કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (145) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
قُل لَّآ أَجِدُ فِي مَآ أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّمًا عَلَىٰ طَاعِمٖ يَطۡعَمُهُۥٓ إِلَّآ أَن يَكُونَ مَيۡتَةً أَوۡ دَمٗا مَّسۡفُوحًا أَوۡ لَحۡمَ خِنزِيرٖ فَإِنَّهُۥ رِجۡسٌ أَوۡ فِسۡقًا أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦۚ فَمَنِ ٱضۡطُرَّ غَيۡرَ بَاغٖ وَلَا عَادٖ فَإِنَّ رَبَّكَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىلەر ئىچىدە تۆۋەندىكىلەردىن باشقا ھېچنەرسىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمەن. بۇ ھارام قىلىنغان نەرسىلەر: بوغۇزلىماستىن ئۆزىچە ئۆلۈپ قالغان چاھارپايلار ياكى ئېقىپ چىققان قان ياكى چوشقا گۆشى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار نىجىستۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارمۇ ھارام بولۇپ، بۇلار مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ بوغۇزلانغان نەرسىلەرگە ئوخشاشتۇر. كىمكى قاتتىق ئاچلىقتىن مۇشۇ ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېيىشكە مەجبۇر بوپقالسا، كۆڭلى تارتىپ، يېيىشتىن ھۇزۇرلىنىپ كەتمىگەن ۋە زۆرۈرىيەت مىقدارىدىن ھالقىپ كەتمىگەن ئاساستا يېگەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ كىشىگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ئامالسىزلىقتىن ھارام قىلىنغان نەرسىدىن ئازراق يېگەن كىشىنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• في الآيات دليل على إثبات المناظرة في مسائل العلم، وإثبات القول بالنظر والقياس.
يۇقىردىكى ئايەتلەردە ئىلىم مەسىلىلىرىدە مۇنازىرە قىلىشقا ھەمدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىش ۋە سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈم ئىسپاتلاشقا دەلىل بار.

• الوحي وما يستنبط منه هو الطريق لمعرفة الحلال والحرام.
ۋەھىي ۋە ئۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان ھۆكۈملەر ھالال-ھارامنى تونۇشنىڭ يولىدۇر.

• إن من الظلم أن يُقْدِم أحد على الإفتاء في الدين ما لم يكن قد غلب على ظنه أنه يفتي بالصواب الذي يرضي الله.
بىراۋنىڭ ئاللاھنى رازى قىلىدىغان دەرىجىدە توغرا پەتىۋا بېرەلمەيدىغانلىقى كۆڭلىگە ئايان تۇرۇپمۇ يەنىلا دىندا پەتىۋا بېرىشى شەكسىزكى زۇلۇمدۇر.

• من رحمة الله بعباده الإذن لهم في تناول المحرمات عند الاضطرار.
ئاللاھ تائالانىڭ ئامالسىز قالغاندا ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقى بەندىلىرىگە قىلغان مېھىر-شەپقىتىدىندۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (145) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો