Check out the new design

വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ ) * - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക


പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: ഗാഫിർ   ആയത്ത്:
إِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَأٓتِيَةٞ لَّا رَيۡبَ فِيهَا وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤۡمِنُونَ
شەكسىزكى ئاللاھ ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا قىلچە شەك يوق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭ كېلىشىگە ئىشەنمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار تەييارلىق قىلمايدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَقَالَ رَبُّكُمُ ٱدۡعُونِيٓ أَسۡتَجِبۡ لَكُمۡۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِي سَيَدۡخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ
ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: ئىبادەتنى يالغۇز ماڭىلا قىلىڭلار ۋە مەندىنلا سوراڭلار. مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن، سىلەرنى كەچۈرىمەن ۋە سىلەرگە شەپقەت قىلىمەن. ئىبادەتنى يالغۇز ماڭىلا قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلغانلار قىيامەت كۈنى چوقۇم خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ٱللَّهُ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ لِتَسۡكُنُواْ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبۡصِرًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشۡكُرُونَ
ئاللاھ سىلەرگە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى قاراڭغۇ، ئىشلىشىڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى يورۇق قىلىپ بەردى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا كاتتا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇركى، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئاشكارا ھەم يوشۇرۇن نېئمەتلىرىنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلمايدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ فَأَنَّىٰ تُؤۡفَكُونَ
سىلەرگە نېئمەتلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلغان ئەنە شۇ ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ياراتقۇچى يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقى مەبۇدمۇ يوق. شۇنداق ئىكەن، قانداقمۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان باشقا نەرسىلەرگە چوقۇنۇشقا بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
كَذَٰلِكَ يُؤۡفَكُ ٱلَّذِينَ كَانُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ يَجۡحَدُونَ
ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە يالغۇز ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشتىن بۇرۇلۇپ كەتكىنىدەك، ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ ھەر جاي ۋە ھەر ۋاقىتتا ھەقنى تاپالمايدۇ ھەم توغرىغا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ٱللَّهُ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ قَرَارٗا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءٗ وَصَوَّرَكُمۡ فَأَحۡسَنَ صُوَرَكُمۡ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡۖ فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى ئۈستىدە ياشىشىڭلارغا مۇناسىپ جاي قىلدى، ئاسماننى ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم بىنا قىلىپ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىدى. ئانىلىرىڭلارنىڭ بالىياتقۇلىرىدىكى ھالىتىڭلاردا سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، قامىتىڭلارنى گۈزەل قىلدى. سىلەرنى ھالال ۋە پاك يېمەكلىكلەردىن رىزىقلاندۇردى. سىلەرگە مۇشۇ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان زات پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇر. پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ بۈيۈكتۇركى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگارى يوقتۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
هُوَ ٱلۡحَيُّ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَٱدۡعُوهُ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَۗ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۆلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق. شۇڭا يالغۇز ئۇنىڭلا رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن تىلەڭلار. ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئۇنىڭغا شېرىك قىلماڭلار. بارلىق ھەمدۇسانا پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
۞ قُلۡ إِنِّي نُهِيتُ أَنۡ أَعۡبُدَ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَمَّا جَآءَنِيَ ٱلۡبَيِّنَٰتُ مِن رَّبِّي وَأُمِرۡتُ أَنۡ أُسۡلِمَ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان، قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلىدى. چۈنكى ماڭا بۇ بۇتلارغا چوقۇنۇشنىڭ خاتالىقىنى ئۇقتۇرىدىغان روشەن دەلىل - پاكىتلار كەلدى ھەمدە ئاللاھ مېنى يالغۇز ئۆزىگىلا قۇلچىلىق قىلىش ئارقىلىق بويسۇنۇشقا بۇيرۇدى. ئۇ پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇركى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگارى يوقتۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• دخول الدعاء في مفهوم العبادة التي لا تصرف إلا إلى الله؛ لأن الدعاء هو عين العبادة.
دۇئامۇ پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدىغان ئىبادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. چۈنكى دۇئا ئىبادەتنىڭ ئۆزىدۇر.

• نعم الله تقتضي من العباد الشكر.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى بەندىلەردىن شۈكرى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

• ثبوت صفة الحياة لله.
ئاللاھنىڭ ھاياتلىق سۈپىتى باردۇر.

• أهمية الإخلاص في العمل.
ئەمەلدە ئىخلاسمەن بولۇش تولىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر.

 
പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: ഗാഫിർ
സൂറത്തുകളുടെ സൂചിക പേജ് നമ്പർ
 
വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ ) - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക

മർകസ് തഫ്സീർ പ്രസിദ്ധീകരിച്ചത്.

അടക്കുക