કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અન્ નબા   આયત:

سۈرە نەبەئ

સૂરતના હેતુઓ માંથી:
بيان أدلة القدرة على البعث والتخويف من العاقبة.
ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلدۈرۈشكە بولغان قۇدىرتىنىڭ دەلىللىرى ۋە بۇنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ يامانلىقىنىڭ بايانى .

عَمَّ يَتَسَآءَلُونَ
ئۇ مۇشرىكلار، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەندىن كېيىن نېمە ھەققىدە سورىشىدۇ؟
અરબી તફસીરો:
عَنِ ٱلنَّبَإِ ٱلۡعَظِيمِ
ئۇلار بىر - بىرىدىن چوڭ بىر خەۋەر ھەققىدە سورىشىدۇ. ئۇ چوڭ خەۋەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئاننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدۇر.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِي هُمۡ فِيهِ مُخۡتَلِفُونَ
بۇ قۇرئاننى ئۇلار سېھىر، شېئىر، رەمماللىق، ئىلگىرىكىلەردىن قالغان ئەپسانە دېگەندەك خىلمۇخىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتى.
અરબી તફસીરો:
كَلَّا سَيَعۡلَمُونَ
ئەمەلىي ئەھۋال ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس. قۇرئاننى ئىنكار قىلغان بۇ كاززاپلار ئىنكارلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىدۇ.
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ كَلَّا سَيَعۡلَمُونَ
كەلگۈسىدە بۇ ئىش ئۇلارغا ئېنىق بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
أَلَمۡ نَجۡعَلِ ٱلۡأَرۡضَ مِهَٰدٗا
بىز زېمىننى ئۇلار ئۈچۈن ياشىغىلى بولىدىغان بىسات قىلمىدۇقمۇ؟
અરબી તફસીરો:
وَٱلۡجِبَالَ أَوۡتَادٗا
تاغلارنى زېمىنىڭ تەۋرەپ كېتىشىدىن ساقلايدىغان قوزۇقنىڭ ئورنىدا قىلمىدۇقمۇ؟
અરબી તફસીરો:
وَخَلَقۡنَٰكُمۡ أَزۡوَٰجٗا
ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى تۈرلەر ھالىتىدە ياراتتۇقكى، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ بار.
અરબી તફસીરો:
وَجَعَلۡنَا نَوۡمَكُمۡ سُبَاتٗا
ئۇيقۇڭلارنى ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئىش - پائالىيەتتىن ئۈزگۈچى قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَجَعَلۡنَا ٱلَّيۡلَ لِبَاسٗا
خۇددى لىباس ئەۋرەتلىرىڭلارنى ياپقىنىغا ئوخشاش، كېچىنى ئۆز قاراڭغۇلۇقى بىلەن سىلەرنى ياپىدىغان سۈترە قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَجَعَلۡنَا ٱلنَّهَارَ مَعَاشٗا
كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىش ۋە رىزىق ئىزدەش مەيدانى قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَبَنَيۡنَا فَوۡقَكُمۡ سَبۡعٗا شِدَادٗا
ئۈستۈ ڭلاردا قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم، پۇختا يەتتە قات ئاسماننى بىنا قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَجَعَلۡنَا سِرَاجٗا وَهَّاجٗا
قۇياشنى يورۇقى ۋە نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك چىراق قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلۡمُعۡصِرَٰتِ مَآءٗ ثَجَّاجٗا
ۋاقتى كەلگەندە بۇلۇتتىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق.
અરબી તફસીરો:
لِّنُخۡرِجَ بِهِۦ حَبّٗا وَنَبَاتٗا
بۇ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىپ بېرىشىمىز ئۈچۈندۇر.
અરબી તફસીરો:
وَجَنَّٰتٍ أَلۡفَافًا
بىز ئۇ ئارقىلىق دەل - دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن، ئىنتايىن بولۇق باغلارنى چىقىرىپ بېرىمىز.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ يَوۡمَ ٱلۡفَصۡلِ كَانَ مِيقَٰتٗا
شەكسىزكى خالايىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈن ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلگەن بىر كۈندۇركى، ئۇنىڭدا قەتئىي كېچىكىپ قېلىش يوق.
અરબી તફસીરો:
يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِ فَتَأۡتُونَ أَفۡوَاجٗا
پەرىشتە ئىككىنچى قېتىم سۈرنى پۈۋلىگەن چاغدا -ئەي ئىنسانلار- سىلەر توپ - توپ بولۇپ كېلىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
وَفُتِحَتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتۡ أَبۡوَٰبٗا
ئاسمان ئېچىلىپ، ئۇنىڭ ئوچۇق ئىشىكلەرگە ئوخشاش تۆشۈكلىرى بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَسُيِّرَتِ ٱلۡجِبَالُ فَكَانَتۡ سَرَابًا
تاغلار ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، نىھايەت ئۇچۇپ يۈرگەن توزانغا ئايلىنىپ، سەرابتەك بوپكېتىدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتۡ مِرۡصَادٗا
شەكسىزكى جەھەننەم (كاپىرلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
لِّلطَّٰغِينَ مَـَٔابٗا
جەھەننەم زالىملارنىڭ ئاخىرى قايتىدىغان جايىدۇر.
અરબી તફસીરો:
لَّٰبِثِينَ فِيهَآ أَحۡقَابٗا
ئۇلار جەھەننەمدە چەكسىز ئۇزۇن زامان قالىدۇ.
અરબી તફસીરો:
لَّا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرۡدٗا وَلَا شَرَابًا
ئۇلار جەھەننەمدە دوزاخ يالقۇنىنىڭ ھارارىتىنى سوۋۇتىدىغان سالقىن ھاۋاغا ئېرىشەلمەيدۇ، يەنە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بىرەر ئىچىملىكنى تېتىيالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِلَّا حَمِيمٗا وَغَسَّاقٗا
ئۇلار پەقەت ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قايناق سۇ ۋە دوزىخىيلارنىڭ بەدەنلىرىدىن ئېچىقىپ چىقىدىقان قان - يېرىڭ ئارىلاشمىلىرىنىلا ئىچىدۇ.
અરબી તફસીરો:
جَزَآءٗ وِفَاقًا
بۇ، ئۇلارنىڭ كۇپرىسى ۋە ئازغۇنلۇقلىرىغا مۇۋاپىق جازادۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّهُمۡ كَانُواْ لَا يَرۡجُونَ حِسَابٗا
ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ئاللاھنىڭ قىيامەتتە ئۆزلىرىدىن ھېساب ئېلىشىدىن قورقمايتتى. چۈنكى ئۇلار قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەيتتى. ئەگەر ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشتىن قورققان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولاتتى.
અરબી તફસીરો:
وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا كِذَّابٗا
ئۇلار يەنە بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلاتتى.
અરબી તફસીરો:
وَكُلَّ شَيۡءٍ أَحۡصَيۡنَٰهُ كِتَٰبٗا
بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئەمىلىنى خاتىرلەپ، ساناپ تۇرغان ئىدۇق. يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەل دەپتەرلىرىگە پۈتۈلگەندۇر.
અરબી તફસીરો:
فَذُوقُواْ فَلَن نَّزِيدَكُمۡ إِلَّا عَذَابًا
ئەي زالىملار! بۇ ئۈزلۈكسىز ئازابنى تېتىڭلار. بىز سىلەرنىڭ ئازابىڭلارغا پەقەت ئازابنىلا قوشىمىز.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• إحكام الله للخلق دلالة على قدرته على إعادته.
ئاللاھنىڭ يارىتىشىنىڭ پۇختىلىقى ئۇنىڭ قايتا تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

• الطغيان سبب دخول النار.
زۇلۇم دەۋزەخكە كىرىشكە سەۋەپ بولىدۇ.

• مضاعفة العذاب على الكفار.
كاپىرلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ.

إِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ مَفَازًا
پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغان جەننەتكە ئېرىشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
حَدَآئِقَ وَأَعۡنَٰبٗا
ئۇ نېئمەتەلەر بوستانلىق ۋە ئۈزۈمزار باغلاردۇر .
અરબી તફસીરો:
وَكَوَاعِبَ أَتۡرَابٗا
كۆكسى كۆتۈرۈلگەن، تەڭتۇش قىزلاردۇر.
અરબી તફસીરો:
وَكَأۡسٗا دِهَاقٗا
شاراپ تولدۇرۇلغان جاملاردۇر.
અરબી તફસીરો:
لَّا يَسۡمَعُونَ فِيهَا لَغۡوٗا وَلَا كِذَّٰبٗا
ئۇلار جەننەتتە ھېچبىر بىكار گەپ ئاڭلىمايدۇ، يالغان سۆز ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار بىر - بىرىگە يالغان گەپ قىلمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
جَزَآءٗ مِّن رَّبِّكَ عَطَآءً حِسَابٗا
مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ بەرگەن يېتەرلىك مۇكاپاتتۇر.
અરબી તફસીરો:
رَّبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا ٱلرَّحۡمَٰنِۖ لَا يَمۡلِكُونَ مِنۡهُ خِطَابٗا
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ شەپقەتچىسىدۇركى، زېمىندىكى ياكى ئاسماندىكى ھەر كىم ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچبىر سوئال سورىيالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
يَوۡمَ يَقُومُ ٱلرُّوحُ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ صَفّٗاۖ لَّا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنۡ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَقَالَ صَوَابٗا
ئۇ كۈندە جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ - سەپ بولۇپ تۇرىدۇ، شاپائەت قىلىش ھەققىدە ئاللاھنىڭ رۇخسەت قىلمىغان ۋە پەقەت تەۋھىد كەلىمىسىگە ئوخشاش توغرا سۆزنى دېمىگەن ھېچكىمنىڭ شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
ذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمُ ٱلۡحَقُّۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ مَـَٔابًا
سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن ئاشۇ كۈن يۈز بېرىشىدە قىلچە شەك بولمىغان كۈندۇر. شۇڭا كىم شۇ كۈندە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى خالىسا، پەرۋەردىگارى رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلسۇن!
અરબી તફસીરો:
إِنَّآ أَنذَرۡنَٰكُمۡ عَذَابٗا قَرِيبٗا يَوۡمَ يَنظُرُ ٱلۡمَرۡءُ مَا قَدَّمَتۡ يَدَاهُ وَيَقُولُ ٱلۡكَافِرُ يَٰلَيۡتَنِي كُنتُ تُرَٰبَۢا
ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى بىز سىلەرنى يېقىندا يۈز بېرىدىغان ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق. بۇ كۈندە ئىنسان دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قارايدۇ ۋە كاپىر بولغان ئادەم ئازابتىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىپ: كاشكى مەنمۇ قىيامەت كۈنى: تۇپراققا ئايلىنىپ كەت، دېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ قاتارىدا تۇپراققا ئايلىنىپ كەتسەمچۇ! دەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• التقوى سبب دخول الجنة.
تەقۋادارلىق جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ.

• تذكر أهوال القيامة دافع للعمل الصالح.
قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىنى ئەسلەش ياخشى ئەمەلگە تۈرتكە بولىدۇ.

• قبض روح الكافر بشدّة وعنف، وقبض روح المؤمن برفق ولين.
كاپىرنىڭ جېنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ ئېلىنىدۇ، مۇئمىننىڭ جېنى ئاستا، سىلىق ئېلىنىدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અન્ નબા
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો