Check out the new design

وه‌رگێڕانی ماناكانی قورئانی پیرۆز - وەرگێڕاوی ئۆیغوری بۆ پوختەی تەفسیری قورئانی پیرۆز * - پێڕستی وه‌رگێڕاوه‌كان


وه‌رگێڕانی ماناكان سوره‌تی: الأعراف   ئایه‌تی:
وَإِذۡ قَالَتۡ أُمَّةٞ مِّنۡهُمۡ لِمَ تَعِظُونَ قَوۡمًا ٱللَّهُ مُهۡلِكُهُمۡ أَوۡ مُعَذِّبُهُمۡ عَذَابٗا شَدِيدٗاۖ قَالُواْ مَعۡذِرَةً إِلَىٰ رَبِّكُمۡ وَلَعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا ئۇلاردىن بىر جامائە ئادەملەر ئىنسانلارنى يامان ئىشلاردىن توساتتى ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇراتتى، باشقا بىر جامائە بۇ جامائەگە گۇناھ -مەئسىيەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ دۇنيادا جازالايدىغان ياكى قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابلايدىغان جامائەگە نېمە ئۈچۈن نەسىھەت قىلىسىلەر؟، دېدى. بىزنىڭ ئۇلارغا قىلغان نەسىھىتىمىز؛ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەشنى تەرك ئەتكەنلىكىمىز سەۋەبىدىن جازاغا ئۇچرىماسلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ۋەز-نەسىھەتتىن مەنپەئەت ئېلىپ گۇناھ-مەئسىيەتتىن قول ئۈزۈشى ئۈچۈن ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشتىن ئىبارەت بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئۆزۈر بايان قىلىش ئىكەنلىكىنى خاتىرلەتكىن .
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَلَمَّا نَسُواْ مَا ذُكِّرُواْ بِهِۦٓ أَنجَيۡنَا ٱلَّذِينَ يَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلسُّوٓءِ وَأَخَذۡنَا ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ بِعَذَابِۭ بَـِٔيسِۭ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ
ئاسىيلار ۋەز-نەسىھەتتىن يۈز ئۆرىگەن، گۇناھ-مەئسىيەتتىن قول ئۈزمىگەن چاغدا بىز يامان ئىشتىن ساقلانغۇچىلارنى ئازابتىن قۇتقۇزدۇق. شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇپ ھەددىدىن ئېشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىققانلىقى ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَلَمَّا عَتَوۡاْ عَن مَّا نُهُواْ عَنۡهُ قُلۡنَا لَهُمۡ كُونُواْ قِرَدَةً خَٰسِـِٔينَ
ئۇلار ئاللاھقا ئاسىي بولۇشتا ھەددىدىن ئىشىپ ۋەز-نەسىھەت قۇبۇل قىلمىغان چاغدا ئۇلارغا: «ئى ئاسىيلار! خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق. ئۇلار ئىرادە قىلغىنىمىزدەك بولۇپ كەتتى. ھەقىقەتەن بىز بىر شەيئىنى ئىرادە قىلساق ئۇنىڭغا قىلىدىغان بۇيرۇقىمىز: «ۋۇجۇتقا كەل» دېسەكلا ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَإِذۡ تَأَذَّنَ رَبُّكَ لَيَبۡعَثَنَّ عَلَيۡهِمۡ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ مَن يَسُومُهُمۡ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِۗ إِنَّ رَبَّكَ لَسَرِيعُ ٱلۡعِقَابِ وَإِنَّهُۥ لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئەي پەيغەمبەر! بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ يەھۇدىيلارغا ھاياتى دۇنيادا قىيامەت كۈنىگىچە ئۇلارنى ئازابلايدىغان ۋە خارلايدىغان كىشىلەرنى چوقۇم باشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. ئى پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئەلۋەتتە تىز جازالىغۇچىدۇر، ھەتتا ئۇلار دۇنيادا جازالىنىشى مۇمكىن، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَقَطَّعۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ أُمَمٗاۖ مِّنۡهُمُ ٱلصَّٰلِحُونَ وَمِنۡهُمۡ دُونَ ذَٰلِكَۖ وَبَلَوۡنَٰهُم بِٱلۡحَسَنَٰتِ وَٱلسَّيِّـَٔاتِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
بىز يەھۇدىيلارنى يەر يۈزىدە توپلاشقىنىدىن كېيىن بىر قانچە پىرقىلەرگە بۆلىۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ھەقلىرى ۋە بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلغان سالىھلىرىمۇ ۋە نورماللىرىمۇ بارئىدى، گۇناھ-مەئسىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىرىمۇ بار ئىدى، ئۇلارنىڭ گۇناھ- مەئسىيەتتىن قايتىشىنى ئۈمىد قىلىپ، بىز ئۇلارنى كەڭرىچىلىك ۋە قاتتىقچىلىق بىلەن سىنىدۇق.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَخَلَفَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ خَلۡفٞ وَرِثُواْ ٱلۡكِتَٰبَ يَأۡخُذُونَ عَرَضَ هَٰذَا ٱلۡأَدۡنَىٰ وَيَقُولُونَ سَيُغۡفَرُ لَنَا وَإِن يَأۡتِهِمۡ عَرَضٞ مِّثۡلُهُۥ يَأۡخُذُوهُۚ أَلَمۡ يُؤۡخَذۡ عَلَيۡهِم مِّيثَٰقُ ٱلۡكِتَٰبِ أَن لَّا يَقُولُواْ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡحَقَّ وَدَرَسُواْ مَا فِيهِۗ وَٱلدَّارُ ٱلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ يَتَّقُونَۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
ئۇلاردىن كېيىن ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلغان يامان ئەۋلادلار كېلىپ ئىلگىرىكىلەردىن تەۋراتنى ئالدى، ئۇلار تەۋراتنى ئوقۇيتتى، تەۋراتنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارغا ئەمەل قىلمايتتى. ئۇلار ئازراق مال-دۇنيانىڭ بەدىلىگە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بۇرمىلاش، ئاللاھ نازىل قىلغىنىدىن باشقا چۈشەنچە بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇغلۇق، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەگەر ئۇلارغا دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مال-مۈلۈكلىرى كەلسە، ئۇلار ئۇنى ئارقىمۇ-ئارقا ئالاتتى. ئاللاھ ئۇلاردىن ۋەھيىنى بۇرمىلىماستىن ۋە ئۆزگەرتمەستىن پەقەت ھەقىقەتنىلا سۆزلىشىگە ئەھدە ئالمىدىمۇ؟!. ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەمەل قىلىشنى تەرك ئېتىشى بېلىمسىزلىكتىن ئەمەس بەلكى ئۇ بىلىپ تۇرۇپ تەرك ئېتىش ئىدى. ئۇلار كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغان ۋە بىلگەن ئىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ گۇناھى ئېغىرراق بولىدۇ. ئاخىرەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئۈزۈلمەس نېئمەت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن يوقاپ كېتىدىغان مال-دۇنيادىن ياخشىراقتۇر. ئۇلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ تەقۋادارلارغا تەييارلىغان نەرسىسىنىڭ ياخشى ۋە مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەمدۇ!؟.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَٱلَّذِينَ يُمَسِّكُونَ بِٱلۡكِتَٰبِ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُصۡلِحِينَ
كىتابنى مەھكەم تۇتىدىغانلار، يەنى ئۇنىڭدىكى بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىدىغانلار، نامازنى ۋاقتىدا، شەرتلىرى، ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرىگە رىئايە قىلىش بىلەن ئوقۇيدىغانلارغا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا مۇكاپات بېرىدۇ. ئاللاھ سالىھ ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ ئەجرىنى زايا قىلىۋەتمەيدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
سوودەکانی ئایەتەکان لەم پەڕەیەدا:
• إذا نزل عذاب الله على قوم بسبب ذنوبهم ينجو منه من كانوا يأمرون بالمعروف وينهون عن المنكر فيهم.
بىر قەۋىمگە گۇناھلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشسە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەيدىغان ئادەملەر ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

• يجب الحذر من عذاب الله؛ فإنه قد يكون رهيبًا في الدنيا، كما فعل سبحانه بطائفة من بني إسرائيل حين مَسَخَهم قردة بسبب تمردهم.
ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھ بولۇش لازىم، خۇددى ئاللاھ بەنى ئىسرائىلدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن مايمۇنغا ئۆزگەرتىۋەتكىنىدەك ئاللاھنىڭ ئازابى دۇنيادا ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولىشى مۇمكىن.

• نعيم الدنيا مهما بدا أنه عظيم فإنه قليل تافه بجانب نعيم الآخرة الدائم.
بەنى ئىسرائىل باشقىلارغا زۇلۇم قىلغانلىقى ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئاللاھ ئۇلارغا خارلىقنى پۈتىۋەتتى، ئۇلارغا ھەرۋاقىت ئازابنى تېتىتىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇردى.

• أفضل أعمال العبد بعد الإيمان إقامة الصلاة؛ لأنها عمود الأمر.
دۇنيانىڭ نېئمىتى قانچىلىك چوڭ بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېئمىتى ئالدىدا ئەرزىمەس نەرسە ھېسابلىنىدۇ.

• كتب الله على بني إسرائيل الذلة والمسكنة، وتأذن بأن يبعث عليهم كل مدة من يذيقهم العذاب بسبب ظلمهم وانحرافهم.
ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن قالسا بەندىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ئەمىلى نامازدۇر، چۈنكى ناماز ئىشنىڭ ئاساسىدۇر.

 
وه‌رگێڕانی ماناكان سوره‌تی: الأعراف
پێڕستی سوره‌ته‌كان ژمارەی پەڕە
 
وه‌رگێڕانی ماناكانی قورئانی پیرۆز - وەرگێڕاوی ئۆیغوری بۆ پوختەی تەفسیری قورئانی پیرۆز - پێڕستی وه‌رگێڕاوه‌كان

بڵاوكراوەتەوە لەلایەن ناوەندی تەفسیر بۆ خوێندنە قورئانیەکان.

داخستن