કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (34) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
وَلَقَدۡ كُذِّبَتۡ رُسُلٞ مِّن قَبۡلِكَ فَصَبَرُواْ عَلَىٰ مَا كُذِّبُواْ وَأُوذُواْ حَتَّىٰٓ أَتَىٰهُمۡ نَصۡرُنَاۚ وَلَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَٰتِ ٱللَّهِۚ وَلَقَدۡ جَآءَكَ مِن نَّبَإِيْ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
ئۇلارنىڭ بۇ ئىنكارچىلىقىنى پەقەت ئۆزۈڭ ئېلىپ كەلگەن نەرسىگىلا خاس دەپ ئويلاپ قالمىغىن. چۈنكى سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىنغان، قەۋمى ئۇلارغا كۆپ ئەزىيەت بەرگەن ئىدى. لېكىن پەيغەمبەرلەر بۇ ئەزىيەتلەرگە تاكى ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە قەدەر دىنغا دەۋەت قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىشتا سەۋرچان بولۇش ئارقىلىق تاقابىل تۇردى. ئاللاھ تەقدىردە پۈتۈۋەتكەن ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ۋەدە قىلغان ياردەمنى ئۆزگەرتىۋەتكۈچى يوق. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن ساڭا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلار ئۆز قەۋملىرىدىن ئۇچرىغان ئازار-كۈلپەتلەر ھەمدە ئاللاھنىڭ ئۇلارغا دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق بەرگەن ياردەملىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر يېتىپ كەلدى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• من عدل الله تعالى أنه يجمع العابد والمعبود والتابع والمتبوع في عَرَصات القيامة ليشهد بعضهم على بعض.
يۇقىرىقى ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئابىد ۋە مەبۇد، ئەگەشكۈچى ۋە ئەگەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىنى بىر-بىرىگە گۇۋاھچى قىلىش ئۈچۈن قىيامەت مەيدانىغا توپلىشى ئۇنىڭ ئادالىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.

• ليس كل من يسمع القرآن ينتفع به، فربما يوجد حائل مثل ختم القلب أو الصَّمَم عن الانتفاع أو غير ذلك.
قۇرئاننى ئاڭلىغان ھەركىم ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ. چۈنكى بەزىدە قەلب مۆھۈرى ياكى قۇلاق مۆھۈرىگە ئوخشاش مەنپەئەتلىنىش ۋە باشقا ئىشلاردىن توسۇپ قالىدىغان توسالغۇلار مەۋجۇتتۇر.

• بيان أن المشركين وإن كانوا يكذبون في الظاهر فهم يستيقنون في دواخلهم بصدق النبي عليه الصلاة والسلام.
مۇشرىكلارنىڭ كۆرۈنۈشتە يالغانغا چىقارغاندەك قىلسىمۇ، ئىچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىللىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

• تسلية النبي عليه الصلاة والسلام ومواساته بإعلامه أن هذا التكذيب لم يقع له وحده، بل هي طريقة المشركين في معاملة الرسل السابقين.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ ئىنكارچىلىققا يالغۇز ئۆزىنىڭلا ئۇچرىمىغانلىقىنى، بەلكى بۇ، مۇشرىكلارنىڭ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىش ۋە ھېسداشلىق قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (34) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો