કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (32) સૂરહ: અલ્ અઅરાફ
قُلۡ مَنۡ حَرَّمَ زِينَةَ ٱللَّهِ ٱلَّتِيٓ أَخۡرَجَ لِعِبَادِهِۦ وَٱلطَّيِّبَٰتِ مِنَ ٱلرِّزۡقِۚ قُلۡ هِيَ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا خَالِصَةٗ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ھالال قىلغان لىباسلارنى ۋە پاك رىزىقلارنى ھارام قىلىدىغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتقىنكى، سىلەرنىڭ زىننىتىڭلار بولغان لىباسنى كىم ھارام قىلدى؟ ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى سىلەرگە كىم ھارام قىلدى؟ ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھاياتىي دۇنيادا مۇئمىنلەرگە بېرىلگەن ئاشۇ پاك نەرسىلەر -گەرچە ئۇلارغا دۇنيادا باشقىلار شېرىك بولۇۋالغان بولسىمۇ- قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەرگىلا مەنسۇپتۇر، قىيامەتتە كاپىرلار ئۇنىڭغا شېرىك بولالمايدۇ. چۈنكى جەننەت كاپىرلارغا ھارام قىلىنغان. چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى شۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. چۈنكى ئۇلار بۇ ئايەتلەردىن مەنپەئەت ئالالايدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• المؤمن مأمور بتعظيم شعائر الله من خلال ستر العورة والتجمل في أثناء صلاته وخاصة عند التوجه للمسجد.
مۇئمىن ناماز ئوقۇغىنىدا، بولۇپمۇ مەسجىدكە بارغىنىدا ئەۋرەتنى يېپىش ۋە چىرايلىق كىيىنىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ شۇئارلىرىنى ئۇلۇغلاشقا بۇيرۇلغاندۇر.

• من فسر القرآن بغير علم أو أفتى بغير علم أو حكم بغير علم فقد قال على الله بغير علم وهذا من أعظم المحرمات.
كىمكى قۇرئاننى بىلمەي تۇرۇپ تەپسىر قىلسا ياكى ئىلىمسىز پەتىۋا بەرسە ياكى ھۆكۈم قىلسا، بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھ مۇنداق دېدى، دېگەن بولىدۇ. بۇ بولسا ئەڭ چوڭ ھاراملارنىڭ بىرىدۇر.

• في الآيات دليل على أن المؤمنين يوم القيامة لا يخافون ولا يحزنون، ولا يلحقهم رعب ولا فزع، وإذا لحقهم فمآلهم الأمن.
ئايەتلەردە مۇئمىنلەرنىڭ قىيامەت كۈنى قورقمايدىغانلىقى، قايغۇرمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارغا نە قورقۇنچ، نە بىئارامچىلىق بولمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خاتىرجەملىك بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار.

• أظلم الناس من عطَّل مراد الله تعالى من جهتين: جهة إبطال ما يدل على مراده، وجهة إيهام الناس بأن الله أراد منهم ما لا يريده الله.
ئاللاھنىڭ مەقسىتىنى ئىككى تەرەپتىن، يەنى: بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ مەقسىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىشارىلەرنى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارغا ئاللاھ ئىرادە قىلمىغاننى ئىرادە قىلغاندەك گۇمانغا سالىدىغان ئادەملەر ئەڭ زالىملاردۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર આયત: (32) સૂરહ: અલ્ અઅરાફ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો