કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ ફત્હ   આયત:

سۈرە پەتىھ

સૂરતના હેતુઓ માંથી:
تبشير النبي والمؤمنين بالفتح والتمكين.
پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەرگە غەلبە-نۇسرەت ۋە ياردەم بىلەن خۇش بىشارەت بېرىش.

إِنَّا فَتَحۡنَا لَكَ فَتۡحٗا مُّبِينٗا
ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن بىز ساڭا ھۇدەيبىيە سۈلھىسى ئارقىلىق روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
لِّيَغۡفِرَ لَكَ ٱللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِن ذَنۢبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكَ وَيَهۡدِيَكَ صِرَٰطٗا مُّسۡتَقِيمٗا
بۇ، ئاللاھنىڭ سېنىڭ پەتھىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىپ، ساڭا دىنغا ياردەم بەرگەنلىكىڭ ئۈچۈن نېئمىتىنى تولۇقلاپ، ئەگرىلىك بولمىغان داغدام يول، ئىسلام يولىغا يېتەكلىشى ئۈچۈندۇر.
અરબી તફસીરો:
وَيَنصُرَكَ ٱللَّهُ نَصۡرًا عَزِيزًا
ئاللاھ تائالا ساڭا دۈشمەنلىرىڭگە قارشى كۈچلۈك ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم تاقابىل تۇرالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ ٱلسَّكِينَةَ فِي قُلُوبِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ لِيَزۡدَادُوٓاْ إِيمَٰنٗا مَّعَ إِيمَٰنِهِمۡۗ وَلِلَّهِ جُنُودُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە بەرقارارلىق ۋە خاتېرجەملىك چۈشۈرگەن زاتتۇر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئۇ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى كۈچەيتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە پايدىلىق ئىشلارنى بىلگۈچىدۇر، بەرگەن ياردەم ۋە كۈچەيتىشلىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
لِّيُدۡخِلَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا وَيُكَفِّرَ عَنۡهُمۡ سَيِّـَٔاتِهِمۡۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عِندَ ٱللَّهِ فَوۡزًا عَظِيمٗا
ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرگە ياردەم بېرىشى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇلارنى بىر قىسىم خاتالىقلارغا قارىتا جاۋابكارلىققا تارتماسلىق ئۈچۈندۇر. جەننەتتىن ئىبارەت كۆزلەنگەن مەقسەتكە يېتىش، يامانلىقلارغا قارىتا جازالىنىشتىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق ئىشتىن يىراق بولۇشتەك يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇكاپاتلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا غەلىبىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچبىر غەلىبە تەڭ كەلمەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَيُعَذِّبَ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتِ وَٱلۡمُشۡرِكِينَ وَٱلۡمُشۡرِكَٰتِ ٱلظَّآنِّينَ بِٱللَّهِ ظَنَّ ٱلسَّوۡءِۚ عَلَيۡهِمۡ دَآئِرَةُ ٱلسَّوۡءِۖ وَغَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ وَلَعَنَهُمۡ وَأَعَدَّ لَهُمۡ جَهَنَّمَۖ وَسَآءَتۡ مَصِيرٗا
ئاللاھ ئۆز دىنىغا ياردەم بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ ئاللاھ ھەققىدە بولمىغۇر خىياللاردا بولۇش ئارقىلىق ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشرىك ئەرلەرنى ۋە مۇشرىك ئاياللارنى ئاللاھ تائالا ئازابلايدۇ. نەتىجىدە ئازابنىڭ ھالاكىتى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كۇپرىسى ۋە يامان گۇمانى سەۋەبلىك غەزەب قىلىدۇ، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىغان بولۇپ، ئۇلار شۇ جەھەننەمگە كىرىپ، ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى قارارگاھى بولغان جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي - ھە؟!
અરબી તફસીરો:
وَلِلَّهِ جُنُودُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇركى، ئۇ بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان كىشىنى قوشۇنلىرى ئارقىلىق كۈچەيتىدۇ. ئاللاھ تائالا ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان ھەممىدىن غالىب زاتتۇر، يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّآ أَرۡسَلۡنَٰكَ شَٰهِدٗا وَمُبَشِّرٗا وَنَذِيرٗا
ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن بىز سېنى قىيامەت كۈنى ئۈممىتىڭ ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىدىغان شاھىت، مۇئمىنلەرگە بۇ دۇنيادا تەييارلانغان نۇسرەت ۋە قۇدرەت تېپىش، ئاخىرەتتە تەييارلانغان نېئمەتلەر بىلەن خۇشبېشارەت بەرگۈچى، كاپىرلارغا بۇ دۇنيادا تەييارلانغان، مۇئمىنلەرنىڭ قولى ئارقىلىق يېتىدىغان خارلىق ۋە مەغلۇبىيەت ھەمدە ئاخىرەتتە تەييارلانغان، ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان دەرتلىك ئازابتىن قورقۇتقۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
અરબી તફસીરો:
لِّتُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتُعَزِّرُوهُ وَتُوَقِّرُوهُۚ وَتُسَبِّحُوهُ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلًا
ئۈمىدكى سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ئۇلۇغلاپ، ھۆرمەتلىگەيسىلەر، ئەتىگەن - ئاخشاملىرى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتقايسىلەر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• صلح الحديبية بداية فتح عظيم على الإسلام والمسلمين.
ھۇدەيبىيە سۈلھىسى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا بۈيۈك فەتھىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر.

• السكينة أثر من آثار الإيمان تبعث على الطمأنينة والثبات.
خاتىرجەملىك ئىمان تەسىرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ كۆڭۈل ئارامى ۋە بەرقارارلىققا تۈرتكە بولىدۇ.

• خطر ظن السوء بالله، فإن الله يعامل الناس حسب ظنهم به سبحانه.
ئاللاھ ھەققىدە يامان گۇمان قىلىش خەتەرلىك ئىشتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قانداق ئويلىغانلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ.

• وجوب تعظيم وتوقير رسول الله صلى الله عليه وسلم.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەش ۋاجىپتۇر.

إِنَّ ٱلَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ ٱللَّهَ يَدُ ٱللَّهِ فَوۡقَ أَيۡدِيهِمۡۚ فَمَن نَّكَثَ فَإِنَّمَا يَنكُثُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَوۡفَىٰ بِمَا عَٰهَدَ عَلَيۡهُ ٱللَّهَ فَسَيُؤۡتِيهِ أَجۡرًا عَظِيمٗا
ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى مەككە مۇشرىكلىرىغا قارشى جەڭ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ساڭا رىزۋان بەيئىتىنى بەرگەن مۇئمىنلەر ئاللاھقا بەيئەت بەرگەنلەردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مۇشرىكلارغا قارشى جىھاد قىلىشقا بۇيرۇغان بولۇپ، يەنە ئۇلارنى شۇ زات مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار بەيئەت بەرگەن چاغدا ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايتتى. شۇڭا كىمكى بەيئىتىنى بۇزۇپ، ئاللاھقا ئۇنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىسا، ئۇنىڭ بەيئىتىنى ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغانلىقىنىڭ ۋابالى ئۆزىگە يانىدۇ. چۈنكى بۇ ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىش ھەققىدە ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا كاتتا مۇكاپات بولغان جەننەتنى بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
سَيَقُولُ لَكَ ٱلۡمُخَلَّفُونَ مِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ شَغَلَتۡنَآ أَمۡوَٰلُنَا وَأَهۡلُونَا فَٱسۡتَغۡفِرۡ لَنَاۚ يَقُولُونَ بِأَلۡسِنَتِهِم مَّا لَيۡسَ فِي قُلُوبِهِمۡۚ قُلۡ فَمَن يَمۡلِكُ لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔا إِنۡ أَرَادَ بِكُمۡ ضَرًّا أَوۡ أَرَادَ بِكُمۡ نَفۡعَۢاۚ بَلۡ كَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرَۢا
ئەي پەيغەمبەر! سەن مەككىگە قىلغان سەپىرىڭدە ئەئرابىيلار ئىچىدىن ئاللاھ ساڭا ھەمراھ بولۇشتىن قالدۇرۇپ قويغان كىشىلەرگە كايىغان چېغىڭدا ئۇلار: بىزنى ماللىرىمىز ۋە بالا - چاقىلىرىمىزغا قارايدىغان ئىشىمىز سەن بىلەن بىرگە مېڭىشتىن كاشىلا قىپ قويدى، شۇڭا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسەڭ، دېيىشىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىنى سوراشتىن ئىبارەت قەلبلىرىدە يوق گەپنى ئېغىزلىرىدا دەپ قويىدۇ. چۈنكى ئۇلار گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلغىنى يوق. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىقنى ياكى يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ ئالدىدا سىلەرگە قىلچە ئەسقاتىدىغان بىرى بولمايدۇ. بەلكى ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر، ھەر قانچە مەخپىي قىلساڭلارمۇ ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
بَلۡ ظَنَنتُمۡ أَن لَّن يَنقَلِبَ ٱلرَّسُولُ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ إِلَىٰٓ أَهۡلِيهِمۡ أَبَدٗا وَزُيِّنَ ذَٰلِكَ فِي قُلُوبِكُمۡ وَظَنَنتُمۡ ظَنَّ ٱلسَّوۡءِ وَكُنتُمۡ قَوۡمَۢا بُورٗا
سىلەرنىڭ مال - ۋاران ۋە بالا - چاقىلارغا قاراش بىلەن كاشىلا بولۇپ قېلىشتىن ئىبارەت باھانەڭلەر پەيغەمبەر بىلەن بىرگە مېڭىشتىن قېپقېلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئەمەس. بەلكى سىلەر پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنى تامامەن ھالاك بولىدۇ، مەدىنىدىكى ئائىلىسىگە قايتىپ كېلەلمەيدۇ، دەپ ئويلايتتىڭلار. شەيتان بۇ خىيالنى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا چىرايلىق كۆرسەتتى. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنى ئۆز دىنىغا ياردەم بەرمەيدۇ، دەپ يامان گۇمان قىلدىڭلار، ھەمدە سىلەر ئاللاھ ھەققىدە يامان گۇماندا بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن ھالاك بولۇپ بولغان ئىدىڭلار.
અરબી તફસીરો:
وَمَن لَّمۡ يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ فَإِنَّآ أَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ سَعِيرٗا
كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىما ئېيتمايدىكەن، ئۇ كاپىردۇر. بىز ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ئازابلايدىغان لاۋۇلداپ كۆيىدىغان ئوت تەييارلىدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ يَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇركى، ئۇ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئۆز پەزلى بىلەن جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، خالىغان كىشىنى ئادالىتى بىلەن ئازابلايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.
અરબી તફસીરો:
سَيَقُولُ ٱلۡمُخَلَّفُونَ إِذَا ٱنطَلَقۡتُمۡ إِلَىٰ مَغَانِمَ لِتَأۡخُذُوهَا ذَرُونَا نَتَّبِعۡكُمۡۖ يُرِيدُونَ أَن يُبَدِّلُواْ كَلَٰمَ ٱللَّهِۚ قُل لَّن تَتَّبِعُونَا كَذَٰلِكُمۡ قَالَ ٱللَّهُ مِن قَبۡلُۖ فَسَيَقُولُونَ بَلۡ تَحۡسُدُونَنَاۚ بَلۡ كَانُواْ لَا يَفۡقَهُونَ إِلَّا قَلِيلٗا
ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھ تائالا ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن ئېرىشتۈرۈشنى ۋەدە قىلغان خەيبەر غەنىمەتلىرى ئالغىلى ماڭغىنىڭلاردا ئاللاھ سىلەردىن ئايرىۋەتكەن كىشىلەر: بىزنىمۇ ئۆزۈڭلار بىلەن بىرگە چىققىلى قويۇڭلار، بىزمۇ غەنىمەتتىن نېسىۋىمىزنى ئالايلى، دەيدۇ. جىھادتىن ئايرىلىۋالغان بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ تەلىپى ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن پەقەت مۇئمىنلەرگىلا بېرىشنى ۋەدە قىلغان خەيبەر غەنىمەتلىرىگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئۇ غەنىمەتلەرگە ئېرىشىشنىڭ كويىدا بىزگە ئەگەشمەڭلار. چۈنكى ئاللاھ تائالا خەيبەر غەنىمەتلىرىنى پەقەت ھۇدەيبىيەگە قاتناشقان كىشىلەرگىلا ۋەدە قىلغان. ئاندىن ئۇلار: بىزنىڭ سىلەرگە ئەگىشىپ خەيبەرگە چىقىشىمىزنى چەكلىشىڭلار ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ بىزگە چىدىماسلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، دېيىشىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋال بۇ قالدۇق كىشىلەر دەۋا قىلغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ۋە چەكلىمىلىرىنى ئىنتايىن ئاز چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە پېتىپ قالغان.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• مكانة بيعة الرضوان عند الله عظيمة، وأهلها من خير الناس على وجه الأرض.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە رىزۋان بەيئىتى ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭغا قاتناشقانلارمۇ يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىندۇر.

• سوء الظن بالله من أسباب الوقوع في المعصية وقد يوصل إلى الكفر.
ئاللاھنى يامان گۇمان قىلىش گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە پېتىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپ، بەزىدە كۇپرىغا ئېلىپ بارىدۇ.

• ضعاف الإيمان قليلون عند الفزع، كثيرون عند الطمع.
ئىمانى ئاجىز كىشىلەر جاپادا ئاز، تاماخۇرلۇقتا كۆپتۇر.

قُل لِّلۡمُخَلَّفِينَ مِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ سَتُدۡعَوۡنَ إِلَىٰ قَوۡمٍ أُوْلِي بَأۡسٖ شَدِيدٖ تُقَٰتِلُونَهُمۡ أَوۡ يُسۡلِمُونَۖ فَإِن تُطِيعُواْ يُؤۡتِكُمُ ٱللَّهُ أَجۡرًا حَسَنٗاۖ وَإِن تَتَوَلَّوۡاْ كَمَا تَوَلَّيۡتُم مِّن قَبۡلُ يُعَذِّبۡكُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئەئرابىيلار ئىچىدىن سەن بىلەن مەككىگە بېرىشتىن ئايرىلىۋالغانلارغا سىناش ئۈچۈن ئېيتقىنكى، سىلەر ئۇزۇنغا قالماي جەڭ قىلىشتا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر قەۋمگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا چاقىرىلىسىلەر، ئۇلارغا قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىسىلەر ياكى ئۇلار ئۇرۇشسىزلا ئىسلامغا كىرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرنى چاقىرغان بۇ ئىشتا ئاللاھقا ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە جەننەتتىن ئىبارەت ياخشى مۇكاپات بېرىدۇ. ئەگەر -بۇندىن ئىلگىرى پەيغەمبەر بىلەن مەككىگە بېرىشتىن ئايرىلىۋالغىنىڭلاردەك- ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دەرتلىك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
لَّيۡسَ عَلَى ٱلۡأَعۡمَىٰ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡأَعۡرَجِ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡمَرِيضِ حَرَجٞۗ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ يُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَمَن يَتَوَلَّ يُعَذِّبۡهُ عَذَابًا أَلِيمٗا
ئەمالىق، توكۇرلۇق ياكى بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆزرىلىك بولغان كىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن قېپقالسا گۇناھكار بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى دەرتلىك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
۞ لَّقَدۡ رَضِيَ ٱللَّهُ عَنِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ إِذۡ يُبَايِعُونَكَ تَحۡتَ ٱلشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَا فِي قُلُوبِهِمۡ فَأَنزَلَ ٱلسَّكِينَةَ عَلَيۡهِمۡ وَأَثَٰبَهُمۡ فَتۡحٗا قَرِيبٗا
ئاللاھ تائالا ھۇدەيبىيەدە دەرەخ ئاستىدا رىزۋان بەيئىتىنى بېرىۋاتقان مۇئمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى ئىمان، سەمىمىيەت ۋە راستچىللىقنى بىلگەچكە، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى ھەمدە ئۇلارنى ئاشۇ بەيئەت يۈزىسىدىن، ئۇلارنىڭ مەككىگە كىرەلمىگەنلىكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يېقىنقى غەلىبە خەيبەرنىڭ پەتھىسى بىلەن مۇكاپاتلىدى.
અરબી તફસીરો:
وَمَغَانِمَ كَثِيرَةٗ يَأۡخُذُونَهَاۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمٗا
ئاللاھ تائالا ئۇلارغا خەيبەرلىكلەردىن ئالىدىغان كۆپلىگەن غەنىمەتلەرنى ئاتا قىلدى. ئاللاھ تائالا ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان ھەممىدىن غالىب زاتتۇر، يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
وَعَدَكُمُ ٱللَّهُ مَغَانِمَ كَثِيرَةٗ تَأۡخُذُونَهَا فَعَجَّلَ لَكُمۡ هَٰذِهِۦ وَكَفَّ أَيۡدِيَ ٱلنَّاسِ عَنكُمۡ وَلِتَكُونَ ءَايَةٗ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ وَيَهۡدِيَكُمۡ صِرَٰطٗا مُّسۡتَقِيمٗا
ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە كۆپلىگەن غەنىمەتلەرنى ۋەدە قىلدىكى، ئۇلارنى كەلگۈسىدىكى ئىسلامىي پەتىھلەر ئارقىلىق ئالىسىلەر. ئاللاھ سىلەرنى خەيبەر غەنىمىتىگە تېزلا ئېرىشتۈردى. سىلەر خەيبەرگە كەتكەندىن كېيىن يەھۇدىيلار بالا - چاقىلىرىڭلارغا چېقىلماقچى بولۇۋېدى، ئاللاھ ئۇلارنى توسۇپ قالدى. تېز قولغا كەلگەن بۇ غەنىمەتلەر سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە كۈچەيتىدىغانلىقىنىڭ، شۇنداقلا سىلەرنى ئەگرىلىك بولمىغان تۈپتۈز يولغا يېتەكلەيدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولسۇن ئۈچۈندۇر.
અરબી તફસીરો:
وَأُخۡرَىٰ لَمۡ تَقۡدِرُواْ عَلَيۡهَا قَدۡ أَحَاطَ ٱللَّهُ بِهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٗا
ئاللاھ تائالا سىلەرگە يەنە باشقا غەنىمەتلەرنى ۋەدە قىلغان بولۇپ، سىلەر بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارغا ئېرىشەلمەيتتىڭلار. يەككە - يېگانە ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە قادىردۇر، شۇنداقلا غەنىمەتنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە پىلانى ئىچىدىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىر، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدىغان زاتتۇر.
અરબી તફસીરો:
وَلَوۡ قَٰتَلَكُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوَلَّوُاْ ٱلۡأَدۡبَٰرَ ثُمَّ لَا يَجِدُونَ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا
ئەي مۇئمىنلەر! ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار سىلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېچىپ قالسا، چوقۇم ئالدىڭلارغا كىرىپ مەغلۇب بولغان ھالدا قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشىغا ئىگە بولىدىغان بىرەر ئىگە، سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان بىرەر ياردەمچىمۇ تاپالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
سُنَّةَ ٱللَّهِ ٱلَّتِي قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلُۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ ٱللَّهِ تَبۡدِيلٗا
ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە مۇئمىنلەرنىڭ غەلىبە قىلىپ، كاپىرلارنىڭ مەغلۇب بولىدىغانلىقى ئېنىق، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئىنكارچىلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىكى قانۇنىيىتىدۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدە ئۆزگىرىش تاپالمايسەن.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• إخبار القرآن بمغيبات تحققت فيما بعد - مثل الفتوح الإسلامية - دليل قاطع على أن القرآن الكريم من عند الله.
قۇرئان كەرىمنىڭ -ئىسلامىي پەتھىلەرگە ئوخشاش- كېيىن يۈز بېرىدىغان غەيىب ئىشلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل بولغانلىقىنىڭ كەسكىن دەلىلىدۇر.

• تقوم أحكام الشريعة على الرفق واليسر.
شەرىئەت ھۆكۈملىرى مېھرىبانلىق ۋە قولايلىقنى ئاساس قىلىدۇ.

• جزاء أهل بيعة الرضوان منه ما هو معجل، ومنه ما هو مدَّخر لهم في الآخرة.
رىزۋان بەيئىتىگە قاتناشقانلار ئىچىدىن مۇشۇ دۇنيادىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرمۇ بار، مۇكاپاتى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈلگەنلەرمۇ بار.

• غلبة الحق وأهله على الباطل وأهله سُنَّة إلهية.
ھەق ۋە ھەقدرلارنىڭ ناھەق ۋە ناھەقچىلەر ئۈستىدىن ھامىنى غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئىلاھىي بىر قانۇنىيەتتۇر.

وَهُوَ ٱلَّذِي كَفَّ أَيۡدِيَهُمۡ عَنكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ عَنۡهُم بِبَطۡنِ مَكَّةَ مِنۢ بَعۡدِ أَنۡ أَظۡفَرَكُمۡ عَلَيۡهِمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرًا
ھۇدەيبىيەدە سىلەرگە قول سېلىش مەقسىتىدە كەلگەن سەكسەنگە يېقىن مۇشرىكنى ئاللاھ تائالا توسۇپ قالدى، سىلەرنىمۇ ئۇلاردىن توستى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدىڭلار، زىيانمۇ يەتكۈزمىدىڭلار. ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ بولغىنىڭلاردىن كېيىن قويۇۋەتتىڭلار. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلغانلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
هُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّوكُمۡ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ وَٱلۡهَدۡيَ مَعۡكُوفًا أَن يَبۡلُغَ مَحِلَّهُۥۚ وَلَوۡلَا رِجَالٞ مُّؤۡمِنُونَ وَنِسَآءٞ مُّؤۡمِنَٰتٞ لَّمۡ تَعۡلَمُوهُمۡ أَن تَطَـُٔوهُمۡ فَتُصِيبَكُم مِّنۡهُم مَّعَرَّةُۢ بِغَيۡرِ عِلۡمٖۖ لِّيُدۡخِلَ ٱللَّهُ فِي رَحۡمَتِهِۦ مَن يَشَآءُۚ لَوۡ تَزَيَّلُواْ لَعَذَّبۡنَا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ عَذَابًا أَلِيمًا
ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولدى، سىلەرنى مەسجىدى ھەرامغا كىرىشتىن توستى، قۇربانلىق ماللارنىمۇ ھەرەمگە كىرگىلى قويمىدى، شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق ماللار ھەرەمدىكى بوغۇزلىنىدىغان جايغا يېتىپ بارالماي تۇرۇپ قالدى. ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللاردىن سىلەر تونۇمايدىغانلارمۇ بولۇپ، ئەگەر كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىپ قالساڭلار، بىلمەسلىكتىن ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈرۈپ سېلىپ گۇناھكار بولۇپ قېلىش ۋە تۆلەم تۆلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىش خەۋپى بولمىسا ئىدى، ئاللاھ ئەلۋەتتە سىلەرگە مەككىنى پەتھى قىلىشقا رۇخسەت قىلغان بولاتتى. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ مەككىدىكى مۇئمىنلەرگە ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ئۆز رەھمىتىگە ئېلىشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر مەككىدە كاپىرلار مۇئمىنلەردىن ئېنىق ئايرىلغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىز ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلارنى دەرتلىك ئازابقا دۇچار قىلاتتۇق.
અરબી તફસીરો:
إِذۡ جَعَلَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلۡحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِ فَأَنزَلَ ٱللَّهُ سَكِينَتَهُۥ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَعَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَأَلۡزَمَهُمۡ كَلِمَةَ ٱلتَّقۡوَىٰ وَكَانُوٓاْ أَحَقَّ بِهَا وَأَهۡلَهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار ھەقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان، پەقەتلا ھاۋايى - ھەۋەسكە باغلانغان جاھىلىيەتنىڭ مەغرۇرلۇقىنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈشتى. يەنى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى بىلەن كەمسىتىلىشتىن ئەنسىرەپ ھۇدەيبىيە يىلى ئۇنىڭ ھەرەمگە كىرىشىنى ئۇلارنىڭ غۇرۇرى كۆتۈرەلمىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە ئۆز دەرگاھىدىن خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، مۇئمىنلەرنىمۇ تەسكىن تاپقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى غەزەبلىنىش مۇشرىكلارغا ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىشقا سەۋەب بولمىدى. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېگەن ھەق سۆزگە چەمبەرچەس باغلىدى ھەمدە ئۇلارنى مۇشۇ سۆزگە ئۆز لايىقىدا ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلدى، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلدى. بۇ سۆزگە ئەزەلدىن باشقىلارغا قارىغاندا مۇئمىنلەر بەكرەك لايىق ئىدى، ئۇلار بۇ سۆزنىڭ تەلىپىنى لايىقىدا بەجا كەلتۈرەلەيدىغان كىشىلەر ئىدى. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى ياخشىلىقنى بىلەتتى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
لَّقَدۡ صَدَقَ ٱللَّهُ رَسُولَهُ ٱلرُّءۡيَا بِٱلۡحَقِّۖ لَتَدۡخُلُنَّ ٱلۡمَسۡجِدَ ٱلۡحَرَامَ إِن شَآءَ ٱللَّهُ ءَامِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمۡ وَمُقَصِّرِينَ لَا تَخَافُونَۖ فَعَلِمَ مَا لَمۡ تَعۡلَمُواْ فَجَعَلَ مِن دُونِ ذَٰلِكَ فَتۡحٗا قَرِيبًا
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ چۈشىنى چوقۇم رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇ (مەككىگە كىرىپ) چۈش كۆرگەن بولۇپ، بۇ چۈشىنى ساھابىلىرىگىمۇ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. بۇ چۈشتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيىگە دۈشمەنلىرىدىن خاتىرجەم بولغان ھالدا كىرەتتى، ھەج پائالىيىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىر قىسمى چاچلىرىنى چۈشۈرسە، يەنە بىر قىسمى قىرقاتتى. ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرگە پايدىلىق ئىشلاردىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىدۇ. شۇڭا سىلەر شۇ يىلنىڭ ئۆزىدە مەككىگە كىرەلمىگەن بولساڭلارمۇ ئاللاھ سىلەرنى يېقىن غەلىبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. بۇ غەلىبە بولسا، ھۇدەيبىيە سۈلھىسى ئارقىلىق ئاللاھ تائالا روياپقا چىقارغان ئىشلار ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن ھۇدەيبىيەگە قاتناشقان مۇئمىنلەرنىڭ قوللىرى ئارقىلىق خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشىدۇر.
અરબી તફસીરો:
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلۡهُدَىٰ وَدِينِ ٱلۡحَقِّ لِيُظۡهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِۦۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدٗا
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى روشەن دەلىل - پاكىت ۋە ھەق دىن بولغان ئىسلام دىنى بىلەن ئەۋەتتى. ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى، ئىسلام دىنىنى ئۇنىڭغا مۇخالىپ پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئۆزى گۇۋاھلىق بەردى، ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى (بىزگە) يېتەرلىكتۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الصد عن سبيل الله جريمة يستحق أصحابها العذاب الأليم.
ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئېغىر جىنايەت بولۇپ، بۇنداق قىلغانلار دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

• تدبير الله لمصالح عباده فوق مستوى علمهم المحدود.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى پىلانلىشى ئۇلارنىڭ چەكلىك ئىلمىنىڭ ئۈستىدىدۇر.

• التحذير من استبدال رابطة الدين بحمية النسب أو الجاهلية.
دىنى باغلىنىشنى نەسەب ياكى جاھىلىيەتنىڭ قىزىق قانلىقىغا تېگىشىش چەكلىنىدۇ.

• ظهور دين الإسلام سُنَّة ووعد إلهي تحقق.
ئىسلام دىنىنىڭ غالىب بولۇشى بىر قانۇنىيەتتۇر، ئىلاھىي ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

مُّحَمَّدٞ رَّسُولُ ٱللَّهِۚ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥٓ أَشِدَّآءُ عَلَى ٱلۡكُفَّارِ رُحَمَآءُ بَيۡنَهُمۡۖ تَرَىٰهُمۡ رُكَّعٗا سُجَّدٗا يَبۡتَغُونَ فَضۡلٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَرِضۡوَٰنٗاۖ سِيمَاهُمۡ فِي وُجُوهِهِم مِّنۡ أَثَرِ ٱلسُّجُودِۚ ذَٰلِكَ مَثَلُهُمۡ فِي ٱلتَّوۡرَىٰةِۚ وَمَثَلُهُمۡ فِي ٱلۡإِنجِيلِ كَزَرۡعٍ أَخۡرَجَ شَطۡـَٔهُۥ فَـَٔازَرَهُۥ فَٱسۡتَغۡلَظَ فَٱسۡتَوَىٰ عَلَىٰ سُوقِهِۦ يُعۡجِبُ ٱلزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ ٱلۡكُفَّارَۗ وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِنۡهُم مَّغۡفِرَةٗ وَأَجۡرًا عَظِيمَۢا
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ساھابىلىرى دۈشمەن كاپىرلارغا قاتتىق قول، ئۆزئارا كۆيۈمچان، بىر - بىرىگە مېھرىبان ۋە دوستانىدۇر. ئۇلارنى ئاللاھقا رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھتىن ئۆزلىرىگە مەغپىرەت قىلىش ۋە كۆپ ساۋاب بېرىش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلىشىنى ۋە ئۆزلىرىدىن رازى بولۇشىنى تىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا سەجدىنىڭ ئالامەتلىرى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرىدۇ، نامازنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە ئاشكارا بولىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋرات بايان قىلغان سۈپەتلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئىنجىلدىكى سۈپىتىگە كەلسەك، ئۇلار ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە بىر - بىرىنى تولۇقلاشتا دەسلەپتە كىچىك چىققان، كېيىن كۈچەيگەن، كېيىن توملىشىىپ، ئۆز غولى بىلەن تۇرغان، كۈچ - قۇۋۋىتى ۋە مۇكەممەللىكى دېھقاننى ئەجەبلەندۈرگەن زىرائەتكە ئوخشايدۇ. بۇ مىسال ئاللاھ تائالانىڭ كاپىرلارنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇلار مۇئمىنلەردىكى كۈچ - قۇۋۋەت، ئۇيۇشقاقلىق ۋە بىر - بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاش قاتارلىق سۈپەتلىرىنى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىمان ئېيتقان ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ساھابىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى بىر قىسىم گۇناھلىرىغا قارىتا جازالىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارغا ئۆز دەرگاھىدا جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا ساۋابنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• تشرع الرحمة مع المؤمن، والشدة مع الكافر المحارب.
بۇ ئايەتلەر مۇئمىنگە مېھىر - شەپقەتلىك بولۇش ۋە دۈشمەن كاپىرلارغا قاتتىق قول بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ.

• التماسك والتعاون من أخلاق أصحابه صلى الله عليه وسلم.
ئۇيۇشقاقلىق ۋە ھەمكارلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئەخلاقىدىندۇر.

• من يجد في قلبه كرهًا للصحابة الكرام يُخْشى عليه من الكفر.
ساھابە كىراملارنى قەلبىدە ئۆچ كۆرگەن كىشىنىڭ كاپىر بوپكېتىش خەۋپى بار.

• وجوب التأدب مع رسول الله صلى الله عليه وسلم، ومع سُنَّته، ومع ورثته (العلماء).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ سۈننىتىگە ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالارغا نىسبەتەن ئەدەبلىك بولۇش.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ ફત્હ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો