કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ હશ્ર   આયત:

سۈرە ھەشر

સૂરતના હેતુઓ માંથી:
إظهار قوة الله وعزته في توهين اليهود والمنافقين، وإظهار تفرقهم، في مقابل إظهار تآلف المؤمنين.
ئاللاھنىڭ يەھۇدىيلارنى ۋە مۇناپىقلارنى بوشاشتۇرۇشتىكى كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلىش ھەمدە مۇئمىنلەرنىڭ ئۆملۈكىنى ئىزھار قىلىشقا پاراللېل ھالەتتە يەھۇدىيلار ۋە مۇناپىقلارنىڭ چېچىلاڭغۇلۇقىنى نامايان قىلىش بۇ سۈرىنىڭ ئاساسىي نىشانلىرىدىن بىرىدۇر.

سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقات ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا نالايىق كەمچىلىكلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاللاھ ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىب زاتتۇر، شۇنداقلا يارىتىشىدا، يول - يورۇقلىرىدا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَخۡرَجَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ مِن دِيَٰرِهِمۡ لِأَوَّلِ ٱلۡحَشۡرِۚ مَا ظَنَنتُمۡ أَن يَخۡرُجُواْۖ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُم مَّانِعَتُهُمۡ حُصُونُهُم مِّنَ ٱللَّهِ فَأَتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِنۡ حَيۡثُ لَمۡ يَحۡتَسِبُواْۖ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلرُّعۡبَۚ يُخۡرِبُونَ بُيُوتَهُم بِأَيۡدِيهِمۡ وَأَيۡدِي ٱلۡمُؤۡمِنِينَ فَٱعۡتَبِرُواْ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَبۡصَٰرِ
ئۇ زات ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنى مەدىنىدىكى تۇرالغۇلىرىدىن تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە مەدىنىدىن شامغا ھەيدەپ چىقىرىۋەتتى. ئۇلار تەۋرات ئەھلى بولغان يەھۇدىيلاردىن بولۇپ، مۇسۇلمانلار بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمنى بۇزۇپ، مۇشرىكلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى شام دىيارىغا سۈرگۈن قىلدى. ئەي مۇئمىنلەر! ئۇلارنى كۈچ - قۇۋۋەتتە بۇنداق ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۇرۇپ ئۆز دىيارىدىن چىقىپ كېتەر، دەپ ئويلىمىغان بولغىيدىڭلار. ئۇلارمۇ ئۆزلىرى پۇختا سالغان قورغانلىرىنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن ۋە ئازابىدىن ساقلاپ قالالايدۇ، دەپ خام خىيال قىلىشقان ئىدى. ئەمما ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغاش ۋە ئۇلارنى دىيارلىرىدىن سۈرگۈن قىلىشقا بۇيرۇغان چاغدا ئاللاھنىڭ جازاسى ئۇلارغا كېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان جايدىن كەلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قاتتىق قورقۇنچ تاشلىدىكى، ئەينى چاغدا ئۇلار مۇسۇلمانلارنى پايدىلىنالمىسۇن دەپ ئۆيلىرىنى ئىچى تەرەپتىن ئۆز قوللىرى بىلەن بۇزاتتى، مۇسۇلمانلار سىرتتىن بۇزاتتى. ئەي ئەقىل ئىگىلىرى! ئۇلارنىڭ كۇپرىسى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈندىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۇلارغا ئوخشاش بولماڭلار. بولمىسا ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ۋە ئۇلار دۇچار بولغان ئازاب سىلەرنىڭ بېشىڭلارغىمۇ كېلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَلَوۡلَآ أَن كَتَبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمُ ٱلۡجَلَآءَ لَعَذَّبَهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابُ ٱلنَّارِ
ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى يۇرت - ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلىشنى پۈتۈۋەتمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ بەنى قۇرەيزەلىك قېرىنداشلىرىنى جازالىغاندەك، ئەلۋەتتە ئۇلارنىمۇ بۇ دۇنيادا ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش بىلەن جازالىغان بولاتتى. ئۇلار ئاخىرەتتە ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ھەم مەڭگۈ قالىدىغان دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• المحبة التي لا تجعل المسلم يتبرأ من دين الكافر ويكرهه، فإنها محرمة، أما المحبة الفطرية؛ كمحبة المسلم لقريبه الكافر، فإنها جائزة.
مۇسۇلماننى كاپىرنىڭ دىنىدىن ئادا - جۇدا بولۇپ، ئۇنى يامان كۆرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرەلمەيدىغان مېھىر - مۇھەببەت ھارامدۇر. ئەمما مۇسۇلماننىڭ كاپىر يېقىنىنى ياخشى كۆرۈشىگە ئوخشاش ئىنسانىيلىق تەبىئىتىدىكى مېھىر - مۇھەببەت دۇرۇستۇر.

• رابطة الإيمان أوثق الروابط بين أهل الإيمان.
ئىمان ئەھلى ئارىسىدىكى ئىمان ئالاقىسى ئەڭ مۇستەھكەم ئالاقىدۇر.

• قد يعلو أهل الباطل حتى يُظن أنهم لن ينهزموا، فتأتي هزيمتهم من حيث لا يتوقعون.
باتىل تەرەپدارلىرى بەزىدە قەتئىي مەغلۇب بولمايدىغاندەك دەرىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى، ئەمما ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۇلار ئويلاپمۇ باقمىغان جايدىن كېلىشى مۇمكىن.

• من قدر الله في الناس دفع المصائب بوقوع ما دونها من المصائب.
چوڭ بالا - قازالارنى ئۇنىڭدىن كىچىكرەك مۇسىبەتلەر بىلەن دەپئى قىلىش ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئىچىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى جۈملىسىدىندۇر.

ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ شَآقُّواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥۖ وَمَن يُشَآقِّ ٱللَّهَ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ
ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مەزكۇر خاپىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ كۇپۇرلۇقى ۋە كېلىشىملەرنى بۇزغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن كەلدى. كىمكى ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىدىكەن، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر. چوقۇم ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئازابى كېلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
مَا قَطَعۡتُم مِّن لِّينَةٍ أَوۡ تَرَكۡتُمُوهَا قَآئِمَةً عَلَىٰٓ أُصُولِهَا فَبِإِذۡنِ ٱللَّهِ وَلِيُخۡزِيَ ٱلۡفَٰسِقِينَ
ئەي مۇئمىنلەر! بەنى نەزىر غازىتىدا ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئاچچىقلىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خورمىلىرىنى كېسىپ تاشلىساڭلارمۇ ياكى پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۈپىدە قالدۇرساڭلامۇ ئاللاھ رۇخسەت قىلىدۇ. (ئۇلارنى كېسىپ تاشلاش) ئۇلار بىلجىرلىغاندەك يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەمەس.كېلىشىمنى بۇزۇپ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ ئورنىغا خىيانەت يولىنى تاللاش ئارقىلىق ئۆزىگە ئىتائەتسزلىك قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا شۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلدى.
અરબી તફસીરો:
وَمَآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ مِنۡهُمۡ فَمَآ أَوۡجَفۡتُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ خَيۡلٖ وَلَا رِكَابٖ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يُسَلِّطُ رُسُلَهُۥ عَلَىٰ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە بەنى نەزىرنىڭ ماللىرىدىن قايتۇرۇپ بەرگەن غەنىمەتلەرنى سىلەر ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن ئات - تۆگىلەرنى چاپتۇرمىدىڭلار. سىلەرگە ھېچقانداق خاپىلىقمۇ كەلمىدى. لېكىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنى خالىغان كىشى ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىنى بەنى نەزىر ئۈستىدىن غالىب قىلدى. نەتىجىدە ئۇ، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى جەڭ قىلمايلا پەتھ قىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇركى، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
مَّآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡقُرَىٰ فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ كَيۡ لَا يَكُونَ دُولَةَۢ بَيۡنَ ٱلۡأَغۡنِيَآءِ مِنكُمۡۚ وَمَآ ءَاتَىٰكُمُ ٱلرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَىٰكُمۡ عَنۡهُ فَٱنتَهُواْۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە جەڭ قىلماستىن ئاتا قىلغان ئەھلى قۇرا (بەنى قۇرەيزە، بەنى نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى) نىڭ ماللىرى ئاللاھ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئۇنىڭدا پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭ بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتتەلىب جەمەتىدىن بولغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭمۇ مەلۇم مىقداردا ھەققى بار. بۇ، ئۇلارنىڭ سەدىقىدىن چەكلەنگەنلىكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈندۇر. يەنە يېتىملەرنىڭ، يوقسۇللارنىڭ ۋە خىراجىتى تۈگەپ كەتكەن مۇساپىرنىڭمۇ ھەققى بار. (ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكۈمنى يولغا قويۇشى) غەنىمەت مالنىڭ كەمبەغەللەر بىر ياقتا قېلىپ، بايلارنىڭ ئارىسىدا قولدىن - قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈندۇر. ئەي مۇئمىنلەر! غەنىمەت ماللاردىن پەيغەمبەر بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەندىن يېنىڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئازابى قاتتىق زاتتۇركى، ئۇنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن پەخەس بولۇڭلار.
અરબી તફસીરો:
لِلۡفُقَرَآءِ ٱلۡمُهَٰجِرِينَ ٱلَّذِينَ أُخۡرِجُواْ مِن دِيَٰرِهِمۡ وَأَمۡوَٰلِهِمۡ يَبۡتَغُونَ فَضۡلٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَرِضۡوَٰنٗا وَيَنصُرُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلصَّٰدِقُونَ
بۇ مالنىڭ بىر قىسمى مال - دۇنيالىرى ۋە بالا - چاقىلىرىنى تاشلاپ ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىپ چىقىشقا مەجبۇرلانغان يوقسۇل مۇھاجىرلارغا بېرىلىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئۆزلىرى رىزىق بېرىشىنى، ئاخىرەتتە رازىلىقىغا ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھ يولىدا جىھا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ. ئەنە شۇ سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر ئىمانىدا ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇچىلاردۇر.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ تَبَوَّءُو ٱلدَّارَ وَٱلۡإِيمَٰنَ مِن قَبۡلِهِمۡ يُحِبُّونَ مَنۡ هَاجَرَ إِلَيۡهِمۡ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمۡ حَاجَةٗ مِّمَّآ أُوتُواْ وَيُؤۡثِرُونَ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ وَلَوۡ كَانَ بِهِمۡ خَصَاصَةٞۚ وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفۡسِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
مۇھاجىرلاردىن ئىلگىرى مەدىنىگە يەرلىك بولغان ئەنسارلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشنى تاللىدى. ئۇلار مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى دوست تۇتىدۇ، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇھاجىرلارغا غەنىمەت ماللىرىدىن بېرىلىپ، ئۆزلىرىگە بېرىلمىگەندە ئۇلارغا ئاچچىقى كەلمىدى، ئىچى تارلىقمۇ قىلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى يوقسۇل ھەم موھتاج تۇرسىمۇ، دۇنيالىق نېسىۋىلەردە مۇھاجىرلارنى ئۆزلىرىدىنمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقۇپ مال - دۇنياغا بېرىلىشتىن ساقلىنىدىكەن ۋە ئاللاھ يولىدا مال - مۈلۈكلىرىنى سەرپ قىلىدىكەن، ئەنە شۇ كىشىلەر كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ۋە ئەنسىرىگەن ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• فعل ما يُظنُّ أنه مفسدة لتحقيق مصلحة عظمى لا يدخل في باب الفساد في الأرض.
زىيانلىق دەپ قارالغان بەزى ئىشلارنى تېخىمۇ چوڭ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىش يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشقا كىرمەيدۇ.

• من محاسن الإسلام مراعاة ذي الحاجة للمال، فَصَرَفَ الفيء لهم دون الأغنياء المكتفين بما عندهم.
مالغا ئېھتىياجى بولغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھاجىتىنى قامدىيالايدىغان بايلارغا ئەمەس، يوقسۇللارغا بېرىش ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىدىندۇر.

• الإيثار منقبة عظيمة من مناقب الإسلام ظهرت في الأنصار أحسن ظهور.
شەخسىيەتسىزلىك - ئىسلامنىڭ خىسلەتلىرى ئىچىدىن ئەنسارلاردا ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە نامايان بولغان بىر خىسلەتتۇر.

وَٱلَّذِينَ جَآءُو مِنۢ بَعۡدِهِمۡ يَقُولُونَ رَبَّنَا ٱغۡفِرۡ لَنَا وَلِإِخۡوَٰنِنَا ٱلَّذِينَ سَبَقُونَا بِٱلۡإِيمَٰنِ وَلَا تَجۡعَلۡ فِي قُلُوبِنَا غِلّٗا لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ رَبَّنَآ إِنَّكَ رَءُوفٞ رَّحِيمٌ
بۇلاردىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن ۋە قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇلارغا ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئەگەشكەنلەر دەيدۇكى، ئەي رەببىمىز! بىزگە بىزدىن بۇرۇن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان دىنىي قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن. قەلبلىرىمىزدە مۇئمىنلەرنىڭ ھېچ بىرىگە ئۆچ - ئاداۋەت پەيدا قىلمىغىن. ئەي پەرۋەردىگارىمىز! سەن ھەقىقەتەن بەندىلىرىڭگە مېھرىبان ۋە رەھىمدىلسەن.
અરબી તફસીરો:
۞ أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ نَافَقُواْ يَقُولُونَ لِإِخۡوَٰنِهِمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ لَئِنۡ أُخۡرِجۡتُمۡ لَنَخۡرُجَنَّ مَعَكُمۡ وَلَا نُطِيعُ فِيكُمۡ أَحَدًا أَبَدٗا وَإِن قُوتِلۡتُمۡ لَنَنصُرَنَّكُمۡ وَٱللَّهُ يَشۡهَدُ إِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
ئەي پەيغەمبەر! قەلبىدە كۇپۇرلۇقنى يوشۇرۇپ، ئىماننى ئاشكارىلىغان مۇناپىقلارنىڭ بۇرمىلانغان تەۋراتنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان يەھۇدىيلاردىن كۇپۇرلۇقتىكى قېرىنداشلىرىغا: ئۆز يۇرتۇڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، بىز سىلەرنى تاشلىۋەتمەيمىز ھەم ياردەمسىز قويمايمىز. ئەگەر مۇسۇلمانلار سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتسە، سىلەرگە ھەمنەپەس بولۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە بىزمۇ چىقىپ كېتىمىز. بىزنى سىلەر بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىشتىن توسماقچى بولغان ھەر كىمگە بويسۇنمايمىز. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە قارشى ئۇرۇش ئاچسا، ئەلۋەتتە بىز ئۇلارغا قارشى سىلەرگە ياردەم بېرىمىز. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار يەھۇدىيلار قوغلاپ چىقىرىلغاندا ئۆزلىرىنىڭمۇ بىللە چىقىپ كېتىدىغانلىقى ۋە ئۇرۇش ئېچىلسا ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت دەۋاسىدا چوقۇم يالغانچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
لَئِنۡ أُخۡرِجُواْ لَا يَخۡرُجُونَ مَعَهُمۡ وَلَئِن قُوتِلُواْ لَا يَنصُرُونَهُمۡ وَلَئِن نَّصَرُوهُمۡ لَيُوَلُّنَّ ٱلۡأَدۡبَٰرَ ثُمَّ لَا يُنصَرُونَ
ئەگەر مۇسۇلمانلار يەھۇدىيلارنى قوغلاپ چىقارسا، مۇناپىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىلسا، مۇناپىقلار ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدۇ ۋە ھەمدەم بولمايدۇ. ناۋادا ئۇلارغا ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلاشقان تەقدىردە چوقۇم ئۇلارنى تاشلاپ قاچىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇناپىقلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەكسىچە ئاللاھ ئۇلارنى خارۇزار قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
لَأَنتُمۡ أَشَدُّ رَهۡبَةٗ فِي صُدُورِهِم مِّنَ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَفۡقَهُونَ
ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر ئەلۋەتتە مۇناپىقلارنىڭ ۋە يەھۇدىيلارنىڭ قەلبلىرىدە ئاللاھتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقسىلەر. ئۇلارنىڭ سىلەردىن بۇنداق قاتتىق قورقۇپ، ئاللاھتىن ئانچە قورقۇپ كەتمەسلىكى شۇ سەۋەبتىندۇركى، ئۇلار ئويلانمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئويلانغان بولسىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ قورقۇشقا ۋە ئەيمىنىشكە بەكرەك لايىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى. شۇڭا ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلدى.
અરબી તફસીરો:
لَا يُقَٰتِلُونَكُمۡ جَمِيعًا إِلَّا فِي قُرٗى مُّحَصَّنَةٍ أَوۡ مِن وَرَآءِ جُدُرِۭۚ بَأۡسُهُم بَيۡنَهُمۡ شَدِيدٞۚ تَحۡسَبُهُمۡ جَمِيعٗا وَقُلُوبُهُمۡ شَتَّىٰۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَعۡقِلُونَ
ئى مۇئمىنلەر! يەھۇدىيلار پەقەت مۇستەھكەم قورغانلىرىدا ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغاندىلا سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلالايدۇ. ئۇلار قورقۇنچاق بولغاچقا سىلەر بىلەن روبىرو تۇرۇپ جەڭ قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدە كۈچلۈك ئۆچ - ئاداۋەت بار. دەماللىققا ئۇلارنى ئۆزئارا ئۆملۈكتە، ئېجىل - ئىناق دەپ ئويلايسەن. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قەلبلىرى باشقا - باشقىدۇر. بۇ ئىختىلاپ ۋە قارشىلىقنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئەقىل ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ھەقىقەتنى تونۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ۋە ئىختىلاپلاشمىغان بولاتتى.
અરબી તફસીરો:
كَمَثَلِ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ قَرِيبٗاۖ ذَاقُواْ وَبَالَ أَمۡرِهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
بۇ يەھۇدىيلار كاپىرلىقى ۋە دۇچار بولغان ئازابتا ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى يېقىنقى دەۋردە ياشىغان مەككە مۇشرىكلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسى سەۋەبلىك ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالغان بولۇپ، بەدرى كۈنىسى بىر قىسمى ئۆلتۈرۈلۈپ، يەنە بىر قىسمى ئەسىر ئېلىنغان ئىدى. ئۇلار ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
كَمَثَلِ ٱلشَّيۡطَٰنِ إِذۡ قَالَ لِلۡإِنسَٰنِ ٱكۡفُرۡ فَلَمَّا كَفَرَ قَالَ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّنكَ إِنِّيٓ أَخَافُ ٱللَّهَ رَبَّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلارغا قۇلاق سېلىشى ئىنسانغا كۇپۇرلۇقنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن چاغدىكى شەيتاننىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. شەيتاننىڭ كۇپۇرلۇقنى پەردازلاپ كۆرسىتىشى بىلەن ئىنسان كاپىر بولغان چاغدا شەيتان ئۇنىڭغا: سەن كاپىر بولغانلىقىڭ ئۈچۈن مەن ھەقىقەتەن سەندىن ئادا - جۇدامەن. شەكسىزكى مەن پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن، دېدى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• رابطة الإيمان لا تتأثر بتطاول الزمان وتغير المكان.
ئىمان ئالاقىسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە ئورۇننىڭ ئالمىشىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

• صداقة المنافقين لليهود وغيرهم صداقة وهمية تتلاشى عند الشدائد.
مۇناپىقلارنىڭ يەھۇدىيلارغا ۋە باشقىلارغا بولغان ساداقىتى قىيىن پەيتلەردە غائىب بولىدىغان خىيالىي ساداقەتتۇر.

• اليهود جبناء لا يواجهون في القتال، ولو قاتلوا فإنهم يتحصنون بِقُرَاهم وأسلحتهم.
يەھۇدىيلار تولىمۇ قورقۇنچاق بولۇپ، ئاشكارا جەڭگە چۈشەلمەيدۇ. ئۇلار ئۇرۇش قىلغان تەقدىردىمۇ قورغانلىرى ۋە قورال - ياراقلىرى بىلەن پاناھلىنىدۇ.

فَكَانَ عَٰقِبَتَهُمَآ أَنَّهُمَا فِي ٱلنَّارِ خَٰلِدَيۡنِ فِيهَاۚ وَذَٰلِكَ جَزَٰٓؤُاْ ٱلظَّٰلِمِينَ
شەيتان ۋە شەيتانغا بويسۇنغانلارنىڭ ئاقىۋىتى، يەنى بويسۇندۇرغۇچى شەيتان بىلەن بويسۇندۇرۇلغان ئىنسان ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئاقىۋىتى قىيامەت كۈنى دوزاختا مەڭگۈ قېلىشتۇر. ئۇ ئىككىسىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ جازا زالىملارنىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ھالقىپ كېتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە تەييارلىغان جازانىڭ ئۆزىدۇر.
અરબી તફસીરો:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَلۡتَنظُرۡ نَفۡسٞ مَّا قَدَّمَتۡ لِغَدٖۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئەمەل قىلغان، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولغان مۇئمىنلەر! ھەر كىم قىيامەت كۈنى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلانسۇن. ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ چوقۇم سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ نَسُواْ ٱللَّهَ فَأَنسَىٰهُمۡ أَنفُسَهُمۡۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنماي، چەكلىمىلىرىدىن يانماي ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالغان، ئاندىن ئاللاھمۇ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە جازاسىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلمىغان كىشىلەردەك بولماڭلار. ئاللاھنى ئۇنتۇپ قېلىپ، بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرمىگەن ۋە چەكلىمىلىرىدىن يانمىغان ئاشۇ كىشىلەر ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىلاردۇر.
અરબી તફસીરો:
لَا يَسۡتَوِيٓ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِ وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِۚ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَ
دوزاخ ئەھلى بىلەن جەننەت ئەھلى باراۋەر بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار دۇنيادىكى ئەمەللىرىنىڭ خىلمۇ-خىللىقىغا قاراپ جازا - مۇكاپاتتىمۇ پەرقلىنىدۇ. جەننەت ئەھلى ئۆزلىرى كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە ئېرىشىش ۋە ئەنسىرىگەن ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق ئۇتۇققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
અરબી તફસીરો:
لَوۡ أَنزَلۡنَا هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ عَلَىٰ جَبَلٖ لَّرَأَيۡتَهُۥ خَٰشِعٗا مُّتَصَدِّعٗا مِّنۡ خَشۡيَةِ ٱللَّهِۚ وَتِلۡكَ ٱلۡأَمۡثَٰلُ نَضۡرِبُهَا لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَتَفَكَّرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ناۋادا بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلغان بولساق، ئەلۋەتتە ئۇ تاغ شۇنچىۋالا مۇستەھكەم تۇرۇپمۇ قۇرئاندىكى تەسىرلىك ۋەز - نەسىھەتلەر ۋە قاتتىق تەھدىتلەر سەۋەبىدىن ئاللاھتىن تولىمۇ قورققانلىقتىن يېرىلىپ پارە - پارە بوپكەتكەن بولاتتى. بىزنىڭ ئىنسانلارغا بۇ مىساللارنى بايان قىلىشىمىز ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ، قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەز - نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر.
અરબી તફસીરો:
هُوَ ٱللَّهُ ٱلَّذِي لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِۖ هُوَ ٱلرَّحۡمَٰنُ ٱلرَّحِيمُ
ئاللاھ شۇنداق بىر زاتتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تولىمۇ مېھىر - شەپقەتلىك زاتتۇركى، ئۇنىڭ رەھمىتى پۈتكۈل ئالەمنى ئىچىگە سىغدۇرىدۇ. ئۇ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، بارچە كەمچىلىكتىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر. ھەر قانداق ئەيىبتىن ساغلامدۇر. روشەن مۆجىزىلەر بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغۇچىدۇر. بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىبتۇر. كۈچ - قۇدرىتى بىلەن ھەر نەرسىنى بويسۇندۇرالايدىغان قۇدرەتلىك زاتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر.
અરબી તફસીરો:
هُوَ ٱللَّهُ ٱلَّذِي لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡمَلِكُ ٱلۡقُدُّوسُ ٱلسَّلَٰمُ ٱلۡمُؤۡمِنُ ٱلۡمُهَيۡمِنُ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡجَبَّارُ ٱلۡمُتَكَبِّرُۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
ئاللاھ شۇنداق بىر زاتتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تولىمۇ مېھىر - شەپقەتلىك زاتتۇركى، ئۇنىڭ رەھمىتى پۈتكۈل ئالەمنى ئىچىگە سىغدۇرىدۇ. ئۇ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، بارچە كەمچىلىكتىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر. ھەر قانداق ئەيىبتىن ساغلامدۇر. روشەن مۆجىزىلەر بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغۇچىدۇر. بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىبتۇر. كۈچ - قۇدرىتى بىلەن ھەر نەرسىنى بويسۇندۇرالايدىغان قۇدرەتلىك زاتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر.
અરબી તફસીરો:
هُوَ ٱللَّهُ ٱلۡخَٰلِقُ ٱلۡبَارِئُ ٱلۡمُصَوِّرُۖ لَهُ ٱلۡأَسۡمَآءُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ يُسَبِّحُ لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاللاھ تائالا بارچە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، شەيئىلەرنى پەيدا قىلغۇچىدۇر، مەخلۇقاتلىرىنى ئۆزى خالىغانچە شەكىلگە كەلتۈرگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئالىي سۈپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۈزەل ئىسىملىرى باردۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات ئۇنى ھەر قانداق ئەيىب - نۇقساندىن پاك دەپ بىلىدۇ. ئۇ ھەممىدىن غالىبتۇركى، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ. يارىتىشىدا، قانۇنىدا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• من علامات توفيق الله للمؤمن أنه يحاسب نفسه في الدنيا قبل حسابها يوم القيامة.
مۇئمىننىڭ قىيامەت كۈنى ھېسابقا تارتىلىشتىن بۇرۇن مۇشۇ دۇنيادىلا ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنىڭ بېشارەتلىرىدىندۇر.

• في تذكير العباد بشدة أثر القرآن على الجبل العظيم؛ تنبيه على أنهم أحق بهذا التأثر لما فيهم من الضعف.
بەندىلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ شۇنچىۋالا ھەيۋەتلىك تاغقىمۇ قاتتىق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىش ئۇلارنىڭ بۇنداق تەسىرلىنىشكە ئەڭ لايىق ئىكەنلىكىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇلار ئاجىزدۇر.

• أشارت الأسماء (الخالق، البارئ، المصور) إلى مراحل تكوين المخلوق من التقدير له، ثم إيجاده، ثم جعل له صورة خاصة به، وبذكر أحدها مفردًا فإنه يدل على البقية.
ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقۇچى، پەيدا قىلغۇچى، شەكىل ئاتا قىلغۇچى دېگەن ئىسىملىرى مەخلۇقاتلارنى شەكىللەندۈرۈش، ئۇنىڭغا ئائىت (پۈتۈن ئەھۋاللارنى) بېكىتىش، ئاندىن ئۇنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆزگىچە شەكىل ئاتا قىلىش قاتارلىق باسقۇچلارغا ئىشارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر قانداق بىرىنى يالغۇز تىلغا ئېلىش ئارقىلىقمۇ قالغانلىرىنى ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ હશ્ર
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો