Check out the new design

ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន * - សន្ទស្សន៍នៃការបកប្រែ


ការបកប្រែអត្ថន័យ ជំពូក​: អាល់អាន់អាម   អាយ៉ាត់:
۞ إِنَّمَا يَسۡتَجِيبُ ٱلَّذِينَ يَسۡمَعُونَۘ وَٱلۡمَوۡتَىٰ يَبۡعَثُهُمُ ٱللَّهُ ثُمَّ إِلَيۡهِ يُرۡجَعُونَ
سېنىڭ چاقىرقىڭغا پەقەت سۆزنى ئاڭلاپ، چۈشىنەلەيدىغانلارلا ئىجابىي ئىنكاس بىلدۈرىدۇ. كاپىرلار ئۆلۈكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىلچە ئېتىبارى يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن. ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى قايتا تىرگۈزىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇلار ئىلگىرى قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى كۆرۈش ئۈچۈن پەقەت شۇ ئاللاھ تەرەپكىلا قايتىپ بارىدۇ.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
وَقَالُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قُلۡ إِنَّ ٱللَّهَ قَادِرٌ عَلَىٰٓ أَن يُنَزِّلَ ءَايَةٗ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
مۇشرىكلار قۇسۇرچىلىق قىلىپ، ئىمان ئېيتىشنى كەينىگە سوزۇپ: نېمىشقا مۇھەممەدكە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. لېكىن مۆجىزە چۈشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان بۇ مۇشرىكلارنىڭ كۆپىنچىسى، مۆجىزىلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈشى ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە بىنائەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئۆز ھېكمىتىگە بىنائەن بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئەگەر ئاللاھ ئۇ مۆجىزىنى چۈشۈرۈپ، ئۇلار يەنە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىسا، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
وَمَا مِن دَآبَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا طَٰٓئِرٖ يَطِيرُ بِجَنَاحَيۡهِ إِلَّآ أُمَمٌ أَمۡثَالُكُمۚ مَّا فَرَّطۡنَا فِي ٱلۡكِتَٰبِ مِن شَيۡءٖۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ يُحۡشَرُونَ
ئەي ئادەم ئەۋلادى! يەر يۈزىدە مىدىرلايدىغان قانداق بىر جانلىق، ھاۋادا ئۇچىدىغان قانداق بىر قۇش بولىدىكەن، يارىتىلىش ۋە رىزىق بېرىلىشتە سىلەرگە ئوخشاشتۇر. بىز لەۋھۇلمەھفۇزدا ھېچنەرسىنى چۈشۈرۈپ قويماي، ھەممىنى تولۇق پۈتۈپ قويدۇق. ھەممىنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. قىيامەت كۈنى سوتلىنىش ئۈچۈن يالغۇز پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە توپلىنىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ ھەر كىمگە ئۆزىگە لايىق جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا صُمّٞ وَبُكۡمٞ فِي ٱلظُّلُمَٰتِۗ مَن يَشَإِ ٱللَّهُ يُضۡلِلۡهُ وَمَن يَشَأۡ يَجۡعَلۡهُ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئاڭلىمايدىغان گاس ۋە سۆزلىيەلمەيدىغان گاچىغا ئوخشاشتۇر. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇلار قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە بولۇپ كۆرەلمەيدۇ. بۇنداق ھالەتتىكى ئادەم قانداقمۇ توغرا يولنى تاپالىسۇن؟ ئاللاھ ئىنسانلاردىن گۇمراھ قىلىشنى خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ، ھىدايەت قىلىشنى خالىغان كىشىنى ھېچ قانداق قىڭغىرلىق بولمىغان توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
قُلۡ أَرَءَيۡتَكُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُ ٱللَّهِ أَوۡ أَتَتۡكُمُ ٱلسَّاعَةُ أَغَيۡرَ ٱللَّهِ تَدۡعُونَ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: قېنى دەپ بېقىڭلار، ئەگەر مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا پايدا-زىيان ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن بىرەر ئازاب ياكى چوقۇم يۈز بېرىشى ۋەدە قىلىنغان قىيامەت كەلسە، شۇ چاغدا بېشىڭلارغا كەلگەن خاپىلىق ۋە مۈشكۈلچىلىكنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن يەنە ئاللاھتىن باشقىغا يېلىنامسىلەر؟
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
بَلۡ إِيَّاهُ تَدۡعُونَ فَيَكۡشِفُ مَا تَدۡعُونَ إِلَيۡهِ إِن شَآءَ وَتَنسَوۡنَ مَا تُشۡرِكُونَ
ئەمەلىيەتتە سىلەر ئاشۇ چاغدا ئۆزۈڭلارنى ياراتقان ئاللاھنىڭ غەيرىگە يېلىنمايسىلەر. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سىلەردىن ئۇ خاپىلىقنى قايتۇرۇۋېتىدۇ، زىياننى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇنىڭ ئىگىسى ھەم شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر. ئەمما ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق پايدا-زىيان ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰٓ أُمَمٖ مِّن قَبۡلِكَ فَأَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡبَأۡسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ لَعَلَّهُمۡ يَتَضَرَّعُونَ
ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئەمما ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن دىندىن يۈز ئۆرۈدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇپ، باش ئەگسۇن دەپ كەمبەغەلچىلىككە ئوخشاش خاپىلىقلار بىلەن ۋە بەدەنلىرىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان كېسەللەر بىلەن جازالىدۇق.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
فَلَوۡلَآ إِذۡ جَآءَهُم بَأۡسُنَا تَضَرَّعُواْ وَلَٰكِن قَسَتۡ قُلُوبُهُمۡ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
كاشكى ئۇلار باشلىرىغا سىناقلىرىمىز كەلگەن چاغدا ئۆزلىرىدىن بۇ خاپىلىقلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئاللاھقا باش ئېگىپ، بويسۇنغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىز ئۇلارغا مەرھەمەت قىلاتتۇق. لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن بولغاچقا، ئىبرەت ۋە ساۋاق ئالمىدى، شەيتان ئۇلارغا ئۆزلىرى قىلغان كۇپرى ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى چىرايلىق كۆرسەتتى. نەتىجىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىنى داۋاملاشتۇردى.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
فَلَمَّا نَسُواْ مَا ذُكِّرُواْ بِهِۦ فَتَحۡنَا عَلَيۡهِمۡ أَبۡوَٰبَ كُلِّ شَيۡءٍ حَتَّىٰٓ إِذَا فَرِحُواْ بِمَآ أُوتُوٓاْ أَخَذۡنَٰهُم بَغۡتَةٗ فَإِذَا هُم مُّبۡلِسُونَ
ئۇلار كەمبەغەلچىلىك ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت سىناقلار بىلەن ئۆزلىرىگە قىلىنغان پەند-نەسىھەتلەرگە پەرۋا قىلماي، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىگەن چاغدا بىز ئۇلارغا رىزىقنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋېتىش ۋە كەمبەغەللىكتىن كېيىن باي قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالاش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق، كېسەللىكتىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەنلىرىگە شىپالىق بەردۇق. نىھايەت ئۇلار كۆرەڭلەپ، بەھرىمەن قىلىنغان نېئمەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە تەمەننا قىلغانلىرىدا ئۇلارغا ئازابىمىز ئۇشتۇمتۇت كەلدى - دە، ئۇلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، ئارزۇ-ئارمانلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالدى.
តាហ្វសៀរជាភាសា​អារ៉ាប់ជាច្រេីន:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• تشبيه الكفار بالموتى؛ لأن الحياة الحقيقية هي حياة القلب بقَبوله الحق واتباعه طريق الهداية.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر كاپىرلارنى ئۆلۈككە ئوخشىتىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي ھاياتلىق ھەقنى قوبۇل قىلىش ۋە توغرا يولغا ئەگىشىش ئارقىلىق قەلبنىڭ ھاياتلىققا ئېرىشىشىدۇر.

• من حكمة الله تعالى في الابتلاء: إنزال البلاء على المخالفين من أجل تليين قلوبهم وردِّهم إلى ربهم.
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى سىنىشىدىكى ھېكمەتلىرىدىن بىرى: ئەمىر-پەرمانلىرىغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ قەلبلىرىنى يۇمشىتىپ، پەرۋەردىگارى تەرەپكە قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك خاپىلىقلارغا مۇپتىلا قىلىشتۇر.

• وجود النعم والأموال بأيدي أهل الضلال لا يدل على محبة الله لهم، وإنما هو استدراج وابتلاء لهم ولغيرهم.
گۇمراھلارنىڭ قولىدا ئىقتىساد ۋە مال-دۇنيالارنىڭ بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ. بۇ پەقەت ئۇلارنى ۋە باشقىلارنى تۇيدۇرماي ھالاك قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

 
ការបកប្រែអត្ថន័យ ជំពូក​: អាល់អាន់អាម
សន្ទស្សន៍នៃជំពូក លេខ​ទំព័រ
 
ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន - សន្ទស្សន៍នៃការបកប្រែ

ត្រូវបានចេញដោយមជ្ឈមណ្ឌល តាហ្វសៀរនៃការសិក្សាគម្ពីគួរអាន

បិទ