ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

external-link copy
26 : 41

وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَا تَسۡمَعُواْ لِهَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ وَٱلۡغَوۡاْ فِيهِ لَعَلَّكُمۡ تَغۡلِبُونَ

كاپىرلار دەلىلگە دەلىل بىلەن قارشى تۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەن چاغدا بىر - بىرىگە: مۇھەممەد سىلەرگە ئوقۇپ بېرىۋاتقان بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارغا بويسۇنماڭلار، مۇھەممەد ئۇنى ئوقۇۋاتقىنىدا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىڭلار. بەلكىم مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىلەر غەلىبە قىلىپ، ئۇ قۇرئان ئوقۇشنى ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىشنى تاشلاپ، بىراقلا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن، دەپ تاپىلاشتى. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• سوء الظن بالله صفة من صفات الكفار.
ئاللاھ ھەققىدە يامان گۇماندا بولۇش كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

• الكفر والمعاصي سبب تسليط الشياطين على الإنسان.
كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارغا ھۆكۈمران بولۇۋېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. info

• تمنّي الأتباع أن ينال متبوعوهم أشدّ العذاب يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىدىنمۇ قاتتىقراق ئازابقا دۇچار بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. info