Check out the new design

Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar Taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. * - Teburin Bayani kan wasu Fassarori


Fassarar Ma'anoni Sura: Ghafir   Aya:
قَالُوٓاْ أَوَلَمۡ تَكُ تَأۡتِيكُمۡ رُسُلُكُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِۖ قَالُواْ بَلَىٰۚ قَالُواْ فَٱدۡعُواْۗ وَمَا دُعَٰٓؤُاْ ٱلۡكَٰفِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَٰلٍ
دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشىتلەر كاپىرلارغا جاۋابەن: سىلەرگە پەيغەمبەرلىرىڭلار روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟ دەيدۇ. كاپىرلار: ئەلۋەتتە، ئۇلار بىزگە روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، دەيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ: ئۆزۈڭلار دۇئا قىلىڭلار. بىز كاپىرلار ئۈچۈن ئارىغا چۈشۈپ ئولتۇرمايمىز، دەيدۇ. ئەمما كاپىرلارنىڭ دۇئاسى ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇقى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قىلغان دۇئالىرى پۈتۈنلەي بىكارغا كېتىدۇ.
Tafsiran larabci:
إِنَّا لَنَنصُرُ رُسُلَنَا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَيَوۡمَ يَقُومُ ٱلۡأَشۡهَٰدُ
شەك - شۈبھىسىزكى بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنىڭ دەلىل- پاكىتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ، دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا نۇسرەت ئاتا قىلىمىز. قىيامەت كۈنى ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، شۇنداقلا ھاياتىي دۇنيادا ئۇلارغا قارشى سەپتە بولغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈپ جازالاش ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم بېرىمىز. (بۇ ئىشلار) پەيغەمبەرلەر، پەرىشتىلەر ۋە مۇئمىنلەر (پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى) يەتكۈزگەنلىكى، ئەمما ئۈممەتلەرنىڭ ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئىشقا ئاشىدۇ.
Tafsiran larabci:
يَوۡمَ لَا يَنفَعُ ٱلظَّٰلِمِينَ مَعۡذِرَتُهُمۡۖ وَلَهُمُ ٱللَّعۡنَةُ وَلَهُمۡ سُوٓءُ ٱلدَّارِ
ئۇ كۈندە كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى زۇلۇمدىن ئاقلاشلىرى قىلچە ئەسقاتمايدۇ. ئۇ كۈندە ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
Tafsiran larabci:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡهُدَىٰ وَأَوۡرَثۡنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱلۡكِتَٰبَ
شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ھەقنى تېپىۋېلىشىغا ياردىمى بولىدىغان ئىلىم ئاتا قىلدۇق ھەمدە تەۋراتنى ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئىچىدە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قالىدىغان كىتاب قىلدۇق.
Tafsiran larabci:
هُدٗى وَذِكۡرَىٰ لِأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ
ئۇ ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ھەم پەند - نەسىھەتتۇر.
Tafsiran larabci:
فَٱصۡبِرۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لِذَنۢبِكَ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ بِٱلۡعَشِيِّ وَٱلۡإِبۡكَٰرِ
ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭنىڭ يالغانچىغا چىقىرىشلىرى ۋە ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغىن. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ساڭا غەلىبە ئاتا قىلىش ۋە كۈچەيتىش ھەققىدىكى ۋەدىسى شەكسىز ھەقىقەتتۇر. گۇناھىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئەتىگەن - ئاخشاملىرى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇسانا بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
Tafsiran larabci:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِيٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ سُلۡطَٰنٍ أَتَىٰهُمۡ إِن فِي صُدُورِهِمۡ إِلَّا كِبۡرٞ مَّا هُم بِبَٰلِغِيهِۚ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ
شۈبھىسىزكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى خاتاغا چىقىرىش ئۈچۈن ھېچقانداق دەلىل - پاكىتسىز دەتالاش قىلىدىغانلارنى پەقەت ھەقىقەتكە تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىق قىلىش ئىرادىسىلا مۇشۇنداق قىلىشقا ئېلىپ باردى. ئۇلار ھەقتىن ئۈستۈنلۈك قازىنىشتىن ئىبارەت مەقسىتىگە ھەرگىز يېتەلمەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا سىغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن بىرەر نەرسىنى بىلمەي قالمايدۇ ۋە ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
Tafsiran larabci:
لَخَلۡقُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ أَكۡبَرُ مِنۡ خَلۡقِ ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ
شۇنچىۋالا كاتتا ھەم چەكسىز ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر. مۇشۇنداق كاتتا نەرسىلەرنى ياراتقان زات ھېساب ئېلىپ، جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن تىرىلدۈرۈپ چىقىرىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ، ئىبرەت ئالمايدۇ ھەمدە شۇنچىۋالا ئېنىق ئىشنىمۇ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە دەلىل قىلمايدۇ.
Tafsiran larabci:
وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَلَا ٱلۡمُسِيٓءُۚ قَلِيلٗا مَّا تَتَذَكَّرُونَ
ئەما بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولمايدۇ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن بۇزۇق ئېتىقاد ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر ئارقىلىق يامان ئىش قىلغانلار باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر پەقەت ئازغىنە پەند - نەسىھەت ئالىسىلەر. چۈنكى ئەگەر پەند - نەسىھەت ئالغان بولساڭلار، ئاللاھنى رازى قىلىشقا قىزىققان ھالدا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەردىن بولۇشقا تىرىشىپ، ئىككى گۇرۇھنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى بىلگەن بولاتتىڭلار.
Tafsiran larabci:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• نصر الله لرسله وللمؤمنين سُنَّة إلهية ثابتة.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلىشى ئۆزگەرمەس ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

• اعتذار الظالم يوم القيامة لا ينفعه.
قىيامەت كۈنى زالىمنىڭ باھانە - سەۋەبلىرى ئۇنىڭغا ئەسقاتمايدۇ.

• أهمية الصبر في مواجهة الباطل.
خاتالىققا تاقابىل تۇرۇشتا سەۋرچانلىق ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

• دلالة خلق السماوات والأرض على البعث؛ لأن من خلق ما هو عظيم قادر على إعادة الحياة إلى ما دونه.
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى چوڭ نەرسىنى ياراتقان زات ئۇنىڭدىن كىچىك نەرسىلەرگە قايتا ھاياتلىق بېرىشكە قادىردۇر.

 
Fassarar Ma'anoni Sura: Ghafir
Teburin Jerin Sunayen Surori Lambar shafi
 
Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar Taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. - Teburin Bayani kan wasu Fassarori

Wanda aka buga a Cibiyar Tafsiri da karatuttukan AlƘur'ani.

Rufewa