Check out the new design

ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន * - សន្ទស្សន៍នៃការបកប្រែ


ការបកប្រែអត្ថន័យ ជំពូក​: អាន់នីសាក   អាយ៉ាត់:
وَٱلَّٰتِي يَأۡتِينَ ٱلۡفَٰحِشَةَ مِن نِّسَآئِكُمۡ فَٱسۡتَشۡهِدُواْ عَلَيۡهِنَّ أَرۡبَعَةٗ مِّنكُمۡۖ فَإِن شَهِدُواْ فَأَمۡسِكُوهُنَّ فِي ٱلۡبُيُوتِ حَتَّىٰ يَتَوَفَّىٰهُنَّ ٱلۡمَوۡتُ أَوۡ يَجۡعَلَ ٱللَّهُ لَهُنَّ سَبِيلٗا
ئاياللىرىڭلاردىن نىكاھلانغان ياكى نىكاھلانمىغان بولسۇن زىنا-پاھىشە قىلغان بولسا، ئادىل مۇسۇلمان ئەرلەردىن تۆت كىشىنى ئۇلارغا شاھىت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ پاھىشە قىلغانلىقىغا شاھىت بولسا، ئۇلارنى جازالاپ ئۆلگەنگە قەدەر ئۆيگە قاماپ قويۇڭلار، ياكى ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن ئۆيگە قاماشتىن باشقا بىر يول كۆرسۈتۈپ بىرەر، ئاندىن ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن ئۆيگە قاماشتىن باشقا بىر يولنى بايان قىلىپ بەردى. يەنى زىنا قىلغۇچى ئايال توي قىلمىغان قىز بولسا يۈز قامچا ئۇرۇپ بىر يىل باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلىش، توي قىلغان بولسا چالما-كېسەك قىلىشتىن ئىبارەت ھۆكۈمنى يولغا قويدى.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
وَٱلَّذَانِ يَأۡتِيَٰنِهَا مِنكُمۡ فَـَٔاذُوهُمَاۖ فَإِن تَابَا وَأَصۡلَحَا فَأَعۡرِضُواْ عَنۡهُمَآۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ تَوَّابٗا رَّحِيمًا
ئاراڭلاردا ئەرلەردىن ئىككى كىشى زىنا-پاھىشە قىلغان بولسا، ئۇلار توي قىلغان بولسۇن ياكى توي قىلمىغان بولسۇن، تىللىرىڭلار ۋە قوللىرىڭلار بىلەن ئۇلارنى ئاھانەت قىلىش ۋە چەكلەش بىلەن ئەيىبلەڭلار، ئەگەر ئۇلار خاتالىقتىن قول ئۈزۈپ قىلمىشىنى ئىسلاھ قىلسا، ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەڭلار، چۈنكى گۇناھىدىن تەۋبە قىلغۇچى گۇناھ قىلمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا بەك مېھرىباندۇر، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە مۇشۇ بىرقانچە تۈرلۈك جازالاش بىلەن كۇپايە قىلغان، كېيىن توي قىلمىغان قىزنى قامچا ئۇرۇپ سۈرگۈن قىلىش ۋە توي قىلغان ئايالنى چالما-كېسەك قىلىش دېگەن ھۆكۈم بىلەن دەسلەپكى ھۆكۈم ئەمەلدىن قالغان.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
إِنَّمَا ٱلتَّوۡبَةُ عَلَى ٱللَّهِ لِلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلسُّوٓءَ بِجَهَٰلَةٖ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِن قَرِيبٖ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَتُوبُ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
ھەقىقەتتە ئاللاھ قوبۇل قىلىدىغان تەۋبە بولسا: بىلمەسلىكتىن گۇناھ-مەسىيەت قىلىپ، ئۇنىڭ جازاسى ۋە ئاقىبىتىنى بىلمىگەن، بۇ گۇناھنى قەستەن قىلغان بولسۇن ياكى قەستەن قىلمىغان بولسۇن ئوخشاش، ئاندىن ئۆلۈم كىلىشتىن بۇرۇن ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ تەرىپىگە قايىتقۇچى كىشىنىڭ تەۋبىسىدۇر. ئاللاھ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى ئۆتىۋېتىدۇ، ئاللاھ ئۆز خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
وَلَيۡسَتِ ٱلتَّوۡبَةُ لِلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ حَتَّىٰٓ إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ ٱلۡمَوۡتُ قَالَ إِنِّي تُبۡتُ ٱلۡـَٰٔنَ وَلَا ٱلَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمۡ كُفَّارٌۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَعۡتَدۡنَا لَهُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا
ئاللاھ تائالا داۋاملىق گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرغان، جان ھەلقۇمغا كەلمىگۈچە گۇناھىغا تەۋبە قىلمىغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، جان ھەلقۇمغا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ بىرى: مەن ئىلگىرىكى بارلىق خاتالىقلىرىم ئۈچۈن تەۋبە قىلدىم دەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ كۇپىرلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كاپىر ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ تەۋبىسىنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇلار گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرغۇچى ئاسىيلار بولۇپ، كۇپىر ھالەتتە ئۆلىدۇ، ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب تەييارلىدۇق.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا يَحِلُّ لَكُمۡ أَن تَرِثُواْ ٱلنِّسَآءَ كَرۡهٗاۖ وَلَا تَعۡضُلُوهُنَّ لِتَذۡهَبُواْ بِبَعۡضِ مَآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ إِلَّآ أَن يَأۡتِينَ بِفَٰحِشَةٖ مُّبَيِّنَةٖۚ وَعَاشِرُوهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ فَإِن كَرِهۡتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰٓ أَن تَكۡرَهُواْ شَيۡـٔٗا وَيَجۡعَلَ ٱللَّهُ فِيهِ خَيۡرٗا كَثِيرٗا
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى مىراس ئالغاندەك ئاياللىرىنى مىراس ئېلىشىڭلار، ئۇلار بىلەن توي قىلىش ياكى ئەرگە بېرىش ياكى توي قىلىشتىن چەكلەش قاتارلىق تەسەررۇپاتلارنى قىلىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئاياللىرىڭلارنى ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ھەتتا ئۇلار سىلەر بەرگەن تويلۇق مېھرىدىن ياكى باشقا ماللاردىن مەلۇم مىقدار سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەمرىڭلاردا تۇتۇپ تۇرىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئۇلار زىناغا ئوخشاش ئوچۇق-ئاشكارا پاھىشە قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا سىلەرگە ئۇ ئاياللارنى تۇتۇپ تۇرۇش، سىلەر بەرگەن تويلۇق مېھرىدىن مەلۇم بىر نەرسە بەرگەنگە قەدەر سىقىشىڭلار توغرا بولىدۇ، ئاياللىرىڭلار بىلەن ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەستىن ياخشىلىق قىلىڭلار چېرايلىق ياشاڭلار، ئۇلارنىڭ دۇنيالىق بىرەر ئىشىنى ياقتۇرمىساڭلار ئۇنىڭغا سەۋىر قىلىڭلار، چوقۇم ئاللاھ تائالا سىلەر ياقتۇرمىغان ئىشتا سىلەر ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە كۆپ ياخشىلىق قىلىدۇ.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• ارتكاب فاحشة الزنى من أكثر المعاصي خطرًا على الفرد والمجتمع؛ ولهذا جاءت العقوبات عليها شديدة.
زىنا-پاھىشە قىلىش بولسا؛ شەخس ۋە جەمئىيەتكە خەتىرى ئەڭ كۆپ بولغان چوڭ گۇناھ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقى بايان قىلىندى

• لطف الله ورحمته بعباده حيث فتح باب التوبة لكل مذنب، ويسر له أسبابها، وأعانه على سلوك سبيلها.
ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بولغان مېھرىبانلىقى ۋە رەھمىتىدىن: ئاللاھ ھەرقانداق گۇناھ قىلغۇچىغا تەۋبىنىڭ ئېشىكىنى ئاچتى، تەۋبىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى ۋە ياخشى يولدا مېڭىشىغا ياردەم .بەردى

• كل من عصى الله تعالى بعمد أو بغير عمد فهو جاهل بقدر من عصاه جل وعلا، وجاهل بآثار المعاصي وشؤمها عليه.
مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا ئاللاھقا ئاسىي بولغانلارنىڭ ھەممىسى، ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش مىقدارىدا جاھىلدۇر. شۇنداقلا ئاسىيلىقنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىرى ۋە شۇملۇقىنى بىلمەيدىغان دەرىجىدە جاھىلدۇر.

• من أسباب استمرار الحياة الزوجية أن يكون نظر الزوج متوازنًا، فلا يحصر نظره فيما يكره، بل ينظر أيضا إلى ما فيه من خير، وقد يجعل الله فيه خيرًا كثيرًا.
ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ نورمال داۋاملىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن: ئەر كىشى ئائىلىدە ئوتتۇرىھال قاراشتا بولۇش، نەزىرىنى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا ئاغدۇرماستىن بەلكى ياخشىلىق ۋە گۈزەل ئىشلارغا ئاغدۇرغاندا، ئاللاھ ئۇ تۇرمۇشنى بەرىكەتلىك قىلىدۇ.

 
ការបកប្រែអត្ថន័យ ជំពូក​: អាន់នីសាក
សន្ទស្សន៍នៃជំពូក លេខ​ទំព័រ
 
ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន - សន្ទស្សន៍នៃការបកប្រែ

ត្រូវបានចេញដោយមជ្ឈមណ្ឌល តាហ្វសៀរនៃការសិក្សាគម្ពីគួរអាន

បិទ