કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (43) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
فَلَوۡلَآ إِذۡ جَآءَهُم بَأۡسُنَا تَضَرَّعُواْ وَلَٰكِن قَسَتۡ قُلُوبُهُمۡ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
كاشكى ئۇلار باشلىرىغا سىناقلىرىمىز كەلگەن چاغدا ئۆزلىرىدىن بۇ خاپىلىقلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئاللاھقا باش ئېگىپ، بويسۇنغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىز ئۇلارغا مەرھەمەت قىلاتتۇق. لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن بولغاچقا، ئىبرەت ۋە ساۋاق ئالمىدى، شەيتان ئۇلارغا ئۆزلىرى قىلغان كۇپرى ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى چىرايلىق كۆرسەتتى. نەتىجىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىنى داۋاملاشتۇردى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• تشبيه الكفار بالموتى؛ لأن الحياة الحقيقية هي حياة القلب بقَبوله الحق واتباعه طريق الهداية.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر كاپىرلارنى ئۆلۈككە ئوخشىتىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي ھاياتلىق ھەقنى قوبۇل قىلىش ۋە توغرا يولغا ئەگىشىش ئارقىلىق قەلبنىڭ ھاياتلىققا ئېرىشىشىدۇر.

• من حكمة الله تعالى في الابتلاء: إنزال البلاء على المخالفين من أجل تليين قلوبهم وردِّهم إلى ربهم.
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى سىنىشىدىكى ھېكمەتلىرىدىن بىرى: ئەمىر-پەرمانلىرىغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ قەلبلىرىنى يۇمشىتىپ، پەرۋەردىگارى تەرەپكە قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك خاپىلىقلارغا مۇپتىلا قىلىشتۇر.

• وجود النعم والأموال بأيدي أهل الضلال لا يدل على محبة الله لهم، وإنما هو استدراج وابتلاء لهم ولغيرهم.
گۇمراھلارنىڭ قولىدا ئىقتىساد ۋە مال-دۇنيالارنىڭ بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ. بۇ پەقەت ئۇلارنى ۋە باشقىلارنى تۇيدۇرماي ھالاك قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (43) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો