કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (143) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
ثَمَٰنِيَةَ أَزۡوَٰجٖۖ مِّنَ ٱلضَّأۡنِ ٱثۡنَيۡنِ وَمِنَ ٱلۡمَعۡزِ ٱثۡنَيۡنِۗ قُلۡ ءَآلذَّكَرَيۡنِ حَرَّمَ أَمِ ٱلۡأُنثَيَيۡنِ أَمَّا ٱشۡتَمَلَتۡ عَلَيۡهِ أَرۡحَامُ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۖ نَبِّـُٔونِي بِعِلۡمٍ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئاللاھ سىلەرگە سەككىز تۈرلۈك چاھارپاينى يارىتىپ بەردى: قويدىن بىر جۈپ: قوچقار ۋە ساغلىق، ئۆچكىدىن بىر جۈپ: تېكە ۋە ئۇرغاچى. ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ قوي بىلەن ئۆچكىدىن ئىككى ئەركەكنى ئەركەك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار: ھەئە دېسە ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر نېمىشقا چىشىلىرىنى ھارام قىلىسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئىككى چىشىنى چىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار: شۇنداق دېسە ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر نېمىشقا ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلىسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنى قورساقتا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار: ھەئە دېسە ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر نېمىشقا ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىڭ بىر قېتىم ئەركىكىنى، يەنە بىر قېتىم چىشىسىنى ھارام قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئايرىيسىلەر؟ ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر بۇ نەرسىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن ھارام قىلىنغان دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، قېنى سىلەر ئاساسلانغان توغرا ئىلىمنى دەپ .بېقىڭلار؟
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• في الآيات دليل على إثبات المناظرة في مسائل العلم، وإثبات القول بالنظر والقياس.
يۇقىردىكى ئايەتلەردە ئىلىم مەسىلىلىرىدە مۇنازىرە قىلىشقا ھەمدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىش ۋە سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈم ئىسپاتلاشقا دەلىل بار.

• الوحي وما يستنبط منه هو الطريق لمعرفة الحلال والحرام.
ۋەھىي ۋە ئۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان ھۆكۈملەر ھالال-ھارامنى تونۇشنىڭ يولىدۇر.

• إن من الظلم أن يُقْدِم أحد على الإفتاء في الدين ما لم يكن قد غلب على ظنه أنه يفتي بالصواب الذي يرضي الله.
بىراۋنىڭ ئاللاھنى رازى قىلىدىغان دەرىجىدە توغرا پەتىۋا بېرەلمەيدىغانلىقى كۆڭلىگە ئايان تۇرۇپمۇ يەنىلا دىندا پەتىۋا بېرىشى شەكسىزكى زۇلۇمدۇر.

• من رحمة الله بعباده الإذن لهم في تناول المحرمات عند الاضطرار.
ئاللاھ تائالانىڭ ئامالسىز قالغاندا ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقى بەندىلىرىگە قىلغان مېھىر-شەپقىتىدىندۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (143) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો