Check out the new design

വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ ) * - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക


പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: ഖമർ   ആയത്ത്:

قەمەر

സൂറത്തിൻ്റെ ഉദ്ദേശ്യങ്ങളിൽ പെട്ടതാണ്:
التذكير بنعمة تيسير القرآن، وما فيه من الآيات والنذر.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئاسانلىقىدىن ئىبارەت نېمەتنى ۋە قۇرئان كەرىمدىكى رەھمەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئايەتلىرىنى ئەسلەش.

ٱقۡتَرَبَتِ ٱلسَّاعَةُ وَٱنشَقَّ ٱلۡقَمَرُ
قىيامەتنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاي يېرىلدى. ئاينىڭ يېرىلىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ماددىي مۆجىزىدۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَإِن يَرَوۡاْ ءَايَةٗ يُعۡرِضُواْ وَيَقُولُواْ سِحۡرٞ مُّسۡتَمِرّٞ
مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل - پاكىتلارنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ: بىز كۆرگەن دەلىل - پاكىتلار ئاساسسىز سېھىردۇر، دېيىشىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَكَذَّبُواْ وَٱتَّبَعُوٓاْ أَهۡوَآءَهُمۡۚ وَكُلُّ أَمۡرٖ مُّسۡتَقِرّٞ
ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى ۋە ئىنكار قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى. قىيامەت كۈنى ياخشى - يامان ھەممە ئىش ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى تاپىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَلَقَدۡ جَآءَهُم مِّنَ ٱلۡأَنۢبَآءِ مَا فِيهِ مُزۡدَجَرٌ
ھەقىقەتەن ئۇلارغا كۇپۇرلۇقى ۋە زۇلمى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ھالاك قىلغان خەلقلەرنىڭ خەۋەرلىرىدىن كۇپرى ۋە زۇلۇمدىن قايتۇرۇشقا يېتەرلىك ئىبرەتلەر كەلگەن ئىدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
حِكۡمَةُۢ بَٰلِغَةٞۖ فَمَا تُغۡنِ ٱلنُّذُرُ
ئۇلارغا پاكىت بولۇشى ئۈچۈن مۇكەممەل ھېكمەت كەلگەن بولسىمۇ، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان قەۋمگە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَتَوَلَّ عَنۡهُمۡۘ يَوۡمَ يَدۡعُ ٱلدَّاعِ إِلَىٰ شَيۡءٖ نُّكُرٍ
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار توغرا يولغا ماڭمىسا ئۇلارنى (ئۆز ھالىغا) تاشلاپ قويغىن، سۇر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە پۈتكۈل خالايىق ئىلگىرى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان قورقۇنچلۇق ئىشقا چاقىرىدىغان كۈننى كۈتكەن ھالدا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• عدم التأثر بالقرآن نذير شؤم.
قۇرئاندىن تەسىرلەنمەسلىك شۇملۇقنىڭ بېشارىتىدۇر.

• خطر اتباع الهوى على النفس في الدنيا والآخرة.
نەپسنىڭ كەينىگە كىرىش بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ خەتەرلىك ئىشتۇر.

• عدم الاتعاظ بهلاك الأمم صفة من صفات الكفار.
قەدىمكى خەلقلەرنىڭ ھالاكىتىدىن ئىبرەت ئالماسلىق كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

 
പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: ഖമർ
സൂറത്തുകളുടെ സൂചിക പേജ് നമ്പർ
 
വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ ) - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക

മർകസ് തഫ്സീർ പ്രസിദ്ധീകരിച്ചത്.

അടക്കുക