Traduzione dei Significati del Sacro Corano - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Indice Traduzioni


Traduzione dei significati Versetto: (35) Sura: An-Nahl
وَقَالَ ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ لَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا عَبَدۡنَا مِن دُونِهِۦ مِن شَيۡءٖ نَّحۡنُ وَلَآ ءَابَآؤُنَا وَلَا حَرَّمۡنَا مِن دُونِهِۦ مِن شَيۡءٖۚ كَذَٰلِكَ فَعَلَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ فَهَلۡ عَلَى ٱلرُّسُلِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
ئۆزلىرىنىڭ ئىبادىتىدە ئاللاھقا ئاللاھنىڭ غەيرىنى قوشۇپ مۇشرىك بولغانلار: ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بۈلسا بىز ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كاپىرلارمۇ مۇشۇنداق باتىل دەلىللەرنى دېگەن. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتۇر، ھەقىقەتەن ئۇلار يەتكۈزدى، ئاللاھ كاپىرلارغا خالاش ۋە ئىختىيارلىقنى بېرىپ، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتماستىن بىزنى ئاللاھ كاپىر بولۇشىمىزنى ئىرادە قىلغان) تەقدىر دەپ ئۆزۈر ئېيتىشىنىڭ ھېچ .ئاساسىي يوقتۇر
Esegesi in lingua araba:
Alcuni insegnamenti da trarre da questi versi sono:
• العاقل من يعتبر ويتعظ بما حل بالضالين المكذبين كيف آل أمرهم إلى الدمار والخراب والعذاب والهلاك.
ئەقىللىق كىشى ئازغۇن، يالغانچىلارغا چۈشكەن ئازاب ۋە ئۇلارنىڭ گۇمران بولۇش، خانىۋەيران بولۇش، ئازابقا دۇچار بولۇش ۋە ھالاك بولۇش قاتارلىق ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ۋە ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ.

• الحكمة من البعث والمعاد إظهار الله الحقَّ فيما يختلف فيه الناس من أمر البعث وكل شيء.
ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلدۈرۈش ۋە قىيامەتنىڭ بولىشىدىكى ھېكمەت بولسا، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش ۋە باشقا ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلىرىدىكى ھەقنى ئاشكارا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

• فضيلة الصّبر والتّوكل: أما الصّبر: فلما فيه من قهر النّفس، وأما التّوكل: فلأن فيه الثقة بالله تعالى والتعلق به.
سەۋىر قىلىش ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ پەزىلىتى: سەۋىر قىلىشتا نەپسىنى بويسۇندۇرۇش بولسا، تەۋەككۇل قىلىشتا مەخلۇقتىن ئايرىلىپ ھەقكە يۈزلىنىش بولىدۇ.

• جزاء المهاجرين الذين تركوا ديارهم وأموالهم وصبروا على الأذى وتوكّلوا على ربّهم، هو الموطن الأفضل، والمنزلة الحسنة، والعيشة الرّضية، والرّزق الطّيّب الوفير، والنّصر على الأعداء، والسّيادة على البلاد والعباد.
ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىنى، مال-مۈلكىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلغان، ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلىپ، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلغانلارنىڭ مۇكاپىتى ئەۋزەل يۇرت، گۈزەل مەرتىۋە، رازى بولىدىغان تۇرمۇش، كەڭرى رىزىق، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، دەۋلەت ۋە خەلققە ھۆكۈمران بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

 
Traduzione dei significati Versetto: (35) Sura: An-Nahl
Indice delle Sure Numero di pagina
 
Traduzione dei Significati del Sacro Corano - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Indice Traduzioni

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Chiudi