Check out the new design

કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ મઆરિજ   આયત:
يُبَصَّرُونَهُمۡۚ يَوَدُّ ٱلۡمُجۡرِمُ لَوۡ يَفۡتَدِي مِنۡ عَذَابِ يَوۡمِئِذِۭ بِبَنِيهِ
ھەر ئىنسان يېقىن تۇغقىنىنى ئوپئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇ ۋاقىت ھەم جاينىڭ قورقۇنچىدىن بىر - بىرىدىن ھال سورالمايدۇ. دوزاخقا تېگىشلىك بولغانلار ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئازابلىنىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان ھەمدە مۈشكۈل پەيتلەردە ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان قەۋم قېرىنداشلىرىنى، ھەتتا يەر يۈزدىكى ئىنسان، جىن ۋە باشقا پۈتۈن مەۋجۇداتنى پىدا قىلىش بەدىلىگە بولسىمۇ دوزاخ ئازابىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَصَٰحِبَتِهِۦ وَأَخِيهِ

وَفَصِيلَتِهِ ٱلَّتِي تُـٔۡوِيهِ

وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا ثُمَّ يُنجِيهِ

كَلَّآۖ إِنَّهَا لَظَىٰ
ئەمما ئىش بۇ گۇناھكار ئارزۇ قىلغاندەك بولمايدۇ. شەكسىزكى دوزاخ ئوتى يالقۇنجاپ، يېنىپ تۇرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
نَزَّاعَةٗ لِّلشَّوَىٰ
دوزاخ ئوتىنىڭ يۇقىرى ھارارىتى ۋە يالقۇنجىشىدىن باشنىڭ تېرىسى شىلىنىپ ئاجراپ كېتىدۇ.
અરબી તફસીરો:
تَدۡعُواْ مَنۡ أَدۡبَرَ وَتَوَلَّىٰ
دوزاخ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كەتكەن، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ۋە ئەمەل قىلمىغانلارنى، مال - دۇنيا توپلاپ، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلغانلارنى چاقىرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَجَمَعَ فَأَوۡعَىٰٓ
دوزاخ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كەتكەن، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ۋە ئەمەل قىلمىغانلارنى، مال - دۇنيا توپلاپ، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلغانلارنى چاقىرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
۞ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ خُلِقَ هَلُوعًا
ھەقىقەتەن ئىنسان ئىنتايىن چىدامسىز يارىتىلدى.
અરબી તફસીરો:
إِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ جَزُوعٗا
ئۇنىڭغا كېسەللىك ياكى كەمبەغەللىك دېگەندەك بىرەر خاپىلىق يەتسە زارلانغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
وَإِذَا مَسَّهُ ٱلۡخَيۡرُ مَنُوعًا
ئەگەر ئۇنىڭغا مولچىلىق ۋە بايلىق دېگەندەك خۇرسەن قىلىدىغان ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، ئۇ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِلَّا ٱلۡمُصَلِّينَ
پەقەت نامازلىرىنى ئادا قىلغۇچىلارلا ئاشۇ ناچار ئىللەتلەردىن ساغلام كىشىلەردۇر.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ دَآئِمُونَ
ئۇلار داۋاملىق نامازلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، نامازلىرىدىن غەپلەتتە قالمايدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئادا قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ فِيٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ حَقّٞ مَّعۡلُومٞ
ئۇلارنىڭ ماللىرىدا پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن، مۇئەييەن ھەقلەر بار.
અરબી તફસીરો:
لِّلسَّآئِلِ وَٱلۡمَحۡرُومِ
ئۇلار ماللىرىدىكى بەلگىلەنگەن ھەقلەرنى ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن رىزىقتىن مەھرۇم قالغانلار ئىچىدىن سورىغانلارغىمۇ، سورىمىغانلارغىمۇ بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ يُصَدِّقُونَ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ
ئۇلار قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ. ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالا ھەركىمگە تېگىشلىك جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ هُم مِّنۡ عَذَابِ رَبِّهِم مُّشۡفِقُونَ
ئۇلار شۇنداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ تۇرۇپمۇ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورۇققۇچىلاردۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ عَذَابَ رَبِّهِمۡ غَيۡرُ مَأۡمُونٖ
ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى قورقۇنۇچلۇق بولۇپ، ئەقىللىق ئادەم ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِفُرُوجِهِمۡ حَٰفِظُونَ
ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى يېپىش ۋە ناشايان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر.
અરબી તફસીરો:
إِلَّا عَلَىٰٓ أَزۡوَٰجِهِمۡ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ فَإِنَّهُمۡ غَيۡرُ مَلُومِينَ
پەقەت خوتۇنلىرى ۋە قول ئاستىدىكى دېدەك - چۆرىلىرىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇش ۋە باشقا شەكىللەردە مەنپەتلەنگەنلىكىگە قارىتا مالامەت قىلىنمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَمَنِ ٱبۡتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡعَادُونَ
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى كۆزلەيدىغانلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەردۇر.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِأَمَٰنَٰتِهِمۡ وَعَهۡدِهِمۡ رَٰعُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىگە ئامانەت قويۇلغان مال - مۈلۈك، مەخپىي سىرلار ۋە باشقا نەرسىلەرنى جايىدا ساقلايدۇ. كىشىلەر بىلەن قىلىشقان ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئامانەتلىرىگە خىيانەت قىلمايدۇ، ئەھدىلىرىنى بۇزمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ هُم بِشَهَٰدَٰتِهِمۡ قَآئِمُونَ
ئۇلار تەلەپ قىلىنغان رەۋىشتە توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇركى، (گۇۋاھلىق بەرگەندە) يېقىنلىق ياكى دۈشمەنلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ يُحَافِظُونَ
ئۇلار نامازلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا، مۇكەممەل تاھارەت ۋە تەمكىنلىك بىلەن ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگۈچىلەردۇر. ئۇلارنى نامازلىرىدىن ھېچ نەرسە غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
أُوْلَٰٓئِكَ فِي جَنَّٰتٖ مُّكۡرَمُونَ
ئەنە شۇ مەزكۇر سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نازۇنېئمەتلەرگە ۋە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراش شەرىپىگە نائىل بولغۇچىلاردۇر.
અરબી તફસીરો:
فَمَالِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ قِبَلَكَ مُهۡطِعِينَ
ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ قەۋمىڭدىن بولغان بۇ مۇشرىكلارنى سېنى ئىنكار قىلىشقا ئالدىرىغان ھالدا ئەتراپىڭغا يىغقان نەرسە نېمە؟
અરબી તફસીરો:
عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَعَنِ ٱلشِّمَالِ عِزِينَ
ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭغا ئولىشىپ، توپ - توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
أَيَطۡمَعُ كُلُّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُمۡ أَن يُدۡخَلَ جَنَّةَ نَعِيمٖ
ئۇلاردىن ھەر بىرى ئاللاھ ئۆزلىرىنى نېئمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزسە، كاپىر تۇرۇپمۇ جەننەتتىكى مەڭگۈلۈك نېئمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۈمىد قىلامدۇ؟
અરબી તફસીરો:
كَلَّآۖ إِنَّا خَلَقۡنَٰهُم مِّمَّا يَعۡلَمُونَ
ئىش ئۇلار خىيال قىلغاندەك بولمايدۇ. ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلىدىغان نەرسىدىن ياراتتۇق، يەنى ئۇلارنى ئەرزىمەس مەنىي ئىسپىرمىدىن ياراتتۇق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پايدا - زىيىنىغىمۇ ئىگە بولالمايدىغان دەرىجىدە ئاجىز تۇرسا، قانداقسىگە تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ؟
અરબી તફસીરો:
فَلَآ أُقۡسِمُ بِرَبِّ ٱلۡمَشَٰرِقِ وَٱلۡمَغَٰرِبِ إِنَّا لَقَٰدِرُونَ
ئاللاھ تائالا ئۆز زاتى بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇ شەرق، شىمال، غەرب، جەنۇپ، قۇياش، ئاي ۋە باشقا پىلانىتلارنىڭ رەببىدۇر، بىز ئەلۋەتتە ھەممىگە قادىر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• شدة عذاب النار حيث يود أهل النار أن ينجوا منها بكل وسيلة مما كانوا يعرفونه من وسائل الدنيا.
دوزاخ ئازابىنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاخ ئەھلى دۇنيادا بىلىدىغانلىكى ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇ ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

• الصلاة من أعظم ما تكفَّر به السيئات في الدنيا، ويتوقى بها من نار الآخرة.
ناماز دۇنيادىكى خاتالىقلارنى يوققا چىقىرىدىغان ھەمدە دوزاخنىڭ ئوتىدىن ساقلىنىشقا قالقان بولىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىلدۇر.

• الخوف من عذاب الله دافع للعمل الصالح.
ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇش ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ મઆરિજ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

તફસીર લિદ્ દિરાસતીલ્ કુરઆનિયહ કેન્દ્ર દ્વારા પ્રકાશિત.

બંધ કરો