કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (158) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن تَأۡتِيَهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَوۡ يَأۡتِيَ رَبُّكَ أَوۡ يَأۡتِيَ بَعۡضُ ءَايَٰتِ رَبِّكَۗ يَوۡمَ يَأۡتِي بَعۡضُ ءَايَٰتِ رَبِّكَ لَا يَنفَعُ نَفۡسًا إِيمَٰنُهَا لَمۡ تَكُنۡ ءَامَنَتۡ مِن قَبۡلُ أَوۡ كَسَبَتۡ فِيٓ إِيمَٰنِهَا خَيۡرٗاۗ قُلِ ٱنتَظِرُوٓاْ إِنَّا مُنتَظِرُونَ
ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە پەقەت دۇنيادا جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ كېلىشىنى ياكى ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھېساب كۈنى كېلىشىنى ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ قىيامەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۆجىزىلىرىدىن بىرەرى كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ -قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشىغا ئوخشاش- بىرەر مۆجىزىسى كەلگەن كۈندە كاپىرنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياخشىلىق قىلمىغان مۇئمىننىڭ بۇ چاغدا قىلغان ياخشىلىقىنىڭمۇ پايدىسى بولمايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ مۇشرىكلارغا: سىلەرمۇ مۇشۇ ئىشلارنىڭ بىرىنى كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتىمىز، دېگىن.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• أن الدين يأمر بالاجتماع والائتلاف، وينهى عن التفرق والاختلاف.
شەكسىزكى دىن بىرلىشىشكە ۋە ئىتتىپاقلىشىشقا بۇيرۇپ، تەپرىقىچىلىكتىن ۋە ئىختىلاپلىشىشتىن چەكلەيدۇ.

• من تمام عدله تعالى وإحسانه أنه يجازي بالسيئة مثلها، وبالحسنة عشرة أمثالها، وهذا أقل ما يكون من التضعيف.
يامانلىققا ئۆزىگە تۇشلۇق جازا بېرىپ، بىر ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىنى ئون ھەسسە كۆپەيتىپ بېرىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتى ۋە ئېھسانىنىڭ مۇكەممىلىكىدىندۇركى، بۇ، ياخشىلىقلارنىڭ ھەسسىلىنىشىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەكتۇر.

• الدين الحق القَيِّم يتطَلب تسخير كل أعمال العبد واهتماماته لله عز وجل، فله وحده يتوجه العبد بصلاته وعبادته ومناسكه وذبائحه وجميع قرباته وأعماله في حياته وما أوصى به بعد وفاته.
ھەق، توغرا دىن بەندىنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرىنى ۋە ئوي-خىياللىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا بەندە نامىزى، ئىبادىتى، ھەجلىرى، قۇربانلىقلىرى، ھاياتىدىكى پۈتۈن ئەمەللىرى ھەمدە ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ۋەسىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە يېگانە ئاللاھقىلا يۈزلىنىدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (158) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો