કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (56) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
قُلۡ إِنِّي نُهِيتُ أَنۡ أَعۡبُدَ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِۚ قُل لَّآ أَتَّبِعُ أَهۡوَآءَكُمۡ قَدۡ ضَلَلۡتُ إِذٗا وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُهۡتَدِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ مېنى سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلىدى. يەنە ئېيتقىنكى، مەن ئاللاھتىن باشقىغا تېۋىنىشتا سىلەرنىڭ خاھىشىڭلار بويىچە ئىش قىلمايمەن. مۇبادا بۇ ئىشتا سىلەرنىڭ خاھىشىڭلار بويىچە ئىش قىلىپ قالسام، توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن بولىمەن، ھىدايەت تاپالمايمەن. بۇ، ئاللاھتىن كەلگەن پاكىتنى قويۇپ ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئەھۋالىدۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الله تعالى يجعل العباد بعضهم فتنة لبعض، فتتفاوت درجاتهم في الرزق وفي الكفر والإيمان، والكفر والإيمان ليس منوطًا بسعة الرزق وضيقه.
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى بىر-بىرى ئارقىلىق ئىمتىھان قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ رىزىق ۋە كۇپرى-ئىماندىكى دەرىجىلىرى پەرقلىق بولىدۇ. كۇپرى بىلەن ئىمان رىزىقنىڭ كەڭرى ياكى تار بولۇشىغا باغلىق ئەمەس.

• من أخلاق الداعية طلاقة الوجه وإلقاء التحية والتبسط والسرور بأصحابه.
خۇشچىراي بولۇش، باشقىلارغا سالام قىلىش، ئوچۇق-يورۇق بولۇش، ھەمراھلىرىدىن خۇرسەنلىك ھېس قىلىش دەۋەتچىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• على الداعية اجتناب الأهواء في عقيدته ومنهجه وسلوكه.
دەۋەتچىلەر ئەقىدىسىدە، تۇتقان يولىدا ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

• إثبات تفرد الله عز وجل بعلم الغيب وحده لا شريك له، وسعة علمه في ذلك، وأنه لا يفوته شيء ولا يعزب عنه من مخلوقاته شيء إلا وهو مثبت مدوَّن عنده سبحانه بأدق تفاصيله.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ غەيىبنى بىلىشتە يالغۇزلۇقىنى، ھېچ قانداق شېرىكى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلمىنىڭ نەقەدەر كەڭلىكىنى، مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ تېشىدا قالمايدىغانلىقىنى، ھەممە نەرسىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە پۈتۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (56) સૂરહ: અલ્ અન્આમ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો