Check out the new design

വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ * - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക


പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: ബഖറഃ   ആയത്ത്:
۞ تِلۡكَ ٱلرُّسُلُ فَضَّلۡنَا بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۘ مِّنۡهُم مَّن كَلَّمَ ٱللَّهُۖ وَرَفَعَ بَعۡضَهُمۡ دَرَجَٰتٖۚ وَءَاتَيۡنَا عِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَأَيَّدۡنَٰهُ بِرُوحِ ٱلۡقُدُسِۗ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا ٱقۡتَتَلَ ٱلَّذِينَ مِنۢ بَعۡدِهِم مِّنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُ وَلَٰكِنِ ٱخۡتَلَفُواْ فَمِنۡهُم مَّنۡ ءَامَنَ وَمِنۡهُم مَّن كَفَرَۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا ٱقۡتَتَلُواْ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَفۡعَلُ مَا يُرِيدُ
بىز ساڭا ئىسمىنى زىكىر قىلغان ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى ۋەھيى، ئەگىشىش ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولىشى قاتارلىق تەرەپلەردە بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، شۇنىڭدەك، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بەزى پەيغەمبەرلەر بىلەن ئاللاھ سۆزلەشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قىلدى، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنى ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى، پەيغەمبەرلىكنى ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتۇردى، ئۇنىڭ ئۈممىتىنى باشقا ئۈممەتلەردىن پەزىلەتلىك قىلدى. مەريەم ئوغلى ئىساغا ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنلاشتا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆز-ئارا ئۇرۇشمىغان بولاتتى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى ۋە بۆلۈندى، بەزىسى ئاللاھقا ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆز-ئارا ئۇرۇشمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن ئىمانغا ھىدايەت قىلىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ ئەدلى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئازدۇرىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنفِقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰكُم مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا بَيۡعٞ فِيهِ وَلَا خُلَّةٞ وَلَا شَفَٰعَةٞۗ وَٱلۡكَٰفِرُونَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! قىيامەت كۈنى بولۇشتىن ئىلگىرى بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن تۈرلۈك ھالال مال-مۈلۈكلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىڭلار، ئۈ كۈندە ئىنسان ئۆزىگە مەنپەئەتلىك نەرسىنى تاپىدىغان سودا-سېتىق بولمايدۇ، بەك ئېھتىياجلىق بولغاندا ئەسقاتىدىغان دوستلۇقمۇ بولمايدۇ، ئاللاھ ئۆزى رازى بولغان ۋە خالىغان كىشىگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت بەرگەندىن باشقا، زىياننى يوق قىلىپ، پايدىنى كەلتۈرىدىغان ھېچقانداق ۋاسىتە بولمايدۇ، كاپىرلار ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھەقىقى زالىملاردۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡحَيُّ ٱلۡقَيُّومُۚ لَا تَأۡخُذُهُۥ سِنَةٞ وَلَا نَوۡمٞۚ لَّهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ مَن ذَا ٱلَّذِي يَشۡفَعُ عِندَهُۥٓ إِلَّا بِإِذۡنِهِۦۚ يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيۡءٖ مِّنۡ عِلۡمِهِۦٓ إِلَّا بِمَا شَآءَۚ وَسِعَ كُرۡسِيُّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۖ وَلَا يَـُٔودُهُۥ حِفۡظُهُمَاۚ وَهُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡعَظِيمُ
بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئەبەدى ھاياتتۇر. ئۇنىڭ ھاياتلىقى ئۆلۈم ۋە كەمچىللىكتىن خالى بولغان دائىمىي مۇكەممەل ھاياتتۇر. ئۇ ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى بولۇپ، ئۆز مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ ئىدارە قىلىشى بىلەن بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھدىن بىھاجەت بولالمايدۇ، ئاللاھ مۇكەممەل ئەبەدىي ھاياتقا ئىگە ئىدارە قىلغۇچى بولۇپ، ئۇنى مۈگە باسمايدۇ ۋە ئۇيقۇ تۇتمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ۋە رازىلىقىسىز ھېچكىم باشقا بىرىگە شاپائەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە مۇستەقبەلدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ئاللاھ ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان ۋە پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىزدۇر. ئاللاھنىڭ كۇرسى يەنى، ئاللاھنىڭ ئىككى پۇتىنى قويۇدىغان ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭرىلىكى ۋە كاتتىلىقى ئاسمان ۋە زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە غالىپلىقى بىلەن يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، پادىشاھلىقى ۋە ھۆكۈمرانلىقىدا ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
لَآ إِكۡرَاهَ فِي ٱلدِّينِۖ قَد تَّبَيَّنَ ٱلرُّشۡدُ مِنَ ٱلۡغَيِّۚ فَمَن يَكۡفُرۡ بِٱلطَّٰغُوتِ وَيُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱسۡتَمۡسَكَ بِٱلۡعُرۡوَةِ ٱلۡوُثۡقَىٰ لَا ٱنفِصَامَ لَهَاۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئىسلام دىنىدا ھېچ كىشىنى ئۇنىڭغا كىرىشكە زورلاش يوقتۇر، چۈنكى ئۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھەق دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنى ئۇنىڭغا كېرىشكە زورلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن روشەن ئايرىلدى، كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان بارلىق شەيتانىي كۈچ ۋە تۈزۈمنى ئىنكار قىلىپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ ساغلام دىندىن ئىبارەت (يەنى قىيامەت كۈنى نىجاتلىق ئۈچۈن ئۈزۈلمەيدىغان) مەھكەم تۇتقىنى مۇستەھكەم تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• أن الله تعالى قد فاضل بين رسله وأنبيائه، بعلمه وحكمته سبحانه.
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىلىم ۋە ھېكمىتى بىلەن پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلىرىنىڭ ئارىسىنى پەزىلەتتە پەرقلىق قىلدى.

• إثبات صفة الكلام لله تعالى على ما يليق بجلاله، وأنه قد كلم بعض رسله كموسى ومحمد عليهما الصلاة والسلام.
ئاللاھ ئۈچۈن سۆزلەش دېگەن سۈپەتنى ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق بولغان شەكىلدە ئىسپاتلاش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بەزى پەيغەمبەرلەرگە سۆز قىلدى.

• الإيمان والهدى والكفر والضلال كلها بمشيئة الله وتقديره، فله الحكمة البالغة، ولو شاء لهدى الخلق جميعًا.
ئىمان، ھىدايەت، كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇقتىن ئىبارەت بۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ خالىشى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ بۈيۈك ھېكمەت ئېگىسى بولۇپ، ئەگەر ئۇ خالىغان بولسا ئىدى، بارلىق ئىنسانلار ھىدايەت تاپقان بولاتتى.

• آية الكرسي هي أعظم آية في كتاب الله، لما تضمنته من ربوبية الله وألوهيته وبيان أوصافه .
ئايەتەلكۇرسى؛ ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىقتا، ئىلاھلىقتا، گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىدە يەككە-يېگانىلىقى قاتارلىقلارنىڭ بايانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايەت ھېسابلىنىدۇ.

• اتباع الإسلام والدخول فيه يجب أن يكون عن رضًا وقَبول، فلا إكراه في دين الله تعالى.
ئىسلام دىنىغا كېرىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئىختىيارى قوبۇل قىلىش ۋە رازىلىق بىلەن بولىشى لازىم، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدا مەجبۇرلاش يوق

• الاستمساك بكتاب الله وسُنَّة رسوله أعظم وسيلة للسعادة في الدنيا، والفوز في الآخرة.
ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىش بولسا، دۇنيادا بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش ۋە ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىشتىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر.

 
പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: ബഖറഃ
സൂറത്തുകളുടെ സൂചിക പേജ് നമ്പർ
 
വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക

മർകസ് തഫ്സീർ പുറത്തിറക്കിയത്.

അടക്കുക