કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (17) સૂરહ: ગાફિર
ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَىٰ كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا كَسَبَتۡۚ لَا ظُلۡمَ ٱلۡيَوۡمَۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ
بۇ كۈندە ھەر كىم قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جازا - مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يەنى ياخشى ئەمەل قىلغان بولسا ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يامان ئەمەل قىلغان بولسا جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ كۈندە قىلچە ئۇۋالچىلىق بولمايدۇ. چۈنكى ھۆكۈم قىلغۇچى ئادالەتلىك ئاللاھتۇر. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىدىن ناھايىتى تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• التذكير بيوم القيامة من أعظم الروادع عن المعاصي.
قىيامەت كۈنىنى ئەسلىتىش گۇناھ مەئسىيەتلەردىن چەكلەشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئامىللاردىن بىرىدۇر.

• إحاطة علم الله بأعمال عباده؛ خَفِيَّة كانت أم ظاهرة.
ئاللاھ مەيلى مەخپىي بولسۇن ياكى ئاشكارا بولسۇن، بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدۇ.

• الأمر بالسير في الأرض للاتعاظ بحال المشركين الذين أهلكوا.
ئىلگىرى ھالاك قىلىنغان مۇشرىكلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن يەر يۈزىدە سەيرە قىلىش.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (17) સૂરહ: ગાફિર
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો