Check out the new design

വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ ) * - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക


പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: ന്നാസിആത്ത്   ആയത്ത്:
ٱذۡهَبۡ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ
ئاللاھ تائالا مۇساغا ئېيتتى: پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ زۇلۇم ۋە كۆرەڭلەشتە ھەددىدىن تولىمۇ ئاشتى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَقُلۡ هَل لَّكَ إِلَىٰٓ أَن تَزَكَّىٰ
ئۇنىڭغا: - ئەي پىرئەۋن!- كۇپرى ۋە گۇناھلاردىن پاك بولۇشنى خالامسەن؟
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَأَهۡدِيَكَ إِلَىٰ رَبِّكَ فَتَخۡشَىٰ
سېنى ياراتقان ۋە پەرۋىش قىلغان پەرۋەردىگارىڭنى تونۇشقا يېتەكلەيمەن، (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن، ئاندىن ئۇنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىسەن، ئۇنى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىسەن، دېگىن.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَأَرَىٰهُ ٱلۡأٓيَةَ ٱلۡكُبۡرَىٰ
مۇسا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى، ئۇ بولسا قول ۋە ھاسا ئىدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَكَذَّبَ وَعَصَىٰ
پىرئەۋننىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى پەقەت بۇ مۆجىزىنى ئىنكار قىلىش ھەمدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇغانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىش بولدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ثُمَّ أَدۡبَرَ يَسۡعَىٰ
ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن توغرا دىنغا ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتتى، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش ۋە ھەقكە قارشى تۇرۇشتا بوشاشمىدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَحَشَرَ فَنَادَىٰ
پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا غالىب كېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە قەۋمىنى توپلىدى ۋە مۇنداق دېدى:
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَقَالَ أَنَا۠ رَبُّكُمُ ٱلۡأَعۡلَىٰ
مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن، شۇڭا سىلەر مەندىن باشقا بىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار بولمايدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَأَخَذَهُ ٱللَّهُ نَكَالَ ٱلۡأٓخِرَةِ وَٱلۡأُولَىٰٓ
ئاللاھ ئۇنى دۇنيادا دېڭىزغا غەرق قىلىۋېتىش ئارقىلىق، ئاخىرەتتە بولسا ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىش ئارقىلىق جازالىدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبۡرَةٗ لِّمَن يَخۡشَىٰٓ
شەكسىزكى بىز پىرئەۋنگە بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەرگەن جازايىمىزدا ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەت بار. دېمەك بۇنداق ئادەم پەند - نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ءَأَنتُمۡ أَشَدُّ خَلۡقًا أَمِ ٱلسَّمَآءُۚ بَنَىٰهَا
ئەي ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار! ئاللاھقا سىلەرنى يوقتىن بار قىلىش قىيىنمۇ ياكى ئاسماننى بەرپا قىلىشمۇ؟
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
رَفَعَ سَمۡكَهَا فَسَوَّىٰهَا
ئاللاھ ئاسماننىڭ ئالامىتىنى ئۇنىڭ تولىمۇ يۈكسەكلىكىدە قىلدى. ئاندىن ئۇنى چەك كەتمىگەن، يېرىلىپ كەتمىگەن، ئەيىبسىز ھالەتتە تەكشى قىلدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَأَغۡطَشَ لَيۡلَهَا وَأَخۡرَجَ ضُحَىٰهَا
ئاسماننىڭ قۇياشى پاتقاندا ئۇنىڭ كېچىسىنى قاراڭغۇ قىلدى، ئەتىگىنى پارلىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ نۇرىنى ئاشكارا قىلدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ ذَٰلِكَ دَحَىٰهَآ
ئاللاھ ئاسماننى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن زېمىننى يايدى ھەمدە ئۇنىڭدا تۈرلۈك مەنپەئەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
أَخۡرَجَ مِنۡهَا مَآءَهَا وَمَرۡعَىٰهَا
ئۇنىڭدىن سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنى چىقاردى، چارىپايلار يايلايدىغان ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈردى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَٱلۡجِبَالَ أَرۡسَىٰهَا
تاغلارنى زېمىن ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
مَتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِأَنۡعَٰمِكُمۡ
ئەي ئىنسانلار! ئاشۇنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ ۋە چارىپايلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر. مۇشۇلارنى ياراتقان زات ئۇلاردىن يېڭىدىن يارىتىشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَإِذَا جَآءَتِ ٱلطَّآمَّةُ ٱلۡكُبۡرَىٰ
ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنغان چاغدا ھەممە نەرسىنى قورقۇنچ قاپلايدۇ ۋە قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
يَوۡمَ يَتَذَكَّرُ ٱلۡإِنسَٰنُ مَا سَعَىٰ
قىيامەت بولغاندا ئىنسان ئىلگىرى قىلغان پۈتۈن ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىنى ئېسىگە ئالىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَبُرِّزَتِ ٱلۡجَحِيمُ لِمَن يَرَىٰ
جەھەننەم كەلتۈرۈلۈپ، كۆزى كۆرىدىغان ئادەملەرگە ئوپئوچۇق كۆرۈنىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَأَمَّا مَن طَغَىٰ
ئازغۇنلۇقتا چەكتىن ئاشقان،
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَءَاثَرَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا
ئۆتكۈنچى دۇنيا ھاياتىنى مەڭگۈلۈك ئاخىرەت ھاياتىدىن ئارتۇق كۆرگەن ئادەمگە كەلسەك،
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَإِنَّ ٱلۡجَحِيمَ هِيَ ٱلۡمَأۡوَىٰ
ئۇنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَأَمَّا مَنۡ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ وَنَهَى ٱلنَّفۡسَ عَنِ ٱلۡهَوَىٰ
پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتىن قورققان، نەپسىنى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىگە بېرىلىشتىن تىزگىنلىگەن ئادەمنىڭ بارار جايى جەننەت بولىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَإِنَّ ٱلۡجَنَّةَ هِيَ ٱلۡمَأۡوَىٰ
پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتىن قورققان، نەپسىنى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىگە بېرىلىشتىن تىزگىنلىگەن ئادەمنىڭ بارار جايى جەننەت بولىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلسَّاعَةِ أَيَّانَ مُرۡسَىٰهَا
ئەي پەيغەمبەر! قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ كاززاپلار سەندىن: قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورىشىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فِيمَ أَنتَ مِن ذِكۡرَىٰهَآ
سېنىڭ ئۇنى دەپ بېرىدىغان ئىلمىڭ يوق، چۈنكى بۇ سېنىڭ ئىشىڭ ئەمەس. سېنىڭ ئىشىڭ پەقەتلا شۇ كۈن ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشتۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
إِلَىٰ رَبِّكَ مُنتَهَىٰهَآ
قىيامەتنىڭ ئىلمى يالغۇز پەرۋەردىگارىڭغا ئائىتتۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
إِنَّمَآ أَنتَ مُنذِرُ مَن يَخۡشَىٰهَا
سەن پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، چۈنكى قورقىدىغان ئادەم سېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇڭدىن پايدىلىنالايدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
كَأَنَّهُمۡ يَوۡمَ يَرَوۡنَهَا لَمۡ يَلۡبَثُوٓاْ إِلَّا عَشِيَّةً أَوۡ ضُحَىٰهَا
ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە گويا ئۆزلىرىنى دۇنيا ھاياتلىرىدا پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەكلا ئويلايدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• وجوب الرفق عند خطاب المدعوّ.
دەۋەت قىلىنغۇچىغا سۆز قىلغان چاغدا سىلىق - سىپايە بولۇش ۋاجىبتۇر.

• الخوف من الله وكفّ النفس عن الهوى من أسباب دخول الجنة.
ئاللاھتىن قورقۇش، نەپسىنى ھاۋايى - ھەۋەستىن تىزگىنلەش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

• علم الساعة من الغيب الذي لا يعلمه إلا الله.
قىيامەتنىڭ ئىلمى غەيىبنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ.

• بيان الله لتفاصيل خلق السماء والأرض.
ئاللاھ ئاسمان - زېمىننىڭ يارىتىلىش تەپسىلاتىنى بايان قىلدى.

 
പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: ന്നാസിആത്ത്
സൂറത്തുകളുടെ സൂചിക പേജ് നമ്പർ
 
വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ ) - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക

മർകസ് തഫ്സീർ പ്രസിദ്ധീകരിച്ചത്.

അടക്കുക