ گۇناھ ئىشلەش بولۇپ، جازانىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر، بولۇپمۇ قاتتىقچىلىق ۋە قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا جازانىنىڭ گۇناھى بەك ئېغىردۇر.

• مجيء النهي عن الربا بين آيات غزوة أُحد يشعر بشمول الإسلام في شرائعه وترابطها بحيث يشير إلى بعضها في وسط الحديث عن بعض.
جازانىدىن چەكلىنىش توغرىسىدىكى ئايەت ئوھۇد ئۇرۇشى ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا بايان قىلىندى، بۇنىڭدىن ئىسلامىي پرىنسىپنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، شۇنداقلا شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىدىغانلىقى، نۆۋىتى كەلگەندە ھۆكۈملەر ئارىسىدا يەنە باشقا بىر مەسىلىگىمۇ ئىشارەت قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ

۞ وَسَارِعُوٓاْ إِلَىٰ مَغۡفِرَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ وَجَنَّةٍ عَرۡضُهَا ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلۡأَرۡضُ أُعِدَّتۡ لِلۡمُتَّقِينَ
ئاللاھنىڭ كاتتا رەھمەت-مەغپىرىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ۋە تۈرلۈك تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا، ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە تەييارلىغان كەڭلىكى ئاسمان-زېمىندىن .كەڭرى بولغان جەننەتكە كېرىشكە ئالدىراڭلار
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ فِي ٱلسَّرَّآءِ وَٱلضَّرَّآءِ وَٱلۡكَٰظِمِينَ ٱلۡغَيۡظَ وَٱلۡعَافِينَ عَنِ ٱلنَّاسِۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
تەقۋادارلار دېگەن؛ ئۇلار ھەر قانداق ھالەتتە يەنى كەڭرىچىلىك ۋە قېيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدىمۇ ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ، ئىنتىقام ئىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇغلۇق ئاچچىغىنى بېسىۋالىدۇ، زۇلۇم قىلغانلارنى كەچۈرىۋىتىدۇ. مۇشۇنداق ئەخلاققا ئىگە بولغان ۋە سالىھ ئەمەل قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ إِذَا فَعَلُواْ فَٰحِشَةً أَوۡ ظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ ذَكَرُواْ ٱللَّهَ فَٱسۡتَغۡفَرُواْ لِذُنُوبِهِمۡ وَمَن يَغۡفِرُ ٱلذُّنُوبَ إِلَّا ٱللَّهُ وَلَمۡ يُصِرُّواْ عَلَىٰ مَا فَعَلُواْ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
تەقۋادارلار چوڭ گۇناھتىن بىرنى قىلىپ سالسا ياكى كىچىك گۇناھ قىلىش بىلەن ئېرىشىدىغان نەسىۋىسى كەمىيىپ كەتكەندە، ئۇلار ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، ئاللاھنىڭ گۇناھ قىلغانلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب ۋە تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان نېئمەتلەرنى ئەسلەيدۇ، ئۇلار ئۆكۈنگەن ھالەتتە ئاللاھتىن گۇناھىنى يوشۇرۇش ۋە بۇنىڭ بىلەن ئازابلىماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى گۇناھلارنى پەقەت يالغۇز بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى مەغپىرەت قىلالمايدۇ. ئۇلار خاتالىقلىرىنى داۋاملاشتۇرمايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ خاتالاشقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ بارلىق گۇناھلارنى .مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
અરબી તફસીરો:
أُوْلَٰٓئِكَ جَزَآؤُهُم مَّغۡفِرَةٞ مِّن رَّبِّهِمۡ وَجَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ وَنِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ
مۇشۇ ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ ساۋابى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى يوشۇرىدۇ، خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقتا سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان باغچىلار(جەننەت)بار، ئۇلار جەننەتتە ئەبەدى قالىدۇ، ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان بۇ مۇكاپات نېمىدىگەن ياخشى
અરબી તફસીરો:
قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِكُمۡ سُنَنٞ فَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُكَذِّبِينَ
مۆمىنلەر ئوھۇد كۈنىدە سىنالغان ۋاقىتتا، ئاللاھ ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ: سىلەردىن ئىلگىرىمۇ ئىلاھى پرىنسىپ بىلەن نۇرغۇن كاپىرلار ھالاك قىلىندى، مۆئمىنلەر سىنالغاندىن كېيىن ياخشى ئاقىۋەت ئۇلار ئۈچۈن قىلىندى، زېمىندا سەيرى قىلىڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا ئىبرەت نەزىرىدە قاراڭلار، .ئۇلارنىڭ يۇرتى بوش قالدى، پادىشاھلىقى يوقالدى
અરબી તફસીરો:
هَٰذَا بَيَانٞ لِّلنَّاسِ وَهُدٗى وَمَوۡعِظَةٞ لِّلۡمُتَّقِينَ
بۇ قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، باتىلدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ، تەقۋادارلارنى يامان ئىشتىن چەكلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇرئان كەرىمدىكى ھىدايەت ۋە توغرا .يولدىن مەنپەئەتلەنگۈچىدۇر
અરબી તફસીરો:
وَلَا تَهِنُواْ وَلَا تَحۡزَنُواْ وَأَنتُمُ ٱلۡأَعۡلَوۡنَ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
`ئى مۆمىنلەر! ئوھۇد كۈنىدە سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سەۋەبىدىن بوشىشىپ كەتمەڭلار ۋە قايغۇرماڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەرگە لايىق بولمايدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان نېئمەتلىرىگە ھەقىقى ئىشەنسەڭلار، ئاللاھتىن ياردەم ئۈمىد قىلساڭلار، ئەگەر ئىمانىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە قىلغان ۋەدىسىگە ئېرىشىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
إِن يَمۡسَسۡكُمۡ قَرۡحٞ فَقَدۡ مَسَّ ٱلۡقَوۡمَ قَرۡحٞ مِّثۡلُهُۥۚ وَتِلۡكَ ٱلۡأَيَّامُ نُدَاوِلُهَا بَيۡنَ ٱلنَّاسِ وَلِيَعۡلَمَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَيَتَّخِذَ مِنكُمۡ شُهَدَآءَۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئى مۆئمىنلەر! ئوھۇد كۈنىدە سىلەر يارىلانغان ۋە شېھىت قىلىنغان بولساڭلار، كاپىرلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش يارىدار بولدى ۋە ئۆلتۈرۈلدى، بۇ كۈنلەرنى ئاللاھ مۆئمىن ۋە كاپىر بولغان ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، خالىغانغا غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ، خالىغاننى مەغلۇب قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى ھېكمەتلەردىن: مۇناپىقلارنىڭ ئارىسىدىن ھەقىقى مۆئمىنلەرنى مەيدانغا چېقىرىش، خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ يولىدا شاھادەت تىپىش بىلەن ئىكرام قىلىش قاتارلىقلاردۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشنى .تەرك قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الترغيب في المسارعة إلى عمل الصالحات اغتنامًا للأوقات، ومبادرة للطاعات قبل فواتها.
پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراش، .پۇرسەت كېتىشتىن ئىلگىرى تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلىش كېرەك

• من صفات المتقين التي يستحقون بها دخول الجنة: الإنفاق في كل حال، وكظم الغيظ، والعفو عن الناس، والإحسان إلى الخلق.
جەننەتكە كېرىشكە ھەقلىق بولغان تەقۋادار كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇلار ھەرقانداق ھالەتتە ئاللاھ يولىدا نەپىقە قىلىدۇ، ئاچچىغىنى يۇتىدۇ، .كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىدۇ

• النظر في أحوال الأمم السابقة من أعظم ما يورث العبرة والعظة لمن كان له قلب يعقل به.
ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالغاندا، ئەقىللىق ۋە قەلبى .ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ۋەز-نەسىھەت بار

وَلِيُمَحِّصَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَيَمۡحَقَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
مۇشۇ ھېكمەتلەردىن: مۆئمىنلەرنى گۇناھتىن پاكلاش، سەپلىرىدىن .مۇناپىقلارنى تازىلاش، كاپىرلارنى ھالاك ۋە يوق قىلىش ئۈچۈندۇر
અરબી તફસીરો:
أَمۡ حَسِبۡتُمۡ أَن تَدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ وَلَمَّا يَعۡلَمِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ جَٰهَدُواْ مِنكُمۡ وَيَعۡلَمَ ٱلصَّٰبِرِينَ
ئى مۆمىنلار! سىلەر ئاللاھ يولىدا ھەقىقى جىھاد قىلىۋاتقان مۇجاھىدلاردا كۆرۈلىدىغان جاپا-مۇشەققەت ۋە سىناقلارغا دۇچ كەلمەستىن، ئۇلارغا يەتكەن بالا-مۇسىبەتكە سەۋىر قىلماستىن جەننەتكە كېرىمىز دەپ ئويلامسىلەر؟!.
અરબી તફસીરો:
وَلَقَدۡ كُنتُمۡ تَمَنَّوۡنَ ٱلۡمَوۡتَ مِن قَبۡلِ أَن تَلۡقَوۡهُ فَقَدۡ رَأَيۡتُمُوهُ وَأَنتُمۡ تَنظُرُونَ
ئى مۆمىنلەر! ھەقىقەتەن سىلەر ئۆلۈمنىڭ قاتتىقلىقى ۋە سەۋەبلىرىگە ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بەدىر كۈنىدە قېرىنداشلىرىڭلار ئېرىشكەندەك ئاللاھ يولىدا شەھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كاپىرلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، ھە مانا ئوھۇد كۈنىدە ئارزۇ قىلغان ئىشنى .كۆردۇڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار
અરબી તફસીરો:
وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٞ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِ ٱلرُّسُلُۚ أَفَإِيْن مَّاتَ أَوۡ قُتِلَ ٱنقَلَبۡتُمۡ عَلَىٰٓ أَعۡقَٰبِكُمۡۚ وَمَن يَنقَلِبۡ عَلَىٰ عَقِبَيۡهِ فَلَن يَضُرَّ ٱللَّهَ شَيۡـٔٗاۚ وَسَيَجۡزِي ٱللَّهُ ٱلشَّٰكِرِينَ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئىلگىرى ۋاپات بولغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن پەيغەمبەرلەردىن بىر پەيغەمبەر، ئەگەر ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، جىھادنى تەرك قىلىپ دىنىڭلاردىن يېنىۋالامسىلەر؟، سىلەردىن كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىدىن يېنىۋالىدىكەن، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر ۋە غالىبتۇر، ھەقىقەتتە دىندىن يېنىۋالغۇچى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش بىلەن زىيان تارتقۇچىدۇر، ئاللاھ نېئمىتىگە شۈكۈر ئېيتقۇچىلارنى، دىندا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل مۇكاپات بىلەن شەرەپلەندۇرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَمَا كَانَ لِنَفۡسٍ أَن تَمُوتَ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِ كِتَٰبٗا مُّؤَجَّلٗاۗ وَمَن يُرِدۡ ثَوَابَ ٱلدُّنۡيَا نُؤۡتِهِۦ مِنۡهَا وَمَن يُرِدۡ ثَوَابَ ٱلۡأٓخِرَةِ نُؤۡتِهِۦ مِنۡهَاۚ وَسَنَجۡزِي ٱلشَّٰكِرِينَ
ھەر قانداق جان ئاللاھنىڭ تەقدىرىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا پۈتكەن مۇددەتنى تولۇقلاپ، بېكىتكەن ئەجەلنى توشقۇزۇپ ئۆلىدۇ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن كەم-زىيادە بولمايدۇ، كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بىلەن دۇنيا نېئمىتىنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا دۇنيادا بېرىش تەقدىر قىلىنغان مىقداردا بېرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا ھېچ نەسىۋە بېرىلمەيدۇ، كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بىلەن ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلغۇچىلارنى كاتتا مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايمىز.
અરબી તફસીરો:
وَكَأَيِّن مِّن نَّبِيّٖ قَٰتَلَ مَعَهُۥ رِبِّيُّونَ كَثِيرٞ فَمَا وَهَنُواْ لِمَآ أَصَابَهُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَمَا ضَعُفُواْ وَمَا ٱسۡتَكَانُواْۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلصَّٰبِرِينَ
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بولغان كۆپلىگەن جامائەت ئۇرۇش قىلدى، ئاللاھ يولىدا يەتكەن جاراھەت ۋە ئۆلۈم ئۇلارنى جىھاد قىلىشتىن قورقىتالمىدى، دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن بوشاشتۇرمىدى ۋە باش ئەگدۈرمىدى، بەلكى ئۇلار سەۋىر قىلىپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇردى. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ يولىدىكى قېيىنچىلىق ۋە قاتتىقچىلىققا سەۋىر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَمَا كَانَ قَوۡلَهُمۡ إِلَّآ أَن قَالُواْ رَبَّنَا ٱغۡفِرۡ لَنَا ذُنُوبَنَا وَإِسۡرَافَنَا فِيٓ أَمۡرِنَا وَثَبِّتۡ أَقۡدَامَنَا وَٱنصُرۡنَا عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ
ئاشۇ سەۋىر قىلغۇچى كىشىلەرگە بالا-مۇسىيبەت كەلگەندە ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ۋە بىزنىڭ چەكتىن ئاشۇرۋەتكەن خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، ساڭا كاپىر بولغان قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن دېگەن سۆزدىن ئىبارەت بولدى.
અરબી તફસીરો:
فَـَٔاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ ثَوَابَ ٱلدُّنۡيَا وَحُسۡنَ ثَوَابِ ٱلۡأٓخِرَةِۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيادا كاپىرلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىش بىلەن ئاخىرەتتە بولسا ئۇلاردىن رازى بولۇشتىن ئىبارەت چىرايلىق مۇكاپات، نېمەتلىك جەننەتلەردە دائىم تۇرۇشتىن ئىبارەت كاتتا ساۋاپ ئاتا قىلدى، ئاللاھ ئىبادەت ۋە مۇئامىلە ئىشلىرىدا توغرا ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الابتلاء سُنَّة إلهية يتميز بها المجاهدون الصادقون الصابرون من غيرهم.
ئىمتىھان قىلىش ئىلاھى پرىنسىپ بولۇپ، ئاللاھ يولىدا سەۋىرچانلىق، سەمىمىلىك بىلەن جىھاد قىلغۇچىلار بۇ ئارقىلىق باشقىلاردىن پەرقلىنىدۇ.

• يجب ألا يرتبط الجهاد في سبيل الله والدعوة إليه بأحد من البشر مهما علا قدره ومقامه.
ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىش كىم بولۇشتىن قەتئىي نەزەر بىر كىشىگە باغلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.

• أعمار الناس وآجالهم ثابتة عند الله تعالى، لا يزيدها الحرص على الحياة، ولا ينقصها الإقدام والشجاعة.
ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇددىتى ۋە ئەجىلى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتلىق دۇنياسىغا ھېرىسمەن بولۇش بىلەن زىيادە بولمايدۇ، باتۇرلۇق ۋە پىداكارلىق قىلىش بىلەن كېمىيىپ كەتمەيدۇ.

• تختلف مقاصد الناس ونياتهم، فمنهم من يريد ثواب الله، ومنهم من يريد الدنيا، وكلٌّ سيُجازَى على نيَّته وعمله.
ئىنسانلارنىڭ نىيەت-مەقسەتلىرى ئوخشىمايدۇ، بەزىلىرى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئىرادە قىلسا، بەزىلىرى دۇنيا مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى نىيەت ۋە ئەمىلىگە كۆرە جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن تُطِيعُواْ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَرُدُّوكُمۡ عَلَىٰٓ أَعۡقَٰبِكُمۡ فَتَنقَلِبُواْ خَٰسِرِينَ
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر!، ئەگەر سىلەر يەھۇدىي-ناسارا ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت كاپىرلارنىڭ بۇيرىغان ئىشلىرىغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن قايتىدىن كۇپىرغا قايتۇرىدۇ، ئاندىن دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
بَلِ ٱللَّهُ مَوۡلَىٰكُمۡۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلنَّٰصِرِينَ
گەرچە سىلەر ئاشۇ كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلارمۇ، ئۇلار ھەرگىز سىلەرگە ياردەم بەرمەيدۇ. بەلكى دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى سىلەرگە پەقەت ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى ياردەم بەرگۈچىدۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىگە ئېھتىياجلىق بولماڭلار.
અરબી તફસીરો:
سَنُلۡقِي فِي قُلُوبِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلرُّعۡبَ بِمَآ أَشۡرَكُواْ بِٱللَّهِ مَا لَمۡ يُنَزِّلۡ بِهِۦ سُلۡطَٰنٗاۖ وَمَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُۖ وَبِئۡسَ مَثۡوَى ٱلظَّٰلِمِينَ
ئاللاھقا كاپىر بولغان بەدبەختلەرنىڭ دىللىرىغا قاتتىق قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلار ھېچ قانداق دەلىلى بولمىغان ئۆز خاھىشلىرى بىلەن چوقۇنغان ئىلاھلىرىنى يەككە-يېگانە ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن سىلەرگە قارشى ئۇرۇشتا مۇستەھكەم تۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ بارىدىغان قارارگاھى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايى بولغان دوزاخ ھەقىقەتەن يامان جايدۇر.
અરબી તફસીરો:
وَلَقَدۡ صَدَقَكُمُ ٱللَّهُ وَعۡدَهُۥٓ إِذۡ تَحُسُّونَهُم بِإِذۡنِهِۦۖ حَتَّىٰٓ إِذَا فَشِلۡتُمۡ وَتَنَٰزَعۡتُمۡ فِي ٱلۡأَمۡرِ وَعَصَيۡتُم مِّنۢ بَعۡدِ مَآ أَرَىٰكُم مَّا تُحِبُّونَۚ مِنكُم مَّن يُرِيدُ ٱلدُّنۡيَا وَمِنكُم مَّن يُرِيدُ ٱلۡأٓخِرَةَۚ ثُمَّ صَرَفَكُمۡ عَنۡهُمۡ لِيَبۡتَلِيَكُمۡۖ وَلَقَدۡ عَفَا عَنكُمۡۗ وَٱللَّهُ ذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ئۇھۇد كۈنىدە ئاللاھ سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ئۇ ۋاقىتتا سىلەر ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كاپىرلارغا قارشى قاتتىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىدىڭلار، ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ مىدىرلىماي تۇرۇشىڭلارنى بۇيرىغان ئورۇندىن بوشاشقان ۋاقىتتا، ئاجىزلىشىپ قالدىڭلار، ئورنۇڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇش ياكى ئورۇننى تاشلاپ غەنىمەت توپلاش ئۈچۈن ئىختىلاپ قىلىشتىڭلار. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقانداق ھالەتتە ئورنۇڭلاردىن تەۋرەنمەڭلار دېگەن بۇيرىقىغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار، بۇ ۋەقە ئاللاھ سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشتىن ئىبارەت سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى كۆرگەندىن كېيىن يۈز بەردى، سىلەردىن دۇنيا مەنپەئەتىنى مەقسەت قىلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئورنىنى تەرك قىلدى، سىلەردىن ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى مەخسەت قىلغۇچىلار بار، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ ئۆز ئورنىدا تەۋرەنمەي تۇردى، ئاندىن ئاللاھ ئەھۋالىڭلارنى ئۆزگەرتتى، سىلەرنى سىناش ئۈچۈن كاپىرلارنى سىلەرگە مۇسەللەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بالا-مۇسىيبەت يەتكەندە بوشىشىپ، ھەق يولدىن تېيىلىپ كېتىدىغان مۇئمىنلار بىلەن، تالاپەت يەتكەندە سەۋىر قىلىدىغان ھەقىقى مۇئمىنلەر ئاشكارا بولدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان خاتالىقىڭلارنى ئەپۇ قىلدى، ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلىشتا كاتتا پەزلى ئىگىسىدۇر، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلغۇچى ۋە مۇسىيبەتلىرىگە ساۋاپ بەرگۈچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
۞ إِذۡ تُصۡعِدُونَ وَلَا تَلۡوُۥنَ عَلَىٰٓ أَحَدٖ وَٱلرَّسُولُ يَدۡعُوكُمۡ فِيٓ أُخۡرَىٰكُمۡ فَأَثَٰبَكُمۡ غَمَّۢا بِغَمّٖ لِّكَيۡلَا تَحۡزَنُواْ عَلَىٰ مَا فَاتَكُمۡ وَلَا مَآ أَصَٰبَكُمۡۗ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئوھۇد مەيدانىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن مۇسىيبەتكە ئۇچرىغان ۋاقتىڭلاردا يىراققا قاچتىڭلار، سىلەردىن ھېچ بىرىڭلار يەنە بىرىگە قارىيالمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئالدى تەرىپىدە تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كىلىڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كىلىڭلار دەيتتى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى غەلبە-نۇسرەت، غەنىمەتنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئىبارەت دەرت-ئەلەم ۋە قېيىنچىلىق بىلەن جازالىدى، بۇنىڭغا قېتىلىپ ئاراڭلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈلدى دېگەن خەۋەر تارقالدى، بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى سىلەرنىڭ غەلبە ۋە غەنىمەتتىن يوقۇتۇپ قويغان نەرسىگە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرلمىگەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىڭلاردا، سىلەرگە يەتكەن جاراھەت ۋە ئۆلتۈرۈلۈش قاتارلىق بارلىق مۇسىبەت، دەرت-ئەلەملەر ئاددى بىلىندى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىڭلار ۋە قەلبىڭلاردىكى ھېچ بىر ئىش ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• التحذير من طاعة الكفار والسير في أهوائهم، فعاقبة ذلك الخسران في الدنيا والآخرة.
كاپىرلارغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئاگاھ بولۇش كېرەك، بۇنىڭ ئاقىۋىتى دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيان تارتىشتۇر.

• إلقاء الرعب في قلوب أعداء الله صورةٌ من صور نصر الله لأوليائه المؤمنين.
دۈشمەنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ قورقۇنچ تاشلىشى بولسا، ئۆزىنىڭ يېقىن بەندىلىرى بولغان مۆئمىنلەرگە ياردەم بېرىشنىڭ بىر كۆرۈنىشىدۇر.

• من أعظم أسباب الهزيمة في المعركة التعلق بالدنيا والطمع في مغانمها، ومخالفة أمر قائد الجيش.
ئۇرۇش مەيدانىدا مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىن: قەلبنىڭ دۇنياغا ئالاقىدار بولىشى ۋە غەنىمەتنى تاما قىلىشى، قومانداننىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

• من دلائل فضل الصحابة أن الله يعقب بالمغفرة بعد ذكر خطئهم.
ساھابىلارنىڭ پەزىلىتىنىڭ دەلىللىرىدىن: ئاللاھ ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى زىكىر قىلغاندىن كېيىنلا كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ثُمَّ أَنزَلَ عَلَيۡكُم مِّنۢ بَعۡدِ ٱلۡغَمِّ أَمَنَةٗ نُّعَاسٗا يَغۡشَىٰ طَآئِفَةٗ مِّنكُمۡۖ وَطَآئِفَةٞ قَدۡ أَهَمَّتۡهُمۡ أَنفُسُهُمۡ يَظُنُّونَ بِٱللَّهِ غَيۡرَ ٱلۡحَقِّ ظَنَّ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِۖ يَقُولُونَ هَل لَّنَا مِنَ ٱلۡأَمۡرِ مِن شَيۡءٖۗ قُلۡ إِنَّ ٱلۡأَمۡرَ كُلَّهُۥ لِلَّهِۗ يُخۡفُونَ فِيٓ أَنفُسِهِم مَّا لَا يُبۡدُونَ لَكَۖ يَقُولُونَ لَوۡ كَانَ لَنَا مِنَ ٱلۡأَمۡرِ شَيۡءٞ مَّا قُتِلۡنَا هَٰهُنَاۗ قُل لَّوۡ كُنتُمۡ فِي بُيُوتِكُمۡ لَبَرَزَ ٱلَّذِينَ كُتِبَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَتۡلُ إِلَىٰ مَضَاجِعِهِمۡۖ وَلِيَبۡتَلِيَ ٱللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمۡ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
دەرت-ئەلەم، قېيىنچىلىقتىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە خاتىرجەملىك ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى، سىلەردىن ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلىدىغان بىر جامائەتنى دىللىرىدىكى خاتىرجەملىك ۋە ئارامدىللىق سەۋەبىدىن مۈگە باستى، يەنە بىر جامائەتكە خاتىرجەملىك ۋە مۈگە كەلمىدى، ئۇلار مۇناپىقلار بولۇپ ئۇلارنىڭ بىردىن بىر غەم قىلىدىغىنى جېنىنىڭ سالامەت قىلىشى ئىدى، شۇڭا ئۇلار قورقۇنچ ۋە ئارامسىزلىق ئېچىدە ئاللاھ ھەققىدە يامان گۇمان قىلىپ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمەيدۇ ۋە مۆئمىن بەندىلىرىنى كۈچلاندۇرمايدۇ دەپ جاھىلىيەت ئەھلىگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ھەقىقى ئۇلۇغلۇقى ۋە شانۇ-شەۋكىتىنى بىلمىدى، ئاشۇ مۇناپىقلار ئاللاھقا بولغان جاھىللىقى سەۋەبىدىن: ئۇرۇشقا چېقىش ئىشىدا بىزنىڭ پىكرىمىز قوبۇل قىلىنغان بولسا ئىدى، بىز جەڭگە چىقمىغان بولاتتۇق دېدى. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ ئېيتقىنكى، ئىشنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھ خالىغانچە تەقدىر قىلىدۇ ۋە ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، سىلەرنىڭ ئۇرۇشقا چېقىشىڭلارنى ئاللاھ تەقدىر قىلغان، ئاشۇ مۇناپىقلار قورققانلىقى ئۈچۈن كۆڭلىدىكى شەك-شۈبھە ۋە يامان گۇمانلىرىنى ساڭا ئاشكارا قىلالمايدۇ، ئۇلار: ئۇرۇشقا چېقىش بىزنىڭ پىكرىمىز بىلەن بولغاندا بىز بۇ جايدا ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق دەيدۇ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتقىنكى: گەرچە سىلەر ئۆيۈڭلارغا مۆكۈنىۋىلىپ ئۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە ئۆلۈمدىن يىراق بولساڭلارمۇ، ئەلۋەتتە ئاللاھ سىلەردىن بېرىڭلارغا ئۆلۈمنى پۈتىۋەتكەن بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرىلىدىغان ئورنىغا چىققان بولاتتى، بۇنى ئاللاھ سىلەرگە پەقەت سىلەرنىڭ دىلىڭلاردىكى نىيەت-مەقسىدىڭلارنى سىناش ۋە ئۇنىڭدىكى ئىمان بىلەن كۇپىرنى ئايرىش ئۈچۈن تەقدىر قىلدى، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ دىللىرىدىكى نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلَّذِينَ تَوَلَّوۡاْ مِنكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡتَقَى ٱلۡجَمۡعَانِ إِنَّمَا ٱسۡتَزَلَّهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ بِبَعۡضِ مَا كَسَبُواْۖ وَلَقَدۡ عَفَا ٱللَّهُ عَنۡهُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٞ
ئى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى! ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىلەن مۇشرىكلار قوشۇنى ئوھۇد كۈنىدە ئۇچراشقاندا سىلەردىن مەغلۇپ بولغان بەزى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن شەيتان ئۇلارنى توغرا يولدىن چەتنەتتۈرگەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى، ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن ئۇلارنى جازالىمىدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر. ھەلىملىك سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَقَالُواْ لِإِخۡوَٰنِهِمۡ إِذَا ضَرَبُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَوۡ كَانُواْ غُزّٗى لَّوۡ كَانُواْ عِندَنَا مَا مَاتُواْ وَمَا قُتِلُواْ لِيَجۡعَلَ ٱللَّهُ ذَٰلِكَ حَسۡرَةٗ فِي قُلُوبِهِمۡۗ وَٱللَّهُ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر! مۇناپىقلاردىن بولغان كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا، ئۇلار رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ياكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلىش ئۈچۈن چىققاندا ئۆلۈپ كەتسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە: ئەگەر ئۇلار سەپەرگە ياكى ئۇرۇشقا چىقماي بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرغان بولسا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى دەيتتى، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى غەم-قايغۇ، دەرت-ئەلەملەرنى زىيادە قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ بۇ ئېتىقادنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا سالدى، ئاللاھ ئۆزى يالغۇز ئۆزىنىڭ خالىشى بىلەن ئۆلتۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى جىھادقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرغۇچى كېچىكتۈرەلمىگەندەك، جىھادقا چىققۇچىمۇ ئىلگىرى قىلالمايدۇ. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَلَئِن قُتِلۡتُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أَوۡ مُتُّمۡ لَمَغۡفِرَةٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَحۡمَةٌ خَيۡرٞ مِّمَّا يَجۡمَعُونَ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەڭلار ۋە ياكى ئۆلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ سىلەرگە كاتتا مەغپىرەت ۋە كەڭرى رەھمەت ئاتا قىلىدۇ، ئۇ مۇشۇ دۇنيا ۋە دۇنيا ئەھلى ئېرىشىۋاتقان بارلىق يوقالغۇچى نېمەتلەردىن ياخشىدۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الجهل بالله تعالى وصفاته يُورث سوء الاعتقاد وفساد الأعمال.
ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى بىلمەسلىك بولسا، ئېتىقادنىڭ ناچارلىقى ۋە ئەمەلنىڭ بۇزۇقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

• آجال العباد مضروبة محدودة، لا يُعجلها الإقدام والشجاعة، ولايؤخرها الجبن والحرص.
بەندىلەرنىڭ كۆرىدىغان ئۆمرى ۋە ياشاش مۇددىتى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئالغا ئىلگىرلەش ۋە باتۇرلۇق ئۇنى ئىلگىرى سۈرەلمىگەندەك، قورقۇنچاقلىق ۋە دۇنياغا ھېرىسمەنلىك ئۇنى كىچىكتۈرەلمەيدۇ.

• من سُنَّة الله تعالى الجارية ابتلاء عباده؛ ليميز الخبيث من الطيب.
ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان پرىنسىپلىرىدىن؛ ياخشىدىن ناچارنى ئايرىش ئۈچۈن بەندىلىرىنى ئىمتىھان قىلىشىدۇر.

• من أعظم المنازل وأكرمها عند الله تعالى منازل الشهداء في سبيله.
ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەڭ ئېسىل ۋە يۇقىرى ئورۇن ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغانلارنىڭ مەقامىدۇر.

وَلَئِن مُّتُّمۡ أَوۡ قُتِلۡتُمۡ لَإِلَى ٱللَّهِ تُحۡشَرُونَ
سىلەر قانداق ھالەتتە ئولۇڭلار مەيلى ئۆلتۈرۈلۈڭلار ھەممىڭلار پەقەت بىر ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتۇرىلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا كۆرە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَبِمَا رَحۡمَةٖ مِّنَ ٱللَّهِ لِنتَ لَهُمۡۖ وَلَوۡ كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ ٱلۡقَلۡبِ لَٱنفَضُّواْ مِنۡ حَوۡلِكَۖ فَٱعۡفُ عَنۡهُمۡ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لَهُمۡ وَشَاوِرۡهُمۡ فِي ٱلۡأَمۡرِۖ فَإِذَا عَزَمۡتَ فَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُتَوَكِّلِينَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ساڭا بولغان رەھمىتى سەۋەبىدىن سېنىڭ ئەخلاقىڭ ساھابىلىرىڭغا يىقىشلىق بولدى، ئەگەر سەن سۆز-ھەرىكەتلىرىڭدە قوپال، دىلىڭ قاتتىق بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن تاراپ كىتەتتى، ئۇلارنىڭ سېنىڭ ھەققىڭدىكى كەمچىللىكلىرىنى ئۆتىۋەتكىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىگىن، مەسلەھەتكە ئېھتىياجلىق ئىشلاردا ئۇلارنىڭ پىكىر-قارىشىنى تەلەپ قىلغىن، مەسلەھەتتىن كېيىن بىر ئىشنى كەسكىن قىلىشنى ئىرادە قىلساڭ، ئۇ ئىشنى قىلغىن، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆزىگە تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى ئۇ ئىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ ۋە كۈچلاندۇرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِن يَنصُرۡكُمُ ٱللَّهُ فَلَا غَالِبَ لَكُمۡۖ وَإِن يَخۡذُلۡكُمۡ فَمَن ذَا ٱلَّذِي يَنصُرُكُم مِّنۢ بَعۡدِهِۦۗ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
ئەگەر ئاللاھ ئۆزىنىڭ ياردىمى ۋە نۇسرىتى بىلەن سىلەرنى كۈچلاندۇرسا، گەرچە زېمىن ئەھلىنىڭ ھەممىسى توپلىشىپ كەلسىمۇ ھېچبىرى سىلەرنى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىشنى تەرك قىلسا، يەنى ئىشىڭلارنى ئۆزۈڭلەرگە قويۇپ قويسا، ئاللاھدىن كېيىن ھېچ كىشى سىلەرگە ياردەم بېرىشكە پىتىنالمايدۇ، غەلبە يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، مۆئمىنلەر پەقەت يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا تايىنىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَمَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَن يَغُلَّۚ وَمَن يَغۡلُلۡ يَأۡتِ بِمَا غَلَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا كَسَبَتۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
پەيغەمبەرلەردىن ھېچ بىرىگە غەنىمەتتىن ئاللاھ ئۇنىڭغا خاس قىلىپ بەرگەن نەرسىدىن باشقىنى ئېلىپ خىيانەت قىلىشى لايىق بولمايدۇ، سىلەردىن كىمكى غەنىمەتتىن بىر نەرسە ئېلىش بىلەن خىيانەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنى رەسۋا قىلىش بىلەن جازالايدۇ، ئىنسانلار ئالدىغا ئۆزى خىيانەت قىلغان نەرسىنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، ئاندىن ھەر بىر كىشىگە قىلغان ئىشىنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى كىمەيتىۋەتمەستىن تولۇق بېرىدۇ، ئۇلار خاتالىقىنى زىيادە قىلىش ۋە ياخشىلىقىنى كىمەيتىۋىتىش بىلەن زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
أَفَمَنِ ٱتَّبَعَ رِضۡوَٰنَ ٱللَّهِ كَمَنۢ بَآءَ بِسَخَطٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَمَأۡوَىٰهُ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان نەرسىگە ئەگەشكەن كىشى بىلەن، ئاللاھقا كاپىر بولۇپ يامان ئەمەل قىلغان كىشى باراۋەر بولمايدۇ، كاپىر بولغان كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولۇپ قايتىدۇ، ئۇنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلارنىڭ قايتىدىغان ۋە ئورۇنلىشىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان جاي ھە!
અરબી તફસીરો:
هُمۡ دَرَجَٰتٌ عِندَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ بَصِيرُۢ بِمَا يَعۡمَلُونَ
ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى دەرىجىسى تۈرلۈك بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ. ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئەمىلىگە قارىتا جازا- مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
لَقَدۡ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ إِذۡ بَعَثَ فِيهِمۡ رَسُولٗا مِّنۡ أَنفُسِهِمۡ يَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِهِۦ وَيُزَكِّيهِمۡ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَإِن كَانُواْ مِن قَبۡلُ لَفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ
ئاللاھ مۆئمىنلەرگە نېئمەت بېرىپ، ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى، پەيغەمبەر ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلارنى شېرىكنىڭ كىرلىرىدىن ۋە رەزىل-ناچار ئەخلاقتىن پاكلايدۇ، قۇرئان-سۈننەت ئۈگىتىدۇ، ئۇلار بۇ پەيغەمبەر ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى ھىدايەت ۋە توغرا يولدىن يىراق بولغان روشەن ئازغۇنلۇقتا ئىدى.
અરબી તફસીરો:
أَوَلَمَّآ أَصَٰبَتۡكُم مُّصِيبَةٞ قَدۡ أَصَبۡتُم مِّثۡلَيۡهَا قُلۡتُمۡ أَنَّىٰ هَٰذَاۖ قُلۡ هُوَ مِنۡ عِندِ أَنفُسِكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئى مۆمىنلەر! ئوھۇد كۈنىدە سىلەر مەغلۇپ بولۇپ سىلەرگە مۇسىيبەت يەتكەن ۋاقىتتا، سىلەردىن بەزىلەر ئۆلتۈرۈلدى، بەدىر كۈنىدە مۇشرىكلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئىلىشتا ئۇلارنى بۇنىڭدىن ئىككى ھەسسە كۆپ مۇسىيبەتكە ئۇچراتقان ئىدىڭلار. سىلەر: بىز مۆئمىن تۇرساق، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تۇرسا، بىزگە بۇ مۇسىيبەت قەيەردىن كەلدى؟دېدىڭلار. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرگە يەتكەن ئۇ مۇسىيبەت، پەيغەمبەرنىڭ بۇيرىقىغا ئاسىيلىق قىلىشىڭلار ۋە بۇ مەسىلىدە تالاش-تارتىش قىلغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن بولدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى خار قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• النصر الحقيقي من الله تعالى، فهو القوي الذي لا يحارب، والعزيز الذي لا يغالب.
ھەقىقى نۇسرەت؛ ھېچبىر كۈچ قارشى تۇرالمايدىغان چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغان، ھەرنەرسىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كىلىدىغان ئاللاھتىن كىلىدۇ.

• لا تستوي في الدنيا حال من اتبع هدى الله وعمل به وحال من أعرض وكذب به، كما لا تستوي منازلهم في الآخرة.
دۇنيادا ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان كىشى بىلەن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن يۈز ئۆرىگەن ۋە ئۇنى ئىنكار قىلغان كىشى باراۋەر بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

• ما ينزل بالعبد من البلاء والمحن هو بسبب ذنوبه، وقد يكون ابتلاء ورفع درجات، والله يعفو ويتجاوز عن كثير منها.
ئىنسانغا يەتكەن بالا-مۇسىبەت ۋە جاپا مۇشەققەتلەر شۇ ئىنساننىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا سىناق بولۇپ، ئاللاھ شۇ ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ ۋە ئۆتىۋېتىدۇ.

وَمَآ أَصَٰبَكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡتَقَى ٱلۡجَمۡعَانِ فَبِإِذۡنِ ٱللَّهِ وَلِيَعۡلَمَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ئوھۇد كۈنى سىلەرنىڭ قوشۇنىڭلار بىلەن مۇشرىكلار قوشۇنى ئۇچراشقاندا سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا يۈز بەرگەن ئۆلتۈرۈلۈش، جاراھەت ۋە مەغلۇبىيەت، ئاللاھنىڭ ئىزنى-تەقدىرى ۋە كاتتا ھېكمەتلەر بىلەن بولدى. بۇ ھەقىقى مۆئمىنلەرنىڭ ئاشكارا بولىشى ئۈچۈندۇر.
અરબી તફસીરો:
وَلِيَعۡلَمَ ٱلَّذِينَ نَافَقُواْۚ وَقِيلَ لَهُمۡ تَعَالَوۡاْ قَٰتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أَوِ ٱدۡفَعُواْۖ قَالُواْ لَوۡ نَعۡلَمُ قِتَالٗا لَّٱتَّبَعۡنَٰكُمۡۗ هُمۡ لِلۡكُفۡرِ يَوۡمَئِذٍ أَقۡرَبُ مِنۡهُمۡ لِلۡإِيمَٰنِۚ يَقُولُونَ بِأَفۡوَٰهِهِم مَّا لَيۡسَ فِي قُلُوبِهِمۡۚ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا يَكۡتُمُونَ
مۇناپىقلارنى ئايرىش ئۈچۈن ئۇلارغا: ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوغداڭلار دىيىلگەندە، ئۇلار: ئۇرۇش بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولساق ئەلۋەتتە سىلەرگە ئەگىشەتتۇق، لېكىن سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇش بولىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق دەيدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە ئىمانغا قارىغاندا كۇپىرغا بەكرەك يېقىن ئىدى، ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىنى تىللىرى بىلەن دەيتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە يوشۇرغان نەرسىسىنى بىلگۈچىدۇر ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ قَالُواْ لِإِخۡوَٰنِهِمۡ وَقَعَدُواْ لَوۡ أَطَاعُونَا مَا قُتِلُواْۗ قُلۡ فَٱدۡرَءُواْ عَنۡ أَنفُسِكُمُ ٱلۡمَوۡتَ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىماي ئۆيىدە قالغان مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئوھۇد كۈنىدە مۇسىيبەتكە ئۇچرىغان يېقىنلىرىغا: ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشقا چىقمىغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى دەيدۇ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر ئۇلار بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشقا چىقمىغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەرگە ئۆلۈم كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈمدىن قوغداڭلار، ئەگەر ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقماسلىق سىلەرنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشنىڭ سەۋەبى بولسا شۇنداق قىلىڭلار.
અરબી તફસીરો:
وَلَا تَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ قُتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أَمۡوَٰتَۢاۚ بَلۡ أَحۡيَآءٌ عِندَ رَبِّهِمۡ يُرۡزَقُونَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئاللاھنىڭ يولىدا جىھادتا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دەپ ئويلىمىغىن، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا، ئىززەت دىيارىدا خاس بىر ھاياتلىقتا ھاياتتۇر، ئۇلار ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدىغان تۈرلۈك يېمەكلىكلەردىن رىزىقلىنىدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَرِحِينَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ وَيَسۡتَبۡشِرُونَ بِٱلَّذِينَ لَمۡ يَلۡحَقُواْ بِهِم مِّنۡ خَلۡفِهِمۡ أَلَّا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان پەزلى-رەھمىتى بىلەن خۇرسەنلىك ۋە بەخت-سائادەت ئېچىدە بولىدۇ، ئۇلار دۇنيادا قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قېتىلىشىنى كۈتىدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار جىھادتا ئۆلتۈرۈلسە، ئۇلارغا ئوخشاش پەزلى-رەھمەتكە ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا ئاخىرەتتە ئەنسىرەش بولمايدۇ ۋە دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلىرىگىمۇ قايغۇرمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
۞ يَسۡتَبۡشِرُونَ بِنِعۡمَةٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَضۡلٖ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ئۇلار مۇشۇ خۇرسەنلىك بىلەن بىرگە ئاللاھ تەرىپىدىن كاتتا ساۋاپنى كۈتىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ مۆئمىنلەرنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەجىرنى مۇكەممەل تولۇقلاپ ۋە زىيادىسى بىلەن بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ ٱسۡتَجَابُواْ لِلَّهِ وَٱلرَّسُولِ مِنۢ بَعۡدِ مَآ أَصَابَهُمُ ٱلۡقَرۡحُۚ لِلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ مِنۡهُمۡ وَٱتَّقَوۡاْ أَجۡرٌ عَظِيمٌ
ئوھۇد ئۇرىشىدا جاراھەتلىنىپ يارىلانغاندىن كېيىن، «ھەمرائۇل ئەسەد» ئۇرىشىدا مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرۇشۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشقا چېقىشقا چاقىرىلغاندا، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلارنىڭ جاراھەتلىرى ئۇلارنى يەنە جىھادقا ئاتلىنىشتىن توسۇپ قالالمىدى. مۆئمىنلەردىن ئەمەللىرىنى ياخشى قىلغانلار، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ ۋە توسقانلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغانلار ئاللاھ تەرىپىدىن جەننەتتىن ئىبارەت بولغان كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ قَالَ لَهُمُ ٱلنَّاسُ إِنَّ ٱلنَّاسَ قَدۡ جَمَعُواْ لَكُمۡ فَٱخۡشَوۡهُمۡ فَزَادَهُمۡ إِيمَٰنٗا وَقَالُواْ حَسۡبُنَا ٱللَّهُ وَنِعۡمَ ٱلۡوَكِيلُ
مۇشرىكلاردىن بولغان بىر كىشى مۆئمىنلەرگە: ھەقىقەتەن قۇرەيشلەر ئەبۇ سۇپياننىڭ قوماندانلىقىدا سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، سىلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن كۆپ قوشۇن توپلىدى، دىققەت قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىڭلار دېگەندە، بۇ سۆز ئۇلارغا ئاللاھدىن قورقۇش، ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلىشنى زىيادە قىلدى، ئۇلار مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقتى ۋە: بىزگە ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ، بىز ئىشلىرىمىزنى تاپشۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ھامى ئاللاھدۇر، دەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• من سنن الله تعالى أن يبتلي عباده؛ ليتميز المؤمن الحق من المنافق، وليعلم الصادق من الكاذب.
بەندىلىرىنى سىناش ئاللاھنىڭ پرىنسىپلىرىدىن بولۇپ، بۇ ھەقىقى مۆئمىننى مۇناپىقتىن ئايرىش ۋە سەمىمى-راستچىلنى يالغانچى-كاززاپتىن ئايرىش .ئۈچۈندۇر

• عظم منزلة الجهاد والشهادة في سبيل الله وثواب أهله عند الله تعالى حيث ينزلهم الله تعالى بأعلى المنازل.
ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئەڭ بۈيۈك ئىبادەت بولۇپ، شېھىتلىق مەرتىۋىسىنىڭ ئۇلۇغلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا شېھىتگە ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە بېرىلىدىغان ساۋاب ئەڭ كاتتىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەڭ ئالى ماقامغا نائىل قىلىدۇ.

• فضل الصحابة وبيان علو منزلتهم في الدنيا والآخرة؛ لما بذلوه من أنفسهم وأموالهم في سبيل الله تعالى.
ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرىنى سەرپ قىلغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتىكى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ

فَٱنقَلَبُواْ بِنِعۡمَةٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَضۡلٖ لَّمۡ يَمۡسَسۡهُمۡ سُوٓءٞ وَٱتَّبَعُواْ رِضۡوَٰنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ ذُو فَضۡلٍ عَظِيمٍ
ئۇلار «ھەمرائۇل ئەسەد»كە چىققاندىن كېيىن ئاللاھ تەرىپىدىن كاتتا ساۋاپ ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە مۇشەررەپ بولۇش، دۈشمەنلىرىدىن سالامەت قىلىش، جاراھەت ۋە ئۆلۈمسىز قايتىشقا مۇشەررەپ بولدى. ئۇلار ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشنى لازىم تۇتۇش ۋە ئاسىيلىق قىلىشتىن قول يېغىش بىلەن ئاللاھ رازى بولىدىغان يولغا ئەگەشتى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۆئمىن بەندىلىرىگە چەكسىز پەزلى ئىگىسىدۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّمَا ذَٰلِكُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ يُخَوِّفُ أَوۡلِيَآءَهُۥ فَلَا تَخَافُوهُمۡ وَخَافُونِ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
شەيتان سىلەرنى ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرى ۋە ئەنسارلىرى بىلەن قورقۇتىدۇ، ئۇلاردىن قورقماڭلار، ئۇلاردا ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوق، سىلەر ھەقىقى مۆئمىن بولساڭلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى لازىم تۇتۇش بىلەن .يالغۇز ئاللاھدىن قورقۇڭلار
અરબી તફસીરો:
وَلَا يَحۡزُنكَ ٱلَّذِينَ يُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡكُفۡرِۚ إِنَّهُمۡ لَن يَضُرُّواْ ٱللَّهَ شَيۡـٔٗاۚ يُرِيدُ ٱللَّهُ أَلَّا يَجۡعَلَ لَهُمۡ حَظّٗا فِي ٱلۡأٓخِرَةِۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! مۇناپىقلاردىن مۇرتەد بولۇپ دىندىن يېنىۋىلىپ كۇپىرغا ئالدىرغانلار سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، ھەقىقەتتە ئۇلار ئاللاھغا ھېچ بىر زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن پەقەت ئۆز نەپسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى خارلارشنى، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلماسلىقنى ۋە ئاخىرەتتە نېئمەتتىن نەسىۋە بولماسلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دوزاختا ئېغىر ئازاب بار.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱشۡتَرَوُاْ ٱلۡكُفۡرَ بِٱلۡإِيمَٰنِ لَن يَضُرُّواْ ٱللَّهَ شَيۡـٔٗاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئىماننى كۇپىرغا ئالماشتۇرغانلار ماھىيەتتە ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە .دەرتلىك ئازاب بار
અરબી તફસીરો:
وَلَا يَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّمَا نُمۡلِي لَهُمۡ خَيۡرٞ لِّأَنفُسِهِمۡۚ إِنَّمَا نُمۡلِي لَهُمۡ لِيَزۡدَادُوٓاْ إِثۡمٗاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ
پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە گەردەنكەشلىك قىلغان بەدبەختلەر ئۆزلىرىنىڭ كۇپىر ئەمەللىرىدە ئۇزۇن مۇددەت ياشىشى ۋە جازالانماستىن تۇرىۋىرىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقنى كۆپ قىلىش بىلەن خاتالىق ئۈستىگە خاتالىقنى زىيادە قىلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىمىز، ئۇلار ئۈچۈن خار قىلغۇچى ئازاب باردۇر.
અરબી તફસીરો:
مَّا كَانَ ٱللَّهُ لِيَذَرَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ عَلَىٰ مَآ أَنتُمۡ عَلَيۡهِ حَتَّىٰ يَمِيزَ ٱلۡخَبِيثَ مِنَ ٱلطَّيِّبِۗ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُطۡلِعَكُمۡ عَلَى ٱلۡغَيۡبِ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَجۡتَبِي مِن رُّسُلِهِۦ مَن يَشَآءُۖ فَـَٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۚ وَإِن تُؤۡمِنُواْ وَتَتَّقُواْ فَلَكُمۡ أَجۡرٌ عَظِيمٞ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدىن: ئاللاھ سىلەرنى مۇناپىقلار بىلەن ئارىلاش ھالەتتە، سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئايرىماي، يەنى ھەقىقى مۆئمىننى تاللىماي قويمايدۇ، ھەتتا تۈرلۈك ئەمەللەرگە بۇيرۇش ۋە سىناش ئارقىلىق ھەقىقى مۆئمىن ئىپلاس مۇناپىقتىن ئايرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدىن: ئاللاھ سىلەرنىڭ مۆئمىنلەر بىلەن مۇناپىقلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە غەيىبنى بىلدۈرمىدى، لېكىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغان كىشىنى تاللايدۇ، خۇددى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بەزى مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ بەزى غەيب ئىشلاردىن خەۋەردار قىىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بولغان ئىمانىڭلارنى نامايەندە قىلىڭلار، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا ھەقىقى ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلساڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا كاتتا ساۋاپ بار.
અરબી તફસીરો:
وَلَا يَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ يَبۡخَلُونَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ هُوَ خَيۡرٗا لَّهُمۖ بَلۡ هُوَ شَرّٞ لَّهُمۡۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُواْ بِهِۦ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ وَلِلَّهِ مِيرَٰثُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
ئاللاھ ئاتا قىلغان پەزلى-نېئمەتتىن مەنپەئەتلىنىپ، بېخىللىق قىلىپ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقۇچىلار، ئۆزلىرىنىڭ بېخىللىقىنى ياخشى دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، بەلكى ئۇ بېخىللىق ئۇلارغا زىيانلىقتۇر، چۈنكى ئۇلار دۇنيادا بېخىللىق قىلغان نەرسە قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق بولۇپ سېلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئازابلىنىدۇ، ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ بولۇپ، خالايىقلارنىڭ ھەممىسى يوقالغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھ ھەمىشە ھاياتتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىنچىكە ئىشلىرىڭلاردىن تارتىپ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئەمەلگە ئاساسەن جازا- مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• ينبغي للمؤمن ألا يلتفت إلى تخويف الشيطان له بأعوانه وأنصاره من الكافرين، فإن الأمر كله لله تعالى.
مۆئمىن كىشى شەيتاننىڭ قورقۇتىشى ۋە شەيتاننىڭ ياردەمچىلىرى ۋە ئەنسارلىرىدىن بولغان كاپىرلارنىڭ تەھدىدىگە پەرۋا قىلماسلىقى كېرەك.

• لا ينبغي للعبد أن يغتر بإمهال الله له، بل عليه المبادرة إلى التوبة، ما دام في زمن المهلة قبل فواتها.
ئىنسان ئاللاھنىڭ جازالىماستىن مۆھلەت بەرگەنلىكىدىن مەغرۇرلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، مادامىكى تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بولىدىكەن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى لازىم.

• البخيل الذي يمنع فضل الله عليه إنما يضر نفسه بحرمانها المتاجرة مع الله الكريم الوهاب، وتعريضها للعقوبة يوم القيامة.
ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان پەزلىنى چەكلەپ قويغان بېخىل پەقەت ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاتا-ئېھسانى كۆپ بولغان كەرەملىك ئاللاھ بىلەن بولغان تىجارەتتىن مەھرۇم بولىدۇ، ئۆزىنى قىيامەت كۈنىدە ئازابقا توغرىلايدۇ.

لَّقَدۡ سَمِعَ ٱللَّهُ قَوۡلَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ فَقِيرٞ وَنَحۡنُ أَغۡنِيَآءُۘ سَنَكۡتُبُ مَا قَالُواْ وَقَتۡلَهُمُ ٱلۡأَنۢبِيَآءَ بِغَيۡرِ حَقّٖ وَنَقُولُ ذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡحَرِيقِ
ھەقىقەتەن ئاللاھ يەھۇدىيلارنىڭ: ئاللاھ پىقىر بىزدىن قەرز تەلەپ قىلىدۇ، بىز يېنىمىزدىكى مال-دۇنيالىرىمىز بىلەن باي دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدى، بىز ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىغا قىلغان بۆھتان-توقۇلمىلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ھەقسىز ئۆلتۈرگەنلىك ئەھۋالىنى پۈتۈپ قويىمىز ۋە ئۇلارغا: دوزاختىكى كۆيدۈرگۈچ ئازابنى تېتىڭلار دەيمىز.
અરબી તફસીરો:
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيكُمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَيۡسَ بِظَلَّامٖ لِّلۡعَبِيدِ
ئى يەھۇدىيلار! سىلەرگە بېرىلگەن ئاشۇ ئازاب سىلەرنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئاسىيلىق ۋە خارلىقىڭلارنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ھەقىقەتتە ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەندىلىرىدىن ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ عَهِدَ إِلَيۡنَآ أَلَّا نُؤۡمِنَ لِرَسُولٍ حَتَّىٰ يَأۡتِيَنَا بِقُرۡبَانٖ تَأۡكُلُهُ ٱلنَّارُۗ قُلۡ قَدۡ جَآءَكُمۡ رُسُلٞ مِّن قَبۡلِي بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَبِٱلَّذِي قُلۡتُمۡ فَلِمَ قَتَلۡتُمُوهُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئۇلار ئاللاھقا بۆھتان قىلىپ، يالغاننى توقۇپ: ھەقىقەتەن ئاللاھ بىزگە ئۆزىنىڭ كىتابىدا، پەيغەمبەرلىرىنىڭ تىلىغا ئاساسەن ۋەسىيەت قىلىپ، ھەر قانداق بىر پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ سۆزىنى تەستىقلايدىغان بىر مۆجىزە ئىلىپ كەلمىسە، يەنى ئۇلار بىر سەدىقە بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىدۇ، ئۇ سەدىقەنى ئاسماندىن بىر ئوت چۈشۈپ كۆيدۈرۋېتىدۇ، شۇنداق قىلمىسا ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىككە بۇيرۇيدۇ، دەيدۇ. ئۇلار بۇ توقۇلما ۋەسىيەتنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشتە ئاللاھقا يالغاننى چاپلىدى، پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلنى مۇشۇ بىر مۆجىزىگىلا مەركەزلەشتۈردى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا مۇنداق دېيىشكە بۇيرىدى: مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر سىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ سۆزىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن مۆجىزىلەرنى ۋە سىلەر زىكىر قىلغان ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان سەدىقىنى كۆيدۈرۋىتىدىغان ئاسماندىن چۈشىدىغان ئوتنىمۇ ئىلىپ كەلدى، ئەگەر سىلەر دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئىنكار قىلىپ ئۆلتۈرىسىلەر؟.
અરબી તફસીરો:
فَإِن كَذَّبُوكَ فَقَدۡ كُذِّبَ رُسُلٞ مِّن قَبۡلِكَ جَآءُو بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلزُّبُرِ وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُنِيرِ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلسا قايغۇرمىغىن، بۇ كاپىرلارنىڭ ئادىتى، سەندىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنغان، ئۇلار روشەن دەلىللەرنى، ئۇلارنىڭ قەلبىنى يۇمشىتىدىغان ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن ئۇلارنى ھىدايەتكە باشلايدىغان كىتابلارنى ئېلىپ كەلگەن.
અરબી તફસીરો:
كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۗ وَإِنَّمَا تُوَفَّوۡنَ أُجُورَكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۖ فَمَن زُحۡزِحَ عَنِ ٱلنَّارِ وَأُدۡخِلَ ٱلۡجَنَّةَ فَقَدۡ فَازَۗ وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا مَتَٰعُ ٱلۡغُرُورِ
ھەرقانداق جان ئىگىسى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ھاياتلىق دۇنياسىدىكى نەرسىلەر ئۇنى مەغرۇرلاندۇرۇپ قويمىسۇن، قىيامەت كۈنىدە سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەجىر-ساۋابى كەمەيتىلمەستىن تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ كىمنى دوزاختىن يىراق قىلىپ، جەننەتكە كىرگۈزىدىكەن، ئۇ كىشى ياخشىلىقتىن ئارزۇ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىپ، يامانلىقتىن قورقىدىغان نەرسىسىدىن قۇتىلىدۇ. دۇنيا ھاياتى بولسا يوقالغۇچى نەرسىدۇر، بۇنىڭغا پەقەت ئالدانغان كىشىلەرلا يېپىشىۋالىدۇ.
અરબી તફસીરો:
۞ لَتُبۡلَوُنَّ فِيٓ أَمۡوَٰلِكُمۡ وَأَنفُسِكُمۡ وَلَتَسۡمَعُنَّ مِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلِكُمۡ وَمِنَ ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُوٓاْ أَذٗى كَثِيرٗاۚ وَإِن تَصۡبِرُواْ وَتَتَّقُواْ فَإِنَّ ذَٰلِكَ مِنۡ عَزۡمِ ٱلۡأُمُورِ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ماللىرىڭلاردا پەرز قىلىنغان ھەق-ھوقۇقنى ئادا قىلىش بىلەن ۋە ئۇنىڭغا كەلگەن بالا-مۇسىيبەت بىلەن ئىمتىھان قىلىنىسىلەر، جانلىرىڭلاردا شەرىئەت بەلگىلىمىسىنى ئورۇنلاش ۋە سىلەرگە يەتكەن تۈرلۈك بالا-قازالار بىلەن سىنىلىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن ۋە مۇشرىكلاردىن سىلەرنى غەمكىن قىلىدىغان ۋە دىنىڭلارغا تەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئەزىيەتلەرنى ئاڭلايسىلەر، ئەگەر سىلەرگە يەتكەن بۇ تۈرلۈك مۇسىيبەت ۋە سىناقلارغا سەۋىر قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنداش ۋە چەكلىمىسىنى تەرك قىلىش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلغان بولىسىلەر، ماھىيەتتە بۇ كەسكىن ئىرادىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىشلار بولۇپ، بەسلىشىدىغانلار بۇ ئىشتا بەسلىشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• من سوء فعال اليهود وقبيح أخلاقهم اعتداؤهم على أنبياء الله بالتكذيب والقتل.
يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە دۈشمەنلىك قىلىپ ئۇلارنى ئىنكار قىلىشى ۋە ئۆلتۈرىشى ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشى ۋە ناچار ئەخلاقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• كل فوز في الدنيا فهو ناقص، وإنما الفوز التام في الآخرة، بالنجاة من النار ودخول الجنة.
دۇنيادىكى ئۇتۇقنىڭ ھەممىسى مۇكەممەل ئەمەس، كامالى ئۇتۇق ئاخىرەتتە دوزاختىن قۇتۇلۇش ۋە جەننەتكە كېرىشكە نائىل بولۇش بىلەن بولىدۇ.

• من أنواع الابتلاء الأذى الذي ينال المؤمنين في دينهم وأنفسهم من قِبَل أهل الكتاب والمشركين، والواجب حينئذ الصبر وتقوى الله تعالى.
ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلاردىن مۆمىنلەرنىڭ قېنىغا ۋە مال-مۈلكىگە يېتىدىغان ئەزىيەت ۋە بالا-مۇسىيبەتلەر تۈرلۈك بولۇپ، بۇنىڭغا سەۋىر قىلىپ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش كېرەك بولىدۇ.

وَإِذۡ أَخَذَ ٱللَّهُ مِيثَٰقَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ لَتُبَيِّنُنَّهُۥ لِلنَّاسِ وَلَا تَكۡتُمُونَهُۥ فَنَبَذُوهُ وَرَآءَ ظُهُورِهِمۡ وَٱشۡتَرَوۡاْ بِهِۦ ثَمَنٗا قَلِيلٗاۖ فَبِئۡسَ مَا يَشۡتَرُونَ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ يەھۇدىي-ناسارالاردىن ئىبارەت ئەھلى كىتابنىڭ مۆللىلىرىدىن: ئاللاھنىڭ كىتابىنى كىشىلەرگە ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىش، ئۇنىڭدىكى ھىدايەت ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەرنى يوشۇرماسلىق توغرىسىدا چىن ئەھدە ئالغان، لېكىن ئۇلار ئەھدىنى بۇزۇپ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى، ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ باتىلنى ئاشكارا قىلدى، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىنى يۈز-ئابرۇي ۋە ئېرىشكەن ئازغىنە دۇنيانىڭ يوقالغۇچى نەرسىلىرىگە ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە تېگىشىپ ئالغان قىممەتسىز نەرسىسى نېمىدېگەن يامان!.
અરબી તફસીરો:
لَا تَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ يَفۡرَحُونَ بِمَآ أَتَواْ وَّيُحِبُّونَ أَن يُحۡمَدُواْ بِمَا لَمۡ يَفۡعَلُواْ فَلَا تَحۡسَبَنَّهُم بِمَفَازَةٖ مِّنَ ٱلۡعَذَابِۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ناچار ئىشلارنى قىلىش بىلەن خۇرسەن بولىدىغان، ياخشىلىقتىن قىلمىغان نەرسە بىلەن كىشىلەرنىڭ ماختىشىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ئازابتىن قۇتۇلغۇچى ۋە سالامەت قالغۇچى دەپ ئويلىمىغىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئورنى جەھەننەم، ئۇلارغا جەھەننەمدە دەھشەتلىك ئازاب باردۇر.
અરબી તફસીરો:
وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى، يارىتىش ۋە تەدبىر قىلىش يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ فِي خَلۡقِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ لَأٓيَٰتٖ لِّأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ
ھەقىقەتەن ئاسمانلار ۋە زېمىننى ئىلگىرى ئوخشىشى بولمىغان يوقلۇق ھالىتىدىن پەيدا قىلىش، كېچە-كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرىشى، ئۇزۇن-قىسقىلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە روشەن دەلىللەر بار.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ يَذۡكُرُونَ ٱللَّهَ قِيَٰمٗا وَقُعُودٗا وَعَلَىٰ جُنُوبِهِمۡ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلۡقِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ رَبَّنَا مَا خَلَقۡتَ هَٰذَا بَٰطِلٗا سُبۡحَٰنَكَ فَقِنَا عَذَابَ ٱلنَّارِ
ئۇلار ھەممە ھالەتتە ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ ئويلىنىدۇ، ئۇلار: ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن بۇ كاتتا كائىناتنى بىكارغا ياراتمىدىڭ، سەن بىر شەيئىنى غەرەزسىز يارىتىشتىن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن يىراق قىلغىن، ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلغىن، ناچار ئىشلاردىن ساقلىغىن.
અરબી તફસીરો:
رَبَّنَآ إِنَّكَ مَن تُدۡخِلِ ٱلنَّارَ فَقَدۡ أَخۡزَيۡتَهُۥۖ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ أَنصَارٖ
ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن كىمنى دوزاخقا كىرگۈزسەڭ، ھەقىقەتتە ئۇنى خار قىلغان ۋە رەسۋا قىلغان بولىسەن، زالىملار ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن توسىدىغان ياردەمچى بولمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
رَّبَّنَآ إِنَّنَا سَمِعۡنَا مُنَادِيٗا يُنَادِي لِلۡإِيمَٰنِ أَنۡ ءَامِنُواْ بِرَبِّكُمۡ فَـَٔامَنَّاۚ رَبَّنَا فَٱغۡفِرۡ لَنَا ذُنُوبَنَا وَكَفِّرۡ عَنَّا سَيِّـَٔاتِنَا وَتَوَفَّنَا مَعَ ٱلۡأَبۡرَارِ
پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمانغا چاقىرىپ: پەرۋەردىگارىڭلار بولغان بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار دېگەن چاقىرىقىنى ئاڭلىدۇق، چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئىمان ئېيتتۇق، ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشتۇق، گۇناھىمىزنى يوشۇرغىن، رەسۋا قىلمىغىن، ناچارلىقلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغىن، جازالىمىغىن، بىزنى ياخشى كىشىلەر بىلەن بىرگە ۋاپات تاپقۇزغىن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ۋە يامان ئەمەللەرنى تەرك قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن.
અરબી તફસીરો:
رَبَّنَا وَءَاتِنَا مَا وَعَدتَّنَا عَلَىٰ رُسُلِكَ وَلَا تُخۡزِنَا يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۖ إِنَّكَ لَا تُخۡلِفُ ٱلۡمِيعَادَ
پەرۋەردىگارىمىز! دۇنيادا پەيغەمبىرىڭنىڭ تىلى ئارقىلىق بىزگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان غەلبە-نۇسرەت ھىدايەتنى بەرگىن، بىزنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن قىيامەت كۈنىدە رەسۋا قىلمىغىن. ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن ھەقىقەتەن ئېسىل، سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• من صفات علماء السوء من أهل الكتاب: كتم العلم، واتباع الهوى، والفرح بمدح الناس مع سوء سرائرهم وأفعالهم.
ئەھلى كىتابتىن بولغان ناچار ئۆلىمالارنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئىلىمنى يوشۇرۇش، نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىش، ئىش-ھەرىكەت ۋە نىيەت-مەقسەتلىرىڭ دۇرۇس بولماسلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ ماختىشى بىلەن خوشاللىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

• التفكر في خلق الله تعالى في السماوات والأرض وتعاقب الأزمان يورث اليقين بعظمة الله وكمال الخضوع له عز وجل.
ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىشى، كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى توغرسىدا پىكىر قىلىش بولسا، ئىنسانغا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا بويسۇنۇش ۋە كاتتىلىقىغا ئىشەنچ قىلىشنى پەيدا قىلىدۇ.

• دعاء الله وخضوع القلب له تعالى من أكمل مظاهر العبودية.
ئاللاھقا دۇئا قىلىش ۋە چىن دىلىدىن بويسۇنۇش بولسا، ئاللاھقا قۇلچىلىق .قىلىشنىڭ مۇكەممەل كۆرۈنىشىدۇر

فَٱسۡتَجَابَ لَهُمۡ رَبُّهُمۡ أَنِّي لَآ أُضِيعُ عَمَلَ عَٰمِلٖ مِّنكُم مِّن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰۖ بَعۡضُكُم مِّنۢ بَعۡضٖۖ فَٱلَّذِينَ هَاجَرُواْ وَأُخۡرِجُواْ مِن دِيَٰرِهِمۡ وَأُوذُواْ فِي سَبِيلِي وَقَٰتَلُواْ وَقُتِلُواْ لَأُكَفِّرَنَّ عَنۡهُمۡ سَيِّـَٔاتِهِمۡ وَلَأُدۡخِلَنَّهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ ثَوَابٗا مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ عِندَهُۥ حُسۡنُ ٱلثَّوَابِ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ: مەن سىلەردىن ئەر ياكى ئايال بولسۇن، قىلغان ئەمىلى ئاز ياكى كۆپ بولسۇن ئەمىلىڭلارنىڭ ساۋابىنى زايە قىلىۋەتمەيمەن، سىلەرنىڭ بەزىڭلار بەزىڭلاردىن بولغان بىر مىللەت، ھەرگىزمۇ ئەر كىشىنىڭ ياخشىلىقى زىيادە قىلىنىپ، ئايال كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابى كىمەيتىلمەيدۇ، كاپىرلار يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چېقىرىۋىتىپ، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلار، پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىش يولىدا ئەزىيەتكە ئۇچرىسا، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسە، مەن ئەلۋەتتە قىمايەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرىمەن، كەمچىلىكىنى ئەپۇ قىلىمەن، ئۇلارنى قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقتا سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تەڭداشسىز مۇكاپاتلار بار.
અરબી તફસીરો:
لَا يَغُرَّنَّكَ تَقَلُّبُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي ٱلۡبِلَٰدِ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! كاپىرلارنىڭ شەھەرمۇ شەھەر كېزىپ يۈرىشى، يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىشى، تىجارىتىنىڭ روناق تېپىشى ۋە رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشى سېنى ئالداپ قويمىسۇن، ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىدىن غەم-قايغۇنى ھېس قىلىسەن.
અરબી તફસીરો:
مَتَٰعٞ قَلِيلٞ ثُمَّ مَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمِهَادُ
بۇ دۇنيا داۋاملاشمايدىغان ئازغىنە مەنپەئەتتىن ئىبارەتتۇر، ئاندىن كېيىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى ۋە بارىدىغان ئورنى جەھەننەمدۇر، ئوت ئۇلار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان تۆشەك.
અરબી તફસીરો:
لَٰكِنِ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ رَبَّهُمۡ لَهُمۡ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا نُزُلٗا مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِۗ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ خَيۡرٞ لِّلۡأَبۡرَارِ
لېكىن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بوسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغانلارغا قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقتا سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان، ئەبەدىي قالىدىغان، ئاللاھ تائالا ھوزۇرىدىن ئۇلارغا تەييارلانغان مۇكاپات بار. ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ-ياخشى بەندىلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان نېئمەتلىرى كاپىرلار مەنپەئەتلىنىۋاتقان دۇنيا لەززىتىدىن ياخشىدۇر.
અરબી તફસીરો:
وَإِنَّ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ لَمَن يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكُمۡ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِمۡ خَٰشِعِينَ لِلَّهِ لَا يَشۡتَرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ ثَمَنٗا قَلِيلًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ
ئەھلى كىتابلار ئوخشاش ئەمەس، ئۇلاردىن بىر جامائە ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، سىلەرگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەت ۋە ھىدايەتكە ۋە ئۆزلىرىگە كىتابلىرىدا نازىل قىلىنغان نەرسىلەرگىمۇ ئىشىنىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەيدۇ، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋابقا ئېنتىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوقالغۇچى دۇنيانىڭ نەرسىلىرىگە تىگەشمەيدۇ، مۇشۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا كاتتا ساۋاپ بار، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھېسابنى تىز ئالغۇچىدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن تىز جازا ياكى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱصۡبِرُواْ وَصَابِرُواْ وَرَابِطُواْ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە ۋە دۇنيا قىيىنچىلىقلىرىدىن دۇچ كەلگەن مۇسىيبەتلەرگە سەۋىر قىلىڭلار، سەۋىر قىلىش بىلەن كاپىرلاردىن غالىپ كىلىڭلار، ئۇلار سىلەردىن بەكرەك سەۋىرچان بولمىسۇن، ئاللاھ يولىدا جىھادنى بەرپا قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىسىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھدىن ھەقىقى قورۇقساڭلار جەننەتكە كېرىش ۋە دوزاختىن سالامەت قىلىش بىلەن تەلەپ قىلغان نەرسەڭلارغا ئېرىشەلەيسىلەر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الأذى الذي ينال المؤمن في سبيل الله فيضطره إلى الهجرة والخروج والجهاد من أعظم أسباب تكفير الذنوب ومضاعفة الأجور.
مۆئمىنگە ئاللاھ يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلەر، مۆئمىننى ھىجرەت قىلىشقا ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ، بۇ گۇناھنىڭ كاپارەت بولىشى ۋە ئەجىر-ساۋاپنىڭ زىيادە بولىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.

• ليست العبرة بما قد ينعم به الكافر في الدنيا من المال والمتاع وإن عظم؛ لأن الدنيا زائلة، وإنما العبرة بحقيقة مصيره في الآخرة في دار الخلود.
كاپىرلارغا دۇنيادا ھەر قانچە كاتتا نېئمەت، مال-دۇنيا بېرىلسىمۇ بۇ ئىبرەت ئىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئەمەس، چۈنكى دۇنيا نېمەتلىرى يوقالغۇچىدۇر، ھەقىقى ئىبرەت ئىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر مەڭگۈلۈك دىيار بولغان ئاخىرەتتىكى جايدىدۇر.

• من أهل الكتاب من يشهدون بالحق الذي في كتبهم، فيؤمنون بما أنزل إليهم وبما أنزل على المؤمنين، فهؤلاء لهم أجرهم مرتين.
ئەھلى كىتابلاردىن ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىكى ھەقىقەتكە شاھىت بولىدىغان، ئۆزلىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدىغانلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە قوش ئەجىر بېرىلىدۇ.

• الصبر على الحق، ومغالبة المكذبين به، والجهاد في سبيله، هو سبيل الفلاح في الآخرة.
ھەقىقەت ئۈستىدە سەۋىرچان بولۇش، ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن غالىپ كېلىش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش بۇلار ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ يولىدۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: આલિ ઇમરાન
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો