Check out the new design

Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione uigura dell'Abbreviata Esegesi del Nobile Corano * - Indice Traduzioni


Traduzione dei significati Sura: Al-Isrâ’   Versetto:
مَّن كَانَ يُرِيدُ ٱلۡعَاجِلَةَ عَجَّلۡنَا لَهُۥ فِيهَا مَا نَشَآءُ لِمَن نُّرِيدُ ثُمَّ جَعَلۡنَا لَهُۥ جَهَنَّمَ يَصۡلَىٰهَا مَذۡمُومٗا مَّدۡحُورٗا
كىمكى ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەپ، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتماي ھەم ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا نېئمەتلەردىن ئۆزى خالىغىنىنى ئەمەس، بەلكى بىز ئۆزىمىز خالىغىنىمىزنى بېرىمىز. ئاندىن جەھەننەمنى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ كىرىدىغان جايى قىلىمىز، ئۇ جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ. بۇ ئۇنىڭ دۇنيانى تاللاپ، ئاخىرەتكە كاپىر بولغانلىقىنى ئەيىبلەش ھەمدە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈندۇر.
Esegesi in lingua araba:
وَمَنۡ أَرَادَ ٱلۡأٓخِرَةَ وَسَعَىٰ لَهَا سَعۡيَهَا وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَأُوْلَٰٓئِكَ كَانَ سَعۡيُهُم مَّشۡكُورٗا
كىمكى ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ئاخىرەتنى كۆزلەپ، ئاللاھ ئىمان ئېيتىشنى ۋاجىب قىلغان نەرسىگە ئىمان ئېيتقان ھالدا ئاخىرەت ئۈچۈن رىيا ۋە شۆھرەتتىن خالىي تىرىشچانلىق قىلىدىكەن، بۇنداق سۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولىدۇ ھەمدە ئاللاھ ئۇلارغا قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا مۇكاپات بېرىدۇ.
Esegesi in lingua araba:
كُلّٗا نُّمِدُّ هَٰٓؤُلَآءِ وَهَٰٓؤُلَآءِ مِنۡ عَطَآءِ رَبِّكَۚ وَمَا كَانَ عَطَآءُ رَبِّكَ مَحۡظُورًا
ئەي پەيغەمبەر! يامان بولسۇن، ياخشى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئېھسانىنى ئۈزۈپ قويماستىن تېخىمۇ كۆپەيتىپ بېرىمىز. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئېھسانلىرى ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن ھېچكىمدىن چەكلەنمەيدۇ.
Esegesi in lingua araba:
ٱنظُرۡ كَيۡفَ فَضَّلۡنَا بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ وَلَلۡأٓخِرَةُ أَكۡبَرُ دَرَجَٰتٖ وَأَكۡبَرُ تَفۡضِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! بۇ دۇنيادا ئىنسانلارنى رىزىقتا ۋە مەرتىۋىدە بىر - بىرىدىن قانداق پەرقلىق قىلغانلىقىمىزنى ئويلىنىپ باققىن. ئەلۋەتتە ئاخىرەت ھۇزۇر - ھالاۋەتنىڭ دەرىجىلىرىدە دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن كۆپ پەرقلىق ھەم كۆپ ئارتۇقتۇر. شۇڭا مۇئمىنلەر ئاخىرەتكە ھېرىسمەن بولسۇن!
Esegesi in lingua araba:
لَّا تَجۡعَلۡ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَتَقۡعُدَ مَذۡمُومٗا مَّخۡذُولٗا
ئەي بەندە! ئاللاھقا قوشۇپ چوقۇنىدىغان باشقا بىر مەبۇد تۇتۇۋالمىغىن. بولمىسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كايىشقا ئۇچرايسەن، ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرى ئارىسىدىمۇ سېنى ئالقىشلىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئىكەنسەن، ساڭا ھېچ ياردەمچى بولمايدۇ.
Esegesi in lingua araba:
۞ وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّآ إِيَّاهُ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنًاۚ إِمَّا يَبۡلُغَنَّ عِندَكَ ٱلۡكِبَرَ أَحَدُهُمَآ أَوۡ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُل لَّهُمَآ أُفّٖ وَلَا تَنۡهَرۡهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوۡلٗا كَرِيمٗا
ئەي بەندە! پەرۋەردىگارىڭ سېنى ئۆزىدىن باشقىغا قۇلچىلىق قىلماسلىققا، ئاتا - ئاناڭ بولۇپمۇ ياشانغان ۋاقىتتا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى. ئەگەر ئۇلاردىن بىرى ياكى ئىككىلىسى يېنىڭدا بولۇپ، ياشىنىپ قالغىنىدا ئۇلارغا كىچىككىنە مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىمۇ قىلمىغىن. ئۇلارنى سىلكىشلىمە، ئۇلارغا قوپال سۆزلەرنى قىلما. ئۇلارغا مۇلايىملىق ۋە سىلىق - سىپايىلىك بىلەن چىرايلىق سۆزلەرنى قىلغىن.
Esegesi in lingua araba:
وَٱخۡفِضۡ لَهُمَا جَنَاحَ ٱلذُّلِّ مِنَ ٱلرَّحۡمَةِ وَقُل رَّبِّ ٱرۡحَمۡهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرٗا
ئۇلارغا كامالى ئېھتىرام بىلەن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ھەمدە: ئەي پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن، دېگىن!
Esegesi in lingua araba:
رَّبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِمَا فِي نُفُوسِكُمۡۚ إِن تَكُونُواْ صَٰلِحِينَ فَإِنَّهُۥ كَانَ لِلۡأَوَّٰبِينَ غَفُورٗا
ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ قىلغان ئىبادىتىڭلاردا، ياخشى ئەمەللەردە، ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىشتا دىلىڭلاردىكى ئىخلاسنى ياخشى بىلىدۇ. ناۋادا سىلەرنىڭ ئىبادىتىڭلاردىكى، ئاتا - ئاناڭلارغا قىلغان مۇئامىلەڭلاردىكى ۋە باشقا ئەمەللىرىڭلاردىكى نىيىتىڭلار ياخشى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلىپ ئۆزىگە قايتقۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. كىمكى پەرۋەردىگارىغا تائەت - ئىبادەت ياكى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشتا ئىلگىرى ئۆتكۈزۈپ سالغان كەمچىلىكلىرىدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ.
Esegesi in lingua araba:
وَءَاتِ ذَا ٱلۡقُرۡبَىٰ حَقَّهُۥ وَٱلۡمِسۡكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِ وَلَا تُبَذِّرۡ تَبۡذِيرًا
ئەي مۇئمىن! سىلە - رەھىم قىلىپ، يېقىن تۇغقانلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغىن، موھتاجلىقتا قالغان يوقسۇللارغا ئېھسان قىلغىن، سەپىرىدە يېرىم يولدا قالغۇچىغا ياخشىلىق قىلغىن، مال - مۈلكۈڭنى گۇناھ - مەئسىيەتكە ياكى ئىسراپ بولىدىغان جايلارغا سەرپ قىلمىغىن.
Esegesi in lingua araba:
إِنَّ ٱلۡمُبَذِّرِينَ كَانُوٓاْ إِخۡوَٰنَ ٱلشَّيَٰطِينِۖ وَكَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لِرَبِّهِۦ كَفُورٗا
شەكسىزكى مال - مۈلكىنى گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە سەرپ قىلغۇچىلار ۋە ئىسراپ قىلغۇچىلار شەيتاننىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. ئۇلار ماللىرىنى بۇزۇپ - چېچىشتا شەيتاننىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدۇ. شەيتان پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغان ئىدى. ئۇ پەقەت ئاللاھقا ئاسىيلىقلا قىلىدۇ، ئاللاھنى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشلارغىلا بۇيرۇيدۇ.
Esegesi in lingua araba:
Alcuni insegnamenti da trarre da questi versi sono:
• ينبغي للإنسان أن يفعل ما يقدر عليه من الخير وينوي فعل ما لم يقدر عليه؛ ليُثاب على ذلك.
ئىنسان كۈچى يېتىدىغانلىكى ياخشىلىقنى قىلىشى، كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشنى كۆڭلىگە بولسىمۇ پۈكۈشى كېرەك. چۈنكى ئىنسان نىيىتىگە قاراپمۇ ساۋاب بېرىلىدۇ.

• أن النعم في الدنيا لا ينبغي أن يُسْتَدل بها على رضا الله تعالى؛ لأنها قد تحصل لغير المؤمن، وتكون عاقبته المصير إلى عذاب الله.
بۇ دۇنيادىكى ھۇزۇر - ھالاۋەتنى چوقۇم ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلىكنىڭ ئالامىتى دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى دۇنياغا ئېرىشىش بەزىدە ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇش بىلەنمۇ نەتىجىلىنىدۇ.

• الإحسان إلى الوالدين فرض لازم واجب، وقد قرن الله شكرهما بشكره لعظيم فضلهما.
ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم پەرزدۇر. دەرۋەقە ئاتا - ئانىنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن كاتتا بولغاچقا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا شۈكرى قىلىشنى ئۆزىگە شۈكرى قىلىش بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان.

• يحرّم الإسلام التبذير، والتبذير إنفاق المال في غير حقه.
ئىسلام دىنى ئىسراپچىلىقتىن، مال - مۈلۈكنى نالايىق يوللارغا بۇزۇپ - چېچىشتىن چەكلەيدۇ.

 
Traduzione dei significati Sura: Al-Isrâ’
Indice delle Sure Numero di pagina
 
Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione uigura dell'Abbreviata Esegesi del Nobile Corano - Indice Traduzioni

Emesso dal Tafseer Center per gli Studi Coranici.

Chiudi