કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (23) સૂરહ: અલ્ અઅરાફ
قَالَا رَبَّنَا ظَلَمۡنَآ أَنفُسَنَا وَإِن لَّمۡ تَغۡفِرۡ لَنَا وَتَرۡحَمۡنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ
ئادەم بىلەن ھەۋۋا: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! بىز سەن يېيىشتىن چەكلىگەن دەرەختىن يېيىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق. ئەگەر سەن گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلمىساڭ، ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، ئەلۋەتتە بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى نېسىۋىمىزنى زايە قىلىش ئارقىلىق زىيان تارتقۇچىلاردىن بوپقالىمىز» دېدى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• من أَشْبَهَ آدم بالاعتراف وسؤال المغفرة والندم والإقلاع - إذا صدرت منه الذنوب - اجتباه ربه وهداه. ومن أَشْبَهَ إبليس - إذا صدر منه الذنب بالإصرار والعناد - فإنه لا يزداد من الله إلا بُعْدًا.
كىمكى -ئۆزىدىن گۇناھ سادىر بولغاندا- خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىش ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئۆزىنى تارتىش ئارقىلىق ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىسا، پەرۋەردىگارى ئۇنى تاللاپ، ھىدايەت قىلىدۇ. كىمكى -ئۆزىدىن گۇناھ سادىر بولغاندا- خاتالىقتا چىڭ تۇرۇپ، تەرسالىق قىلىش ئارقىلىق ئىبلىسقا ئوخشىسا، ئۇ چوقۇم ئاللاھ تائالادىن تېخىمۇ يىراقلاپ كېتىدۇ.

• اللباس نوعان: ظاهري يستر العورةَ، وباطني وهو التقوى الذي يستمر مع العبد، وهو جمال القلب والروح.
كىيىم-كېچەك ئىككى تۈرلۈكتۇر: ئەۋرەتنى يېپىپ تۇرىدىغان تاشقىي كىيىم ۋە ئىچكى كىيىم. بۇ ئىچكى كىيىم ھەر دائىم بەندىدە بولۇشى كېرەك بولغان تەقۋادارلىق بولۇپ، ئۇ قەلب ۋە روھنىڭ گۈزەللىكىدۇر.

• كثير من أعوان الشيطان يدعون إلى نزع اللباس الظاهري؛ لتنكشف العورات، فيهون على الناس فعل المنكرات وارتكاب الفواحش.
شەيتاننىڭ كۆپلىگەن ياردەمچىلىرى ئەۋرەتنىڭ ئېچىلىپ قېلىشى ئۈچۈن تاشقىي كىيىملەرنى سېلىۋېتىشكە چاقىرىدۇ، نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ چەكلەنگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىشى قولايلىشىدۇ.

• أن الهداية بفضل الله ومَنِّه، وأن الضلالة بخذلانه للعبد إذا تولَّى -بجهله وظلمه- الشيطانَ، وتسبَّب لنفسه بالضلال.
شەكسىزكى ھىدايەت ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە ئېھسانى بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئازغۇنلۇق بولسا، بەندە نادانلىقى ۋە زالىملىقىدىن شەيتاننى دوست تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئېزىشىغا سەۋەب بولغان چاغدا ئاللاھ ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكتىن بولىدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (23) સૂરહ: અલ્ અઅરાફ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો