Kilniojo Korano reikšmių vertimas - Uigūrų k. vertimas - Šeikhas Muchammed Salech * - Vertimų turinys

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

Reikšmių vertimas Sūra: Sūra As-Saf   Aja (Korano eilutė):

سۈرە سەپ

سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر (يەنى ئىنسانلار، ئۆسۈملۈكلەر، جانسىز شەيئىلەر) ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[1].
Tafsyrai arabų kalba:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِمَ تَقُولُونَ مَا لَا تَفۡعَلُونَ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ (يەنى ئەمەلدە سىلەر قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭلاردا قىلىمىز دەيسىلەر؟)[2]
Tafsyrai arabų kalba:
كَبُرَ مَقۡتًا عِندَ ٱللَّهِ أَن تَقُولُواْ مَا لَا تَفۡعَلُونَ
سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر)[3].
Tafsyrai arabų kalba:
إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلَّذِينَ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِهِۦ صَفّٗا كَأَنَّهُم بُنۡيَٰنٞ مَّرۡصُوصٞ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى (يەنى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەرگە ئۇچراشقان چاغدا مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ غازات قىلغانلارنى) دوست تۇتىدۇ[4].
Tafsyrai arabų kalba:
وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِۦ يَٰقَوۡمِ لِمَ تُؤۡذُونَنِي وَقَد تَّعۡلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيۡكُمۡۖ فَلَمَّا زَاغُوٓاْ أَزَاغَ ٱللَّهُ قُلُوبَهُمۡۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[5].
Tafsyrai arabų kalba:
وَإِذۡ قَالَ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ إِنِّي رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيۡكُم مُّصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيَّ مِنَ ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَمُبَشِّرَۢا بِرَسُولٖ يَأۡتِي مِنۢ بَعۡدِي ٱسۡمُهُۥٓ أَحۡمَدُۖ فَلَمَّا جَآءَهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ قَالُواْ هَٰذَا سِحۡرٞ مُّبِينٞ
ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىيسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى[6].
Tafsyrai arabų kalba:
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ وَهُوَ يُدۡعَىٰٓ إِلَى ٱلۡإِسۡلَٰمِۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋېتىپ، ئاللاھقا يالغاننى (يەنى ئاللاھنىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دېگەندەك سۆزلەرنى) چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم (يەنى كاپىر) قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[7].
Tafsyrai arabų kalba:
يُرِيدُونَ لِيُطۡفِـُٔواْ نُورَ ٱللَّهِ بِأَفۡوَٰهِهِمۡ وَٱللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِۦ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡكَٰفِرُونَ
ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر)[8].
Tafsyrai arabų kalba:
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلۡهُدَىٰ وَدِينِ ٱلۡحَقِّ لِيُظۡهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِۦ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡمُشۡرِكُونَ
مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى[9].
Tafsyrai arabų kalba:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ هَلۡ أَدُلُّكُمۡ عَلَىٰ تِجَٰرَةٖ تُنجِيكُم مِّنۡ عَذَابٍ أَلِيمٖ
ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟[10]
Tafsyrai arabų kalba:
تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتُجَٰهِدُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ بِأَمۡوَٰلِكُمۡ وَأَنفُسِكُمۡۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن) ئىمان ئېيتقايسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار، سىلەر ئۈچۈن بۇ ياخشىدۇر[11].
Tafsyrai arabų kalba:
يَغۡفِرۡ لَكُمۡ ذُنُوبَكُمۡ وَيُدۡخِلۡكُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ وَمَسَٰكِنَ طَيِّبَةٗ فِي جَنَّٰتِ عَدۡنٖۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
(شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىكى گۈزەل سارايلاردا (تۇرغۇزىدۇ)، بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر[12].
Tafsyrai arabų kalba:
وَأُخۡرَىٰ تُحِبُّونَهَاۖ نَصۡرٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَتۡحٞ قَرِيبٞۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
سىلەرگە (مەرھەمەت قىلىنىدىغان) سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئىككىنچى بىر نېمەت ئاللاھتىن كېلىدىغان نۇسرەت ۋە يېقىن غەلىبە (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) دۇر، (ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەرگە (بۇ روشەن مەرھەمەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن[13].
Tafsyrai arabų kalba:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُونُوٓاْ أَنصَارَ ٱللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ لِلۡحَوَارِيِّـۧنَ مَنۡ أَنصَارِيٓ إِلَى ٱللَّهِۖ قَالَ ٱلۡحَوَارِيُّونَ نَحۡنُ أَنصَارُ ٱللَّهِۖ فَـَٔامَنَت طَّآئِفَةٞ مِّنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَكَفَرَت طَّآئِفَةٞۖ فَأَيَّدۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ عَلَىٰ عَدُوِّهِمۡ فَأَصۡبَحُواْ ظَٰهِرِينَ
ئى مۆمىنلەر! ھاۋارىيلار (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە ئىمان ئېيتقانلار) دەك ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ھەۋارىيلارغا: « ئاللاھقا (دەۋەت قىلىشتا) كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا يار ـ يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەر غالىب بولدى[14].
Tafsyrai arabų kalba:
 
Reikšmių vertimas Sūra: Sūra As-Saf
Sūrų turinys Puslapio numeris
 
Kilniojo Korano reikšmių vertimas - Uigūrų k. vertimas - Šeikhas Muchammed Salech - Vertimų turinys

Kilniojo Korano reikšmių vertimas į uigūrų k., išvertė šeichas Muchammed Salich. Jis buvo taisytas prižiūrint Ruad vertimų centrui, o originalų vertimą galima peržiūrėti nuomonės išreiškimo, vertinimo ir nuolatinio tobulinimo tikslais.

Uždaryti