Check out the new design

કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ માઇદહ   આયત:
أُحِلَّ لَكُمۡ صَيۡدُ ٱلۡبَحۡرِ وَطَعَامُهُۥ مَتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِلسَّيَّارَةِۖ وَحُرِّمَ عَلَيۡكُمۡ صَيۡدُ ٱلۡبَرِّ مَا دُمۡتُمۡ حُرُمٗاۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ
ئاراڭلاردىن مۇقىم بولغانلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ياكى سەپەر ئۈستىدىكىلەرنىڭ ئۇزۇق ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا سىلەرگە سۇ ھايۋانلىرىنى ۋە دېڭىز سىلەرگە تىرىك ياكى ئۆلۈك ھالەتتە چىقىرىپ بەرگەن ھايۋانلارنى ئوۋلاشنى ھالال قىلدى. ئەمما ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ۋاقتىڭلاردا قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاشنى ھارام قىلدى. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار. ئۇ يەككە-يېگانە زاتتۇركى، قىيامەت كۈنى چوقۇم ئۇنىڭ ئالدىغا بارىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا سىلەرگە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
۞ جَعَلَ ٱللَّهُ ٱلۡكَعۡبَةَ ٱلۡبَيۡتَ ٱلۡحَرَامَ قِيَٰمٗا لِّلنَّاسِ وَٱلشَّهۡرَ ٱلۡحَرَامَ وَٱلۡهَدۡيَ وَٱلۡقَلَٰٓئِدَۚ ذَٰلِكَ لِتَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَأَنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ تائالا ھۆرمەتلىك قىلغان ئۆي كەبىنى مەككىلىكلەر ئۈچۈن تايانچ قىلىپ بەردى. شۇ ئۆينىڭ سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ناماز، ھەج ۋە ئۆمرىدىن ئىبارەت دىنىي مەنپەئەتلىرى كاپالەتكە ئىگە بولسا، ھەرەمدە خاتىرجەملىككە ئېرىشىش ھەمدە تەرەپ-تەرەپتىن ھەرخىل مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئېلىپ كېلىنىشى ئارقىلىق دۇنيالىق مەنپەئەتلىرىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئەمىنلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەب ئايلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدى. قۇربانلىق ماللارنى ۋە ئىگىلىرىنىڭ يول بويى باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن ئەمىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق ماللار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان بەلگىلەر ئېسىلغان تۆگىلەرنىمۇ ھۆرمەتلىك قىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە بۇنچىۋالا ياخشىلىقلارنى قىلىشى، ئۇنىڭ شەكسىزكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئېنىق بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەربىر ئىشنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشى سىلەرگە مەنپەئەتلەرنى كەلتۈرۈش ۋە زىيان كېلىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇركى، بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە نېمىلەرنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
અરબી તફસીરો:
ٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ وَأَنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئەي ئىنسانلار! بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر، ئۇ تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
અરબી તફસીરો:
مَّا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تُبۡدُونَ وَمَا تَكۡتُمُونَ
پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ئاللاھ تائالا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزۈشتۇر. ئۇنىڭ كىشىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. چۈنكى بۇنداق قىلىش يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ھىدايەتتىن ياكى گۇمراھلىقتىن ئاشكارا قىلغىنىڭلارنىمۇ، يوشۇرۇن قىلغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ ۋە چوقۇم شۇنىڭغا قارىتا سىلەرگە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
قُل لَّا يَسۡتَوِي ٱلۡخَبِيثُ وَٱلطَّيِّبُ وَلَوۡ أَعۡجَبَكَ كَثۡرَةُ ٱلۡخَبِيثِۚ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ
ئەي پەيغەمبەر! نىجىس نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى سېنى ئۆزىگە جەلب قىلغان تەقدىردىمۇ، ھەر قانداق نىجىس نەرسە ھېچقانداق پاكىزە نەرسىگە تەڭ بولالمايدۇ. چۈنكى نىجىس نەرسنىڭ كۆپلۈكى ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەي ئەقىل ئىگىلىرى! جەننەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نىجىس نەرسىلەرنى تاشلاپ، پاكىزە بولغاننى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَسۡـَٔلُواْ عَنۡ أَشۡيَآءَ إِن تُبۡدَ لَكُمۡ تَسُؤۡكُمۡ وَإِن تَسۡـَٔلُواْ عَنۡهَا حِينَ يُنَزَّلُ ٱلۡقُرۡءَانُ تُبۡدَ لَكُمۡ عَفَا ٱللَّهُ عَنۡهَاۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٞ
ئەي مۇئمىنلەر! سىلەرگە زۆرۈرىيىتى بولمىغان، دىنىي ئىشىڭلارغىمۇ ياردىمى تەگمەيدىغان، ھۆكمى ئاشكارىلانسا مۇشەققەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەرنى خاپا قىلىپ قويىدىغان ئىشلار ھەققىدە پەيغەمبىرىڭلاردىن سوراۋەرمەڭلار. ناۋادا سىلەر پەيغەمبەرگە ۋەھىي نازىل بولۇۋاتقان ۋاقىتتا سوراشتىن چەكلەنگەن بۇ نەرسىلەر ھەققىدە سوراپ قالساڭلار، ئۇ ئىش سىلەرگە ئېنىق بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئىشلارنى بايان قىلىش ئاللاھ تائالاغا ئاساندۇر. قۇرئان كەرىم سۈكۈت قىلغان نەرسىلەردىن ئاللاھ تائالا ئۆتۈۋەتكەن بولۇپ، ئۇ نەرسىلەر ھەققىدە سوراپ يۈرمەڭلار. چۈنكى سىلەر ئۇ ھەقتە سوراپ قالساڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىش تەلىپى نازىل بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
قَدۡ سَأَلَهَا قَوۡمٞ مِّن قَبۡلِكُمۡ ثُمَّ أَصۡبَحُواْ بِهَا كَٰفِرِينَ
سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنى سورىغان ئىدى. ئەمما ئۇلار ئۇ ئىشلارغا تەكلىپ قىلىنغاندا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي، شۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن كاپىر بوپكەتتى.
અરબી તફસીરો:
مَا جَعَلَ ٱللَّهُ مِنۢ بَحِيرَةٖ وَلَا سَآئِبَةٖ وَلَا وَصِيلَةٖ وَلَا حَامٖ وَلَٰكِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَۖ وَأَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ
ئاللاھ تائالا چاھارىپايلارنى ھالال قىلدى، مۇشرىكلار بۇتلىرىنى دەپ ئۆزلىرىگە ھارام قىلغان بەھىيرەنى ھارام قىلغىنى يوق. بەھىيرە مەلۇم ساندا بوتىلاقلىغاندىن كېيىن قۇلاقلىرى كېسىلىپ قويۇۋېتىلىدىغان تۆگىدۇر. سائىبەنىمۇ ھارام قىلغىنى يوق. سائىبە مەلۇم ياشقا كىرگەندە بۇتلىرىغا ئاتاپ قويۇۋېتىلىدىغان تۆگىدۇر. ۋەسىيلەنىمۇ ھارام قىلغىنى يوق. ۋەسىيلە بولسا ئارقا-ئارقىدىن چىشى بوتىلاقلىغان تۆگىدۇر. ھامىينىمۇ ھارام قىلمىدى. ھامىي نەسلىدىن بىر قانچە بوتىلاق توغۇلغان بۇغرا تۆگىدۇر. لېكىن كاپىرلار يالغاندىن بوھتان توقۇپ، ئاللاھ تائالا مەزكۇر ھايۋانلارنى ھارام قىلغان دېيىشتى. كاپىرلارنىڭ كۆپىنچىسى توغرا-خاتانى، ھالال-ھارامنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الأصل في شعائر الله تعالى أنها جاءت لتحقيق مصالح العباد الدنيوية والأخروية، ودفع المضار عنهم.
ئاللاھنىڭ شەرىئەتلىرىدىكى پىرىنسىپ، ئۇنىڭ بەندىلەرنىڭ بۇ دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇلاردىن زىياننى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىدۇر.

• عدم الإعجاب بالكثرة، فإنّ كثرة الشيء ليست دليلًا على حِلِّه أو طِيبه، وإنما الدليل يكمن في الحكم الشرعي.
كۆپلۈككە مەپتۇن بولماسلىق. چۈنكى بىر نەرسىنىڭ كۆپلۈكى ئۇنىڭ ھالاللىقى ياكى پاكىزەلىكىنىڭ دەلىلى ئەمەس. دەلىل دېگەن پەقەتلا شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىدە بولىدۇ.

• من أدب المُسْتفتي: تقييد السؤال بحدود معينة، فلا يسوغ السؤال عما لا حاجة للمرء ولا غرض له فيه.
سوئالنى بەلگىلىك دائىرىدە تىزگىنلەش سوئال سورىغۇچىنىڭ ئەدەب-ئەخلاقىدىندۇر. شۇڭا ئىنساننىڭ ھېچبىر زۆرۈرىيەتسىز ۋە مەقسەتسىز نەرسىلەر ھەققىدە سوئال سورىشى توغرا ئەمەس.

• ذم مسالك المشركين فيما اخترعوه وزعموه من محرمات الأنعام ك: البَحِيرة، والسائبة، والوصِيلة، والحامي.
مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ، بەھىيرە، سائىبە، ۋەسىيلە ۋە ھامىيلارغا ئوخشاش بىر قىسىم چاھارىپايلارنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن سانىغانلىقىدىن ئىبارەت قىلمىشلىرى ئەيىبلىنىدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ માઇદહ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

તફસીર લિદ્ દિરાસતીલ્ કુરઆનિયહ કેન્દ્ર દ્વારા પ્રકાશિત.

બંધ કરો