Check out the new design

Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Kitab Al-Mukhtaṣar fī Tafsīri Al-Qur`ān berbahasa Uighur * - Daftar isi terjemahan


Terjemahan makna Surah: An-Naḥl   Ayah:
وَلَا تَتَّخِذُوٓاْ أَيۡمَٰنَكُمۡ دَخَلَۢا بَيۡنَكُمۡ فَتَزِلَّ قَدَمُۢ بَعۡدَ ثُبُوتِهَا وَتَذُوقُواْ ٱلسُّوٓءَ بِمَا صَدَدتُّمۡ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَكُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
سىلەر قەسەملىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارنى ئالدايدىغان ۋاستە قىلىۋالماڭلار، قەسەملىرىڭلاردا خاھىشىڭلارغا ئەگىشىسىلەر، خالىغان ۋاقىتتا ئەھدىنى بۇزىسىلەر ۋە خالىغان ۋاقىتتا ۋاپا قىلىسىلەر، سىلەر شۇنداق قىلساڭلار قەدەملىرىڭلار توغرا يولدا مۇستەھكەم بولغاندىن كېيىن ئۇ يولدىن تېيىلىپ كېتىسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ئازابنى تېتىيسىلەر، باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىۋەتكىنىڭلار ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئازاب بار.
Tafsir berbahasa Arab:
وَلَا تَشۡتَرُواْ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ ثَمَنٗا قَلِيلًاۚ إِنَّمَا عِندَ ٱللَّهِ هُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
سىلەر ئاللاھنىڭ ئەھدىسىنى ۋاپا قىلىشنى تەرك قىلىپ ئەھدىنى بۇزۇشقا ئاساسەن ئەرزىمەس نەرسىگە ئالماشتۇرىۋەتمەڭلار، ئەگەر بىلىسەڭلار ئەھدىنى بۇزۇش بەدىلىگە ئېرىشكەن ئازراق نەرسەڭلاردىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى دۇنيادا غەلبە-غەنىمەت، ئاخىرەتتە دائىملىق نېمەت قاتارلىقلار ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ياخشىدۇر.
Tafsir berbahasa Arab:
مَا عِندَكُمۡ يَنفَدُ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ بَاقٖۗ وَلَنَجۡزِيَنَّ ٱلَّذِينَ صَبَرُوٓاْ أَجۡرَهُم بِأَحۡسَنِ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ يېنىڭلاردىكى مال-دۇنيا، لەززەت ۋە نېئمەتلەر ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ تۈگەيدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى مۇكاپات باقىدۇر، ئۇنداقتا يوقالغۇچى نەرسىنى قانداقمۇ باقى قالىدىغان نەرسىدىن ئارتۇق بىلىسىلەر!؟ بەرگەن ئەھدىسىگە سەۋىر قىلىپ ئەھدىسىنى بۇزمىغانلارنى، قىلغان تائەت -ئەمەللىرىدىن ياخشىراق بولغان ساۋاپ بىلەن مۇكاپاتلايمىز. بىر ياخشىلىقنى ئۆزىنىڭ ئون باراۋىرىدە ھەتتا يەتتە يۈز ھەسسە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئاشۇرۇپ مۇكاپاتلايمىز.
Tafsir berbahasa Arab:
مَنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا مِّن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَلَنُحۡيِيَنَّهُۥ حَيَوٰةٗ طَيِّبَةٗۖ وَلَنَجۡزِيَنَّهُمۡ أَجۡرَهُم بِأَحۡسَنِ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىپ شەرىئەتكە مۇۋاپىق ياخشى ئەمەل قېلىدىكەن، ئۇنى دۇنيادا تائەت-ئىبادەتكە مۇۋەپپەق قىلىپ، قانائەتچانلىق، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولىدىغان ياخشى بىر ھاياتتا ياشنىتىمىز، ئاخىرەتتە ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن كاتتا بولغان ئەجىر-ساۋاپ بىلەن مۇكاپاتلايمىز.
Tafsir berbahasa Arab:
فَإِذَا قَرَأۡتَ ٱلۡقُرۡءَانَ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ ٱلرَّجِيمِ
ئى مۆمىن! قۇرئان ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىڭدا ئاللاھدىن ئۇنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھلىق بېرىشنى سورىغىن.
Tafsir berbahasa Arab:
إِنَّهُۥ لَيۡسَ لَهُۥ سُلۡطَٰنٌ عَلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ
ئاللاھقا ئىشەنگەن، بارلىق ئىشلىرىدا يالغۇز پەرۋەردىگارىغا تايانغان كىشىلەرگە شەيتان ھەرگىزمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ.
Tafsir berbahasa Arab:
إِنَّمَا سُلۡطَٰنُهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ يَتَوَلَّوۡنَهُۥ وَٱلَّذِينَ هُم بِهِۦ مُشۡرِكُونَ
ھەقىقەتەن شەيتان ۋەسۋەسە بىلەن ئۆزىنى دوست تۇتقان ۋە ئىغۋا قىلىش بىلەن ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ، ئۇلار شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى سەۋەبىدىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ ۋە ئاللاھقا ئىبادەتتە باشقا بىرىنى شېرىك قىلىدۇ.
Tafsir berbahasa Arab:
وَإِذَا بَدَّلۡنَآ ءَايَةٗ مَّكَانَ ءَايَةٖ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا يُنَزِّلُ قَالُوٓاْ إِنَّمَآ أَنتَ مُفۡتَرِۭۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
بىز قۇرئان ئايەتلىرىدىن بىر ئايەتنىڭ ھۆكمىنى يەنە بىر ئايەت بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرساق، ئۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى نېمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىكى ھېكمەتنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغاننىمۇ ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار: ئى مۇھەممەد! سەن يالغانچى، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغۇچى دەيدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى بەزى ھۆكۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ يۈكسەك ئىلاھى ھېكمەت بىلەن بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
Tafsir berbahasa Arab:
قُلۡ نَزَّلَهُۥ رُوحُ ٱلۡقُدُسِ مِن رَّبِّكَ بِٱلۡحَقِّ لِيُثَبِّتَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهُدٗى وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُسۡلِمِينَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، بۇ قۇرئاننى جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن خاتاسىز، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشتىن خالى ھالدا ئىلىپ كەلدى. ھەرۋاقىت يېڭى بىر ئايەت چۈشكەندە مۆئمىنلەرنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانى مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە ئىلگىرىكى بەزى ھۆكۈملەر ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە ھاسىل بولىدىغان كاتتا ساۋابقا بىشارەتتۇر.
Tafsir berbahasa Arab:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• العمل الصالح المقرون بالإيمان يجعل الحياة طيبة.
ئىمان بىلەن سالىھ ئەمەل بىرلەشكەندە ياخشى ھايات بەرپا بولىدۇ.

• الطريق إلى السلامة من شر الشيطان هو الالتجاء إلى الله، والاستعاذة به من شره.
شەيتاننىڭ شەررىدىن سالامەت بولىدىغان يول، ئاللاھقا ئىلتىجا قېلىش ۋە ئاللاھتىن شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەشتۇر

• على المؤمنين أن يجعلوا القرآن إمامهم، فيتربوا بعلومه، ويتخلقوا بأخلاقه، ويستضيئوا بنوره، فبذلك تستقيم أمورهم الدينية والدنيوية.
مۆئمىنلەر قۇرئاننى ھايات دەستۇرى قىلىپ، ئۇنىڭ مېتۇدلىرى بىلەن تەربىيىلىنىشى، ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرىشى، ئۇنىڭ نۇرىدىن يورۇقلۇق ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرى مۇستەقىم بولىدۇ

• نسخ الأحكام واقع في القرآن زمن الوحي لحكمة، وهي مراعاة المصالح والحوادث، وتبدل الأحوال البشرية.
ۋەھيى نازىل بولىۋاتقان دەۋرىدە قۇرئاندىكى بەزى ھۆكۈملەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بۈيۈك ھېكمەت ئۈچۈندۇر، ئۇ مەنپەئەت ۋە ھادىسىلەرگە رىئايە قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈندۇر.

 
Terjemahan makna Surah: An-Naḥl
Daftar surah Nomor Halaman
 
Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Kitab Al-Mukhtaṣar fī Tafsīri Al-Qur`ān berbahasa Uighur - Daftar isi terjemahan

Diterbitkan oleh Markaz Tafsīr Li Ad-Dirasāt Al-Qur`āniyyah.

Tutup