Check out the new design

Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione uigura dell'Abbreviata Esegesi del Nobile Corano * - Indice Traduzioni


Traduzione dei significati Sura: Sâd   Versetto:
وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا بَٰطِلٗاۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنَ ٱلنَّارِ
بىز ئاسماننى ۋە زېمىننى بىكارغا ياراتمىدۇق. بۇ پەقەت كاپىلارنىڭ گۇمانىدۇر. مۇشۇنداق گۇماندا بولغان كاپىرلار ناۋادا ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسى ۋە ئاللاھقا بولغان يامان گۇمانى بىلەن ئۆلۈپلا كەتسە، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا دوزاخ ئازابىدىن ۋاي!
Esegesi in lingua araba:
أَمۡ نَجۡعَلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ كَٱلۡمُفۡسِدِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ نَجۡعَلُ ٱلۡمُتَّقِينَ كَٱلۡفُجَّارِ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلغانلارغا ئوخشاش قىلمايمىز، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغانلارغا گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۆمگەن كاپىر ۋە مۇناپىقلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايمىز. چۈنكى ئۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش زۇلۇم بولۇپ، ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق كەلمەيدىغان ئىشتۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە ئاللاھ تائالا تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق مۇكاپاتلىسا، بەدبەخت كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق جازالايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھەرگىزمۇ باراۋەر بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى جازا - مۇكاپاتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
Esegesi in lingua araba:
كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ إِلَيۡكَ مُبَٰرَكٞ لِّيَدَّبَّرُوٓاْ ءَايَٰتِهِۦ وَلِيَتَذَكَّرَ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ
شەكسىزكى بۇ قۇرئان كەرىم بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ ياخشىلىقى ۋە پايدىسى ئىنتايىن كۆپتۇر. بۇ كىتابنى بىز ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئويلىنىپ، مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئۆتكۈر ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق.
Esegesi in lingua araba:
وَوَهَبۡنَا لِدَاوُۥدَ سُلَيۡمَٰنَۚ نِعۡمَ ٱلۡعَبۡدُ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ
بىز داۋۇدنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نېئمەت ۋە مەرھەمەت قىلىپ ئوغلى سۇلايماننى بەردۇق. سۇلايمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە - ھە!؟ شەكسىزكى ئۇ ئاللاھقا كۆپ تەۋبە قىلغۇچى ۋە كۆپ يۈزلەنگۈچىدۇر.
Esegesi in lingua araba:
إِذۡ عُرِضَ عَلَيۡهِ بِٱلۡعَشِيِّ ٱلصَّٰفِنَٰتُ ٱلۡجِيَادُ
ئۆز ۋاقتىدىكى ۋەقەلىكنى ئەسلىگىنكى، نامازدىگەر ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېسىل، يۈگۈرۈك، بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ، ئۈچ پۇتىغا تايىنىپ تۇرىدىغان ئاتلار كۆرسىتىلدى. ئاشۇ ئېسىل ئاتلار ئۇنىڭغا تاكى كۈن پاتقانغا قەدەر كۆرسىتىلدى.
Esegesi in lingua araba:
فَقَالَ إِنِّيٓ أَحۡبَبۡتُ حُبَّ ٱلۡخَيۡرِ عَن ذِكۡرِ رَبِّي حَتَّىٰ تَوَارَتۡ بِٱلۡحِجَابِ
سۇلايمان ئېيتتى: مەن مال - دۇنيانىڭ مۇھەببىتىنى رەببىمنىڭ زىكرىدىن ئۈستۈن كۆرۈپتىمەن، ھەتتا قۇياش پېتىپ، ئەسىر نامىزىدىن كېچىكىپ قالدىم.
Esegesi in lingua araba:
رُدُّوهَا عَلَيَّۖ فَطَفِقَ مَسۡحَۢا بِٱلسُّوقِ وَٱلۡأَعۡنَاقِ
ئۇ ئاتلارنى يېنىمغا قايتۇرۇپ ئەكېلىڭلار. ئۇلار ئاتلارنى سۇلايماننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، سۇلايمان قىلىچ بىلەن ئۇ ئاتلارنىڭ پاچاقلىرىغا ۋە بويۇنلىرىغا چېپىشقا باشلىدى.
Esegesi in lingua araba:
وَلَقَدۡ فَتَنَّا سُلَيۡمَٰنَ وَأَلۡقَيۡنَا عَلَىٰ كُرۡسِيِّهِۦ جَسَدٗا ثُمَّ أَنَابَ
بىز سۇلايماننى سىناپ، پادىشاھلىق تەختىنىڭ ئۈستىگە ئىنسان سۈرىتىدە بىر شەيتاننى تاشلىدۇق، ئۇ شەيتان ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىدارە قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ سۇلايمانغا پادىشاھلىقىنى قايتۇرۇپ بەردى ۋە شەيتانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزدى.
Esegesi in lingua araba:
قَالَ رَبِّ ٱغۡفِرۡ لِي وَهَبۡ لِي مُلۡكٗا لَّا يَنۢبَغِي لِأَحَدٖ مِّنۢ بَعۡدِيٓۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡوَهَّابُ
سۇلايمان ئېيتتى: ئەي پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، ماڭا خاس بولغان بىر پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىنكى، مەندىن كېيىن ھېچكىمگە ئۇنداق پادىشاھلىق نېسىپ بولمىسۇن. ئەي رەببىم! سەن ھەقىقەتەن كۆپ بەرگۈچى ۋە ئىلتىپاتىڭ كاتتا زات سەن.
Esegesi in lingua araba:
فَسَخَّرۡنَا لَهُ ٱلرِّيحَ تَجۡرِي بِأَمۡرِهِۦ رُخَآءً حَيۡثُ أَصَابَ
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا شامالنىمۇ بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن شۇنداق لەرزان چىقاتتىكى، شۇنچىۋالا كۈچلۈك ۋە سۈرئىتى تېز بولسىمۇ باشقا نەرسىلەرنى تەۋرىتىپ قويمايتتى. سۇلايمان نەگە بارماقچى بولسا شۇ يەرگە ئاپىراتتى.
Esegesi in lingua araba:
وَٱلشَّيَٰطِينَ كُلَّ بَنَّآءٖ وَغَوَّاصٖ
بىز ئۇنىڭغا شەيتانلارنىمۇ بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شەيتانلار ئۇنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلاتتى. شەيتانلارنىڭ ئىچىدە بىناكارلار ۋە غەۋۋاسلار بار بولۇپ، غەۋۋاسلار دېڭىزلارغا شۇڭغۇپ، ئۈنچە - مەرۋايىتلارنى سۈزۈپ چىقاتتى.
Esegesi in lingua araba:
وَءَاخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي ٱلۡأَصۡفَادِ
شەيتانلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر ئوچۇم باشتۇڭلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارمۇ سۇلايمانغا بويسۇندۇرۇلغان ئىدى. يەنى ئۇلار زەنجىر - كېشەنلەر بىلەن باغلانغان بولۇپ، قىمىر قىلالمايتتى.
Esegesi in lingua araba:
هَٰذَا عَطَآؤُنَا فَٱمۡنُنۡ أَوۡ أَمۡسِكۡ بِغَيۡرِ حِسَابٖ
ئەي سۇلايمان! بۇ بىزنىڭ تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىپ ساڭا ئاتا قىلغان ئىلتىپاتلىرىمىزدۇر. ئەمدى ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە بەرسەڭ، خالىغىنىڭغا بەرمىسەڭ بولىدۇ. سەن بېرىپ - بەرمىگەنلىكىڭگە قارىتا سوراققا تارتىلمايسەن.
Esegesi in lingua araba:
وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلۡفَىٰ وَحُسۡنَ مَـَٔابٖ
سۇلايمان بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ھەقىقەتەن يېقىن بەندىلەردىن ئىدى، ئۇنىڭ ئاخىرى قايتىدىغان جايىمۇ گۈزەل بولىدۇكى، ئۇ بولسىمۇ جەننەتتۇر.
Esegesi in lingua araba:
وَٱذۡكُرۡ عَبۡدَنَآ أَيُّوبَ إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّي مَسَّنِيَ ٱلشَّيۡطَٰنُ بِنُصۡبٖ وَعَذَابٍ
ئەي پەيغەمبەر! بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھقا يالۋۇرۇپ: ھەقىقەتەن شەيتان ماڭا قىينايدىغان جاپالارنى سالدى، دېدى.
Esegesi in lingua araba:
ٱرۡكُضۡ بِرِجۡلِكَۖ هَٰذَا مُغۡتَسَلُۢ بَارِدٞ وَشَرَابٞ
بىز ئۇنىڭغا: پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن، دېدۇق. ئۇ يەرنى تېپىۋېدى، يەردىن ئىچكىلى ۋە يۇيۇنغىلى بولىدىغان سۇ ئېتىلىپ چىقتى. ئەييۇب (شۇ سۇنى ئىچىپ، يۇيۇنغاندىن كېيىن) ئۇنىڭدىكى كېسەل ۋە ئەزىيەتلەر يوقالدى.
Esegesi in lingua araba:
Alcuni insegnamenti da trarre da questi versi sono:
• الحث على تدبر القرآن.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر قۇرئان ھەققىدە ئويلىنىشقا قىزىقتۇرىدۇ.

• في الآيات دليل على أنه بحسب سلامة القلب وفطنة الإنسان يحصل له التذكر والانتفاع بالقرآن الكريم.
بۇ ئايەتلەردە پەند - نەسىھەت ئېلىش ۋە قۇرئان كەرىمدىن مەنپەئەتلىنىشنىڭ قەلبنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىنساننىڭ زېرەكلىكىگە قاراپ بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار.

• في الآيات دليل على صحة القاعدة المشهورة: «من ترك شيئًا لله عوَّضه الله خيرًا منه».
بۇ ئايەتلەردە يەنە «كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ بىر نەرسىنى تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى بېرىدۇ» دېگەن مەشھۇر قائىدىنىڭ توغرىلىقىغا دەلىل بار.

 
Traduzione dei significati Sura: Sâd
Indice delle Sure Numero di pagina
 
Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione uigura dell'Abbreviata Esegesi del Nobile Corano - Indice Traduzioni

Emesso dal Tafseer Center per gli Studi Coranici.

Chiudi