Check out the new design

വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ ) * - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക


പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: റഅ്ദ്   ആയത്ത്:
۞ مَّثَلُ ٱلۡجَنَّةِ ٱلَّتِي وُعِدَ ٱلۡمُتَّقُونَۖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ أُكُلُهَا دَآئِمٞ وَظِلُّهَاۚ تِلۡكَ عُقۡبَى ٱلَّذِينَ ٱتَّقَواْۚ وَّعُقۡبَى ٱلۡكَٰفِرِينَ ٱلنَّارُ
بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى شۇكى، ئۇ جەننەتلەرنىڭ سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، جەننەت دەرەخلىرىنىڭ مېۋىلىرى دۇنيا مېۋىلىرىنىڭ ئەكسىچە ھەر دائىم بار بولۇپ، ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، سايىسىمۇ ئىزچىل تاشلىنىپلا تۇرىدۇ، تارىيىپ قالمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارنىڭ نەتىجىسىدۇر. كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ ۋە شۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَفۡرَحُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَۖ وَمِنَ ٱلۡأَحۡزَابِ مَن يُنكِرُ بَعۡضَهُۥۚ قُلۡ إِنَّمَآ أُمِرۡتُ أَنۡ أَعۡبُدَ ٱللَّهَ وَلَآ أُشۡرِكَ بِهِۦٓۚ إِلَيۡهِ أَدۡعُواْ وَإِلَيۡهِ مَـَٔابِ
ئەي پەيغەمبەر! بىز تەۋراتنى بەرگەن يەھۇدىيلار ۋە ئىنجىلنى بەرگەن ناسارلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ساڭا نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىنىڭ ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان تەۋراتنىڭ بىر قىسىم ئايەتلىرىنىڭ ھۆكمى بىلەن بىردەكلىكىدىن خۇرسەن بولىدۇ. يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئايەتلەر ئىچىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ماس كەلمەيدىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ۋە بۇرمىلىغانلىقىنى بايان قىلىدىغان قىسمىنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا مېنى پەقەت ئۆزىگىلا قۇلچىلىق قىلىشقا، ئۇنىڭغا باشقا بىرىنى شېرىك قىلماسلىققا بۇيرۇدى. مەن پەقەت ئۇنىڭغىلا يىلىنىمەن، ئۇنىڭدىن باشقىغا يىلىنمايمەن، ئاخىرى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغىلا قايتىمەن. تەۋرات ۋە ئىنجىللارمۇ مۇشۇنداق ئېتىقادنى ئېلىپ كەلگەن
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلۡنَٰهُ حُكۡمًا عَرَبِيّٗاۚ وَلَئِنِ ٱتَّبَعۡتَ أَهۡوَآءَهُم بَعۡدَ مَا جَآءَكَ مِنَ ٱلۡعِلۡمِ مَا لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا وَاقٖ
ئەي پەيغەمبەر! ئىلگىرىكى كىتابلارنىمۇ ئۆز قەۋمىنىڭ تىللىرىدا نازىل قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، قۇرئان كەرىمنىمۇ توغرا - خاتانى ۋە ھالال - ھارامنى ئايرىغۇچى، ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بەرگۈچى ھالەتتە ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدۇق. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئاللاھ تائالا ساڭا ئۆگەتكەن ئىلىم كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنە ئەھلى كىتابنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ماس كەلمەيدىغان ئايەتلەرنى تاشلىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلساڭ، بۇ چاغدا ئاللاھ تەرەپتىن سېنىڭ ئىشىڭغا ئىگە بولىدىغان ۋە دۈشمىنىڭگە قارشى ساڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق، سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالىدىغان ھىمايىچىمۇ بولمايدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا رُسُلٗا مِّن قَبۡلِكَ وَجَعَلۡنَا لَهُمۡ أَزۡوَٰجٗا وَذُرِّيَّةٗۚ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأۡتِيَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ لِكُلِّ أَجَلٖ كِتَابٞ
ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ئىنسانلار ئىچىدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس. بىز ئۇلار ئۈچۈنمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش جۈپتلەرنى قىلغان، پەرزەنتلەر ئاتا قىلغان ئىدۇق، ئۇلارنى ئۆيلەنمەيدىغان ۋە بالا تاپمايدىغان پەرىشتە قىلغىنىمىز يوق. سەنمۇ ئۆيلىنىدىغان ۋە بالا تاپىدىغان ئاشۇ ئىنسان تىپىدىكى پەيغەمبەرلەر ئىچىدىن بىرىسەن. مۇشرىكلار سېنىڭ شۇنداق بولغانلىقىڭدىن نېمىشقا ئەجەبلەنگۈدەك؟ ھېچبىر پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز ئالدىغا بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ. ھەر بىر ئىشنى ئاللاھ پۈتۈۋەتكەن بىر كىتاب بار بولۇپ، ھەممىسى شۇ كىتابقا خاتېرىلەنگەندۇركى، ھېچكىمنىڭ ئەجىلى ئازراقمۇ ئىلگىرى كەلمەيدۇ، كېچىكىپمۇ قالمايدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
يَمۡحُواْ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ وَيُثۡبِتُۖ وَعِندَهُۥٓ أُمُّ ٱلۡكِتَٰبِ
مەيلى ياخشىلىق، مەيلى يامانلىق بولسۇن، مەيلى بەخت، مەيلى بەختسىزلىك بولسۇن ۋە ياكى باشقا بىر ئىش بولسۇن، ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغاننى يوق قىلىپ، خالىغاننى قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھفۇز ئۇنىڭ دەرگاھىدا بولۇپ، بارچە ئىشلار شۇنىڭدا خاتېرىلەنگەن بويىچە يۈز بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۆچۈرۈلۈش ياكى بېكىتىلىش شۇ كىتابتىكى بويىچە بولىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَإِن مَّا نُرِيَنَّكَ بَعۡضَ ٱلَّذِي نَعِدُهُمۡ أَوۡ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِنَّمَا عَلَيۡكَ ٱلۡبَلَٰغُ وَعَلَيۡنَا ٱلۡحِسَابُ
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر بىز ساڭا كاپىرلارغا تەييارلىغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتمەكچى بولساق، بۇمۇ بىزنىڭ ئىشىمىز. ياكى بىز ساڭا ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن سېنى ۋاپات تاپقۇزساق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى يەتكۈزۈشتۇر. سېنىڭ ئۇلارغا جازا - مۇكاپات بېرىش، ۋە ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش مەجبۇرىيىتىڭ يوق، بۇنداق قىلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا نَأۡتِي ٱلۡأَرۡضَ نَنقُصُهَا مِنۡ أَطۡرَافِهَاۚ وَٱللَّهُ يَحۡكُمُ لَا مُعَقِّبَ لِحُكۡمِهِۦۚ وَهُوَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ
بۇ كاپىرلار ئىسلامنىڭ كېڭىيىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ فەتھى قىلىشى ئارقىلىق زېمىنلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم تارايتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئارىسىدا خالىغىنىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ ھۆكمىنى بۇزۇش ياكى ئۆزگەرتىش ياكى ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئۇ ناھايىتى تېز ھېساب ئالغۇچىدۇركى، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق كىشىلەردىن بىر كۈندىلا ھېساب ئالىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَقَدۡ مَكَرَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَلِلَّهِ ٱلۡمَكۡرُ جَمِيعٗاۖ يَعۡلَمُ مَا تَكۡسِبُ كُلُّ نَفۡسٖۗ وَسَيَعۡلَمُ ٱلۡكُفَّٰرُ لِمَنۡ عُقۡبَى ٱلدَّارِ
ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر پەيغەمبەرلىرىگە ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ، سۇيىقەستلەرنى پىلانلاپ، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلار پەيغەمبەرلىرىگە شۇنداق سۇيىقەستلەرنى پىلانلىشىپ، زىيانكەشلىك قىلالىدىمۇ؟ ياق. چۈنكى مۇتلەق ئۈنۈملۈك پىلان ئاللاھ تائالانىڭ پىلانىدۇركى، باشقا بىرىنىڭ ئەمەس. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە ئويلىغان يامانلىقلارنى بىلىدۇ، ھەمدە ئۇلارغا شۇنىڭغا قارىتا جازا بېرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارمۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيتماسلىق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك خاتا قىلغانلىقىنى ھەمدە مۇئمىنلەرنىڭ نەقەدەر توغرا قىلغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ جەننەتكە ۋە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• الترغيب في الجنة ببيان صفتها، من جريان الأنهار وديمومة الرزق والظل.
بۇ ئايەتلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەر ھەمدە رىزىق ۋە سايىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت جەننەتنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق جەننەتكە قىزىقتۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ.

• خطورة اتباع الهوى بعد ورود العلم وأنه من أسباب عذاب الله.
بىلىپ تۇرۇپ ھاۋايى - ھەۋەس بويىچە ئىش قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ھەمدە بۇنداق قىلىشنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• بيان أن الرسل بشر، لهم أزواج وذريات، وأن نبينا صلى الله عليه وسلم ليس بدعًا بينهم، فقد كان مماثلًا لهم في ذلك.
پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ ئىنسان ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭمۇ ئاياللىرى ۋە پەرزەنتلىرى بارلىقىنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭمۇ بۇ تەرەپلەردە پەقەت شۇ پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىر پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

 
പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: റഅ്ദ്
സൂറത്തുകളുടെ സൂചിക പേജ് നമ്പർ
 
വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ ) - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക

മർകസ് തഫ്സീർ പ്രസിദ്ധീകരിച്ചത്.

അടക്കുക