કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (148) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
سَيَقُولُ ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ لَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَآ أَشۡرَكۡنَا وَلَآ ءَابَآؤُنَا وَلَا حَرَّمۡنَا مِن شَيۡءٖۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ حَتَّىٰ ذَاقُواْ بَأۡسَنَاۗ قُلۡ هَلۡ عِندَكُم مِّنۡ عِلۡمٖ فَتُخۡرِجُوهُ لَنَآۖ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَإِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا تَخۡرُصُونَ
مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە تەقدىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ توغرا قىلغانلىقىغا باھانە قىلىپ: ئەگەر ئاللاھ بىزنىڭ ۋە ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ شېرىك كەلتۈرمەسلىكىمىزنى خالىسا ئىدى، بىز ھەرگىزمۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتۇق. ئەگەر ئاللاھ بىز ئۆزىمىزگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلماسلىقىمىزنى خالىسا ئىدى، ئۇ نەرسىلەرنى ھەرگىزمۇ ھارام قىلمىغان بولاتتۇق، دېيىشىدۇ. بۇلاردىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش قۇرۇق باھانىلەرنى كۆرسىتىپ: ئەگەر ئاللاھ بىزنىڭ ئۇلارنى ئىنكار قىلماسلىقىمىزنى خالىسا ئىدى، بىز ئۇلارنى ھەرگىز ئىنكار قىلمايتتۇق، دېگەن ئىدى. ئۇلار تاكى بىزنىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈرگەن ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر ئىزچىل مۇشۇنداق ئىنكارچىلىق قىلىپ كەلگەن. ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرنىڭ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلاردىن ھەمدە ئۆزى ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال، ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىشىڭلاردىن رازى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتىڭلار بارمۇ؟ سىلەرنىڭ مۇشۇ ئىشلارنى قىلغىنىڭلارنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ سىلەردىن رازى ئىكەنلىكىگە پاكىت بولالمايدۇ. شەكسىزكى سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىسىلەر، گۇمان ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. سىلەر پەقەت يالغان ئېيتىۋاتىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الحذر من الجرائم الموصلة لبأس الله؛ لأنه لا يُرَدُّ بأسه عن القوم المجرمين إذا أراده.
ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىدىغان جىنايەتلەردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ گۇناھكارلارنى ئازابلىماقچى بولغاندا ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئازابى قايتۇرۇلمايدۇ.

• الاحتجاج بالقضاء والقدر بعد أن أعطى الله تعالى كل مخلوق قُدْرة وإرادة يتمكَّن بهما من فعل ما كُلِّف به؛ ظُلْمٌ مَحْض وعناد صرف.
ئاللاھ ھەركىمگە بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلالايدىغان قۇدرەت ۋە ئىرادىنى بەرگىنىدىن كېيىن يەنە قازا ۋە قەدەرنى باھانە قىلىش پەقەت زۇلۇم ۋە سەركەشلىكتۇر.

• دَلَّتِ الآيات على أنه بحسب عقل العبد يكون قيامه بما أمر الله به.
يۇقىردىكى ئايەتلەر بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشى ئەقلىگە يارىشا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

• النهي عن قربان الفواحش أبلغ من النهي عن مجرد فعلها، فإنه يتناول النهي عن مقدماتها ووسائلها الموصلة إليها.
گۇناھ - مەئسىيەتكە يېقىنلىشىشتىن چەكلەش گۇناھ مەئسىيەت قىلىشتىنلا چەكلىگەندىن كۈچلۈكرەكتۇر. چۈنكى گۇناھ-مەئسىيەتكە يېقىنلىشىشتىن چەكلەش گۇناھنىڭ مۇقەددىمىلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (148) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો