કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (41) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
بَلۡ إِيَّاهُ تَدۡعُونَ فَيَكۡشِفُ مَا تَدۡعُونَ إِلَيۡهِ إِن شَآءَ وَتَنسَوۡنَ مَا تُشۡرِكُونَ
ئەمەلىيەتتە سىلەر ئاشۇ چاغدا ئۆزۈڭلارنى ياراتقان ئاللاھنىڭ غەيرىگە يېلىنمايسىلەر. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سىلەردىن ئۇ خاپىلىقنى قايتۇرۇۋېتىدۇ، زىياننى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇنىڭ ئىگىسى ھەم شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر. ئەمما ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق پايدا-زىيان ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• تشبيه الكفار بالموتى؛ لأن الحياة الحقيقية هي حياة القلب بقَبوله الحق واتباعه طريق الهداية.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر كاپىرلارنى ئۆلۈككە ئوخشىتىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي ھاياتلىق ھەقنى قوبۇل قىلىش ۋە توغرا يولغا ئەگىشىش ئارقىلىق قەلبنىڭ ھاياتلىققا ئېرىشىشىدۇر.

• من حكمة الله تعالى في الابتلاء: إنزال البلاء على المخالفين من أجل تليين قلوبهم وردِّهم إلى ربهم.
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى سىنىشىدىكى ھېكمەتلىرىدىن بىرى: ئەمىر-پەرمانلىرىغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ قەلبلىرىنى يۇمشىتىپ، پەرۋەردىگارى تەرەپكە قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك خاپىلىقلارغا مۇپتىلا قىلىشتۇر.

• وجود النعم والأموال بأيدي أهل الضلال لا يدل على محبة الله لهم، وإنما هو استدراج وابتلاء لهم ولغيرهم.
گۇمراھلارنىڭ قولىدا ئىقتىساد ۋە مال-دۇنيالارنىڭ بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ. بۇ پەقەت ئۇلارنى ۋە باشقىلارنى تۇيدۇرماي ھالاك قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (41) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો