Terjemahan makna Alquran Alkarim - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Daftar isi terjemahan


Terjemahan makna Ayah: (6) Surah: Surah Al-Jumu'ah
قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ هَادُوٓاْ إِن زَعَمۡتُمۡ أَنَّكُمۡ أَوۡلِيَآءُ لِلَّهِ مِن دُونِ ٱلنَّاسِ فَتَمَنَّوُاْ ٱلۡمَوۡتَ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئەي تەۋرات ئۆزگەرتىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ يەھۇدىي دىنىدا قېپقالغانلار! ئەگەر سىلەر ئېيتقىنىڭلاردەك راستىنلا ئاللاھ سىلەرنى دوستلۇققا خاس قىلغان ئاللاھنىڭ دوستلىرى بولساڭلار، قېنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار. ئەگەر سىلەر - ئېيتقىنىڭلاردەك - ئۆزۈڭلارنى ئاللاھنىڭ دوستلىرى دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە خاس قىلغان ئىلتىپاتنى تېزراق ئاتا قىلسۇن.
Tafsir berbahasa Arab:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• عظم منة النبي صلى الله عليه وسلم على البشرية عامة وعلى العرب خصوصًا، حيث كانوا في جاهلية وضياع.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئومۇمەتەن پۈتكۈل ئىنسانلارغا، خۇسۇسەن ئەرەبلەرگە كاتتا نېئمەتتۇر. چۈنكى ئىنسانلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن جاھىلىيەت ۋە ئازغۇنلۇقتا ئىدى.

• الهداية فضل من الله وحده، تطلب منه وتستجلب بطاعته.
ھىدايەت دېگەن پەقەت يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بولۇپ، پەقەت شۇنىڭدىنلا تىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق تەلەپ قىلىنىدۇ.

• تكذيب دعوى اليهود أنهم أولياء الله؛ بتحدّيهم أن يتمنوا الموت إن كانوا صادقين في دعواهم لأن الولي يشتاق لحبيبه.
يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەۋېلىشلىرى ئۇلارغا ئەگەر ئاشۇ دەۋاسىدا راستچىل بولسا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق يالغانلىقى ئىسپاتلاندى. چۈنكى دوست دېگەن ئۆز دوستىغا تەلپۈنۈپ تۇرىدۇ.

 
Terjemahan makna Ayah: (6) Surah: Surah Al-Jumu'ah
Daftar surah Nomor Halaman
 
Terjemahan makna Alquran Alkarim - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Daftar isi terjemahan

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Tutup