Check out the new design

Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. * - Teburin Bayani kan wasu Fassarori


Fassarar Ma'anoni Sura: Al'safat   Aya:

ساپپات

daga cikin abunda Surar ta kunsa:
تنزيه الله عما نسبه إليه المشركون، وإبطال مزاعمهم في الملائكة والجن.
ئاللاھ تائالانى مۇشرىكلار نىسبەت بەرگەن كەمچىلىكلەردىن پاك دەپ بىلىش، ئۇلارنىڭ پەرىشتىلەر ۋە جىنلار ھەققىدىكى بىلجىرلاشلىرىنىڭ تامامەن قۇرۇق سەپسەتە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بۇ سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر.

وَٱلصَّٰٓفَّٰتِ صَفّٗا
ئىبادەتكە تۇرغانلىرىدا زىچ سەپ تۈزۈپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
Tafsiran larabci:
فَٱلزَّٰجِرَٰتِ زَجۡرٗا
بۇلۇتلارنى توسۇپ، ئاللاھ يامغۇر يېغىشىنى خالىغان يەرگە ئېلىپ بارىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
Tafsiran larabci:
فَٱلتَّٰلِيَٰتِ ذِكۡرًا
ئاللاھنىڭ كالامىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى.
Tafsiran larabci:
إِنَّ إِلَٰهَكُمۡ لَوَٰحِدٞ
ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى سىلەرنىڭ بەرھەق مەبۇدۇڭلار ئەلۋەتتە يەككە - يېگانە، شېرىكى يوق ئاللاھ تائالادۇر.
Tafsiran larabci:
رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا وَرَبُّ ٱلۡمَشَٰرِقِ
ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، يىل بويى چىقىپ، پېتىۋاتقان قۇياشنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر.
Tafsiran larabci:
إِنَّا زَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنۡيَا بِزِينَةٍ ٱلۡكَوَاكِبِ
شەكسىزكى بىز ئاسمانلار ئىچىدىن زېمىنغا ئەڭ يېقىن بولغىنىنى كۆركەم زىننەتلەر بىلەن بېزىدۇق، ئۇ زىننەتلەر قارىماققا بەئەينى چاقناپ تۇرغان جاۋاھىراتلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان يۇلتۇزلاردۇر.
Tafsiran larabci:
وَحِفۡظٗا مِّن كُلِّ شَيۡطَٰنٖ مَّارِدٖ
بىز دۇنيا ئاسمىنىنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان ھەر قانداق ئىسيانكار شەيتاندىن قوغدىدۇق، ئۇلار شۇ يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ.
Tafsiran larabci:
لَّا يَسَّمَّعُونَ إِلَى ٱلۡمَلَإِ ٱلۡأَعۡلَىٰ وَيُقۡذَفُونَ مِن كُلِّ جَانِبٖ
بۇ شەيتانلار ئاسماندىكى پەرىشتىلەرگە پەرۋەردىگارى ئۆزىنىڭ شەرىئىتى ۋە تەقدىر قىلغان ئىشلارنى ئېيتقان چاغدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلار ھەر تەرەپتىن ئېتىلىدۇ.
Tafsiran larabci:
دُحُورٗاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٞ وَاصِبٌ
بۇنداق قىلىشىمىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن قوغلاش، پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىۋېلىشىدىن يىراق قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاخىرەتتە ئۇلارغا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان دەرتلىك ئازاب بار.
Tafsiran larabci:
إِلَّا مَنۡ خَطِفَ ٱلۡخَطۡفَةَ فَأَتۡبَعَهُۥ شِهَابٞ ثَاقِبٞ
لېكىن شەيتانلاردىن ئوغرىلىقچە گەپ تىڭشايدىغانلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇ شەيتان ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋالغىنى پەرىشتىلەر ئۆز - ئارا قىلىشقان، ئەمما تېخىچە زېمىن ئەھلىگە يېتىپ بارمىغان پاراڭلاردىندۇر. ئاندىن يورۇق يۇلتۇز ئۇنى قوغلاپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. شەيتان بەزىدە بۇ گەپلەرنى يورۇق يۇلتۇز كۆيدۈرۈۋېتىشتىن بۇرۇن ھەمراھلىرىغا ئېتىۋېلىپ، ئۇ گەپلەر كاھىنلارنىڭ قۇلىقىغىچە يېتىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا يەنە يۈز يالغاننى قېتىپ ساختىپەزلىك قىلىدۇ.
Tafsiran larabci:
فَٱسۡتَفۡتِهِمۡ أَهُمۡ أَشَدُّ خَلۡقًا أَم مَّنۡ خَلَقۡنَآۚ إِنَّا خَلَقۡنَٰهُم مِّن طِينٖ لَّازِبِۭ
ئەي مۇھەممەد! قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلاردىن سوراپ باققىن: ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمىكەن ياكى ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ھەم زور بولغان ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە پەرىشتىلەرنى يارىتىشمۇ؟ بىز ئۇلارنى يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلار قانداقسىگە قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغاندۇ؟ ھالبۇكى ئۇلار يېپىشقاق لايدىن ئىبارەت ئىنتايىن ئاجىز بىر مەخلۇقتىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر.
Tafsiran larabci:
بَلۡ عَجِبۡتَ وَيَسۡخَرُونَ
ئەي مۇھەممەد! بەلكى سەن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن ۋە مەخلۇقاتلىرىنى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدىن، مۇشرىكلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشلىرىدىن ئەجەبلىنىدىغانسەن. بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە بولغان ئىنكارىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن سېنىڭ قايتا تىرىلىش ھەققىدە دېگەنلىرىڭنىمۇ مەسخىرە قىلىشىدۇ.
Tafsiran larabci:
وَإِذَا ذُكِّرُواْ لَا يَذۡكُرُونَ
بۇ مۇشرىكلار نۇرغۇنلىغان پەند - نەسىھەتلەر بىلەن نەسىھەت قىلىنسىمۇ ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە مەنپەئەتلەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار قەلبلىرى تولىمۇ قېتىپ كەتكەن كىشىلەردۇر.
Tafsiran larabci:
وَإِذَا رَأَوۡاْ ءَايَةٗ يَسۡتَسۡخِرُونَ
ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىغا ئىسپات بولىدىغان مۆجىزىلەردىن بىرەرىنى كۆرسە تېخىمۇ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭدىن ھەيرەتتە بولىدۇ.
Tafsiran larabci:
وَقَالُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٌ
ئۇلار: مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن بۇ نەرسە پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر، دېدى.
Tafsiran larabci:
أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ
بىز ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ، چىرىپ، كۇكۇم تالقان بولۇپ كەتسەكمۇ يەنە شۇنىڭدىن كېيىن قايتا تىرىلىمىزمۇ؟ شەكسىزكى بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتۇر.
Tafsiran larabci:
أَوَءَابَآؤُنَا ٱلۡأَوَّلُونَ
ياكى بىزنىڭ ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرىلەمدۇ؟ دەيدۇ.
Tafsiran larabci:
قُلۡ نَعَمۡ وَأَنتُمۡ دَٰخِرُونَ
ئەي مۇھەممەد! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: ئەلۋەتتە، سىلەر تۇپراققا ئايلىنىپ، چىرىپ كەتكىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرگۈزۈلىسىلەر. سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئەجداتلىرىڭلارمۇ تىرگۈزۈلىدۇ، سىلەر ھەممىڭلار خارۇزار بولغان ھالدا تىرگۈزۈلىسىلەر.
Tafsiran larabci:
فَإِنَّمَا هِيَ زَجۡرَةٞ وَٰحِدَةٞ فَإِذَا هُمۡ يَنظُرُونَ
قايتا تىرىلىش پەقەت سۈرگە بىر قېتىم پۈۋلەشتۇر (يەنى ئىككىنچى قېتىملىق پۈۋلەش). بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىيامەتنىڭ قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلىرىگە قاراپ، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى نېمە قىلىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرۇشىدۇ.
Tafsiran larabci:
وَقَالُواْ يَٰوَيۡلَنَا هَٰذَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ
قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلار: ۋاي ھالاك بولدۇق، بۇ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغان ھېساب - كىتاب كۈنى ئىكەن، دېيىشىدۇ.
Tafsiran larabci:
هَٰذَا يَوۡمُ ٱلۡفَصۡلِ ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ
ئۇلارغا جاۋابەن: بۇ بەندىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم قىلىنىدىغان بىر كۈندۇركى، سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا بۇ كۈننى ئىنكار قىلىپ، يالغانغا چىقارغان ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ.
Tafsiran larabci:
۞ ٱحۡشُرُواْ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ وَأَزۡوَٰجَهُمۡ وَمَا كَانُواْ يَعۡبُدُونَ
ئۇ كۈندە پەرىشتىلەرگە: شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان زالىملارنى ۋە ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشتىكى ھەمداشلىرىنى، ئۇلارنىڭ يالغانلىرىنى تەشۋىق قىلىشىپ بېرىدىغانلارنىمۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنىمۇ توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارغا دوزاخنىڭ يولىنى تونۇتۇپ، شۇ تەرەپكە يالاپ ئېلىپ مېڭىڭلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى شۇدۇر، دېيىلىدۇ.
Tafsiran larabci:
مِن دُونِ ٱللَّهِ فَٱهۡدُوهُمۡ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡجَحِيمِ
ئۇ كۈندە پەرىشتىلەرگە: شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان زالىملارنى ۋە ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشتىكى ھەمداشلىرىنى، ئۇلارنىڭ يالغانلىرىنى تەشۋىق قىلىشىپ بېرىدىغانلارنىمۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنىمۇ توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارغا دوزاخنىڭ يولىنى تونۇتۇپ، شۇ تەرەپكە يالاپ ئېلىپ مېڭىڭلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى شۇدۇر، دېيىلىدۇ.
Tafsiran larabci:
وَقِفُوهُمۡۖ إِنَّهُم مَّسۡـُٔولُونَ
ئۇلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن ھېساب ئۈچۈن توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلارنى دوزاخقا يالاپ ئېلىپ بېرىڭلار.
Tafsiran larabci:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• تزيين السماء الدنيا بالكواكب لمنافع؛ منها: تحصيل الزينة، والحفظ من الشيطان المارد.
بۇ ئايەتلەر دۇنيا ئاسمىنىنىڭ تۈرلۈك مەنپەئەتلەر تۈپەيلىدىن يۇلتۇزلار بىلەن بېزەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆركەملەشتۈرۈش ۋە جىن-شەيتانلاردىن قوغداش مۇشۇ مەنپەئەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• إثبات الصراط؛ وهو جسر ممدود على متن جهنم يعبره أهل الجنة، وتزل به أقدام أهل النار.
پىلسىرات كۆۋرۈكىنى ئىسپاتلاشنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ؛ ئۇ، جەھەننەم ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر كۆۋرۈكتۇركى، جەننەت ئەھلى شۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتىدۇ، دوزاخ ئەھلىنىڭ قەدەملىرى بۇ كۆۋرۈكتە تېيىلىپ كېتىدۇ.

 
Fassarar Ma'anoni Sura: Al'safat
Teburin Jerin Sunayen Surori Lambar shafi
 
Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. - Teburin Bayani kan wasu Fassarori

Wanda aka buga a Cibiyar Tafsiri da karatuttukan AlƘur'ani.

Rufewa