Check out the new design

કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અનુવાદ - મુહમ્મદ સાલેહ * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ ફત્હ   આયત:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ ٱللَّهَ يَدُ ٱللَّهِ فَوۡقَ أَيۡدِيهِمۡۚ فَمَن نَّكَثَ فَإِنَّمَا يَنكُثُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَوۡفَىٰ بِمَا عَٰهَدَ عَلَيۡهُ ٱللَّهَ فَسَيُؤۡتِيهِ أَجۡرًا عَظِيمٗا
شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا (رىزۋان) بەيئىتىنى قىلغانلار (ھەقىقەتتە) ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر (يەنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان بەيئىتىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنى بەيئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ)، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زېيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ[10].
અરબી તફસીરો:
سَيَقُولُ لَكَ ٱلۡمُخَلَّفُونَ مِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ شَغَلَتۡنَآ أَمۡوَٰلُنَا وَأَهۡلُونَا فَٱسۡتَغۡفِرۡ لَنَاۚ يَقُولُونَ بِأَلۡسِنَتِهِم مَّا لَيۡسَ فِي قُلُوبِهِمۡۚ قُلۡ فَمَن يَمۡلِكُ لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔا إِنۡ أَرَادَ بِكُمۡ ضَرًّا أَوۡ أَرَادَ بِكُمۡ نَفۡعَۢاۚ بَلۡ كَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرَۢا
(ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغان (مۇناپىق) ئەئرابىيلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا ـ چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ (سەن بىلەن چىقالمىدۇق)، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس (يەنى ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ). ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ (يەنى كىم سىلەردىن ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە قازاسىنى توسىيالايدۇ؟) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[11].
અરબી તફસીરો:
بَلۡ ظَنَنتُمۡ أَن لَّن يَنقَلِبَ ٱلرَّسُولُ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ إِلَىٰٓ أَهۡلِيهِمۡ أَبَدٗا وَزُيِّنَ ذَٰلِكَ فِي قُلُوبِكُمۡ وَظَنَنتُمۡ ظَنَّ ٱلسَّوۡءِ وَكُنتُمۡ قَوۡمَۢا بُورٗا
بەلكى سىلەر، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر ئائىلىسىگە مەڭگۈ قايتمايدۇ، دەپ گۇمان قىلدىڭلار، بۇ (گۇمراھلىق) دىللىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر يامان گۇماندا (يەنى ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ بىرىمۇ ساق قايتمايدۇ دەيدىغان ئويدا) بولدۇڭلار، سىلەر ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدۇڭلار»[12].
અરબી તફસીરો:
وَمَن لَّمۡ يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ فَإِنَّآ أَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ سَعِيرٗا
كىمكى ئاللاھ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن(ئۇ كاپىردۇر)، شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[14-13].
અરબી તફસીરો:
وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ يَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
(ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار غەنىيمەت ئېلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقىتلىرىدا: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ (خەيبەر غەنىيمىتى ھۇدەيبىيەگە چىققانلارغا خاس دېگەن) سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن)، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ كالامىنى) پەقەت يۈزەگىنە چۈشىنىدۇ[15].
અરબી તફસીરો:
سَيَقُولُ ٱلۡمُخَلَّفُونَ إِذَا ٱنطَلَقۡتُمۡ إِلَىٰ مَغَانِمَ لِتَأۡخُذُوهَا ذَرُونَا نَتَّبِعۡكُمۡۖ يُرِيدُونَ أَن يُبَدِّلُواْ كَلَٰمَ ٱللَّهِۚ قُل لَّن تَتَّبِعُونَا كَذَٰلِكُمۡ قَالَ ٱللَّهُ مِن قَبۡلُۖ فَسَيَقُولُونَ بَلۡ تَحۡسُدُونَنَاۚ بَلۡ كَانُواْ لَا يَفۡقَهُونَ إِلَّا قَلِيلٗا
(ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغان ئەئرابىيلارغا: «سىلەر جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن (ئۇرۇشۇشقا) چاقىرىلىسىلەر، ياكى ئۇلار (ئۇرۇشسىزلا) مۇسۇلمان بولىدۇ (ئۇلار بىلەن ئۇرۇشمايسىلەر)، ئەگەر سىلەر (بۇيرۇققا) بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە چىرايلىق ئەجىر ئاتا قىلدۇ، ئەگەر سىلەر ئىلگىرى قېلىپ قالغاندەك، يەنە قېلىپ قالساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ» دېگىن[16].
અરબી તફસીરો:
 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ ફત્હ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અનુવાદ - મુહમ્મદ સાલેહ - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

તેનું અનુવાદ શૈખ મુહમ્મદ સાલેહ સાહબે કર્યું છે. રવ્વાદ ભાષાંતર કેન્દ્રની દેખરેખ હેઠળ તેની ચકાસણી કરવામાં આવી, મૂળ અનુવાદ, મંતવ્યો વ્યક્ત કરવા, અનુવાદના મૂલ્યનું મૂલ્યાંકન કરવા અને તેની પ્રગતિ કરવાના હેતુથી ઉપલબ્ધ છે.

બંધ કરો