કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (89) સૂરહ: અલ્ માઇદહ
لَا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغۡوِ فِيٓ أَيۡمَٰنِكُمۡ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ ٱلۡأَيۡمَٰنَۖ فَكَفَّٰرَتُهُۥٓ إِطۡعَامُ عَشَرَةِ مَسَٰكِينَ مِنۡ أَوۡسَطِ مَا تُطۡعِمُونَ أَهۡلِيكُمۡ أَوۡ كِسۡوَتُهُمۡ أَوۡ تَحۡرِيرُ رَقَبَةٖۖ فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ ثَلَٰثَةِ أَيَّامٖۚ ذَٰلِكَ كَفَّٰرَةُ أَيۡمَٰنِكُمۡ إِذَا حَلَفۡتُمۡۚ وَٱحۡفَظُوٓاْ أَيۡمَٰنَكُمۡۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا مەقسەتسىز ھالدا ئېغىزىڭلاردىن چىقىپ كېتىپ قالغان قەسىمىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ. ئەمما سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نىيەت قىلىپ، كەسكىن قارارىڭلار بىلەن قىلغان قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا قارىتا سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. سىلەر ئۆز قارارىڭلار بىلەن ئېغىزىڭلاردىن چىقارغان قەسىمىڭلارنى بۇزغىنىڭلاردا يۇرتداشلىرىڭلارنىڭ ئوتتۇراھال يېمەكلىكىنى ئاساس قىلىپ ئون مىسكىننىڭ ھەربىرىگە يېرىم سادىن بىر ۋاخ يېمەك بېرىش ياكى ئۇلارغا نورمالدا كىيىم دەپ قارىلىدىغان كىيىملەردىن بىر قۇردىن كىيدۈرۈش ۋە ياكى بىر مۇئمىنە دېدەكنى ئازات قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشتىن قايسىبىرىنى قىلساڭلار، ئاللاھ گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. قەسىمىگە كەففارەت بەرگۈچى ناۋادا بۇ ئۈچ ئىشنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمىسا، بۇ ئىشلارنىڭ ئورنىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق كەففارەت بېرىدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! بۇ مەزكۇر ھۆكۈم سىلەر ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغىنىڭلاردىن كېيىن بۇزغان قەسىمىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن يالغاندىن قەسەم قىلىشتىن، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۆپ قەسەم قىلىۋېرىشتىن، مۇبادا قەسىمىڭلاردا تۇرماسلىق ياخشىراق بولماي قالسىلا قەسىمىڭلارنى بۇزۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئەگەر قەسىمىڭلاردا تۇرماسلىق ياخشىراق بوپقالسا، ئاللاھ سىلەرگە قەسەمنىڭ كەففارىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان پېتى قىلغان قەسىمىڭلارغا كەففارەت بېرىۋېتىپ، ياخشى بولغاننى قىلىڭلار. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرگەنلىكىگە قارىتا شۈكرى ئېيتسۇن دەپ سىلەرگە ھالالنى ۋە ھارامنى ئېنىق ئايرىيدىغان ئەھكاملىرىنى بايان قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الأمر بتوخي الطيب من الأرزاق وترك الخبيث.
رىزىقلاردىن ھالال بولغانغا ئىنتىلىش، نىجىس بولغاننى تاشلاشقا بۇيرۇش.

• عدم المؤاخذة على الحلف عن غير عزم للقلب، والمؤاخذة على ما كان عن عزم القلب ليفعلنّ أو لا يفعلنّ.
ئىنسان چىن كۆڭلىدىن نىيەت قىلمىغان ھالدا قىلىپ سالغان قەسىمىگە قارىتا جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ، ئەمما چوقۇم ئۇنداق قىلىمەن ياكى مۇنداق قىلمايمەن دەپ كەسكىن قارارى بىلەن قىلغان قەسىمىگە قارىتا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

• بيان أن كفارة اليمين: إطعام عشرة مساكين، أو كسوتهم، أو عتق رقبة مؤمنة، فإذا لم يستطع المكفِّر عن يمينه الإتيان بواحد من الأمور السابقة، فليكفِّر عن يمينه بصيام ثلاثة أيام.
قەسەمنى بۇزغانلىقنىڭ كەففارىتى ئون مىسكىنگە يېمەك بېرىش ياكى ئۇلارغا كىيىم-كېچەك كىيدۈرۈش ۋە ياكى بىر مۇئمىنە دېدەكنى ئازات قىلىشتۇر. قەسىمىگە كەففارەت بەرگۈچى مۇبادا قەسىمىنى بۇزغانلىقىغا قارىتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلاردىن ھېچبىرىنى قىلالماي قالسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق قىلغان قەسىمىگە كەففارەت بېرىشى كېرەك.

• قوله تعالى: ﴿... إنَّمَا الْخَمْرُ ...﴾ هي آخر آية نزلت في الخمر، وهي نص في تحريمه.
ھاراق ھەققىدە نازىل بولغان ئاخىرقى "إنما الخمر..." دېگەن بۇ ئايەت ھاراقنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ھۆكۈمدۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (89) સૂરહ: અલ્ માઇદહ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો