કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (19) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
قُلۡ أَيُّ شَيۡءٍ أَكۡبَرُ شَهَٰدَةٗۖ قُلِ ٱللَّهُۖ شَهِيدُۢ بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡۚ وَأُوحِيَ إِلَيَّ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانُ لِأُنذِرَكُم بِهِۦ وَمَنۢ بَلَغَۚ أَئِنَّكُمۡ لَتَشۡهَدُونَ أَنَّ مَعَ ٱللَّهِ ءَالِهَةً أُخۡرَىٰۚ قُل لَّآ أَشۡهَدُۚ قُلۡ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ وَإِنَّنِي بَرِيٓءٞ مِّمَّا تُشۡرِكُونَ
ئەي پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ كاتتا گۇۋاھچىسى قايسى؟ ئېيتقىنكى، مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىغا ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ كاتتا گۇۋاھچى ئاللاھتۇر. ئۇ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى گۇۋاھچىدۇر. ئۇ مەن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ۋە سىلەرنىڭ ئۇنى رەت قىلغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ماڭا بۇ قۇرئاننى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھىي قىلغان. مەن قۇرئان بىلەن ئۇ يېتىپ بارغان ئىنسان ۋە جىنلارنى ئاگاھلاندۇرىمەن. ئەي مۇشرىكلار! شەكسىزكى سىلەر ئاللاھ تائالا بىلەن يەنە باشقا مەبۇدلارمۇ بار دەپ ئېتىقاد قىلىسىلەر. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەن سىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلغىنىڭلار ئاساسسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرمەيمەن. پەقەت ئاللاھ تائالالا يېگانە ئىلاھتۇركى، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، شەكسىزكى مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان بارچە نەرسىلەردىن ئادا-جۇدامەن.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• بيان الحكمة في إرسال النبي عليه الصلاة والسلام بالقرآن، من أجل البلاغ والبيان، وأعظم ذلك الدعوة لتوحيد الله.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇرئان كەرىم بىلەن بىرگە ئەۋەتىشتىكى ھېكمەتنىڭ، ئۇنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ۋە بايان قىلىش ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىگە دەۋەت قىلىش ئىكەنلكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

• نفي الشريك عن الله تعالى، ودحض افتراءات المشركين في هذا الخصوص.
ئاللاھ تائالانىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ، مۇشرىكلارنىڭ بۇ ھەقتىكى يالغان-ياۋىداقلىرىنى بەربات قىلىدۇ.

• بيان معرفة اليهود والنصارى للنبي عليه الصلاة والسلام، برغم جحودهم وكفرهم.
يەھۇدىي ۋە ناسارالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىپ كاپىر بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (19) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો